[quote]بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى ay-turk نىڭ 2012-02-08 13:04 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاۋام مۇسۇلمانلارنى ئازدۇرۇشتا يىتەرلىك بولغان پىتنە ئەسەر دىگەن مانا مۇشۇ، بۇرمىلاشقا ئەجەپ ئۇستا بوپ كىتىپتۇ، نومۇس قىلىڭلار ،ئى تۆھمەتچىلەر، چوڭ ئىمام ،مۇجتەھىدلىرىمىزنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ سىلەر كىشىلەرنى ئازغۇنلۇققا چاقىرىۋاتىسىلەر،ئالللانىڭ كالامى بولغان ھەم بىرىنجى مەنبە بولغان ئايەتكە چىقىلالماي ئەمدى ،ئىككىنجى مەنبە بولغان ھەدىس ئىلىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋاتامسىلەر، ئاللادىن قورقۇڭلار،
===============================================
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ تىما ھەققىدە ئايتۇرك خانىم ھەقىقەتەن ئىلمى مۇلاھىزە قىپتۇ. اللە رەھمەت قىلسۇن. زەئىف ھەدىسلەر بولمىسىمۇ دىنىمىزنى ئەڭ توغرا شەكىلدە جايىدا ئېلىپ بارالايمىز. ئەكسىچەبولسا دىنىمىز ئىنتايىن قالايمىقانلىشىپ كىتىدۇ.شۇنچە نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر يىتەرلىك.
ئەبۇ تۇراب دىگەن كىشى ئىمام ئەھمەدكە « سەن نىمانداق باشقىلارنى زەئىف، يالغانچى.پالان-پۇستان» دەپ غەيۋەت قىلىپ يۈرىسەن؟ دىگەندە ئىمام ئەھمەد «قېرىندىشىم ، بۇدىگەن دىننىڭ ئىشى ،غەيۋەت ئەمەس » دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن. بۇنى ئوقۇپ كۈلۈپ تاشلىدىم. سەللىسى يوغان،ئەمما قورسىقىدا ئومىچى يوق
ئاشۇنداق بىر قسىم ئادەملەرگە ھەدەپ بەرسەك ئۇلار ئاشۇنداق دىننى تۈزىمەستىن ئەكسىچە ئۆزلىرىمۇ ئۇقمىغان ھالدا دىنغا زىيانكەشلىك قىلىپ بىدئەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇلارچە رەسۇلۇللا مۇنداق دىگەن دەپ باشلانغان ھەر قانداق جۈملە ئىككىلەنمەي قوبۇل قىلىنىشقا تىگىشلىك.بۇنداق تىمىلارغا رەددىيە بەرسە تېخى سەن بۇ تىمىنى چۈشەنمەپسەن دەپ ۋەزخانلىق قىلىدۇ. سەۋر قىلماي ئامال يوق.
[ بۇ يازمىنىsayram0998 2012-02-14 19:21قايتا تەھرىرل ]