مەن سوغۇققانلىق بىلەن پىكىر قىلىۋاتىمەن ، ئاتۇق ئويلاپ قاپسىز، ئەمما زەئىپ ھەدىسكە ئەمەل قىلىش مەسىلىسدە ھەتتاكى ئۇ تەرغىىب ۋە تەرھىبتا بولسىمۇ ئالىملار ئىختىلاپ قىلىشتى ، ھەر زاماننىڭ ئالىملىرى شۇ زامان ئەھلىگە ھەقنى تەشۋىقى قىلىپ يىتەكلەپ كىلىۋاتىدۇ ، بۇ يەردە كونا ئالىم .يىڭى ئالىم دىگەن ئۇقۇمنى پەقەت ئۇلارنىڭ ياشاش دەۋرىنى ئويلاشقان ئاساستا دىسەك توغرا بولىدۇ، ئەمما ئەگىشىش جەھەتتە قەدىمقىلار توغرا يولدا ماڭغان ، يىڭى چىققانلار چىكىدىن ئاشتى دىگەن مەنادا گەپ قىلسىڭىز بولمايدۇ ، بىز تىراسى بىلىملەرگە ئەھمىيەت بىرىش بىلەن بىرگە دەۋرى بىلىملەرنىمۇ بىلىشىمىز كىرەك ، دەۋرى ( ئۆزى ياشىغان دەۋىر) بىلىملەرنى بىلىش ئۈچۈن يىڭى چىىققانلارغا ئىھتىياجىلىق بولىمىز، ھەر دەۋىردەمۇھەممەد غەزالى، مۇھەممەد ئەبۇ زۈھرە، شەيىخ يۈسۈپ قەرەداۋى ، ئەھمەد شاكىر ، مەھمۇد شاكىر،ئاكا-ئۇكا شۇئىيىب ئەرنائۇت، ئابدۇراھمان ناسىر سەئىدى ، ناسىردديىن ئەلبانى، مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىن ......كەبى ئىسلامغا ئالەمشۇمۇل تۆھپىلەرنى قوشقان مۇجتەھىد ئالىمىلرىمىز چىقىپ دىنغا يىتەكچىلىق قىلدى. كونا بولسۇن يىڭى بولسۇن ھەممىسى بىزنىڭ ئالىمىلرىمىز ، شەيىخ ئۇسەيمىن ،ناسىرۇدديىن ئەلبانى دىگەندەك ئالىملىرىمىز زەئىپ ھەدىسنى ھەدىس دىىگىلى بولمايدۇ ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقىمۇ بولمايدۇ ، دەپ نۇرغۇن پاكىتلارنى كەلتۈرىدۇ ، زەئىپلىكىدە ئىتىپاق كەلگەن ھەدىسكە ئەمەل قىلمىساقمۇ بىزدە ئايە ۋە سەھىھى ھەدىس يىتەرلىك ، دىنىمىز غا زەئىپ نەرسىلەر ئارلىشىپ قالسا بۇ دىن زەئىپلىشىدۇ ، بىدئەت كۆپىيدۇ ، ئىبن قەييۇممۇلجەۋزى بىدئەتنى شىرىكتىن كىيىنكى شەيتاننىڭ ئىنساننى ئازدۇرىشىدىكى ئىككىنجى مەقسەت دەپ كۆرسەتكەن.
خەلىقىمىز ھازىر سەھىھ ھەدىسكە ئەمەل قىلىپ بولالماي يۈرگەندە سىز زەئىپنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلاي دەمسىز ؟
ئاددى مىسال : سىز قاسساپنىڭ قىشىغا گۆش ئالغىلى بارسىڭىز ياكى كۆكتاتچىنىڭ قىشىدىن كۆكتات ئالسىڭىز پۇراپ قالغان گۆش ياكى سىسىپ قالغان كۆكتات ئالامسىز ياكى تاللاپ ئالامسىز ؟ دىن مەسىلىسى ئاقىۋەت مەسىلىسى ، جەننەت ۋە دوزاخ مەسىلىسى ، بىز زىيان قىلىدىغان سىسىق كۆكتاتنى تاشلاپ پايدا قىلىدىغان ياخشى كۆكتاتنى تاللىغان يەردە ئاقىۋەت مەسىلىسى بولغان دىندا بىزگە زىيان قىلىدىغان زەئىپكە نەھاجەت . بەلكىم سىز سەھىھىنى تاپالمىساق قانداق قىلىمىز؟ دەپ ئىتراز بىلدۈرىشڭىز مۈكىن، شۇ ئىنىقكى سىز باشتا ھەرقانداق نەرسىنىڭ قۇرئاندابارلىقىنى بايان قىلغاندەك ، دىندا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان، تاپالمايدىغان مەسىلە يوق. قۇرئان كەرىم ۋەسەھىھ ھەدىس دىگەن بىر نەس يەنى تىكىست. ئۇلارنىڭ ھەرخىل دالالىتى بار . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام بىزگە قۇرئان بىلەن سەھىھ ھەدىسنى قالدۇرۇپ كەتكەن ، زەئىپنىڭ پەيغەمبەر دىگەنلىكى ئىنىق بولغان بولسا ئۇ زەئىپ دەپ ئاتالمىغان بولاتتتى . تەۋسىيەرىم سىز بۇ ھەقتە تىخىمۇ ئىزىدىنىپ كۆرۈڭ. بۇ ھەقتە فەقىھلەر نىمە دەيدۇ؟ مۇھەدسسلەر نىمە دەيدۇ؟ جەرىھى تەئىدىل ئىماملىرى نىمە دەيدۇ؟ مۇھەققىقلەر نىمە دەيدۇ؟ قەدىيمەلەر نىمە دەيدۇ؟ ھازىرقىلارچۇ؟ ياخشى سىىلىشتۇرسىڭىز مەسىلىنى ئوتتۇرا نۇقتىدىن بايان قىلالايسىز.
[ بۇ يازمىنىay-turk 2012-02-09 02:53قايتا تەھرىرلىدى ]