باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1465 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: جىنكەش،باخشى داخان ،سېھىرگەرلەر قانداق كىشىلەر؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10695
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-07
ئاخىرقى: 2012-02-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-07 11:02

جىنكەش،باخشى داخان ،سېھىرگەرلەر قانداق كىشىلەر؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار:
ئۇزاقتىن بۇيان خەلقىمىز ئىچىدە جىنكەش،داخان-باخشى ،سېھىرگەرلەرگە بىرقەدەر مۆتىدىل پوزىتسىيىدە بولۇپ كەلدى. 1000يىللىق مۇسۇلمان بىر خەلقنىڭ بۇنداق ھالەتتە يۈرىشى ،ھەتتا مەن مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ ،ئىلگىرى كېيىن ئىشلاردا ئۇلارنى ئىزدەپ تۇرىشى  - ھەممىمىزنىڭ بۇ تائىپىلەر (يەنى جىنكەش،باخشى داخان ،سېھرگەرلەر ھەققىدە) تېخى ھېچبىر تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسلىكىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
ھالبۇكى ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى ، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:
كىمكى غايىبنى دەۋا قىلىدىغان ،داخانغا ،پالچىغا ،كاھىنغا ،جىنكەشكەبارسا ،ئاندىن ئۇ دېگەن سۆزلەرنى تەستىقلاپ ئىشەنسە، ھەقىقەتەن ئۇ مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نازىل بولغان قۇرئانغا كاپىر بولدى. ئەھمەد، ھاكىم توپلىغان .سەھىھ 
ئالاقىدار ماتىرىياللاردىن مەلۇمكى ، بۇ تاپىئە كىشىلەر ئىنسانىيەت ئىچىدىكى ئەڭ ناچار ۋە ئەڭ ھەددىدىن ئاشقۇچى پەس كىشىلەردۇر. چۈنكى بۇلار قىلغان ئىشلارنىڭ ھەتتا ھېچبىر غەيرى مۇسۇلمانمۇ ، نەزىرىمىزدە يامان كىشىلەرمۇ قىلمايدۇ. بۇلار مەيلى قانداق زاماندا ياشىسۇن ،قانداق جەمىئەتتە ياشىسۇن ئەشۇ جەمىئەت ئۈچۈن زەھەرلىك ئۆسمە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇلار شۇ دەۋىر كىشىلىرىنىڭ ئىنسانىيلىقىدىكى نومۇسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمىز؟ بۇلارنىڭ "ئۆز كەسپى"دىكى رەزىل ئۇسۇللىرىغا نەزەر سالغايسىز:
بىرىنجى ئۇسۇلى :
ئەقسام ئۇسۇلى
سېھىرگەر خالى ،قاراڭغۇ ئۆيگە كىرىپ ،قاچىغا چوغ ئېلىپ مەقسەتكە مۇۋاپىق بولغان نەرسىلەردە بوي سېلىپ ئولتۇرۇپ ،ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرىدىغان مەزمۇنلارنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان ،جىنلارنى ئۇلۇغلايدىغان ،ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان ،قەسەمنامە - ۋەدىنامىلەر مەزمۇنىدىكى ھەرخىل ئەزايىم ،ئەپسۇن تىلسىملارنى ،ئۇلارنىڭ باشلىقلىرىنى چاقىرىدۇ ،،ئۇلاردىن ھاجەت تەلەپ قىلىدۇ .بەزى مەلئۇن سېھىرگەرلەر بۇنداق چاغدا تاھارەتسىز ،ياكى جۇنۇپ ھالەتتە ،نىجاسەت كېيىملەرگە ئورىنىپ ئولتۇرىدىكەن ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ،كاتتىۋاشلىرى تېز كېلەرمىش...
مەلۇم ساندا مەلۇم مەزگىل ئەپسۇن ئوقۇغاندىن كېيىن ،جىنلار سايىدەك ، خىيالەن ئىت ،مۈشۈك ،يىلا ياكى باشقا نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە زاھىر بولىدۇ. بەزى چاغلاردا ئۆزى كۆرۈنمەي ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ ۋە بەزى ئەھۋالدا ئۆزىمۇ ،ئاۋازىمۇ بىلىنمەيدۇ ،سېھىرلەنگۈچىنىڭ ئىز توپىسى ،كېيىم پارچىسى ،سۈرىتى قاتارلىق نەرسىلەرگە باشلىنىدۇ ،بۇ چاغدا سېھىرگە ئانداق مۇنداق قىلغىن دەپ بۇيرۇيدۇ.
بەزى ئالىملارنىڭ دېيىشىچە ،جىن قاراڭغۇ ئۆينى ياقتۇرىدۇ .ئاللاھنىڭ ئىسمى ئاتالماي نامى ئاتالغان يېد بۇيدىن ئوزۇقلىنىدۇ .
ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ ،ئاللاھنى تاشلاپ ئۇلاردىن ھاجىتىنى تىلىگەندە ئۇلار سۆيۈنۈپ كېتىدۇ .
نىجاسەت كېيىم قاتارلىق نەرسىلەر ئۇلارغا ئىللىق بىلىنىدۇ ،ئۇنىڭغا ئىنتايىن تېز يېقىنلىشىدۇ .بۇ يەردە كافىر جىن شەيتان كۆزدە تۇتۇلىدۇ .ئەمما ،مۇسۇلمان جىنلار بولسا ئۇلارمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاش پاكىزلىقنى ياقتۇرىدۇ...
 
2. جانلىق بوغۇزلاش (قان قىلىش) ئۇسۇلى
سېھىرگەر چارۋا مال ،ئۆي قۇشلىرى قاتارلىق جانلىقلاردىن ،ئاق ،قارا، سېرىق ،چار، مەھەللە ،قىزىل رەڭدىكىللىرىدىن ھاجەت مەقسىتىگە مۇۋاپىق رەڭدىكىنى تاللاپ ،ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتىماي ياكى جىنلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىسمىنى بىللە ئاتاپ ،ئۇلارنى ئاللاھقا شىرىك قىلىپ (جان خۇدانىڭ ھەققىدە ،قان يېغىنلارنىڭ ھەققىدە دېگەن سۆزلەر بىلەن ) بوغۇزلايدۇ . بەزىلەر بولسا ،قاننى بىمارنىڭ تېنىگە سۇۋايدۇ. قانلارنى بولسا ،قەبرىستانلىق -مازارلىق ،كونا خارابىيلىق ،يوغان دەرەخ ، يالغۇز دەرەخ ،ئۈجمە دەرىخى ،سېدە ، ئاكاتسىيە ، جىگدە قاتارلىق شوخىلىق دەرەخلەرنىڭ تۈۋى ،يۇلغۇن جاي ،سۇ بويى ، تۈگمەن غۇلىسى ،قۇدۇق لېۋى ، چۆل - جەزىرە ،ئوتنىڭ يېنى ،ئەسكى تامنىڭ تۈۋى قاتارلىق جايلارغا ئاپىرىدۇ ياكى شۇ يەرلەرگە ئېقىتىدۇ .تۇغ باغلايدۇ ،نۆكچە قويىدۇ ،پىلىك كۆيدۈرىدۇ ،چىراغ نېنى ئېتىدۇ ،غايىبلارغا ئاتاپ ياغ پۇرىتىدۇ ،كېپەك كۆيدۈرىدۇ . ئوتلاق قاقىدۇ ،قاپاق ئاسىدۇ ،تۇلۇم باغلايدۇ ،كونا كېيىملەر ،جۇۋا ،تەلپەكلەردە قارانچۇق ياسايدۇ ،لاتىدا ،ئارپا خېمىرىدا قونچاق ياسايدۇ .ئاتنىڭ تاقىسىدا ،تۆمۈر ئەسۋابلاردا قورچاق ياسايدۇ . (تۆمۈر قورچىغى بار دېگەن گەپ شۇنىڭدىن قالغان .)
 
3. تۆۋەن تەبىقىگە تەۋە ئۇسۇل
بۇ ئەڭ كۆپ تارقالغان سېھىرگەرلىك ئۇسۇلى بولۇپ ،جىن شەيتانلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىنىلا مۇسەخخەر قىلىپ ،ئۇلارغا ھۆكۈم يۈرگۈزىدۇ .بۇ چوڭ تىپتىكى سېھىرگەرلىك بولۇپ ،ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈش ،كاپىرلىقتا ئەڭ ئەشەددىىي تۇرىدۇ.
بۇ مەلئۇنلار شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى ،"قۇرئان كەرىم" نى ئىككى ھوشۇقىغا تېڭىپ خالاغا كىرىدۇ . شۇ يەردە تۇرۇپ ئاللاھنى ئىنكار قىلىدىغان مەزمۇندىكى تىلسىملارنى ئوقۇيدۇ . كاپىر جىنلارنى ئىشقا سالىدۇ . بۇ ھەرىكەت شەيتاننىڭ بىر تۇغقىنى ،كاپىرلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.سېھىرگەر شەيتاننى خۇش قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەڭ رەزىل گۇناھلارنى قىلىشقا ۋەدە بېرىدۇ.
 
4.نىجاسەت ئۇسۇلى
بۇنىڭدا سېھىرگە مەلئۇن "قۇرئان كەرىم"ئايەتلىرىنى ھەيز ،نىپاس خۇنى ،ئۆلتۈرۈلگەن ئادەمنىڭ قېنى ،كەپتەر ،كەكلىك ،قۇشقاچ ،قارلىغاچ ،دەمدەر ،تۆگە ،مايمۇن ،ئېشەك قاتارلىق جانلىقلارنىڭ قېنى ،مۇنچىنىڭ سېسىق يۇندىسى قاتارلىق نىجاسەت نەرسىلەر بىلەن يازىدۇ .ئۇنىڭ شېرىك مەزمۇندىكى تىلسىملارنى ئوقۇيدۇ.
ھالبۇكى بۇنچىلىك ئەشەددى ھەدىدىن ئېشىش يەنە بارمۇ؟
 
5.تەتۈر ئۇسۇلى
بۇنىڭدا سېھىرگەر مەلئۇن "قۇرئان كەرىم " ئايەتلىرىنى ھەرپمۇ ھەرپ بويىچە تەتۈر ئوقۇيدۇ .بۇ ھەرىكىتىمۇ كەسكىن شېرىكتۇر ،كۇفرىدۇر ،ھارامدۇر.
 
6.يۇلتۇزغا سېلىش ئۇسۇلى
بۇ ئۇسۇلنى رەسەد ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتىلدىۇ ،بۇنىڭدا سېھىرگەر مۇئەييەن بىر يۇلتۇزنىڭ چىقىشىنى كۈتىدۇ . شۇ يۇلتۇز چىققاندا ئۇنىڭ روھانىيلىرى كېلىدۇ .ئۇلار تىلىكىمىزگە يەتكۈزىدۇ دەپ قارايدۇ . سېھىر تىلىدىم دەپ ،چۈشۈنۈكسىز ئەپسۇنلارنى ئوقۇپ ، يۇلتۇزغا خىتاب قىلىشقا باشلايدۇ .يۇلتۇز بېگى - مۇئەككەللىرىنى چاقىرىدىغان ئاللىقانداق ئۇسۇل ،ھەرىكەت مۇراسىملارنى قىلىدۇ .يىلدا بىر قېتىم چىقىدىغان يۇلتۇزلاردۇ ،بۇ يۇلتۇزدىن تىلەك تىلىگەنلىك ماھىيەتتە يۇلتۇزغا چوقۇنغانلىق ھېسابلىنىدۇ .ئىلمى نۇجۇم بىلەن شۇغۇللانغۇچى ھەرىكىتىنىڭ خاراكتىرىنى بىلمەسلىكتىن قىلغان بولسا چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ ،بىلىپ قىلغان بولسا ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ.
 
7.ئالىقان گۇمپىسى
بۇنىڭدا سېھىرگەر قۇرامىغا يەتمىگەن سەبى بالىدىن بىرنى ئەكىلىپ ،تاھارەت ئالغۇزمايلا ئۇنىڭ قولىغا چاسا شەكىللىك سېھىر تىلسىملىرىنى يازىدۇ .ئۇنىڭ چۆرىسىگە ئاللاھنىڭ قويۇپ پەرىشتىلەردىن تىلەك تىلەيدىغان (يا جىبرائىل ،يا مىكائىل ، يا ئىسرافىل ، يا ئەزرائىل ،يا ئابدۇرىھىم مەشرىقى ، يا ئابدىلجەلىل جەنۇبى ،يا ئابدىرەشىد شىمالى ،يا ئابدىل ئەزىز مەغرىبى دېگەندەك ياكى جىنلارنىڭ ئىسمىدەك) ئەپسۇنلارنى يازىدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇراقلىق ماي ،ھەرخىل رەڭدىكى گۈل چېچەكلەرنى قويىدۇ .ئۇزۇن بىر قەغەزگە يەككە ھەرپ بىلەن تىلسىملارنى يېىزپ ،كىچىك بالىنىڭ يۈزىگە قويۇپ ،بېشىغا باش كېيىم كەيگۈزگەندىن كېيىن قاراڭغۇ ئۆيدە ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ ئېغىر يېپىنچا بىلەن يۆگەپ قويىدۇ ،بالىنى ئالقىنىغا قاراپ تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ . سېھىرگەر ئەپسۇن ئوقۇشقا باشلايدۇ ،بالىدا قاراڭغۇ ئۆينىڭ بىردىنلا يورۇپ كەتكەندەك سېزىم پەيدا بولىدۇ . سھىرگە ئۇنىڭدىن نېمىنى كۆرگەنلىكىنى سورايدۇ .
بالا: ئالدىمدا قاراپ تۇرغان بىر ئەركىشىنىڭ سۈرىتىنى ...دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
سېھىرگەر : ئۇنىڭغا مۇنداق مۇنداق قىلغىن دە ...دەپ بۇيرۇيدۇ . كۆرۈنمە سېيما بۇيرۇق بەرگەن تەرەپكە قاراپ ھەركەتلىنىدۇ ،ماڭىدۇ .بۇنى كېيىنچە بىرەر نەرسە يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىلەر توغۇرۇلۇق سوراش مەقسىتىدە ئىشلەيدۇ .بۇلارمۇ كەسكىن ھارامدۇر...
 
سەككىزىنچى ئۇسۇل
ئىز نىشان ئۇسۇلى
بۇنىڭدا سېھىرگەر بىماردىن لۆڭگە ،باش كېيىم ،ئىچ كىيىم ،پايپاق قاتارلىق ئۇنىڭ پۇرىقى تېپىلىدىغان نەرسىلەرنى سوراپ ئالىدۇ ، ئۇنىڭ تۆتلىك يېرىنى چىڭ سىقىمداپ ،ئۇنىڭغا تاكاسۇر سۈرىسىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ ،شېرىككە ياتىدىغان ئەپسۇننى ئىچىدە ئوقۇغاندىن كېيىن جىنلارنى چاقىرىپ مۇنداق دەيدۇ :
" بۇ بىماردىكى كېسەللىكنىڭ سەۋەبى جىن تەرەپتىن بولسا ، ئۇنى قىسقارتىۋىتىڭلار ! كۆزدىن بولسا ئۇزارتىڭلار ! ماددى سەۋەبتىن بولسا ،ئەسلى بويىچە قالدۇرۇڭلار !...دەپ ئۇنى قايتا ئۆلچەيدۇ .ئەسلىدىكىدىن ئۇزۇن چىقسا ،"كېسەللىكىڭ چىدىماس ئادەمنىڭ كۆزى تەگكەنلىكتىن " دەيدۇ .قىسقا چىقسا ،"جىن چېپىلىپتۇ " ديدۇ . ئەسلىدىكى بىلەن تەڭ چىقسا ، "دوختۇرنىڭ يېنىغا بېرىڭ " دەپ بۇيرۇيدۇ .
ئەشەددى تەرىپى:
"قۇرئان ئايەتلىرى"نىنى ئاشكارا ئوقۇپ ،شېرىككە ياتىدىغان تىلسىملارنى ئىچىدە ئوقۇپ كىشىلەرنى ئالدايدۇ .كېسەللىككە شىپالىق تىلەش مەقستىدە جىنلاردىن ياردەم سورايدۇ ،بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈشتۇر.
داۋامى بار...
دوستلىشىش
ئۆزنۇر
دوسىت ئىزدىسەڭ اللە يىتەر!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10449
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 163
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە163دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 1620 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-23
ئاخىرقى: 2012-05-06

ھەقىقەتەن ھەدىدىن ئاشقۇچى ، ئىپلاس كىشىلەركەن . داۋامىنى ساقلايمەن .  ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن .
كۆپ كۈلمە، كۆپ كۈلۈش دىلنى ئۆلتۈرىدۇ .(ئايەت)
دوستلىشىش
www.kuznak.com
دەرىجە: چەكلەنگەن
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9510
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 52
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە52دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 850 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-05
ئاخىرقى: 2012-02-13
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-07 16:03

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10695
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-07
ئاخىرقى: 2012-02-08
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-07 16:32

نۇرغۇن باخشى داخان ،سېھىرگەرنى خەق بىلسىمۇ ،ئەمما ئوقۇتىۋىتىدىغان ، ياخشى يامان كۆرسىتىدىغان ، قەست قىلىدىغان بەزى پەس كىشىلەرنى خەق بايقىيالماي ،زىيانغا ئۇچراپ قېلىشى مۈمكىن .ئۇنداقتا ئومۇمەن مۇشۇنداق كىشىلەرنى قانداق بايقايمىز؟
تۆۋەندىكى ئالامەتلەرنىڭ بىرىنى ئۇنىڭدا بايقىسىڭىز ئۇ شەكسىز سېھىرگەردۇر.
1. بىمارنىڭ ۋەئانىسىنىڭ ئىسمىنى سورايدۇ.
2. بىمارنىڭ لۆڭگە ،باش كېيىم ،ئىچ كېيىم ،پايپاق قاتارلىق ئۇنىڭ پۇرىقى تېپىلىدىغان نەرسىلەرنى سوراپ ئالىدۇ.
3. خەستە قىلغاندا قان قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
4. چۈشۈنۈكسىز ئەپسۇنلارنى ئوقۇيدۇ ،يازىدۇ.
5. چۈشۈنۈكسىز ھەرپ ۋە رەقەملەردىن تۈزۈلگەن شەكلىي تۇمارلارنى يازىدۇ.
6. بىمارىنى بىر مەزگىل ئادەملەردىن چەتنەپ تۇرىدىغان ئايرىم خانىلاردا تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ .
7. بەزىلىرى بىمارنى قىرىق كۈنگىچە بەدىنىگە سۇ تەگكۈزمەسلىككە بۇيرۇيدۇ .(يەنى بىمارىنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش مەينەت ھالەتتە قالدۇرۇپ ، جىن شەيتانلارغا شارائىت ھازىرلىماقچى....) . بۇلار نەسىرانىي جىنلارنى چاقىرىدۇ.
8. بىمارغا بىرەر نەرسىنى بېرىپ ، توپىغا كۆمۈپ قويۇشنى تاپىلايدۇ.
9. خەت يېزىلغان قەغەزنى بېرىپ ،ئۇنىڭدا بويلىنىشنى تاپىلايدۇ.
10. بەزى چاغدا سېھىرگەر بىمارنى تونىمىسىمۇ ، ئۇنىڭ يۇرتى ،ئىسمى ،كېلىش سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.(مانا بۇ غەيىپ داۋاسى قىلىدىغان ھەدىدىن ئاشقۇچى مۇناپىقتۇر)
11. قەغەزگە ،قاچىغا چۈشۈنۈكسىز يەككە ھەرىپلەردىن تۈزۈلگەن تىلسىملەرنى يېزىپ چايقاپ ئىچىشنى بۇيرۇيدۇ.(دېققەت ،بۇلار ئادەتتە بۇنداق نەرسىلەرنى ئاياللارنىڭ خۇنى ، ئۆلگەن ئادەمنىڭ قېنى ۋە ئەڭ ئىپلاس مەينەت نەرسىلەر بىلەن يازىدۇ. )
12. ئەگەر سىز سىزگە خەستە قىلماقچى بولغان ئادەمدە يۇقارقى ئالامەتلەردىن بىرنى سەزسىڭىز دەرھال ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنى چەتكە ئېلىڭ ،ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇڭ !

جىنلار بىلەن سۆزلىشىش قانداق ئىش؟ سۆزلىشىشكە بولامدۇ؟؟؟...
...داۋامى دېققىتىڭىزدە بولسۇن!
دوستلىشىش
قارگۇلى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8196
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 395
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە395دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 4091 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-18
ئاخىرقى: 2012-05-09
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-07 18:29

توۋا مۇشۇ چاققىچە ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن.... نۇلارنى ...نىمە دېگەن ئىپلاسلىق-بۇ!!!!!!!!!!!   
ئۇنۇتمايلىكى :  <<بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ...........بىز بولساق مىھماندۇرمىز!!!!!>>
kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 958
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە958دانە
ئۆسۈش: 2220 %
مۇنبەر پۇلى: 11227 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-05-10
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-07 22:10

رەھمەت قېرىندىشىم ياخشى تېما ئىكەن .
ھازىرمۇ جمىئەتتە داخەنلەرگە ئىشىنىپ
ئازغۇنلۇقتا قېلىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1227
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 100
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە100دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1080 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-05-10
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-07 22:23

داۋامىنى كۈتىۋاتىمەن ئىڭەك يۆلەپ .
دوستلىشىش
nazli0998
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4714
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1309
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1309دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 7346 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-05-09
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-07 22:32

توۋا  .........شۇندامۇ  ئىش بامىكەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10695
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-07
ئاخىرقى: 2012-02-08
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-07 22:39

تۆۋەنكى مەزمۇنلارنى مەن مەلۇم توردىكى سوئاللارغا قارىتا يازغاچقا ، بەلكىم مەزمۇن تەكرارلىقى بولىشى مۈمكىن.
------------
ھازىرقى جىن جاپلىشىۋاپتۇ ،جىن بېسىۋاپتۇ....دېگەن گەپلەر توغرا ،بار ئىش. گەرچە بۇرۇنقى ئۆلىما ئالىملاردىن ئىمام غەززالى قاتارلىق بىر بۆلۈك كىشىلەر جىن چېپىلىۋىش دېگەننى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ ،ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسىم ئالىم ئۆلىمالار بۇنى راست ئىش دەپ قارايدۇ.
چۈنكى بۇنىڭغا قۇرئاندا روشەن دەلىل بار.
ئاللاھ ھەق سۇبھانە ۋەتەئەلا سۈرە بەقەرەنىڭ 275-ئايىتىدە مۇنداق دېگەن :
...جازانە ئۆسۈم يىگەن ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. ...
---
ۋە بەزى ھەدىسلەردە بۇنىڭغا ھەم ئىشارە باردۇر.
دېمەك جىن چېپىلىۋىش ،جىن چېپىلىۋالغاندىكى ھالەت راست ئىشتۇر.
ئەمما جىن بىلەن سۆزلىشىشنى نۇرغۇن ئالىملار (زامانىمىزدىكى دوكتۇر ئابدۇلئەزىزمۇ بار) راست ئىش دېگەن بولسىمۇ ،ھەم نۇرغۇن ئۈنئالغۇ ۋە سىنئالغۇ فىلىملەر بۇنى تەستىقلىغان بولسىمۇ ،ئەمما جىن بىلەن سۆزلىشىش ۋە ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە ئىشىنىش - ئېغىر خاتالىقتۇر.
چۈنكى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ بۇنداق قىلمىغان .ساھابىلەر ،تائىبىنلەر دەۋىردە ھەم بۇنداق بىر رىۋايەت كۆرۈلمىگەن.
سەھىھ ھەدىسلەردە زىكرى قىلىنىشىچە:
تۇتقاقلىقى بار بىر ئايال پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ ،ئۆزىنىڭ تۇتقاقلىقى بارلىقىنى ۋە ھەر قېتىم تۇتقاندا ئەۋەرتلىرىنىڭ ئېچىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ،پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:
خالىساڭ سەن ئۈچۈن دۇئا قىلاي ،ئاللاھ شىپاتلىق بەرسۇن ،خالىساڭ سەۋرى قىل ،ئاللاھ جەننەتنى بەرسۇن (ئاساسى مەزمۇنى مۇشۇنداق).
ئايال ئويلىنىپ ،ئۇنداقتا سەۋرى قىلاي ،ئەمما مەن ئۈچۈن دۇئا قىلساڭ، تۇتقاقلىقىم تۇتقاندا ئەۋرەتلىرىم ئېچىلىپ قالمىسا دېگەن.
...
ئۇستاز ئىبنى تەيمىييەغۇ دەيمەن. بۇ ھەدىسنىڭ بارلىق رىۋايەت شەكىللىرىنى تەتقىق قىلىپ ،دەل بۇ ئايالنىڭ جىن چېپىلىپ قالغان ئايال ئىكەنلىكىنى ئېيتقان .
دېمەك ،پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئەينى چاغدا ھېچبىر بۇ تائىپە بىلەن سۆزلىشىشنى تاللىمىغان .
ئەمدى تەھلىل قىلىپ باقايلى:
بىر نەرسىگە ئىشىنىشنىڭ لوگىكىلىق ئاساسى قانچە خىل بولىدۇ؟
جىننىڭ بارلىقى ھەقتۇر ،بۇ ھەم ئىماننىڭ بىر قىسمى .ئەمما جىن دېگەن گەپلەرگە ئىشىنىشكە نېمە ئاساسىمىز بار؟ بىز ھەم ئۇنداق گەپلەرگە ئىشىنىشكە بۇيرۇلغانمۇ؟ نۇرغۇن ئالىملارنىڭ يازمىللىرىدىن ، ھەدىسلەردىن شەخسەن پېقىرنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلاردىن شۇ نەرسە ئايان بولدىكى : ئىنسان بىلەن سۆزلەشكەن (مەنمۇ سۆزلىشىپ باققان) جىنلار شۇ قەدەر يالغانچى ،ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان كېلىدىكەن. ئۇلار ئامال بار سىز بىلەن سۆزلىشىپ ئىماندا سىزنى تېيىلدۇرۇشنى ئويلايدىكەن ،گەرچە شۇنچە سەزگۈر بولسىڭىزمۇ؟
ئەمەلىيەتتە سىز سۆزلەشكەن زامات ،سۆزلىرىگە ئىشەنگەن بىرىنجى قەدىمىڭىزدىلا ئاز تولا تېيىلىپ بولغان بولىدىكەنسىز، مەيلى ئۇ نېمە دېسۇن؟
چۈنكى ئىش ھەرىكەتلىرىدىن ، ئۇ ئېيتقان غايىپتىن بىخەۋەر بىر مۆئمىننىڭ ئۇنىڭ گەپلىرىنى ھە مانداقكەن دەپ تەستىقلىشىغا نېمە ئاساسى بولسۇن ...؟
تورداشلاردىن ، بۇنداق ئىشلاردا سەزگۈر بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. كېيىنكى بايانلىرىمىز ،ئىنشائاللاھ يەنە داۋاملاشقاي!
...
ئەمىسە قانداق ئۇسۇللار بىلەن جىن سوقۇۋەتكەن كىشىلەرگە ياردەم بېرىش كېرەك!
1. ئاللاھقا يىغلاپ ،يېلىنىپ دۇئا قىلىش.
2. جىن سوقۇۋەتكەن كىشىلەرنى ئىمكانقەدەر ئوبدان غىزالاندۇرۇش ، ئىمكانقەدەر كۆپرەك ،تىنىچ ئازادەمۇھىتتا  ئۇخلىتىپ دەم ئالدۇرۇش.
3. جىن سوقۇۋەتكەن كىشىلەر ساق ۋاقتىدا يەنە تېخى تۇتمىغان ياكى جىن ھوجۇم قىلمىغان چاغدا ،ئۇلارغا مەنىۋى تەربىيەنى بولۇپمۇ ئاللاھقا بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىش ،تەۋھىد ئەقىدىسىنى چوڭقۇر سىڭدۈرۈش .
4. جىن سوقۇۋەتكەن كىشىنى ئىمكان بار مۇكەممەل شەرىئەت ئاساسىدا كېيىندۈرۈش.
5. ئۇلارنى سۈننەت بويىچە غۇسلە قىلدۇرۇش، داۋاملىق تاھارەت بىلەن يۈرۈشكە بۇيرۇش.
6. ئۇلارنى ھېچقانداق ۋاقتتا يالغۇز قويماسلىق ، قاراڭغۇ جايلاردا قويماسلىق ،كېچىلەر ياتقاندىمۇ چىراغنى يېقىپ ياتقۇزۇش.
7.ئۇلارنى قۇرئاننى داۋاملىق ئاڭلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش ياكى ئۆيلەردە داۋاملىق قۇرئان دەيلىرىنى قويۇپ بېرىش...
8. يېمەكلىكنىڭ ھالال پاكىز بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش.
9. جىن ھۇجۇم قىلغان ۋاقتتا - قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇش ،بولۇپمۇ ئايىتەل كۇرسى ،فەلەق ناس ،فاتىھە قاتارلىقلارنى چىن دىلىدىن ئوقۇش.
...ۋەھەكازالار...

دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ،ئالدام خالتىغا چۈشمەسلىككە تېگىشلىك مۇھىم ئىش:
1. قۇرئان ئوقۇلغان ،ئايەتلەر ئوقۇلغان زامات ياكى بىمارنىڭ كۆز قارچۇقلىرى تارتىشىپ ، بىمارنىڭ بايانىدا ياكى بىمارنىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن جىن سۆزلىشى مۈمكىن. بۇ ھالدا ئۇنىڭ پاراڭلىرىنى ھېچبىر پىسەنتكە ئالماسلىق ،ئۇنىڭ ۋەسۋەسىلىرىنى نەزەرگەئىلماسلىق كېرەك.ئادەتتە چاپلىشىۋالغان جىنلار ئامال بەر ئۇششاق گەپ قىلىپ ،ۋاقتنى كەينىگە سوزۇپ ،ئۇزاق پاراڭلىشىشنى ئىستەيدىكەن ۋە پاراڭلىرى ئارىسىدا شەرىئەتكە خىلاپ تەكلىپلەرنى قويىدىكەن ۋە ئىمانغا دەز كەتكۈزىدىغان بەزى تەلەپلەرنى دەپ ، شۇ تەلەپلەر ئورۇنلانغاندا ،ئاندىن ئۆزىنىڭ زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدىكەن. ھالبۇكى بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرقىلتاق .
ھەقىقى بىر مۇسۇلمان جىن ھەرگىزمۇ بىراۋغا ئۇنچىلىك دەرىجىدە زىيان يەتكۈزمەيدۇ چۈنكى مۇسۇلمان ئاللاھتىن قۇرققۇچىدۇر .ئادەتتە چېپىلغاننىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇشرىك ،بىدئەتچى ياكى كافىر جىن بولىشى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن . ھەتتا ئۇلار ئۆزىنى مۇسۇلمان دېگەن تەقدىردىمۇ ئۇلار بىلەن زىنھار پاراڭلاشماسلىق كېرەك. چۈنكى ئىنسان يارالغان بىز - ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئىسپاتلاشقا ئامالسىز . ئۇلارنى كۆرەلمەيدىغان ،ئۇلار ھەققىدە تۈزۈك مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس بىزلەر ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىشىنىشكە تېىخىمۇ ئامالسىز .قۇرئان ۋە ھەدىسمۇ بىزنى ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشقا ياكى ئۇلار گەپ قىلسا ئىشىنىشكە بۇيرۇمىغان .بۇ پاراڭلىشىش ھالبۇكى ئىنتايىن خەتەرلىك ئىشتۇر. بىزمۇ ئەينى چاغدا (ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن!) 4سائەتتىن ئارتۇق پاراڭلاشقان . ئۇ بەزى يولسىز ،بولمىغۇر ،شەرىئەتكە زىت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان - ئەمما بىز كەسكىن رەت قىلغان ، تەۋھىدتە مۇستەھكەم تۇرغان ،بارلىق تىلەكنى ئاللاھقا قىلىپ ،ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ دۇئا قىلغان بولساقمۇ ،كېين سەزگۈرلۈك بىلەن ئويلىساق ،بەزى ئەسكەرتمىلەرگە دېققەت قىلساق ،ئەسلى پاراڭلاشقىنىمىزنىڭ ئۆزىلا خاتاكەنتۇق .چۈنكى پاراڭلىشىش قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ نۇرغۇن گەپلىرىگە قىسمەن ئىشىنىشنى تەلەپ قىلىدىكەن. شۇڭا مۆئمىن كىشى ھەرگىز بۇنداق بولمىغۇر ،بىدئەت ئىشلارغا يېقىن يولىماسلىق كېرەك .ئەينى ۋاقتتا شۇ سورۇندا يۇرتىمىزدىكى بارلىق مۆتىۋەر ئۆلىمالار ھەممىسى كەلگەن بولسىمۇ ،ئەمما ھېچكىممۇ پاراڭلىشىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى دەل ئېيتالمىغان. دېمەك گەرچە شۇ سورۇندا بىزدىن گەپ سۆزدە خاتالىق ئۆتمىگەن (ئاللاھدىن شۇنى تىلەيمەن ۋە خاتا گەپلەر ئۆتكەن بولسا كەچۈرىشىنى تىلەيمەن) بولسىمۇ ،ئەمما سۆزلىشىش دېمەك - ئېتراپ قىلماق دېمەك ،گەپ سۆزلىرىنى نەزەرگە ئىلماق دېمەك ئىدى...
زەن سېلىپ قارىسىڭىز،بۇ كىچىك ئىش ئەمەس. قېنى كىم ،قايسى ئالىم ياكى قايسى داموللا - ئۇلارنىڭ ھەربىر سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئېيتىيالايدۇ ياكى دەلىل كەلتۈرەلەيدۇ؟ ئۇلارغا ئىشەنمەي پاراڭلىشىمەن دېگۈچىلەر ئەمىلىيەتتە ئۆز گېپىنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر!...چۈنكى ئىشەنمىگەن كىشى بىلەن قانداق پاراڭلاشقىلى ،گەپلىرىنى تەستىقلىماسلىققا تېگىشلىك كىشىلەر بىلەن قانداق پاراڭلاشقىلى بولسۇن ؟
مەسلەن : جىن : مېنىڭ ئىسمىم ھەسەن ...دېسە،
پاراڭلاشقۇچى : ئۇنداقتا سەن مۇسۇلمانمۇ؟...دەپ سورىشى مۈمكىن.
جىن : ھەئە ،مەن مۇسۇلمان ...دەپ ئالدىسا،
پاراڭلاشقۇچى : بىر تالاي تەبلىغلەرنى قىلىپ ،سەن مۇسۇلمان تۇرۇپ ...نېمىشقا....دەپ بىر تالاي گەپلەرنى قىلىشى مۈمكىن.
--
خوش : ئاتالمىش جىننىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمىگۈچى ۋە تەستىقلىمىغۇچى قانداقسىگە قەدەممۇ قەدەم مۇنداق پاراڭلىشالىسۇن؟ چۈنكى ئىسمىنىڭ ھەسەن ئىكەنلىكىگە 10 پىرسەن بولسىمۇ ئىشەنمىگەن كىشى ئۇنىڭ ئېتىقادى ھەققىدە سورىمايدۇ . ئېتىقادى ھەققىدە ئىشەنمىگۈچى ،ئۇنىڭ "سەن مۇسۇلمان تۇرۇپ...."دەپ تەبلىغ باشلىمايدۇ .
مانا ئاتالمىش پاراڭلاشقۇچىلار - ئېغىر بىر خاتالىقنى سادىر قىلىدۇ دە...چوڭ بىدئەتتىن بىرنى بەرپا قىلىدۇ.
ئېھتىمال بۇ قىيامەتنىڭ پىتنىللىرىدىن بىرسى بولسا كېرەك! چۈنكى ئەڭ ئۇششاق ئىشلارمۇ يۈز بەرگەن پەيغەمبەر زامانىسىدا ،بۇنداق ئىش ھېچبىر يۈز بېرىىپ باقمىغان .مانا بۈگۈنكىدەك بۇزۇقچىلىق ئېغىرلاشقان دەۋىردە ،مانا ھېچقاچان ئاڭلاپ باقمىغان ئىشلار كۆز ئالدىمىزدىلا كۆرۈلمەكتە ۋە ھەتتا نۇرغۇن ئەھلى ئىلىملەرمۇ خاتالاشماقتا!

2. مەيلى نېمە كېتاب بولسۇن ،قۇرئان ھەدىستە كۆرسىتىلمىگەن ھېچقانداق بىر شەكىلنى قوللانماسلىق ،نەرسىلەرنى ئوقۇماسلىق كېرەك.

3. ئەگەر بىمارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى قۇرئاننى تەجۋىدلىك ئوقالايدىغان ، سالىھ مۇسۇلمانلار بولسا - ھەدېسىلا قارى ،ئەھلى ئىلىملەرنى تەكلپ قىلىپ تۇرىۋالماسلىق كېرەك .ئېنىقكى ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرىسدا ھېچنىمە يوقتۇر ! ئىشىنىڭكى سىزنىڭمۇ دۇئايىڭىز ئەڭ تورلۇق ،ئىخلاسىڭىز بولسىلا ئەڭ ئۆتكۈردۇر .ئىمكان بار دۇئا قۇبۇل بولىدىغان پەرز نامازلارنىڭ كەينىدە، يېىرم كېچىلەردە تۇرۇپ دۇئا قىلىڭ ،ئاللاھقا يېلىنىپ زارۇ تەزەررۇ ئەيلەڭ . جىنمۇ بىزگە ئوخشاش بىر مەخلۇق ، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ئۇ ئىنساننى نېمە قىلالىسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگەئىنسان ئۇلاردىن ئەزىز يارىتىلغان تۇرسا؟>>>.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 89
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 103
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە103دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1111 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-01
ئاخىرقى: 2012-04-28
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-07 23:25

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداش ئىگىمىز بىلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن....