باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1708 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ساچىر خانىمىنىڭ قول سومكىسى .
ھامان بىر كۈنى .......
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 1475
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1475دانە
ئۆسۈش: 12570 %
مۇنبەر پۇلى: 13901 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-02
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-06 19:27

ساچىر خانىمىنىڭ قول سومكىسى .



ئەنگىلىيە باش ۋەزىرىگە ئائىت ئۈچ نەرسىنىڭ داڭقى بار .
بىرىنىچىسى ؛ چېرچىلنىڭ سىگارىتى .
ئىككنىچىسى؛چابېرلاندنىڭ كۈنلۈكى .
يەنە بىرى ؛ <<تۆمۆر خوتۇن>> ساچىر خانىمنىڭ قول سومكىسى .
ساچىر خانىم سىياسى سەھنىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ ،SaLvatore Ferragamo ماركىلىق قول سومكىسى ئۇنىڭ سىمۇۋۇلى بولوپ قالدى .
1982-يىلى 9- ئايدا ماداغاسقار جېڭىدە غەلبە قىلغان ساچىر خانىم غەيرەت-جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان قىياپەتتە تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولوپ ، شىياڭگاڭ مەسىلىسىدە جۇڭگو تەرەپ بىلەن سۆھبەتلەشتى .
بەش كۈنلۈك يىغىن جەريانىدا ، زىل ئاخبارات خادىملىرى شۇنى بايقىدىكى ، ھەر قېتىم يىغىن ئاياقلىشىپ ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىدىغان چاغدا ، ئەگەر <<تۆمۆر خوتۇن >> نىڭ سومكىسى سول بېلىكىگە ئېسىلغان بولسا ، شۇ كۈنلۈك يىغىندا ئەنگىلىيە تەرەپ ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەپتۇ دەپ ؛ ئوڭ بېلىكىگە ئېسىلغان بولسا ،ئەكىسچە جۇڭگو تەرەپكە پايدىلىق بوپتۇ دەپ چۈشەنسە بولىدىكەن . سۆھبەت نەتىجىسىدە مەيدانى پولاتتەك دىڭ شىياۋپىڭ ئۇنى مىخقا ئۈستۈردى . خەلىق سارىيىنىڭ ئالدىدىكى ھېلىقى داڭلىق يىقىلىشتا ساچىر خانىمىنىڭ ئايىقىنىڭ پاشنىسى سۇنۇپ كەتتى ،قولىدىكى ھېلىقى سومكىسىمۇ ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتتى ، ئۇنىڭ يۈرىكى ئېچىشتىمىكىنى قانداق ، بىلمىدۇق .
1979-يىلى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى سايلىمىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن ، ساچىر خانىم ئادەتتىكى بىر ئائىلە ئايالى ئىدى ، دائىم ئاشۇ سومكىسىنى بېلكىگە ئېسىپ تاللا بازىرىغا مال سېتىۋالغىلى باراتتى . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، ئۇ بۇ قول سومكىسىنى 450 دوللارغا سېتىۋالغان بولوپ ، ئەينى چاغدا خېلى قىممەت ھېسابلىنىدىكەن .
ئاياللارنىڭ سومكىسى <<ئېچىل داستىخان >>نىڭ ئۆزى ساچىر خانىمنىڭ سومكىسىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ، ئەلۋەتتە . ئىچىدە خاتىرە دەپتەر ، ھۆججەت ، قول ياغلىق ، يەنە ئىزچىل سال؛اپىتىنى ساقلاشقا ياردىمى تېگىدىغان لەۋسۇرۇخ ۋە تارغاقمۇ بار . بىراق يەنە ئۇنىڭ سومكىسىدا كىشىنىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان نەرسىلەرمۇ بار . 1984-يىلى ساچىر خانىم شىياڭگاڭغا زىيارەتكە كېتىۋىتىپ ھاۋايغا چۈشۈپ ئۆتىدۇ ، ھاۋايغا كەلگەندە يېرىم كېچە بولوپ كەتكەن بولسىمۇ ، ئۇ يەنىلا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىدا چۆكتىرۋىتىلگەن <<ئارزونا>> نامىلىق ئۇرۇش پاراخوتىنى خاتىرلەش ئۈچۈن سېلىنغان خاتېرە سارىيىنى ئېكىسكۇرىسسيە قىلىشتا چىڭ تۇرىۋالىدۇ . ئامېركىلىقلار ؛ئۇنىڭغا بەك قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتتى ، ئىنىق كۆرەلمەيسىز ، دىگەندە ، ئۇ مەن قول چىراق ئېلىۋالغان ،دىگەچ ،سومكىسىدىن قول چىراقتىن بىرنى چىقىرىدۇ . سومكىسىغا قول چىراق سېلىۋىلىش
ئۇنىڭ بىر قېتىملىق پارتىلتىش ھۇجۇمىغا يولۇقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . 1984-يىلى ئەنگىلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىدىكىلەر ئەنگىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى يازنى سالقىنى ئۆتكۈزىدىغان مەنزىرلىك شەھەر بىرىگتوندا مەملىكەتلىك چوڭ يىغىن ئۆتكۈزۋاتقاندا ، ئېرلاندىيە جۇمھۇريەتچىلەر ئارمىيەسى ساچىر خانىم چۈشكەم مېھمانسارايغا بومبا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ . بومبا پارتىلاپ توك ئۈزۈلۈپ قالىدۇ . ، مېھمانخانىنىڭ ئىچى قاراڭغۇ گۈرىستانلىققا ئايلىنىدۇ . شۇ چاغدا ئۇ ئەگەر بىر دانە قول چىراق بولغان بولسا قانداق ياخشى بولار ئىدى ، ھە ! دەپ ئويلاپ قالىدۇ . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سومكىسىدىن قول چىراق زادى ئايرىلمايدۇ . شۇ قېتىملىق پارتىلاشتا بەش ئادەم قازا قىلىدۇ ، نۇرغۇن ئادەم يارلىنىدۇ . ساچىر خانىم تەلىيىگە ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ ، بۇ ئەجەللىك زەربىنىڭ ۋەھىمىسىنى ئۇنتىيالمايدۇ . ساچىر خانىمىنىڭ يېقىن دوستى ، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامىنىت ئەزاسى نېل خامىلتۇننىڭ خانىمى << تېخىمۇ ياخشى تېخىمۇ يامان >> نامىلىق ئەسلىمىسىدە ئاشكارلىنىشچە ،ساچىر خانىم ئىلگىرى ئۇنىڭغا دەردىنى ئېيتىپ ؛<<ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم ، بىرسىنىڭ پالاق تۇخۇمنى ئاتقاندەك يۈزۈمگە كىسلاتا چېچىپ ، چىرايىمنى بۇزىۋىتىشى>> دېگەن . شۇندىن ئېتىبارەن مەيلى نەگە بارسۇن ، ئۇنىڭ سومكىسىدا قول چىراقتىن باشقا ، يەنە بىر قۇتا زەھەر قايتۇرغۇچ كۆپەيگەن .كىچىكىنە قول سومكىسىنىڭ يەنە كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە سېھىرلىك كۈچى بار . ئۇ ھەر قېتىم ئۆزى بىلەن سىياسى قارىشى بىردەكلىككە ئىگە بولمىغان خىزمەدداشلىرىغا دۇچ كەلگەندە ، قول سومكىسى كارغا كەلگەن ؛ ئۇ قىلچە تۈزۈت قىلماستىن رەقىبىنى شۇ سومكىسى بىلەن ئۇرغان . مۆتىۋەرلەردىن قايسىسىلا ئۇنىڭ سومكىسىنى كۆرسە قورقىدىغان بولوپ قالغان .
ساچىر خانىم يىغىن ئاچقاندا ، سومكىسىنى ئۈستەلىنىڭ ئوتتۇرسىغا قويۇشقا ئادەتلەنگەن ، جىددى مۇنازىرلەردە شۇ ھامان ئۇنىڭدىن ھۆججەتلەرنى چىقارغان . سابىق باش ۋەزىر بىلايىر ياش چېغىدا ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامىنىت ئەزاسى ئىدى . بىر قېتىم ئۇ تەككەببۇرلۇق بىلەن ساچىر خانىمدىن ؛ <<ئەنگىلىيە داڭلىق ئىقدىسادشۇناسى كارنىسنىڭ 30-يىللاردىن بۇيان يازغان ئىشقا ئورۇنلىشىشقا دائىر ھەر قانداق بىر پارچە ئوبزورنى ئوقۇغانمۇ سىز ؟>> دەپ سورايدۇ . ساچىر خانىم تەمتىرمەي قايتۇرما زەربە بېرىپ ؛ <<ئوقۇپلا قالماي ، ھازىرمۇ سومكامدا بىر پارچىسىنى ئېلىپ يۈرىۋاتىمەن >> دەپ جاۋاپ بېرىدۇ . مۇشۇ سەۋەبلىك <<ئوكىسفورىد لوغىتى>> ئۇنىڭ چاقچاق يۇسۇندا قىلغان بۇ سۆزىنى لوغەتكە كىرگۈزىدۇ ؛<> زەربە بەرمەك ، قورقۇتماق دىگەن مەنىنى كۆرسىتىدۇ . كونكىرىت مەنىسى دەل <<تۆمۆر خوتۇن>> دائىم دەيدىغان بىر جۇملە سۆز ۋە دائىم قىلىدىغان بىر ئىش ؛<<رەقىبىمنى كونتۇرۇللۇققا ئېلىش دەل ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئەڭ شەپقەتسىز جازادۇر >> .
2000-يىلى ساچىر خانىم ئۆزىگە 20 يىل ھەمراھ بولغان بۇ قول سومكىسىنى ئەنگىلىيەدىكى بىر ساخاۋەت ئورگىنى _ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش فوندىغا كىم ئارتۇق قىلىشقا ئىئانە قىلىۋىتىدۇ . بەكمۇ كارغا كېلىدىغان بۇ سومكا كىم ئارتۇق سودىسىدا 63 نۆۋەتلىك باھا تالىشىش دولقۇنى قوزغىغاندىن كېيىن ئەڭ ئاخىردا 100مىڭ فۇنتىسدىرلىڭلىق باھاغا يارايدۇ . ئەمما ، شۇ چاغدا باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بىلايىرنىڭ خانىمى چېرىنىڭ سومكىسى كىم ئارتۇق سودىسىدا ئاران 490 فونتىسدىرلىڭغا يارايدۇ . بۇنىڭغا قارتا ساچىر خانىم مۇنداق دەيدۇ ؛ <<قول سومكام ئىچكى كابېنىتتا تېگىشلىك رولىنى ئوينىدى ، ھازىر ئۇنىڭ يەنىلا مۇۋاپىق رولىنى جارى قىلدۇرۋاتقانلىقىدىن بەكمۇ خۇرسەنمەن >> .

ۋاڭ يۈشىياڭ
دوستلىشىش
ئىلمىرە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10690
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-06
ئاخىرقى: 2012-02-06

ياخشى تىماكەن
دوستلىشىش
ئۆزنۇر
دوسىت ئىزدىسەڭ اللە يىتەر!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10449
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 196
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە196دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 2000 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-23
ئاخىرقى: 2012-09-06
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-06 21:51

ئاجايىپ تارىخى بار قول سومكىىسى ئىكەنغۇ . بىلىۋالدۇق . رەھمەت  .
كۆپ كۈلمە، كۆپ كۈلۈش دىلنى ئۆلتۈرىدۇ .(ئايەت)
ئەلدىن -ئەلگە نەپ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8340
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 67
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە67دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 700 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-27
ئاخىرقى: 2012-08-30
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-06 23:06

بۇ خانىم يېقىلىپ كېتىپ ئايىغىنىڭ پاشنىسى سۇنۇپ، پارتىلاپ دىگەندەك... دۆلىتى ئۈچۈن ئەجەپ بىر ئىشلارغا ئۇچراپتىكەنمۇ نىمە؟
بۇ زادى نېمىدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1379
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1379دانە
ئۆسۈش: 910 %
مۇنبەر پۇلى: 15433 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-05-10
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-07 11:50

مۇنداق داڭلىق شەخسلەرنىڭ كىيگەن كىيىمى ، باھاسى،رەڭگى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزگىچە  مەنە  بېرىدۇ
سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 893
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە893دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 4840 سوم
تۆھپىسى: 15 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-03
ئاخىرقى: 2012-08-26
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-08 11:21

ھەقىتەن  تالەيلىك   رەخبەركىن
دوستلىشىش
نەزەرسالسام
دەرىجە: چەكلەنگەن
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9669
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 265
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە265دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2560 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2012-06-21
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-08 20:41

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
ئابدۇرەھمان
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6476
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 107
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە107دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1101 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-12
ئاخىرقى: 2012-07-23
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-08 21:46

ھەي بۇ تۈمۈر خۇتۇن ئاخىرى دېڭ شىياۋپىڭ نىڭ ئالدىدا قاتلىشىپ قالدى.ھەي......
بىز ھەرقاچان نازارەت ئاستىدا.مىنى ھېچكىم كۆرمىدى دىگەن گەپنى قىلغۇچى بولماڭ.
دوستلىشىش
مۇسىلىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10703
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 345
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە345دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 3620 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-07
ئاخىرقى: 2012-09-06
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-10 20:04

بۇ قول سومكا ئاخىرىدا  100مىڭ فۇنتىسدىرلىڭلىق باھا بىلەن خەيىر -ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىپ قىممىتىنى نامايەن قىلىپتىغۇ.