مىللى تېررتورىيەلىك ئاپتونومىيە بىرخىل خاس ھوقۇق بۇلۇش سۇپىتى بىلەن تۆۋەندىكى ئۈچ ئالاھىدىلىكى بار:(1) ئاپيونومىيە ھوقۇقى بىرتۇرلۇك چەكلىك ئىمتىياز. ئاپتونومىيە پەقەت ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يولغا قويغان جايلاردىكى خەلىق قۇرۇلتايلىرى ۋە خەلىق ھۆكۇمەتلىرى يۇرگۇزىدۇ باشقائاپتونومىيەسىز جايلاردىكى يەرلىك دۆلەت ئورگىنىنىڭ بۇنداق قىممەتلىك ھوقۇقى بولمايدۇ.ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئادەتتىكى يەرلىك دۆلەت ئۆرگانلىرىغا ئوخشاش ئادەتتىكى يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۇرگۇزۇپلا قالماستىن ، قانۇن بۇيىچە كۆپ خىل ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ .كۆرۇشكە بولىدۇكى، ئاپتونومىيەھوقۇقى بىر تۇرلۇك ئىمتىياز،لىكىن بۇ خىل ئىمتىياز نىسپي ،چەكلىك بولىدۇ. (2)ئاپتونومىيە ھوقۇقى دۆلەتقانۇن بۇيىچە ئاپتونومىيە ئورگانلىرىغا بەرگەن ھوقۇقى بۇلۇپ،بىرجەھەتتىن،ئاپتونومىيەھوقۇقى خىزمەتھوقۇقىھەم خىزمەت مەسئۇلىيىتىدۇر،ھوقۇق ھەم مەجبۇريەتتۇر،ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن ۋاز كىچىدىغان ياكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى پاسسىپلىق بىلەن يۈرگۇزىدىغان ھەركەتلەرنىڭ ھەرقاندىقىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ،ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۇرگۇزگەن ۋاقىتتا مەجبۇريەت ئۆتۇگۇچىنىڭ مەجبۇريەت ھەركىتى قىلىشنى تەلەپ تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق،مەسلەن ،يۇقۇرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىدىن ياردەم بىرىش ۋە كاپالەندۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.(3)ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن كەڭ.مىللىي تېرتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى گەرچە پەۋقۇلئاددە مەمۇرى رايۇنلار بەھرىمەن بۇلدىغان يۇكسەك ئاپتونومىيەئاپتونومىيەگە ئوخشىمىسىمۇ،بىراق ئۇ ئادەتتىكى ئۆلكە،شە ھەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا خېلىلا كۆپ.بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى،بىرىنچىدىن،سۇبىكتىلار كۆپ بۇلۇپ ،مەمۇرى رايۇنلار مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونوم جايلار ئاپتونوم رايۇن،ئاپتونوم ئوبلاسىت،ئاپتونۇم ناھىيە بۇلۇپ ئۇچ دەرىجىگە بۇلىندۇ.جەمئى 155ئاپتونومىيەلىك جاي بار،1173 مىللى يېزا بار،بۇلارمۇ ئاپتونومىيەدىن بەھرىمان بۇلىدۇ.ئىككنچىدىن،مەزمۇنى كۆپ بۇلۇپ دائىرسى سىياسى،ئىقتسادى،مەدىنيەت قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلدۇ.
2. ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە.ئۇنى يۇرگۇزۇش پىرىنسىپلىرى
ئاپتونومىيە ھوقۇقى ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ يادوروسى بۇلۇپ ئاپتونومىيە قانۇندا 27 ماددا ئارقىلىق (19-45-ماددىسغىچە)ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭكونكىرىت مەزمۇنى بەلگىلەنگەن،بۇھوقۇقلار ئاساسەن مىللىي تېررىتوريەلىكئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ تۇرلۇك ئىشلىرنى .ئۆز ئىچىگەئالغان،چوڭ جەھەتتىن ئۇچ چوڭ تۇرگە بۇلىنىدۇ.(1)سىياسى جەھەتتىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرى.بۇ ئاساسلىغى قانۇن چىقىېىرىش،كادىرلار ئىشلىرى،ئامانلىق.كۆچمە نۇپۇسلارنى باشقۇرۇش،پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىقلارنى .وز .ىچىگە ئالىدۇ.
(2)ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرى. بۇنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن كەڭ،ئاساسلىقى ئۆز جايىنىڭئالاھىدىلىكىگە ۋە ئېھتىياجىغائۇيغۇن كىلدىغان فاڭجىن،سىياسەت ۋە پىلانلارنى تۇزۇپ چىقىش؛ئۆزجايىنىڭ تەبئىي بايلىق مەنبەلىرىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش شۇنداقلا مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشتا ئاۋال بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت ئاپتونومىيە ھوقۇقى؛ سىرىتقا قارتا تاشقى سودا پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ۋە سودا ئېغىزلىرىنى ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاپتونومىيە ھوقۇقى؛ ئۆز جايىنىڭ ما لىيەسىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(3)مائارىپ ،ئىلىم-پەن،مەدىنيەت،تەنتەربىيە،سەھىيە جەھەتتىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرى.
بۇ مىللىي مائارىپ،مىللىي پەن- تېخنىكا ،مىللى مەدىنيەت ۋە سەھىيە،تەنتەربىيە،جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.