سىز بەلكىم ‹‹ئالتاي››دىگەن بۇ نامنى ئاڭلىغاندا‹‹ئالتاي شەھرى››،‹‹ئالتاي تاغ تىزمىسى›› ياكى ‹‹ئالتاي تىل سېستىمىسى›› دىگەن پىكىر تۇيغۇلىرىڭىزدا ئەكىس ئېتىشى مۇمكىن،سىز ئۇناقتا بۇئاتالغۇلارغا نىمە ئۈچۈن ‹‹ئالتاي›› دىگەن ئاتالغۇ زىكىر قىلىنىپ كىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ كېلىدىغانلىلقى ئويلىنىپ كوردىڭىزمۇ؟
1.ئالتاي شەھرى:ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ شىمالىدىكى،يەنى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبى قاپتىلىغا جايلاشقان ئالتاي شەھرىنى كۆرسىتىدۇ.
2.ئالتاي تاغ تىزمىسى:ھازىرقى روسىيە تەۋەلىكىدىن باشلىنىپ،قازاقىستانۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ شىمالىدىن بويلاپ
ئۆتۈپ موڭغۇلىيەنىڭ شەرقىغە سوزۇلغان مەشھۇر تاغ تىزمىسىنى كۆرسىتىدۇ.
3.ئالتاي تىل سېستىمىسى:غەربى ئاسىيا،شىمالى ئاسىيا،شەرقى شىمالى ئاسىيا،يىراق شەرق،شۇنداقلا ئالياسكىغىچە سوزۇلغان زىمىنلاردا ياشىغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ تىل ئورتاقلىغىنى كورسىتىدۇ.
ئالتايلار
ئالتاي تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىدا ھازىرقى روسىيە تېررىتورىيەسى تەۋەلىكىدە ئالتاي جۇمھۇريىتى ۋەئالتايىسىكا رايۇن دىگەن يەرلەر بولۇپ،بۇيەردىكى خەلقلەر ئالتاي مىللىتى دەپ ئاتالغاچقا ،ھازىرقى زاماندا ئۇلارغا تەئۇللۇق بولغان بۇ تېررىتورىيەلەر ئالتاي جۇمھۇريىتى ۋە ئالتايىسىكا رايۇن دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئالتايلار ئېتىقات جەھەتتە،بىز تولىمۇ ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى ئايرىلىپ كەتكەن قەدىمى ئېتىقاتىمىز بولغان شامان دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ. شۇڭا بىزدە شامان دىنىدىن ساقلىنىپ قالغان نەزىر-چىراق،ئىسرىق سېلىش، يوداش ۋە باغلىنىشلىق دىگەن ئەن-ئەنە ئادەتلىرىمىز ئۇلاردا مۇكەممەل ساقلانغان.
تىل جەھەتتە تىللىرىمىز ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاشلىقنى ساقلاپ قالغاچقا ئارىمىزدا تىلماچ ئىشلىتىش كەتمەيدۇ.
دىمەك ‹‹ئالتاي››نامى قوشۇلۇپ كەلگەن بۇ ئاتالغۇلاردىكى زىكىر قىلىنغان ‹‹ئالتاي›› دىگەن نام تولىمۇ ئزاق زامانلار ما بەينىدە تۈمەن مىڭلىغان بوران –چاپقۇنلاردا ئۆزلىرنى،شۇنداقلا بۇ نامنى ساقلاپ قالغان. مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى