باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3119 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: بۇگۇن پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۇنى
arslantikin
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8805
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 161
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە161دانە
ئۆسۈش: 850 %
مۇنبەر پۇلى: 2078 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-30
ئاخىرقى: 2012-02-26
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-04 23:41

بۇگۇن پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۇنى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلىقتىن قالدۇرۇلدى(2012-02-06)
بۇگۇن پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۇنى
بۇگۇن پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۇنى 
1433 yili  3 ay  12 kuni 
 مەۋلىد ناخشىسى 

بۇگۇن پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۇنى 
ھىدايەت ئالەمگە چىچىلغان كۇنى 
بىلگىل ئى كائىنات قانداق ئىنسان ئۇ 
دۇنيا ئاخىرەرتنىڭ ئالغان يۈكىنى 

ئەرەپ دەشتىسىدە تۇغۇلغان ئىدى 
ئۇلۇق رەببىمىزنىڭ ئەلچىسى ئىدى 
زالالەت ئىچىدە قالغان ئۇممەتنتڭ 
جەننەت يوللىرىدا ياشچىسې ئىدى 

ئۇنىڭ نۇرلىرىدا زۇلمەتلەر ئۆچتى 
شەيتانلار يىڭىلدى تاغۇتلار كۆچتى 
ئويغاندى قەلىبلەر  يايرىدى دىللار 
ۋەھىيلەر ئاسماندىن يەرگە ئۆزلەشتى 


پەيغەمبىرىمىز كىم  قاچان، قەيەردە توغۇلغان؟ 
نەچچە تۈمەن  پەيغەمبەر 
ئىنسانلارنىڭ ئۈلگىسى 
بىر ئاللاھقا چاقىرغان 
پەيغەمبەرنىڭ ھەممسى 

ئاخىرقىسى مۇھەممەد 
بىزگە كەلگەن ئەلچىسى 
تۇغۇلغاندۇر مەككىدە 
ئۇندا ئالەم قىبلىسى 

تۇغۇلغان ئۇ ھەبەشلىك 
پىللار مەغلۇپ بولغاندا 
مىلادىغا بەش ئەسىر 
يەتمىش بىر يىل تولغاندا 

شۇ كۈن رەبىئۇل ئەۋۋەل 
ئون ئىككىىسى بولغانكەن 
چوڭ دادىسى مۇتەللىب 
«مۇھەممەد» ئات قويغانكەن 

يىتىم بولۇپ قورساقتا 
دادىسىنى كۆرمىگەن 
ئالتە ياشتا ئانىسى 
بۇ دۇنياغا خوش دىگەن 

باققان ئۇنى ھەلىيمە 
بولۇپ ئىنىك ئانىسى 
تا يۇيغۇچە جىبرىئىل 
يىرىپ يۈرەك قەپىسى 

بىقىۋالغان بوۋىسى 
سەككىز ياشقا كىرگۈچە 
ئۇندىن كىين تاغىسى 
ئەبۇ تالىب ئۆلگۈچە 

خۇشپۇراققا تولسۇن قەبرىڭىز 
سالام رەھمەت قىلسۇن رەببىمىز 
ئى پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ قۇلى 
سىزگە ئۈممەت بولۇش پەخرىمىز 

نەسەبى 
پەيغەمبىرىمىز كىمنىڭ ئەۋلادى؟ 

ئىنسانلاردىن تاللانغان 
ياخشىلارنىڭ ياخشىسى 

ئاتىلىرى ئابدۇللاھ 
ئاندىن ئابدۇل مۇتەللىب 
ئۇندىن ئۆتسە ھاشىم ۋە 
ئابدۇ ماناف ئىسملىك 

ئابدۇ مانافنىڭ ئۈستى 
قۇسەي ئىبنى كىلابدۇر 
مۇررە ئىبنى لۇئەيدىن 
ئۆتسە غالىب فىھرىدۇر 

تۇتىشىدۇ نەسەبى 
بوۋىمىز ئىبراھىمغا 
ئىسىللىكى مەلۇمدۇر 
ئامۇ-خاسقا  ئالىمغا 

خۇشپۇراققا تولسۇن قەبرىڭىز 
سالام رەھمەت قىلسۇن رەببىمىز 
ئى پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ قۇلى 
سىزگە ئۈممەت بولۇش پەخرىمىز 
  
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاياللىرى كىملەر؟ 

ئاياللىرى  خەدىچە 
ئۇممۇ سەلمە ئائىشە 
ھىندى ،زەينەپ. مەيمۇنە 
ھەفسە ئۇممۇ ھەبىيبە 

جۈۋەيرىيە سەپىييە 
سەۋدەمۇ ھەم ئايالى 
مارىيە ھەم رەيھانە 
كىنزىكى پىدايى 

مۇسۇلمانلار تۆتتىن كۆپ 
خوتۇن ئالسا بولمايدۇ 
پەيغەمبەرنى ھىچ مۇئمىن 
ئۆزىگە قىياس قىلمايدۇ 

ئۆيلىنىشى ئىھتىياج 
ئىدى دىينى خىزمەتنىڭ 
ئاشۇ تەقۋا ئاياللار 
ئانىسدۇر ئۈممەتنىڭ 

پەيغەبەرئەلەيھسسالامنىڭ ئايللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى 

خەدىچە 
يىگىرمە بەش يىشىدا 
خەدىچەگە ئۆيلەنگەن 
ئاللاھ ئاڭا ئۇنىڭدىن 
جۈپ ئوغۇل تۆت قىز بەرگەن 

چۈچىگەندە ۋەھىيدىن 
پەيغەمبەرنى يۆگىگەن 
رەببىڭ سىنى تاشلىماس 
دىگەن سۆزنى ئۇ دىگەن 

ئۇدۇر تۈنجى مۇسۇلمان 
خىزمەتلىرى تەڭداشسىز 
جەننەتتە بىر ئۆيى بار 
شاۋقۇن سۈرەن ۋارۋارسىز 

جەننەتتىكى ئەڭ ئەبزەل 
تۆت ئايالنىڭ بىرسى ئۇ 
قالغان ئۈچى فاتىمە 
ئاسىيە ۋە مەريەم شۇ 
پەيغەمبەرگە ھىچكىممۇ  
ئىشەنمەستە ئىشەنگەن 
مال مۈلكى پەيغەمبەر  
يوللىرىدا خەجلەنگەن 

كەلسە قاچان جىبرىئىل  
سالام ئيتاتتى باشتا 
ھىجرەتتىن ئۈچ يىل بۇرۇن 
كەتكەن ئاتمىش بەش ياشتا 

سەۋدە  2 
ئىككىنچىسى سەۋدە دۇر 
ھەبەش كۆرگەن مۇھاجىر 
ئىرى ئۆلۈپ ھىجرەتتە 
ينىپ كەلگەن مۇساپىر 

قوغداش ئۈچۈن پەيغەمبەر 
نىكاھىغا ئالغانكەن 
نۆۋىتىنى ئۆتۈنۈپ 
ئائىشەگە بەرگەنكەن 

ئائىشەمۇ ئۇنىڭدەك 
ئىسىل بولسام دەپتىكەن 
نىكاھ سۈلھى ئايىتى 
ئۇ ھەققىدە كەپتىكەن 


ئائىشە  3 
ئۈچىنچىسى ئائىشە 
مۇئمىن ئۆيدە تۇغۇلغان 
ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى 
ئانىسى ئۇممۇ رۇممان 

ھۇمەيرادۇر لەقىمى 
تارىختا نامى قالغان 
ئاياللىرى ئىچىدە 
رەسۇل ئۇنى قىز ئالغان 

رەسۇلۇللاھ ئەڭ ياخشى 
كۆرگەن ئىنسان ئىككىدۇر 
بىرى ئاشۇ ھۇمەيرا 
بىرى ئەبۇ بەكرىدۇر 

سالام دىگەن جىبرىئىل 
ۋەھى ئىلىپ كەلگەندە 
ئۇ سەۋەپلىك تەيەممۇم  
چۈشكەن سۇسىز يۈرگەندە 


ئائىشەنىڭ ئىلمىنىڭ 
بەھرىسى كۆپ ئۈممەتكە 
ئىككى مىڭدىن كۆپ ھەدىس 
قالغان ئۇندىن مىللەتكە 



رەسۇل ئۇنىڭ ئۆيىدە  
قۇچاغىدا جان بەرگەن 
شۇ چاغلاردا ئائىشە 
ئون سەككىز ياشقا كىرگەن 

بۆھتانلارغا قالغاندا 
ئاللاھ ئۇنى ئاقلىغان 
ئاتمىش ئۈچ يىل ياشاپلا 
بۇ دۇنيانى تاشلىغان 

ھەفسە 4 
ئۆمەر قىزى ھەفىسە  
تۆتىنچى بوپ ئايالى 
ئۇ مۇسھەپنى ساقلىغان 
بولۇپ دىنغا پىدايى 

ۋاپات بولغان مەزگىلى 
قىرىق بىرى ھىجرەتنىڭ 


زەينەپ بىنتى خۇزەيمە  5 

زەينەپ بىنتى خۇزەيمە 
بەشىنچىسى بولغانكەن 
ئىككى ئايلا ئۆي تۇتۇپ 
ئاخىرەتكە ماڭغانكەن 

داڭقى چىققان تارىختا 
ئاڭلاپ ئاجىز نالىسى 
ساخاۋەتلىك نامىدۇر 
مىسكىنلەرنىڭ ئانىسى 

ئۇممۇ سەلەمە  6 

تۆتى ئىدى ھىجرەتنىڭ 
ئۇممۇ سەلمەنى ئالغان 
جىبرىئىلنى دىھيەتۇل 
كەلبىمۇكىن دەپ قالغان 

ئۆلۈپ ئىرى ھىجرەتتە 
مۇساپىر بوپ قەپ قالغان 
دىگەچ ۋەخلۇفنا خەيرەن 
پەيغەمبەر ئۇنى ئالغان 

ساھابىلەر ئىچىدە  
فەقىھلەردىن ئۇمۇ بار 
مۇساپىرغا ئوزۇقچى 
دىگەن گۈزەل نامى بار 

ھۈدەيبىيە كۈنىسى 
رەسۇل ئاڭا كىڭەشكەن 
رەسۇل چىققاچ ئىھرامدىن 
سەھابىلەر ئەگەشكەن 

ئائىشەدىن قالسىلا  
ھەممىدىن كۆپ ھەدىيسى 
شاگىرت ئاڭا ساھابە 
تابىئىلەر جەميسى 

ياشاپ توقسان يىللارچە 
دىنغا بەرگەن زور مىراس 
رازى بولسۇن رەببىمىز 
ئامىن دەيلى ئامۇ خاس 

ئالتىنچىسى بۇلۇپ ئۇ 
بولغان ئانا ئۈممەتكە 
ئاتمىش ئۈچى ھىجرەتنىڭ 
كەتكەن ئۇ ئاخىرەتكە 

جۇۋەيرىيە  7 
مۇستەلەقتىن ئولجىغا 
چۈشكىنى جۇۋەيرىيە 
ئالتىنچىسى ھىجرەتنىڭ 
بولغان ئۇممۇل مۇئمىنە 

ئۇ سەۋەپلىك جەمەتى 
ئازات بولغان قۇللۇقتىن 
ئەللىك ئالتە ھىجرەتنىڭ 
كەتكەن بۇ دۇنيالىقتىن  
زەينەپ بىنتى جەھىش  8 

سەككىزىنچى ئايالى 
زەينەپ بىنتى جەھىشكەن 
ئىلىپ بەردۇق ساڭا دەپ 
 ئاللاھدىن ۋەھى چۈشكەن 

زەيد ئىبنى ھارىسنىڭ 
نىكاھىدىن ئاجراشقان 
شەرىئەتتە ئۈممەتكە 
نىكاھدا بىر يول ئاچقان 

قولى ئۇزۇن ئەمگەكچان 
سەدىقىدىن يول تاپقان 
رەسۇلۇللاھ كىتىپلا 
ئارقىدىن ۋاپات تاپقان 

مىجەزى ئوڭ ئەخلاقلىق 
پىتنىلەردىن ساقلانغان 

ئۇممۇ ھەبىيبە 9 
ئاندىن ئۇممۇ ھەبىيبە 
ھىندى دەپمۇ ئاتالغان 
ھەبەشتىكى ناجاشى 
توي قىلىپ يولغا سالغان 

قوبۇل قىلغان خوجىمىز 
ناجاشىدىن ھۆرمەت دەپ 
مۇئاۋىيە دەۋرىدە 
دەركەن ۋاپات بولغان دەپ 

سەپىييە10  
سەپىييە بىنتى ھۇيەي 
مۇسا ھارۇن ئەۋلادى 
ئاتا تاغا ئىرى ھەم  
پەيغەمبەر دەپ داڭلاندى 

ئىسىللىقى تەڭداشسىز 
گۈزەللىكتە يىگانە 
مەيمۇنەمۇ 11  
مەيمۇنەمۇ ئاخىرقى  
ئون بىرىنچى ئايالى 
ھىجرەتنىڭ يەتتىسىدە 
پۈتكەن ئۇنىڭ نىكاھى 

نىكاھلانغان سەرەپتە 
ۋاپات بولغان سەرەپتە 
ھىجرەتنىڭ ئاتمىش ئۈچى 
كەتكەن ئىززەت شەرەپتە 

خۇشپۇراققا تولسۇن قەبرىڭىز 
سالام رەھمەت قىلسۇن رەببىمىز 
ئى پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ قۇلى 
سىزگە ئۈممەت بولۇش پەخرىمىز 

بالىلىرى 
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەۋلادلىرى كىملەر؟ 

بالىلىرى قاسىمدۇر 
ئابدۇللاھ ھەم ئبىراھىم 
ئۇممۇ كۇلسۇم روقىيە 
فاتىمە زەينەپ ئايىم 

ئارىسىدا ئىبراھىم 
مارىيەنىڭ بالىىسى 
خەدىچەدىن تۇغۇلغان 
ئىبراھىمدىن باشقىسى 

نەبۇۋۋەتتىن بۇرۇنلا 
كۆپىنچىسى تۇغۇلغان 
فاتىمە ۋە ئىبراھىم 
نەبۇۋۋەتكە قوشۇلغان 


ئۆلۈپ كەتكەن بۇرۇنلا 
باللىرىنىڭ ھەممىسى 
قالغان پەقەت پاتىمە 
ھەسەن ھۈسەن نەۋرىىسى 

خۇشپۇراققا تولسۇن قەبرىڭىز 
سالام رەھمەت قىلسۇن رەببىمىز 
ئى پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ قۇلى 
سىزگە ئۈممەت بولۇش پەخرىمىز 

پەيغەمبەرىمىزنىڭ ساھابىلىرى كىملەر؟ 

ساھابىلەر كۆز بىلەن 
پەيغەمبەرنى كۆرگەنلەر 
پەيغەمبەرنى ھاياتى 
بەدىلىگە سۆيگەنلەر 

قىين كۈندە ئىسلامغا 
ھامى بولغان كۈچ بولغان 
قوغداش ئۈچۈن ئىيماننى 
سناقلارغا دۇچ بولغان 

ئۇلار شۈنچە پىداكار 
سۆز ھەركەتتە ئادىلدۇر 
پەيغەمبەردىن ئۈگەنگەچ 
ئىيمانلىرى كامىلدۇر 

رازى بولغاچ رەببىمىز 
ھاياتىدىن ئۇلارنىڭ 
ئەڭ ياخشىدەپ نامى بار 
قۇرئاندىمۇ شۇلارنىڭ 

مەككىلىكلەر مۇھاجىر 
دىن دەپ يۇرىتتىن كەچكەنلەر 
مەدىينىلىك ئەنسارى 
پەيغەمبەرنى كۈتكەنلەر 
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەڭ يىقىن تۆت دوستى كىملەر؟ 

قىين ئاتا ئىككى دوست 
ئەبۇ بەكىرى ئومەردۇر 
ئەلى ئوسمان كۈيئوغلى 
دوسلۇققا جان بىرەردۇر 

جەننەتتىن بىشارەت بىرىلگەن كىشىلەر كىملەر؟ 
ئون كىشىگە پەيغەمبەر  
خەبەر بەردى جەننەتتىن 
ھايات تۇرۇپ شادلاندى، 
 خۇشخەۋەردىن - نىئمەتتىن 

ھەدىسلەردە تەپسىلى  
قۇرئاندا بار ئىشارەت 
بىلىپ قىلىڭ ئون كىشى 
 مۇنۇلاردىن ئىبارەت 

ئەبۇ بەكرى ئۆمەر ھەم 
 ئوسمان ئەلى  چاھار يار 
ئەبۇ ئۇبەيدە جەرراھ  
زۇبەيرە ھەم ساندا  بار 
سەئدىبنى ئەبى ۋەققاس 
 سەئدىبنى زەيد ئىسمىداش 
تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللا ، 
 ئابدۇرراھمان ئەۋف شاش 

ئۇندىن باشقا ئۈچەيلەن  
ھەم  جەننەتكە كىرگەيلەر، 
مەشھۇر ئەمەس ۋە لېكىن، 
 ھەدىس كۆرگەن بىلگەيلەر. 

سەئد ئىبنى مۇئاز نىڭ 
 لۆڭگىسنى ئەسلەڭلار 
خەدىچەنىڭ جەننەتتە 
 ئۆيى بار دەپ ئويلاڭلار 

بىلالنىڭ كەش ئاۋازى 
 جەننەتلەردە ئاڭلانغان 
تاھارەتسىز يۈرمەسلىك  
خىسلەتلىرى داڭلانغان 
  
پەيغەمبىرىمىز بىزنى نىمىگە چاقىردى؟قانچە ياشتا دۇنيادىن كەتتى.؟ 

قىرىق ياشتا ئاللاھدىن 
پەيغەمبەر قىپ تاللاندى 
تۈنجى ۋەھى ھىرادا 
ئوقۇ بىلەن باشلاندى 

ئون ئۇچ يىلدا مەككىدە 
يىتەكلىدى ئۇممەتنى 
قوۇرۇپ چىقتى ئون يىلدا 
مەدىينىدە دەۋلەتنى 

تەۋھىد ئىىيمان ئۈگەتتى، 
توغرا يولنى كۆرسەتتى 
زالالەتكە پاتقانغا 
قىيامەتنى ئەسلەتتى. 

ئىلىپ كەلدى شەرىئەت 
تەڭشەش ئۈچۈن دۇنيانى 
ئوخشاش دىدى ئۇنىڭدا 
قۇل ھەم جاھان سۇلتانى 

ھاياتىنى بىز ئۈچۈن 
ئۈممىتىم دەپ ئۆتكۈزدى 
تەۋسىيەيىم  ناماز ھەم 
ئاياللار دەپ جان ئۈزدى 

ئازات قىلىپ مەككىنى 
دىننى تولۇق يەتكۈزۈپ 
لەببەي دىدى رەببىگە 
ئاتمىش ئۈچ يىل ئۆتكۈزۈپ 

خۇشپۇراققا تولسۇن قەبرىڭىز 
سالام رەھمەت قىلسۇن رەببىمىز 
ئى پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ قۇلى 
سىزگە ئۈممەت بولۇش پەخرىمىز 

پەيغەمبەر  تىبابىتى ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز؟ 

ئۆلۈم بىلەن قىرىلىق 
ئىلاجى يوق كىسەلدۇر 
ئۇندىن باشقا  كىسەلگە 
دورا قىلسا كىتەردۇر 

ئاشقازاندىن باشلىنار 
كىسەللەرنىڭ يىلتىزى 
كىسەل قىلار ئادەمنى 
ئۇنىڭ تويماس ئاچ كۆزى 

ساغلام بولۇر ئاز يىگەن 
قورساقنى ئۈچكە بۆلگەن 
«روزا تۇتساڭ ساغلامسەن» 
پەيغەمبەر شۇنداق دىگەن 

ھەدىسلەردە بىر قىسىم 
دورىلاردىن بايان بار 
ھەسەل بىلەن زەنجىۋىل 
ھەم پاتىھە - قۇرئان بار 

سانا بىلەن  سىيادان 
زەيتۇن خورما شىپالىق 
موگو بىلەن سۈرمىلەر 
قىلار كۆزنى جۇلالىق 

قاچما ۋابا بار يۇرتتىن 
توختا بولساڭ كىرمەكچى 
ئەڭ شىپالىق دورىدىن 
ئالدنى ئىلىش ياخشى 

پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەخلاقى قانداق ئىدى؟ 

بۈيۈك ئەخلاق ئىگىسى 
ئىنسانلارنىڭ ئۈلگىسى 
مۇرىسىدە بار ئىدى 
پەيغەمبەرلىك بەلگىسى 

ئايىغىنى يامايتى 
قويلىرىنى ساغاتتى 
ئائىلىسىگە كۆيۈمچان 
نەۋرسىنى باقاتتى 

ئاجىزلارغا كۆيەتتى، 
يىتىملارنى سۆيەتتى 
بىللە تۇرۇپ بىللە يەپ 
كىسەللەرنى كۆرەتتى 

شاھلارچە سۈر ھەيۋەتلىك 
ھەشەم بىلەن يۈرمەيتى 
قايسىڭلار ئۇ مۇھەممەد 
سورىمىغان بىلمەيتى. 

ھەرخىل ئۇلاغ مىنەتتى 
ئاددى كىيم كىيەتتى 
قۇللار بىلەن مۇڭدىشىپ 
بازارلاردا يۈرەتتى 

ئاللاھنى كۆپ يادلايتى 
بىھۇدە گەپ قىلمايتى 
كۈلگە چاقچاق قىلسىمۇ 
خاتاغا يول قويمايتى 

ئىقتىدارلىق ئادەمنى 
قەدىرلەيتى ئاسرايتى 
كۆيۈنەتتى ئاجىزغا 
ناماز ئوقۇپ تويمايتى 

مىجەزى بەك يىقىملىق 
دىلغا ئازار بەرمىدى 
ئاللاھ ئۈچۈن رەنجىيتى 
خوشلىغى ئاللاھ ئىدى 
دۈشمىنىمۇ ئۇ زاتنى 
ئىشەنچىلىك كۆرەتتى 
ئەھلى كىتاپ ئۈنىڭغا 
ئەرىز قىلىپ كىلەتتى 

پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇرقى قانداق كىشى ئىدى؟ 

قامەتلىرى كىلىشكەن 
چىرايلىرى ئاق قىزىل 
چاچلىرى قۇلاق باسقان 
كۆزلىرى چوڭ بەك ئىسىل 

دانە دانە چىشلىرى 
ئىغىزى چوڭ قاملاشقان 
پىشانىسى كەڭ ھەمدە 
ئورغاق ئايغا ماسلاشقان 

گەۋدىسى كەڭ قامەتلىك 
بارماقلىرى چوڭ ،دانە 
خۇددى دۆڭدىن چۈشكەندەك 
مىڭىشلىرى مەردانە 

تىنى ئىدى خۇش پۇراق 
مەرۋايىتتەك تەرلىشى 
خىلى ئۈزۇن پۇرايتى 
ماڭغان يولى ،قول ئىزى 

باشلىرى چوڭ ساقاللىق 
خۇشخۇي، ھۆرمەتكە لايىق 
ھەركىم دەيتى بۇنداق زات 
كۆرمىگەن بىز خالايىق. 

تولۇق سۆزلەپ ئۆتۈشكە 
ئىلھام قىلدى ئەبگالىق 
بۇلار بەزى سۈپىتى- 
ھەممە دىيىش نالايىق. 

خۇشپۇراققا تولسۇن قەبرىڭىز 
سالام رەھمەت قىلسۇن رەببىمىز 
ئى پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ قۇلى 
سىزگە ئۈممەت بولۇش پەخرىمىز 

پەيغەمبەر ھەدىسلىرىدىن ئىلىنغان نەسىھەتلەر 

تىللىمىغىن ئاناڭنى 
ھەم ئانىسنى باشقىنىڭ 
سەۋەپ بولۇر ئاناڭنى 
تىللاشقا تىللاشقىنىڭ 

ئورغاق ھەرگىز تۈز بولماس 
ئەگىرلىكى تۈزلىكى 
خوتۇن ئەگرى قوۋۇرغا 
خىسلەت ئەقىلسىزلىگى 

دوستۇڭغا بىر تەبەسسۇم 
سەدىقىدۇر سەن ئۈچۈن 
سەۋەپ دەپ بىل جەننەتكە 
ھەر ياخشى ئىش مەن ئۈچۈن 

تەۋبە قىلغىن رەببىڭگە 
ئۇ پەيغەمبەر خسلىتى 
كۈن غەرىپتىن چىققۇچە 
بولۇر تەۋبە پۇرسىتى 

تىلغا يەڭگىل مىزاندا 
بەكمۇ ئىغىر جۈپ سۆز بار 
ھەمراھ بولسۇن زىكرۇللاھ 
ئوقۇ سەييدىل ئىستىغپار 

تاھارەت ئال بەدەندىن 
چىقار بارلىق خاتالىق 
قۇچاق ئاچار جەننەتلەر 
«شاھادەت» كە خالايىق 

سەھەر بىرىپ كەچ يانسا 
مەسجىدلەردىن ھەر كىشى 
ئاللاھ ئاڭا زىياپەت 
جەننەتلەردە بەرگۈسى 

5- 
«ھەر نامازغا بۇيرۇيتۇم 
مىسۋاكلاشقا چىشلارنى» 
پەيغەمبەردىن بۇيرۇق بۇ 
يۇيۇڭ چىشتىن ئاشلارنى 

6-  
دەل ۋاختىنىڭ نامازى 
ئەڭ سۆيۈملۈك ئىبادەت 
بولسا ناماز مۇكەممەل 
گۇناھلارغا كاپارەت 

7-  
ئىنسانغا زور ئىبادەت 
ئاتا ئانا خىزمىتى 
ئاتا ئاناڭ دۇئاسى 
يانار ساڭا ئۆز پىتى 

8- 
پەرزلەرگە يانداشقان 
سۈننەت ناماز ئون ئىككى 
تولۇق ئوقۇپ داۋام قىل 
جەننەتتە ئۆي سىنىڭكى 

9-  
ئىخلاس بىلەن ئىيتساڭ 
پەيغەمبەرگە بىر دۇرۇت 
ئاللاھ قىلۇر ئون رەھمەت 
بۇنى قۇلاقتا چىڭ تۇت 

10-  
ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇت 
ھىساپ بىر يىل تۇتقانغا 
ئاق كىچىلەر ھەرگىزمۇ 
ياتما ئوخلاپ يوتقاندا 

11- 
كۈندە ئوقۇ قۇرئاننى 
قىلار مەھشەر شاپائەت 
تاشلساڭ خار بولۇرسەن 
ئسىلساڭ بار كارامەت 

12-  

جۈپ پەرىشتە زىمىنغا 
چۈشۈپ سەھەر توۋلايدۇ 
بىخىللارنى ۋەيران قىل 
سەخىغا كۆپ بەر دەيدۇ 

13-  
ئېمان شەرتى دوسلۇقتۇر 
سالام دوسلۇق ئاچقۇچى 
دوسنى ئۈچكۈن تاشلىغان 
ئۇ جەننەتتىن قاچقۇچى 

14-  
مۇئمىن يۇمسۇن ئاغزىنى 
ياكى قىلسۇن ياخشى گەپ 
بىر ئىغىز سۆز دەۋزەخكە 
ياكى جەننەتكە سەۋەپ 

15-  

راسچىل بولغىن راسچىللىق 
ياخشىلىققا باشلايدۇ 
ياخشىلىقلار ئاقىۋەت 
جەننەتلەرگە ئۇلايدۇ 


16- 
ئاللاھ ئۈچۈن دوس بولغىن 
دۇنيادا خار بولمايسەن 
مەھشەرگاھدا ئاللاھنىڭ 
سايىسىدا ئوينايسەن 

17-  
ئۇچرىتىسەن رەببىڭنى 
كىسەل يوقلاپ ئۆتكەندە 
مۇكاپاتىڭ جەننەتتۇر 
ئاجىزنى ياد ئەتكەنگە 

18-  
دىسەڭ رىزقىم كەڭ بولسۇن 
نامىم ئەلدە يادلانسۇن 
تاشلىغاننى ئىزلىگىن 
ئۇرۇق تۇققان شادلانسۇن 

19-  
ئەيبلەرنى ياپقاننى 
ئاللاھ ياپار مەھشەردە 
ئاجىزلارنى قوللىغىن 
رەببىڭ قوللار ھەر يەردە 

20-  
گۈناھ دىگەن ئازاپ شۇ 
تاتىلىغان قەلبىڭنى 
خەق كۆرمىسۇن دەپ تۇرۇپ 
قىلدىڭ ئالغاچ مەيلىڭنى 

21- 

جىنازىغا ئەگەشسەڭ 
قىرات ساۋاپ يتەركەن 
بىللە چىقىپ ئىبرەت ئال 
نىمە ئىلىپ كىتەركەن 

22- 
سەۋەپ بولۇر جەننەتكە 
پۇتلاشقاننى يوقاتقان 
قىلغان ئاددى ئىشتىمۇ 
مۇسۇلماننى ئويلاشقان 

23-  
دۇئا قىلسا بىر مۇئمىن 
دوسلىرىغا خىلۋەتتە 
دەيدۇ ئاڭا پەرىشتە 
ساڭىمۇ ھەم ئەلۋەتتە 
24-  
ياخشىلىققا چاقىرساڭ 
ساڭىمۇ بار ئوخشىشى 
كىمىتمەيدۇ ھىچكىمگە 
شەپقەت ھەقنىڭ ئۆز ئشى 

25-  
يامان ئشىنى رەد قىلغىن 
ياكى بىر ھەق گەپ قىلغىن 
ئاجىز كەلسە ئىيمانىڭ 
مەيدانىڭدا چىڭ تۇرغىن 

26-  

مۇسۇلمانغا كەلگەن دەرت 
ياكى قايغۇ ئەلەممۇ 
گۇناھىغا  كاپارەت 
پۇتقا كىرگەن تىكەنمۇ 

27-  

ھەسەد قىلما باتناشما 
ئۆچمەنلەشمۇ ياتلاشما 
ھەر مۇسۇلمان قىرىنداش 
خارلىما ھەم تاشلاشما 

28-  

كاپارەتتۇر ئۆمرە ھەج 
ئارىلىقتا گۇناھقا 
قائىدىگە ئۇيغۇن ھەج 
لايىق جەننەت تۇراغا 

29-  

ياخشى ئشنى كۆپ قىلغىن 
يامانلىقنى ئۆچۈرسۇن 
تاڭ كىچىلەر نامازدا 
رەببىڭ سىنى كۆچۈرسۇن 
30-  
كىمنى سۆيسەڭ ئاخىرەت 
بولۇر سىنىڭ ھەمرايىڭ 
سۆي ئاللاھ ھەم ئەلچىنى 
بىرىپ بارۇ دۇنيايىڭ 




مەنبە ساقيە تورى
arslantikin
ئەپۇچانلىق - ئىنسان تەبئىتىدىكى گۇزەل ئەخلاق.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1589
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 163
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە163دانە
ئۆسۈش: 1080 %
مۇنبەر پۇلى: 2430 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-06
ئاخىرقى: 2012-08-08

دۇئا قىلسا بىر مۇئمىن  
دوسلىرىغا خىلۋەتتە  
دەيدۇ ئاڭا پەرىشتە  
ساڭىمۇ ھەم ئەلۋەتتە  
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10582
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 56
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە56دانە
ئۆسۈش: 20 %
مۇنبەر پۇلى: 555 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-31
ئاخىرقى: 2012-08-21
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-05 01:15

پاھ پاھ پاھ .......،
جانابى ئاللاھ ھەربىرىمىزنىڭ قەلبگە مۇستەھكەم ئرادەئىشەنچ .ئتقاد .مەڭگۇلۇك ئىمان ئاتا قىلسۇن ،
دوستلىشىش
ھەققۇلى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10023
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 18
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-12
ئاخىرقى: 2012-05-01
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-05 04:21

بۈگۈن پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى،
كائىنات شەپقەتكە تويۇنغان كۈنى.
سالاملار بولسۇنكى سەردارىمىزغا،
چىڭ تۇتۇپ ماڭىمىز ئۇنىڭ يولىنى!
دېڭىز دولقۇنى بولسىمۇ دەھشەت
قىرغاققا يېتىشتۇر بىردىن-بىر مەقسەت
مېھمانمىز ،ئاللاھ ساھىبخان .
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7772
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 136
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە136دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 1610 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-08
ئاخىرقى: 2012-06-22
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-05 12:40

بىدئەد!
ئەگەر ئېتقاد قىلىۋاتقىنىڭدىكىدەك ياشىماس ئىكەنسەن ، ياشاۋاتقىنىڭدىكىدەك ئېتقاددا سەن.
-ئۆمەر ئىبنى خەتتاب
مېھمانمىز ،ئاللاھ ساھىبخان .
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7772
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 136
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە136دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 1610 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-08
ئاخىرقى: 2012-06-22
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-05 12:42

مېنى تىللايدىغانلار قانچىلىك چىقاركىن ؟ بىر ئستاتىستىكا قىلىپ باقاي قېنى ...
ئەگەر ئېتقاد قىلىۋاتقىنىڭدىكىدەك ياشىماس ئىكەنسەن ، ياشاۋاتقىنىڭدىكىدەك ئېتقاددا سەن.
-ئۆمەر ئىبنى خەتتاب
مەسجىد ئەقسا,ئۇمۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنچى قىبلىسى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1282
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1282دانە
ئۆسۈش: 3060 %
مۇنبەر پۇلى: 15279 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-09-03
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-05 17:03

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى مېھمان نىڭ 2012-02-05 12:42 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مېنى تىللايدىغانلار قانچىلىك چىقاركىن ؟ بىر ئستاتىستىكا قىلىپ باقاي قېنى ...

  بىدئەت بولغۇدەك ئىش قىلماپتىغۇ.مۇنبەردە
arslantikin
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8805
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 161
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە161دانە
ئۆسۈش: 850 %
مۇنبەر پۇلى: 2078 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-30
ئاخىرقى: 2012-02-26
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-05 17:53

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى مېھمان نىڭ 2012-02-05 12:40 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىدئەد!

سىز نىمىنى دىمەكچى بىدئەت دەپ.
arslantikin
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7275
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 226
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە226دانە
ئۆسۈش: 550 %
مۇنبەر پۇلى: 2661 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-07
ئاخىرقى: 2012-05-23
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-05 18:03

بۈگۈن پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى،
كائىنات شەپقەتكە تويۇنغان كۈنى.
سالاملار بولسۇنكى سەردارىمىزغا،
چىڭ تۇتۇپ ماڭىمىز ئۇنىڭ يولىنى!
دەرىجە: چەكلەنگەن

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 922
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە922دانە
ئۆسۈش: 490 %
مۇنبەر پۇلى: 1 سوم
تۆھپىسى: 139 كىشى
ياخشى باھا: 4789 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-03-26
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-05 19:11

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى