ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
(ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھىربان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
زىيالىي دوستلارغا ئىسلامدىن چۈشەنچە بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى
سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: ئەتراپىمدا ھەقىقى، ساغلام ئېتىقاد بىلەن ياشاشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان بىر قانچە زىيالىي، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بار ئىدى. ئۇلار مەندىن ئىسلام ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى سوراشقان ئىدى. مەن بۇنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ ئۇلارغا تۆۋەندىكى تەرتىپ بۇيىچە دەسلەپكى چۈشەنچە بەردىم. ئېتىقاد، ئىمان، ئېتىقادنىڭ زۆرۈرلىكى، «ئاللاھ›› نى تۇنۇش، ئىسلام، مۇسۇلمان، «ئاللاھ»نىڭ پەيغەمبەرلىرى، ساغلام تەپەككۇر ۋە ساپ ئەقىل _بىلىم. لېكىن بۇ قېرىنداشلار تۇغۇلۇشىدىن باشلاپ ئائىلە، ئەتراپتىكى مۇھىت، مەكتەپ ۋە باشقا ئورۇنلاردىكى تۈرلۈك ئاتېئىزىم، ماتىريالىزم بىلەن تۇيۇنغان ماتېرىياللار دۆۋىسى ئىچىدە چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى، شەيئىلەرنى كۈزىتىش نۇقتىسى جەھەتتە پۈتۈنلەي ئەقلىيلىككە مۇراجىئەت قىلاتتى. مەن بۇ خىل خالىس ياردەم، دەۋەت جەھەتتە بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتۇم. بۇ خىل قاتلامدىكى كىشىلەرگە دەسلەپكى چۈشەنچە بېرىشتە ئەڭ ئۈنۈملۈك شۇنداقلا ئىلمى بولغان ئۇسۇلغا مۇھتاجمەن. بۇ جەھەتتە تەجرىبە ۋە مول ئىلىمگە ئىگە ئۇستازلارنىڭ ماڭا ياردەم قىلىپ بۇ قېرىنداشلارنى يېتەكلەش جەھەتتە خالىس مەسلىھەت بېرىشنى سەمىمىي ئۆتىنىمەن. ئىشىنىمەنكى بۇ قېرىنداشلار ھەقىقى ئىسلام يولىدا ياشاشتىن ئىبارەت ئىلاھىي نىئمەتكە نائىل بولالىسا ئۇلار چوقۇم ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئۈلگە بولغىدەك ساغلام ئېتىقادلىق ، ساپ ئىمانلىق دەۋەتچىلەردىن بۇلار ئىدى.
جاۋابلار
جاۋاب:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
ئىسلامغا دەۋەت قىلىش كىشىلەرنى توغرا، دۇنيا ۋە ئاخىرەت سائادەت يولىغا باشلاشتىن ئىبارەت ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەرنىڭ بىرىدۇر. ئەينى ۋاقىتتا ئىسلام دەۋىتى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.
جانابى ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى ھەققە دەۋەت قىلىپ تۇرۇشقا، بامانلىقتىن توسۇپ تۇرۇشقا بۇيرىغان، بۇنىڭ بىلەن ئۈممىتىمىزنى ئەڭ ئەۋزەل ئۈممەت بولۇش شەرىپىگە نائىل قىلغان.
(سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان، ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر)(ئالى ئىمران سۈرىسى 110ـ ئايەت).
بىر كىشىنىڭ ھىدايىتىگە سەۋەب بولۇش ئىنتايىن كاتتا ئىش.
رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر غازىتىدا ھەزرىتى ئەلىگە: «بېرىپ ئۇلارنىڭ مەيدانىغا چۈشكەنگە قەدەر تەمكىن بولغىن، ئاندىن ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغىن ۋە ئۇلارغا ئىسلامدا ۋاجىب بولغان ئاللاھنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى سۆزلەپ بەرگىن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ تائالانىڭ سەن ئارقىلىق بىر ئادەمنى ھىدايەت قىلغىنى سەن ئۈچۈن سېنىڭ قىزىل تۆگەڭ بولغىنىدىن ياخشى» دېگەن.(سەھىھۇل بۇخارى 4210-ھەدىس)
ئەمدى ئىسلام دىنىمىز ئىنساننىڭ تۇغۇلۇشىدىكى تەبىئىتىگە زىت بولمىغاچقا، ئىلىم بىلەن ئەقىلگە تاقاشمىغاچقا، بۇلغانمىغان ئىنسانىي ساپ تەبىئەت بىلەن ساپ ئەقىلگە خىتاب قىلغاندا دەۋەت ئۈنۈم بېرىدۇ. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەسلەپتە ئىسلام دەۋىتىنى باشلىغاندىمۇ ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش مەككىدىكى ئەڭ چوڭ زىيالى ئالىملار ئىسلامنى قوبۇل قىلغان.
ھازىرقى دەۋردە ئوقۇغانلار، زىيالىيلار تۈرلۈك ئېقىملەرنىڭ، ئىدولوگىيىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يېتىلىدىغان بولغاچقا، دەۋەتچىنىڭ ۋەزىپىسى بىر قەدەر ئېغىر ۋە مۇرەككەپ بولىدۇ.
تۆۋەندە تەسىرلىك دەۋەت قىلىش ئۈچۈن بىر قانچە ئۈنۈملۈك نۇقتىلارنى خۇلاسىلەيمىز:
1. سۆيگۈ، مېھىر-شەپقەت. دەۋەتچى بۇلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ دەۋەت قىلماقچى بولغانلارنى قېرىنداشلارچە سۆيسە، ئۇلارغا مېھىر-شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلالىسا، ئۇلارمۇ دەۋەتچىنى سۆيسە، ئۇلار تەبىئىي ھالدا ئىسلامنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دەۋەتچى ئالدى بىلەن دەۋەت قىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە، ئۇلارغا سەمىمىي قېرىنداش بولۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى زۆرۈر. سۆيگۈ بولماي نەپرەت ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئەھۋالدا بىر دۆۋە ئەقلى ۋە ئىلمىي پاكىت-دەلىللەر كەلتۈرۈلسىمۇ تەسىرى بولماي قالىدۇ.
2. ئەقلى پاكىت ۋە ئىلمىي دەلىل. ساغلام ئەقىل پاكىت ئالدىدا قانائەتلىنىدۇ، ئۆزئارا سۆيگۈ ۋۇجۇتقا چىقمىغان ئەھۋاللاردىمۇ بەزىدە ئەقىل قانائەتلىنىپ قالسا، مايىللىق بولىدۇ. سۆيگۈ بىلەن ئەقلى قانائەت بىرلىشىپ قالسا، نەتىجە ئۈنۈملۈك بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئەقلى تەپەككۇرىغا ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنى قايىل بولغۇدەك دەلىل-پاكىتلار بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
3. ئەمەلىي ئۆرنەك بولۇش. بۇ دەۋەتنى ئۆز ئەمىلى ئارقىلىق قىلىشتىن ئىبارەت. دەۋەتچى ئۆزى ياخشى ئۈلگە بولغان ئەھۋالدا ئاندىن باشقىلار قانائەت تاپىدۇ، سۆيىدۇ، ئەگىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دەۋەتچى ياخشى ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىشى، ئەمەلىيىتى سۆزىگە ماسلىشىشى، دېگەنلىرىنى ئالدى بىلەن ئۆزى تەتبىقلىشى ئىنتايىن زۆرۈر، شۇنداق بولغاندىلا باشقىلار ئۇنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىدۇ، بەلكى بۇنداق ياخشى ئۈلگە بولۇش ئارتۇقچە ئەقلى پاكىت، دەلىل سۈرۈشتە قىلماسلىققا سەۋەب بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: (ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشلارنى دەپ يۈرىسىلەر؟ ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشلارنى دەپ يۈرىشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۆچ كۆرۈلىدىغانلىق جەھەتتىن ئەڭ ئېغىردۇر.)( ساف سۈرىسى 2-3-ئايەتلەر.)
سۆيگۈ بىلەن ئەقلى قانائەت ئۈستىگە ياخشى ئۆرنەك قوشۇلسا، نەتىجە ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدۇ.
4. دەۋەتچى ئىمانى ساغلام، روھىي مەنىۋىيىتى باي، پۈتۈن ئىشلىرىدا ئىمان ۋە ئىخلاس ئەسىرى كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان، ئاللاھقا ھەقىقىي تەۋەككۇل قىلىدىغان، باشقا ھېچ نەرسىدىن قورقمايدىغان، ئاللاھ تائالا بىلەن مۇناسىۋىتى كۈچلۈك، پەرزلەرنىمۇ نەپلىلەرنىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىدىغان، داۋاملىق ئاللاھنى زىكىر قىلىپ، كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان بولۇشى دەۋىتىدە مۇۋەپپەق بولۇشىدىكى مۇھىم بىر ئامىلدۇر. چۈنكى دەۋەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش دېگەن گەپدانلىق، زۇۋاندارازلىق، كۆپ جامائەت سورۇنلىرىدا جاراڭلىق نۇتۇق سۆزلەش بىلەن ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ تەۋپىقى بىلەن بولىدۇ. كۆپىنچە دەۋەتچىلەر بۇ ئىمانى تەرەپكە سەل قارىغاچقا، تەشۋىقاتى قۇرۇق تەبلىغدىن ئىبارەت بولۇپ ئۈنۈم بەرمەيدۇ.
5. دەۋەتچى سەۋرچان، كەڭ قورساق، ئاسان ئاچچىقلىنىپ قالمايدىغان، تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ ئەزىيەتلىرىگە چىدايدىغان بولۇشى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي جەھەتتىن باشقىلاردىن تەمە قىلمايدىغانلا ئەمەس بەلكى تېخى باشقىلارغا بېرەلەيدىغان بولۇشى لازىم. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ كاپىرلارنىڭ، مۇناپىقلارنىڭ، نادانلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلغان، ئەپۇ قىلغان.
6. ئالدى بىلەن ئەقىدە، ئىمان ۋە تەۋھىد بىلەن ئۇل سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئاندىن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئادا قىلىش، بۇ جەھەتتە ئەڭ مۇھىمنى ئالدىن ئورۇندا قويۇش. بۇ ھەقتە ئاللاھنىڭ بارلىقى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ئېھتىياجى، ئىسلام بىلەن باشقا دىن ۋە ئېتىقادلارنى سېلىشتۇرۇش، ئىسلامنىڭ ئەۋزەللىكىنى، ھەقلىقىنى ئىسپاتلاشقا كۆڭۈل بۆلۈش لازىم.
7. تائەت-ئىبادەتلەرنى بىللە قىلىش. بىللە ناماز ئوقۇش، بىللە ئىپتار قىلىش، بىللە تاراۋىھ نامىزى ئوقۇش. تائەت-ئىبادەتلەردىن ھۇزۇر ھېس قىلىدىغان، ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىيدىغان شەكىلدە توغرا ئادا قىلىشنى ئۆگىتىش.
8. بىلىمسىز تەبلىغچىلەرنىڭ سۈپەتسىز ۋەز-تەبلىغلىرىدىن، ئاپتورى نامەلۇم، سۈپەتسىز تەرجىمە ئەسەرلەردىن پايدىلانماي، ئىمام غاززالى، ئىمام ئىبنى قاييىملاردەك مۇتەپەككۇر ئىشەنچلىك مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىش. يەنە ھازىرقى زامان ئىسلام دۇنياسىدىكى تونۇلغان مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىنى، غەرب ئەللىرىدىكى مۇسۇلمان يازغۇچىلارنىڭ ئىمان، ئىسلام ۋە مەدەنىيەت توغرىسىدىكى قىممەتلىك ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىش.
9. ئاساس ياكى تارماق مەسىلىلەردە قۇرۇق جېدەل، تالاش-تارتىشلاردىن يىراق تۇرۇش. تەقۋادار، ئەخلاقلىق ئەھلى ئىلىملەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەت قىلىش.
10. ئاللاھ تائالادىن ھىدايەت ۋە تەۋپىق تىلەپ تۇرۇش. چۈنكى ئاللاھ ئۆزى ھىدايەت قىلغۇچى زاتتۇر، ئۇ خالىغان كىشىنى ھىدايەتكە باشلايدۇ.
ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن!
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.