مىللي تېررىتوريىەلىك ئاپتونومىيەنىڭ يادروسى توغرىسىدا
<مىللي تېررىتوريىەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى> دا جەمى 74ماددا بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتو نومىيە ھوقۇقىغا دائىرلىرىدىن 27 ماددا بار،ئۇمۇمى ماددىنىڭ ئۇچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكنى ئگەللەيدۇ،روشەنكى،ئاپتونومىيە ھۇقۇقى مىللى تېررىتوريەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدا ئنتايىن مۇھىم ئۇرۇننى ئىگەللەيدۇ،ئاپتونومىيە ھوقۇقى مىللي تېرىتوريەلىك ئاپتونومىيە نىڭ بەلگىسى ۋە يادروسى. بىراق نۇرغۇن ئاپتونومىيەلىك جايلار ئاپتونومىيە ھۇقۇقىنى ئىلمى ھالدا ئىشلىتىشنى بىلمەيدۇ،ھەتتا بەزىلىرى ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرەكلىك ھالدا ئىشلىتىشكە جۇرئەت قىلالمايۋاتىدۇ، بۇنداق بۇلىشدىكى سەۋەب،ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ ئىچكى مەنىسى،ئالا ھىدىلىكلىرى قاتارلىقلارغا بولغان تۇنۇشىنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىغىدا.
1. ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ ئىچكى مەنىسى ۋە ئالاھىدىلىكى
ئاپتونومىيە ھۇقۇقى ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى خەلىق قورۇلتايلىرىى ۋەخەلىق ھۆكۈمەتلىرى ئاساسى قانۇن،ۋەئاپتونومىيە قانۇنى ۋە باشقاقانۇنلىردا بەلگىلەنگەن ھوقوق چېكى بۇيىچە ئۆز مىللىتى،ئۆز رايونىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن،ئۆزمىللىتى،ۋەئۆز رايونىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئشلارنى ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان ئاساستا باشقۇرۇشتىن ئىبارەت بىر تۇرلۇك خاس ھوقۇقنى كۆرسىتىدۇ.ئاپتونومىيە ھوقۇقى مىللى تېررىتوريەلىك ئاپتونومىيەنىڭ مۇھىم بەلگىسى ۋە يادوروسىدۇر.
ئاپتونومىيە ھوقۇقى تېررىتوريەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،ئۆز مىللىتىنڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئىشلارنى ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان ھالدا باشقۇرۇشنىڭ ئاساسلىق نامايەندىسى ھىسابلىنىدۇ،ئاپتونۇمىيە ئورگانلرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۆز جايىنىڭ ئىچكى قىسىمىدكى ئىشلارنى ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان ھالدا باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم بەلگىسى ھىسابلىنىدۇ؛دۆلەتكەنىسبەتەن ئېيتقاندا،مىللى مەسىلنى ھەل قىلىش ،ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ ئىقتىساد، مەدىنيەتقۇرلۇشىنىڭ تەرەقىياتىنى تىزلىتىپ،ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۇللىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاستەھېسابلىنىدۇ.
دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنىدا گەرچە يەرلىك ئاپتونومىيەگە قارتا مۇناسىپ بەلگىلىمىلەر بەلگىلەنگەن بولسىمۇ،لىكىن ئۇنىڭ ئاپيونومىيە ھوقۇقىنىڭ خارەكتىرىگە قارتا ئېنىق تەبىر بېرىلمىگەن.<ئاساسى قانۇن >نىڭ4-ماددىسىدا:<ئازسانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا تېررىتورىيلىك ئاپتونومىيە يولغا قۇيۇلىدۇ،ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تەسىس قىلىندۇ،ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۇرگۇزۇلدۇ .مىللى ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭئايرىلماس قىسمىدۇر.>دەپ بەلگىلەنگەن.بۇبەلگىلىمىدىكى< ئاپتونومىيە ھوقۇقى >روشەن ھالدا ھوقۇقنى كۆرسىتىدۇۋەھالەنكى،<ئاساسى قانۇن >نىڭ 115-ماددىسدا:<ئاپتونوم رايۇن،ئاپتونۇم ئوبلاسىت ۋە ئاپتونۇم ناھىيەلەرنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئاساسى قانۇننىڭ 3-باب 5-بۆلۈمىدە بەلگىلەنگەن يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاساسى قانۇندا ،مىللى تېررىتوريەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدا ۋە باشقا قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرسىدەئاپتونومىيە ھوقۇنى يۇرگۇزىدۇ،دۆلەتنىڭ قانۇن سىياسەتلىرىنى ئۆزجايىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا قاراپ ئىجرا قىلىدۇ>دەپ بەلگىلەنگەن،بۇ بەلگىلمىدىكى< ئاپتونومىيە ھوقۇقى>يەنە ھاكىمىيەتكە ئايلاندۇرۇلغان. مىللى تېررتورىيەلىك ئاپتونومىيە بىرخىل خاس ھوقۇق بۇلۇش سۇپىتى بىلەن تۆۋەندىكى ئۈچ ئالاھىدىلىكى بار:(1) ئاپيونومىيە ھوقۇقى بىرتۇرلۇك چەكلىك ئىمتىياز. ئاپتونومىيە پەقەت ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يولغا قويغان جايلاردىكى خەلىق قۇرۇلتايلىرى ۋە خەلىق ھۆكۇمەتلىرى يۇرگۇزىدۇ باشقائاپتونومىيەسىز جايلاردىكى يەرلىك دۆلەت ئورگىنىنىڭ بۇنداق قىممەتلىك ھوقۇقى بولمايدۇ.ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئادەتتىكى يەرلىك دۆلەت ئۆرگانلىرىغا ئوخشاش ئادەتتىكى يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۇرگۇزۇپلا قالماستىن ، قانۇن بۇيىچە كۆپ خىل ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ .كۆرۇشكە بولىدۇكى، ئاپتونومىيەھوقۇقى بىر تۇرلۇك ئىمتىياز،لىكىن بۇ خىل ئىمتىياز نىسپي ،چەكلىك بولىدۇ. (داۋامى بار. تورداشلار خالىسا داۋامىنى يوللايمەن).
مەنبە: شىنجاڭ خەلىق قۇرۇلتىيى ژورنىلى2011 -يىللىق 11 -سان ( تۇردى ئىسمائىل، خالىدە ئابلىز شىنجاڭ ئەدليە ساقچى-ئوفىتسىرلار مەكتىپىدىن)