باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2823 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: مەن قانداق ئۆزگەردىم
ئەي قىز،گۈزەللىك ئىزلەپ گۈزەللىكىڭنى يوقاتما!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 155
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 173
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە173دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 1434 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-04
ئاخىرقى: 2012-02-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-09 17:53

مەن قانداق ئۆزگەردىم

ئەسكەرتىش: بۇ يازما akkvngl تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-08-09)
                     
    
   مەن قانداق ئۆزگەردىم  
  
     مەن  بەش ياشقا كىرگەن يىلى ئاتا-ئانام خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن مېنى سەھرادىكى مومامنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى.شۇندىن باشلاپ مومامغا ھەمرا بولۇپ، شەھەرنىڭ شاۋقۇن -سۈرەنلىرىدىن خالى ئاجايىپ گۈزەللىگى ، تىلسىملىقى بىلەن شائىر -يازغۇچى،رەسساملارنىڭ قەلەم ساھىپى بولغان بۇ گۈزەل ماكاندا چوڭ بولدۇم.مومامغا ئەگىشىپ كالا پادىلىتىپ ،باش تېرىپ دىگەندەك مەكتەپ يېشىغىمۇ توشۇپ قالدىم.ھىلىمۇ ئېسىمدە بالىلىق چاغلىرىمدامومامنىڭ ئېيتقانلىرى.... 
     -قىزىم دەيتتى-، ئۇ ،قاداق باسقان قوللىرى بىلەن بېشىمغا يىلىم چاپلاپ ،40 تال ئۆرىگەچ...-چاچ قىز بالىنىڭ زىننىتى،چاچ كېسىلسە بەختى كېسىلىدۇ.كۆينەك ،ئۇيغۇرلارنىڭ خاسىيىتى ،ئۇزۇن كۆڭلەكتىن ۋاز كەچسەك يىراق كەلگۈسىدە بۇ تولدۇرغۇسىز خاتالىقىمىز ئۈچۈن يىغلىساقمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ.... بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كېتەتتىم. ..  -موما ، كۆينەك كىيمىگەنگە ئۇيغۇر مىللىتى يوقاپ كېتىدۇ دىمەيدىغانسەن- ھە؟.... بۇنداق سوئاللىرىمغا مومامنىڭ قاپىقى تۈرۈلۈپ كېتەتتى -دە ،مەن ئامراق شۇ رىۋايەتنى باشلايتتى:  
   تولىمۇ يىراق قەدىمقى زاماندا قوش مۈڭگۈزلۈك ئىسكەندەر دەيدىغان بىر زالىم ،ئاچكۈز پادىشاھ بولۇپ ، ئۇيغۇرلار يۇرتىغا  تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ كەپتۇ، باتۇر ئۇيغۇر ئەرلىرى پۇتۇن تىرىشچانلىقى بىلەن ياۋغا قارشى 40 كېچە-كۈندۈز جەڭ قىلغان بولسىمۇ ،لېكىن لەكمىڭ ياۋ قوشۇنىغا تەڭ كېلەلمەي قىرىلىپ تۈگەپتۇ. ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ قەھرىمانلىقىدىن  تاڭ قالغان ئىسكەندەر پادىشاھ قوشۇنىغا شەھەرگە كىرگەن ھامان بارلىق ئەركەك زاتىنى قەتلى قىلىپ ،كەلگسى بالا قازانىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بۇيرۇپتۇ، ئەسكەرلەر شەھەرگە كىرىپ ،ئۆيمۇ ئۆي ئاقتۇرۇپ،ئۇچرىغانلىكى ئەركەك زاتىنى قىرىپ تاشلاپتۇ.شۇ يۇرتتا پاتىمە ئىسىملىك بىر قىز بار ئىكەن ، ئۇنىڭ بويى ئىگىز بولۇپ ،كۆينىكى يەرنى سىپاپ تۇراتتىكەن،ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ قىرىلىپ تۈگەپ كېتىشىگە چىدىماي ئەتراپتكى كىچىكى نەچچە ئايلىق، چوڭى 9 ياشقا كىرگەن 9 بالىنى يىغىپ ،كۆينىكى ئاستىغا يوشۇرۋاپتۇ، ياۋ لەشكەرلىرى ئۆينى ئاختۇرغان بولسىمۇ بالىلارنى تاپالماي قاپتۇ، اللەنىڭ كارامىتى بىلەن ئەمچەكتىكى بالىلار يىغلىماپتۇ ، چوڭ بالىلار مىدىرلىماپتۇ.شۇنداق قىلىپ پۈتكۈل شەھەر بويىچە بۇ پاتىمە ئانىنىڭ كۆينىكى ئېتىكىگە يوشۇرنىۋالغان بالىلار ئامان قاپتۇ ، بىز ئەنە شۇ توققۇز ئوغۇلنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنمىز.پاتىمە ئانا كۆينىكىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە كىيىپتۇ،يىرتىلسا ئەنجۈر يوپۇرمىقىدا ياماپتۇ.كىر بولسا ئاخشىمى يۇيۇپ،كۈندىزى كىيىۋاپتۇ،كېيىنكىلەر كۆينەكنىڭ خاسىيىتىنى قىز-ئاياللارنىڭ مەڭگۈ.ئېسىدە ساقلىشى ئۈچۈن مۇنداق قوشاق قېتىپتۇ:
... 
پاتىمەنىڭ كۆينىكى    
يەتمىش يەردىن يامىقى،.  
ياماي دىسە ياماق يوق ،
ئەنجۈرنىڭ ياماقىدا ياماپ ،
ياماپ كىيگەن پاتىمە
پاتىمەنىڭ كۆينەگى ،
توققۇز ئوغۇلغا باشپاناھ
                 ،يۇرت-قەۋمگە غەمخانە..........            
       بالىلىق چاغلىرىمدىكى شۇ گۈزەل ھىكايىلارنىڭ خاسىيىتى بىلەن تاكى ئالى مەكتەپكە كىرگۈچە چېچىم 40تال ئۆرۇلۇپ تۇردى، چىرايلىق ئەتلەس كۆينەك ئۇچامدىن چۈشمىدى.....ئەمما ، ئالىي مەكتەپكە بېرىپ ،ئۇ گۈزەل  رىۋايەتنى  ئۇنتۇدۇم، < چېچىڭ كېسىلسە بەختىڭ كېسىلىدۇ> دىگەن تىل تۇمارنى يۈتتۈردۈم.... .   شۇنداق ،مەن ئۆزگۈردۈم ،  ئەسلى ئۆزگەرگۈم يوق ئىدى..ساۋاقداشلىرىمنىڭ باشقا پىلانىتا ئادىمىدەك يەكلىشىدىن ، <سەھرالىق  >دەپ ئارىغا ئالماسلىقىدىن قورقتۇم، ئوغۇللارنىڭ ئېتىۋارىغا ئېرىشەلمەسلىگىمدىن قورقتۇم،بۇ قورقۇشلار مېنى چوڭ قىلغان مومامنىڭ شۇنچە يىللىق پەندى نەسىھەتلىرىنى يوق قىلدى...ئازغۇنلۇق، روھى غالىبىيەتچىلىك ھەممىدىن ئۈستۈن كەلدى...40 تال ئۆرۈم چېچىم كېسىلدى، يىغلاپ تۇرۇپ ، پەرياد چېكىپ ساتىراچ ئۇستىلارنىڭ چاچ يىغىش خالتىسىغا كىرىپ كەتتى....18 يىل ئۇچامدىن چۈشمىگەن ئەتلەس كۆينىگىم پۇرلەپ تاشلاندى،ئۇنىڭ ئۇرنىنى مودا كىيىملەر،تار كالتە يوپكىلار ئىگىلىدى...پاتىمە ئانىنىڭ كۈلگۈن سىماسىنى غەم -ئەندىشە،قايغۇ -ھەسرەت ئىگىلىدى...لېكىن نىمە كارىم...رېستۇران ،دىبا،ۋاڭبالار مېنىڭ قارارگاھىم بولدى، پۇلۇم تۈگىسە،مودا كىيىنگۈم كەلسە ئاتا-ئانامنى ئالدىدىم..< قارغۇنىڭ يۇرتىغا بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىس > دەپتىكەنغۇ ئەجداتلىرىمىزمۇ. بۇ دىگەن قايسى زامان. پاتىمە ئانا ياشىغان قايسى زامان....مانا بۇ مېنىڭ ئۆزگىرىش پەلسەپەرىم...دەرۋەقە ،بۇنىڭ بەدىلىگەساۋاقداشلىرىم ،دوستلىرىم مېنى سورۇننىىڭ گۈلى دەپ تۆرگە ئولتۇرغۇزدى،يىگىتلەرنىڭ تالىشىش نىشانىغا ئايلاندىم، ئۇلار مەندەك < مودا> قىزنى تالىشىپ ھاراق سورۇنلىرىدا بىر بىرىگە پىچاق سانجىشقانمۇ بولدى..... 
  كېچە چۈش كۆرۈپتىمەن....نۇرغۇن ئالۋاستى قوغلاپ كەپتۇدەك..مەخسۇس ئوغۇللارنى يەيدىكەنمىش...ئانىلار،قىزلار ،چوكانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن كۆينەك ئىزلەۋاتىۇدەك.ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى يېرىم يالىڭاچ كىيىملەرنى كيىۋالغاچقا قولىغا بىر پارچە لاتىمۇ چىقمۇغۇدەك...
                            


مەنبە : قەلىمىم
[ dilbarتەرىپىدىن2010-08-09 20:04قايتا تەھرىرلەندى ]
ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ ئىمانىڭ قېنى ؟
قەلەملەر تەۋرەتتىڭ ، ۋىجدانىڭ قېنى ؟
تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن دېدىڭ،
كۆڭلۈڭ ئاسمىنىدا چولپانىڭ قېنى ؟

ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئەخلاق ئادەم زىننىتى .
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 92
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 258
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە258دانە
ئۆسۈش: 668 %
مۇنبەر پۇلى: 1367 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-01
ئاخىرقى: 2011-09-10

دىلنەر بۇ ئەسەرنى ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز .ھازىر 40 تال چېچىڭىزنى ئۇللاپ باقسىڭىز بولمامدۇ ؟( چاقچاق )
بۇ mp3 مۇزىكىنى قايسى بوشلۇققا يوللىدىڭز .   
مەن بۇ ئەسىرىڭىزنى دەرھال نادىرلىۋىتەي .
كىبىر ئەقلى كەمتۈك كىشلەردە ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان بىر خىل كېسەللىك .
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 468
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 403
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە403دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 3953 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2011-11-22
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-09 19:44

ئەمىلىيەت!~~!  بەزى ئىشلارنى ئۆزى خالىمىسىمۇ خەخكە ئەگىشىپ قىلىدىغان گەپ، ئەگىشىپلا قىلسىغۇ مەيلى، ئاشۇرۇپ قىلىۋىتىدىغىنىمىز يامان !~~!  ئەمىلىيەتكە ناھايىتى يېقىن ئەسەركەن، ھارمىغايسىز !~~!
ئەي قىز،گۈزەللىك ئىزلەپ گۈزەللىكىڭنى يوقاتما!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 155
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 173
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە173دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 1434 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-04
ئاخىرقى: 2012-02-19
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-09 19:51

ئىشلىتىش
引用第1楼akkvngl于2010-08-09 19:29发表的 :
دىلنەر بۇ ئەسەرنى ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز .ھازىر 40 تال چېچىڭىزنى ئۇللاپ باقسىڭىز بولمامدۇ ؟( چاقچاق )
بۇ mp3 مۇزىكىنى قايسى بوشلۇققا يوللىدىڭز .   
مەن بۇ ئەسىرىڭىزنى دەرھال نادىرلىۋىتەي .

 رەھمەت.....راس  مۇزىكا نىمىشكە بەت ئېچىلغاندىلا  قويۇلمىغاندۇ ...ئاپتۇماتىك قىلغانتىم بولمىسا...
ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ ئىمانىڭ قېنى ؟
قەلەملەر تەۋرەتتىڭ ، ۋىجدانىڭ قېنى ؟
تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن دېدىڭ،
كۆڭلۈڭ ئاسمىنىدا چولپانىڭ قېنى ؟

ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئۇيغۇر دىگەن، ئۇيۇش، ئـتپاق دىگەن سۆز،تىكىلىدۇ، ..
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 892
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 568
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە568دانە
ئۆسۈش: 4620 %
مۇنبەر پۇلى: 6831 سوم
تۆھپىسى: 17 كىشى
ياخشى باھا: 1000 نۇمۇر
گۇرۇپپا: XaX ATUX
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-01-19
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-09 22:35

ئىشلىتىش
引用第2楼sarsan1117于2010-08-09 19:44发表的 :
ئەمىلىيەت!~~!  بەزى ئىشلارنى ئۆزى خالىمىسىمۇ خەخكە ئەگىشىپ قىلىدىغان گەپ، ئەگىشىپلا قىلسىغۇ مەيلى، ئاشۇرۇپ قىلىۋىتىدىغىنىمىز يامان !~~!  ئەمىلىيەتكە ناھايىتى يېقىن ئەسەركەن، ھارمىغايسىز !~~!

سەرسانجاننىڭ دېگىنى بەرھەق
ئۈمىد ئۆلۈمنى يېڭىدۇ، كۆرەش زۇلۇمنى...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 39
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 702
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە702دانە
ئۆسۈش: 1870 %
مۇنبەر پۇلى: 5868 سوم
تۆھپىسى: 85 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-30
ئاخىرقى: 2011-08-18
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-10 00:59

بەرھەق...! نادىر ئەسەر......
ئاھ،ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت،
بىز بەزمىدە ئاتالدۇق يىگىت.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 806
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 18
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-02
ئاخىرقى: 2010-09-16
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-10 17:06

ھازىرچۇ ئەتلەس كۆينەكلىرىڭىزنى  قايتا تېپىۋالدىڭىزمۇ ؟ بىزئوخشاش تەغدىرگە دۇچ كەلگەن ئىكەنمىز .خاتالىقنى تۇنۇش ياخشى ئىش .تۈزەتمەسلىك خاتالىق ئۇستىگە خاتالىق  ئۆتكۇزگەنلىك بولىدۇ .                                       
ئەي قىز،گۈزەللىك ئىزلەپ گۈزەللىكىڭنى يوقاتما!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 155
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 173
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە173دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 1434 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-04
ئاخىرقى: 2012-02-19
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-10 19:55

ئەزىزلىرىم ..........بۇ مېنىڭ كەچۈرمىشلىرىم ئەمەس ئىدى...ئەتراپتىكى قىسمەن ئۆزگۈرشلەرگە قارىتا يازغان ئىدىم..ماڭا باغلاپ چۈشەنمەڭلارچۇ...
ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ ئىمانىڭ قېنى ؟
قەلەملەر تەۋرەتتىڭ ، ۋىجدانىڭ قېنى ؟
تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن دېدىڭ،
كۆڭلۈڭ ئاسمىنىدا چولپانىڭ قېنى ؟

ئابدۇقادىر جالالىدىن
مەن يىقىلسام ئانام يىغلىدى ،دادام سىلكىىپ   ..
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 765
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 315
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە315دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 3439 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-30
ئاخىرقى: 2011-05-23
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-11 10:53

يىگىتلىرىمىز  مەردانە ،،قىزلىرىمىز    ئىپپەتىلك ...
نادىرلاشقا  تىگىشلىك ..........
ئارقان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 807
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 27
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە27دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 290 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-02
ئاخىرقى: 2010-09-29
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-11 20:10

دىلبەر  قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن،،،،،،،،