ئىنگىلىز تىلىدىن قىلچە خەۋىرى يوق مەلۇم دۆلەتنىڭ رەھبىرى ئامېرىكىغا بېرىشتىن ئىلگىرى تەرجىمانىدىن قىسقىچەتەلىم ئاپتۇ.
-ئوباما بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن how are you( تىنچلىقمۇ) دەپ ئەھۋال سورىسىڭىز بولىدۇ. ئۇ ئادەتتە سىزگە Im fine,and you (مەنمۇ ناھايىتى ياخشى،ئۆزىڭىزچۇ؟)دەپ سىزدىنمۇ ئەھۋال سورايدۇ.سىز شۇ چاغدا (مەنمۇ شۇ) دەپ جاۋاپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ،قالغان گەپلەرنى بىزنىڭ تەرجىمە قىلىشىمىزغا قويۇپ بېرىڭ،ـ دەپ ئۆگىتىپتۇ تەرجىمان.
بىراق ھېلىقى رەھبەرنىڭ تەلەپپۇزى توغرا بولمىغاچقا،ئوباما بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن:who are you(سىز كىم؟) دەپتۇ.ئوباما سەل چۆچۈگەن بولسىمۇ،يەنىلا يۇمۇرىستىك قىلىپ: well,Im michelles husband,haha! (ھا ھا،مەن مىچېلنىڭ ئېرى) دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.ئوبامادىن جاۋاپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن رەھبەر دەرھاللا ھە،مەنمۇ شۇ )دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىنكى سۆھبەتتە ئوبامانىڭ قاپىقى ئېچىلىپ باقماپتۇ.