باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1278 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: كىلىن تاللاشنى ئۈگىنىۋېلىڭ!
بۇ دۇنيا بىر ئۆتەڭ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1904
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 18
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 285 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-02-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-03 22:24

كىلىن تاللاشنى ئۈگىنىۋېلىڭ!

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن بۇنى پەقەت بۇنىڭ تەربىيۋى ئەھمىيتى بولغاچقايوللۇدۇم.بۇنۇڭدىكى ھەدىسلەر سەھىمۇياكى زەئىفمۇياكى تۇقۇلما ھەدىسمۇ بۇنى بىلمەيمەن.شۇڭا شاكىلىنى تاشلاپ مېغىزىنى يەڭ>>      پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئۈممىتىم، نىكاھلىنىڭ. چۈنكى بىر كۈننىڭ نىكاھى، بىر يىللىق
نەپلى ئىبادەتتىن خەيرىلىكتۇر! سىلەردىن بىرىڭلار ئۆيلەنسە شەيتان شېرىكلىرىگە شۇنداق دەپ ۋارقىرايدۇ: ‹بۇ ئادەم دىننىڭ
ئىككىدىن بىر بۆلۈكىنى ئادا قىلدى، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش تەس› ئۆيلەنسەڭلار ئۆزۈڭلەرگە ئاتىلىق، ئۆيلەنگەن قىزغا بولسا ئانىلىق
شەرىپىنى بەخىش ئەتكەن بولىسىلەر».
        پەيغەمبىرىمىز يەنە: «نىكاھتا ئايالنىڭ تۆت تەرىپى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ: مال ـ  مۈلكى، خۇشپىچىم ـ  گۈزەللىكى ۋە دىنىي
ئېتىقادى. سىلەر ئەلۋەتتە ئېتقادلىق ئايالنى تاللاڭلار. شۇندىلا ئائىلە بەرىكەت تاپقۇسى» دېگەن. شۇنىڭدەك باشقا بىر
ھەدىستە: «ئاياللارنى پەقەت چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈنلا نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار، چىرايى ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنى يامانلاشتۇرۇپ قويۇشى
مۇمكىن. ئۇلارغا مال ـ  دۇنياسى ئۈچۈنمۇ ئۆيلەنمەڭلار، مال ـ  دۇنيا ئۇلارنى يولدىن ئازدۇرۇشى مۇمكىن. ئاياللارغا ئېتىقادى ۋە
ئەدەب ـ  ئەخلاق، قائىدە ـ  يوسۇن بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆيلىنىڭلار. شۈبھىسىزكى، كۆڭلىكى يىرتىق، كۆڭلى سۇنۇق بولسىمۇ
ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، قائىدە ـ  يوسۇن ۋە شەرم ـ  ھايالىق ئايالغا ئۆيلىنىش ناھايىتى قىممەتلىكتۇر» دېيىلگەن. كۆپچىلىك
ئالىملار، ئۆيلىنىش ئىشىدا يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىشنى، بولغۇسى كېلىننى ئادىللىق بىلەن (غەرەزسىز ھالدا) تاللاشنى تەۋسىيە
قىلىشىدۇ. كېلىننىڭ بويى كۈيئوغۇلدىن بەك پاكارمۇ، بەك ئېگىزمۇ بولماسلىقى مۇۋاپىق دەپ قارالغان. كېلىن تاللاشتا
تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر:
1) ئاھ ـ  ۋاھ ئۇرۇپ، ھەممە نەرسىدىن زارلىنىدىغان؛
2) قىلغان خىزمىتىنى مىننەت قىلىدىغان؛
3) يات ئەرلەرگە كۆز قۇيرۇقىدا بولسىمۇ قانداقتۇر غەيرى مۇددىئا بىلەن قارايدىغان؛
4) تاشقىرىدا ياسىنىپ ـ  تارىنىپ، ئۆي ئىچىدە پاسكىنا، تەرتىپسىز كىيىنىدىغان؛
5) ئىتائەتسىز، كىبىر - تەمەننالىق، قوپال قىزلارنى ھەمراھلىققا تاللاشقا قەتئىي بولمايدۇ.
بولغۇسى كېلىنچەكنى تاللاشتا ئۇنىڭ قايسىي خىسلەتلىرىگە ئاساسلانسا مۇتلەق ئاداشماسلىق مۇمكىن؟
ئىمام غەززالىينىڭ «نىكاھ ئەدەبلىرى» ناملىق رىسالىسىدە ئۆمۈرلۈك ھەمراھ تاللاشتا تۆۋەندىكى سەككىز خىسلەتكە ئەھمىيەت
بېرىش لازىملىقى تەكىتلەنگەن:
1. بولغۇسى كېلىننىڭ دىيانەتلىك، ئېتىقادلىق، شەرم ـ  ھايالىق بولۇشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، يۇقىرىدا تەكىتلەپ
ئۆتۈلگىنىدەك، ھەقىقىي دىيانەتلىك ئايال كۆپ جەھەتتىن ئېرىگە ساداقەتمەن كېلىدۇ.
2. ياخشى ئەخلاقلىق بولۇشمۇ ناھايىتى زۆرۈردۇر. چۈنكى شاللاق، خۇيى يامان، قانائەتسىز، بۇزۇق ئاياللارنىڭ ۋۇجۇدىدىن ياخشى
مىجەزلىك، ئەدەب ـ  ئەخلاقلىق پەرزەنتلەرنىڭ تۆرىلىشى ناتايىن. شۇ سەۋەبلىك بولغۇسى كۈيئوغۇللارغا مىننەتنى راۋا كۆرگۈچى،
شەھۋەتپەرەس، مال - دۇنياغا ھېرىسمەن، مەمەدان، قانائەتسىز، كوچىغا چىققاندىلا ياسىنىدىغان، ئازراق خاپا بولۇشقاندا
ئۆيدىكى نەرسىلەرنى ئايرىشقا تۇرىدىغان بەد قىلىق قىزلار بىلەن ئائىلە قۇرۇشتىن ساقلىنىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
3. بولغۇسى كېلىننىڭ گۈزەل، خۇشچىراي بولۇشىمۇ زۆرۈر شەرتلەردىندۇر. چۈنكى، مۇھەببەت رىشتىسىنى باغلىغۇچى ئامىللاردىن بىرى
چىراي گۈزەللىكىدۇر. كۆرۈمسىز ئايالنىڭ چېھرىسى تېزلا كۆڭۈلنى سوۋۇتۇشى مۇمكىن. ئەمما گۈزەللىك دىيانەت ۋە ياخشى مىجەز ـ 
خۇلقلاردىن ئايرىلماسلىقى لازىم. دىيانەتسىز ۋە بەدخۇلق ئايالنىڭ چېھرە گۈزەللىكى ئۇنى پاھىشىلىككە يېتەكلىشى مۇمكىن.
يۇقىرىدىكى ھادىسىلەردە دىيانەتسىز ئايالغا ئۆيلىنىش تەۋسىيە قىلىنغانلىقى، گۈزەللىككە ئىنتىنلىشنى ئەسلا ئىنكار
قىلمايدىغانلىقىنى توغرا چۈشىنىش لازىم.
4. كېلىنغا بېرىلىدىغان قىز مېلىنىڭ ئاز بولۇشىمۇ ئېسىل خىسلەتلەردىندۇر. مەلۇمكى، قىز مېلى كۈيئوغۇل تەرىپىدىن بولغۇسى
كېلىنچەككە مۈلۈك سۈپىتىدە بېرىلىدۇ. قىز مېلى كېلىن ۋە ئۇنىڭ ئاتا ـ  ئانىسى تەرىپىدىن قانچىلىك ئاز سورالسا، شۇنچە ياخشى
دەپ قارىلىدۇ.
    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئاياللارنىڭ ئەڭ ۋاپادارى، چىراي جەھەتتىن ئەڭ گۈزەل ۋە قىز مېلى يەڭگىل بولغانلىرىدۇر»
دېگەن. شۇنىڭدەك، «ئايالنىڭ ئەرگە تېگىشى، تۇغۇشى ۋە قىز مېلىنىڭ يەڭگىل بولۇشى ئۇنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشىدىندۇر».
دېيىلگەن.
كۈيئوغۇلنىڭ كېلىننىڭ مال ـ  دۇنياسىنى كۆزلەپ ئۇنىڭغا ئۆيلىنىشى ئەڭ ئېغىر خاتالىق ۋە قاملاشمىغان ئىشتۇر. ئالىملاردىن
بىرى: «كىشى ئۆيلەنگەن ھامان ‹ئەجەبا، ئايالىمنىڭ بىرەر نەرسىسى بارمىكىن؟› دېسە، بىلىش كېرەككى، ئۇ ئەر شەكسىز ئوغرىدۇر»
دېگەن. قۇدا تەرەپلەر بىر ـ  بىرىگە ھەدىيە قىلىشىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭراقىنىڭ قايتۇرۇلۇشىغا كۆز تىكىشمۇ  بەخۇلق
بەلگىلىرىدىندۇر. تويلاردىكى دەبدەبىلەر، قىزلىق مېلىنى زىيادە تەلەپ قىلىش ۋە كۈيئوغۇللارنى مال ـ  دۇنياسى بار ـ  يوقلۇقىنى
سۈرۈشتە قىلىش ئۆرپ ـ  ئادەت ۋە مۇسۇلماندارچىلىقلىرىمىزغا خىلاپ ئىشلاردۇر.
5. كېلىننىڭ تۇغۇش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇشىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتلىك ئىشتۇر. دەرھەقىقەت، كۆپچىلىك ئالىملار ھامىلدار بولۇش
ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم ئاياللارغا ئۆيلىنىشتىن ساقلىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى قەيىت قىلىشقان. چۈنكى، رەسۇلىللاھ: «سۆيۈملۈك ۋە
تۇغالايدىغان ئاياللارغا ئۆيلىنىڭلار» دېگەن. ئەگەر ئايال بۇرۇن تۇرمۇش قۇرمىغان بولسا ۋە تۇغماسلىقى بىلىنمىسە، ئۇنىڭ
ساغلاملىقى ۋە يېشىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. چۈنكى ئايال قانچىلىك ياش ۋە ساغلام بولسا تۇغۇش ئىمكانىيىتى شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
چۈنكى زامانىۋى تىبابىتىمىزمۇ 28 ياشقىچە ھامىلدار بولمىغان ئاياللاردا كېيىنچىرەك تۇنجى تۇغۇت جەريانىدا كۆپلىگەن
ئاسارەتلەرنىڭ ۋە قىيىنچىلىقلارنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇ.
6. ئۆمۈرلۈك ھەمراھلىققا تاللانغان قىز پاك بولۇشى لازىم. چۈنكى، رەسۇلىللاھ  بىر جۇۋانغا ئۆيلەنگەن ساھابىگە: «نېمىشقا قىزغا
ئۆيلەنمىدىڭ؟» دەپ تەنبىھ تەرىقىسىدە سۇئال قويغان. پاكلىقتا ئۈچ پايدىلىق تەرەپ مەۋجۇت ئىكەن:
1) پاك كېلىنچەك تۇنجى دوست قەدرىنى ھېس قىلغانلىقى سەۋەبلىك، پەقەت ئۆزى بىلگەن ئەرنىلا سۆيىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن
كۇپايىلىنىدۇ ھەمدە بۇرۇن ئەرلەر بىلەن ئارىلاشقان ئاياللارغا نىسبەتەن ئېرىگە ساداقەتمەن، مېھىر ـ  مۇھەببەتلىك بولىدۇ.
2) پاك ئايال ئېرى تەرىپىدىن بەكرەك قەدىرلىنىدۇ، سۆيۈلىدۇ. چۈنكى، ئۆز رەپىقىسىنىڭ ئالدىنقى تۇرمۇشىنى ئەسلەش، ئەرنىڭ
كۆڭلىنى غەش قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا بولغان كۆڭلىنى قايتۇرۇشى مۇمكىن.
3) بۇرۇن تۇرمۇش قۇرغان ئايال ئەلۋەتتە بىرىنچى ئېرىنى كۆپرەك ئەسلەيدۇ، چۈنكى مۇھەببەت تۇنجى جۈپتى بىلەن يۇقىرى
پەللىگە يېتىشى ۋە خاتىرىدە ساقلىنىشى شۈبھىسىز.
پاكلىق بەلگىلىرى، ئىپپەت ۋە نومۇس ھەققىدە ئەسىرىمىزنىڭ كېيىنكى بابلىرىدا مۇپەسسىلرەك توختىلىپ ئۆتىمىز.
7. ئايالنىڭ نەسىل ـ  نەسەبلىك، يەنى ئېسىلزادە بولۇشىمۇ تۇرمۇشتا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. قەدىمكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ «يەتتە
ئەۋالادىنى سۈرۈشتۈرۈشى» بىكاردىنلا پەيدا بولغان قائىدە ئەمەس. ئېسىل نەسەبلىك، دىيانەتلىك قىزلارلا كەلگۈسىدە ئىپپەتلىك،
ئەخلاقلىق ئايال بولۇپ، ياخشى پەرزەنتلەر، ساغلام ئەۋلادلارنى تەربىيلەشكە قادىرلاردۇر. بۇ ئورۇندا ئېرسىيەت خاراكتېرلىك
كېسەللىكلەرنى سۈرۈشتۈرۈشمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
8. ئۆمۈرلۈك ھەمراھلىققا تاللانغان ئايال يېقىن تۇغقان، قېرىنداشلاردىن بولماسلىقى شەرت. چۈنكى، پەيغەمبىرىمىز: «يېقىن
قېرىنداش بولغان ئايالغا ئۆيلەنمەڭلار، چۈنكى، ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان بالا ئاجىز، كېسەلمەن بولىدۇ» دەپ خەتەرلىك ئاقىۋەتلەردىن
بىزنى ئاگاھلاندۇرغان. ھېسىياتنىڭ جۇشقۇن ھەم كۆتۈرەڭگۈلۈكىمۇ نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك. چۈنكى زامانىۋى تىببىي ئىلىممۇ
بۇنداق بولۇشنىڭ ئائىلىنىڭ بەخىتلىك ۋە ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئەلۋەتتە، ساغلام
تۇرمۇش تەرەققىياتىنىڭ ناتونۇشلار ئارىسىدىكى نىكاھ ئارقلىق ياخشى مۇۋەپپقىيەتكە ئېرىشىدىغانلىقى تىببىي مۇتەخەسىسلەرنىڭ
نۇرغۇن يىللىق تەجرىبىلىرىنىڭ يېغىندىسى.
كېلىن تاللاش خۇسۇسىدا ساھىبقىران ئەمىر تۆمۈر بوۋىمىز شۇنداق دېگەن: «ئوغۇللىرىم، نەۋرىلىرىم ۋە يېقىنلىرىمنى ئۆيلەندۈرۈش
تەشۋىشىدە كېلىن ئىزدەشكە ئېتىبار بەردىم. بۇ ئىشنى دۆلەت ئىشلىرى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويدۇم. كېلىن بولغۇچىنىڭ نەسىل ـ 
نەسەبىنى، يەتتە ئەۋلادىنى سۈرۈشتۈردۈم. خاس ئادەملەر ئارقىلىق سالامەتلىك ئەھۋالىنى، جىسمانىي كامالىتىنى ئېنىقلىدىم. كېلىن
بولغۇچىنىڭ نەسىل ـ  نەسەبى، ئەدەب ـ  ئەخلاقى، ساغلام ۋە بەقۇۋۋەتلىكى بىلەن بارچە قۇسۇرلاردىن خالىي بولسىلا، ئەل ـ  يۇرتقا
چاي بېرىپ، كېلىن ئەكىردىم».    مەنبە(ئۆزبېكىستان دەۋر نەشرىياتى نەشر قىلغان «نىكاھنىڭ بىرىنچى كېچىسى» ناملىق كىتابتىن ئابدۇكېرىم ئىسمائىل بوزتېكىن
تەرجىمىسى)
مىللەت ئۇرۇشتا تۈگىمەيدۇ.سۈكۈتتەتۈگەيدۇ.<<گىتلىر>>
دوستلىشىش
نەزەرسالسام
NaZar SaLSaM DuN Ya Ga HaMMa NarSa YaLGaN Dak TuYLuDu
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9669
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 184
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە184دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1635 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2012-02-17

 
نەزەر
arslantikin
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8805
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 162
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە162دانە
ئۆسۈش: 850 %
مۇنبەر پۇلى: 2078 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-30
ئاخىرقى: 2012-02-26
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-04 11:03

ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن قىرىندىشىم .......    
arslantikin
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1404
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1404دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 15338 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-05-08
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-04 19:38

قېنى سەيفۇللايوف ما تىمىنى كۆرۈڭلا سىلە دەرھال
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
دەرىجە: چەكلەنگەن

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 925
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە925دانە
ئۆسۈش: 490 %
مۇنبەر پۇلى: 1 سوم
تۆھپىسى: 83 كىشى
ياخشى باھا: 4789 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-03-26
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-04 21:11

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
دوستلىشىش
nazli0998
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4714
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1309
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1309دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 7346 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-05-09
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-04 21:34

كىلىن تاللاشنى ئۈگنىۋىلىڭ

كۈي ئوغۇل تاللاشنىڭ يوقما؟
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1404
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1404دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 15338 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-05-08
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-04 21:47

Re:3-قەۋەت (natsist) نىڭ يازمىسىغا

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى بىگان نىڭ 2012-02-04 21:11 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 3-قەۋەت (natsist) نىڭ يازمىسىغا :
سەيفۇللاھ توردىن خوتۇن ئىزدەۋاتقانما؟مىنىڭچە يارىغۇدەكلىرى چىقماسمىكى...

ئىزدەپمۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىزدەۋاتىدۇ . سىلە ئەڭ ياخشىسى كەينىدىكى گەپنى ياندۇرىۋېلىڭلا ئەگەر قىزلار كۆرۈپ قالسا چاتاق بولىدۇ جۇمۇ
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5658
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 63
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە63دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 755 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-10
ئاخىرقى: 2012-02-25
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-04 21:51

5-قەۋەت (nazli0998) نىڭ يازمىسىغا

ئۇمۇ چىقىپقالا........... كۆڭلىڭىزنى پەقەت يىرىم قىمماڭ جۇما .
ئاللاھ دىللارغا غىل-پال كەشكەن خىيالنىمۇ بىلىپ ت ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1760
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1147
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1147دانە
ئۆسۈش: 1340 %
مۇنبەر پۇلى: 13274 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-03-19
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-04 22:00

Re:3-قەۋەت (natsist) نىڭ يازمىسىغا

[quote]بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى بىگان نىڭ 2012-02-04 21:11 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  3-قەۋەت (natsist) نىڭ يازمىسىغا :
سەيفۇللاھ توردىن خوتۇن ئىزدەۋاتقانما؟مىنىڭچە يارىغۇدەكلىرى چىقماسمىكى...
تور دىن ئالساڭلا ئەرزان دەپ ئاڭلاپ .شۇڭا.....تاۋباۋ غىمۇ كىرىپ باقايمىكىن
ئەتە ئۈلۈم!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5658
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 63
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە63دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 755 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-10
ئاخىرقى: 2012-02-25
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-04 22:06

8-قەۋەت (saifulla) نىڭ يازمىسىغا

ۋوخاخاخا ..............مابالا سەت قىززىقچىمۇ نىمە.