ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:مۇنبەرداشلار
بۇ بالىلىق چاغلىرىمدىكى شېئىرىمكەن، خاتىرەمدە ئۇچۇرتىپ قېلىپ مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم،تەكلىپ-پىكىرلەر بولسا ئايىمىغايسىلەر!
سېنى قانداق ئۇيغۇرۇم دەيمەن
ئاپتورى: نىيازئەلى ئادىل(تۈن لىرىكىسى)
بۇلۇڭلاردا يۈرسەڭ ئاق چېكىپ،
ھاراق ئىچىپ قاۋاقتا يېتىپ.
يۈرسەڭ دوستۇم ۋىجداننى سېتىپ،
سېنى قانداق ئۇيغۇرۇم دەيمەن؟
ياكى ئىنساپ،ساپا بولمىسا،
ياخشى كۈنگە شۈكرى قىلمىسا.
شەرمى-ھايا ،ۋاپا بولمىسا،
سېنى قانداق ئۇيغۇرۇم دەيمەن؟
بوتكىلاردا تۈنىسەڭ كېچە،
لاينى كېچىپ يۈرسەڭ تىزگىچە،
تۈزۈلۈش يوق سەندە ئۆزگىچە،
سېنى قانداق ئۇيغۇرۇم دەيمەن؟
چاچلىرىڭنى ھەرخىل بويىساڭ،
نەزىرىڭنى <<چەتكە>> بۇرىساڭ،
شۇنداق نادان ئەقىلسىز تۇرساڭ،
سېنى قانداق ئۇيغۇرۇم دەيمەن؟
ئۇيغۇرغا خاس ۋىجدان يوق سەندە،
جاسارەتلىك ئەركەك يوق ھەمدە.
ئاپئاق ناننىڭ كۈچى يوق تەندە،
سېنى قانداق ئۇيغۇرۇم دەيمەن؟
مەيدە قېقىپ، كۆكىرەك كېرىگەن،
كەتمەن ئۇرۇپ،ئاشلىق تېرىگەن،
يوقتۇر بىزدە پەنگە بېرىلگەن،
سېنى قانداق ئۇيغۇرۇم دەيمەن؟
ئەقىل تېپىپ ۋىجدانلىق بولساڭ،
ئاپئاق ناننىڭ كۈچىگە تولساڭ.
باشقىلارنى ئارقىدا قويساڭ،
سېنى شۇ چاغ ئۇيغۇرۇم دەيمەن.
2005-يىلى 26-نويابىر
غۇلجاشەھەر
ئەسكەرتىش:ئەسەرلىرىمنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ!
[ tvnlirikisiتەرىپىدىن2010-08-09 16:27قايتا تەھرىرلە ]