باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2203 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: مىللىي مەدىنىيەت
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 81
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: 100 %
مۇنبەر پۇلى: 832 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-05-03
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-03 02:59

مىللىي مەدىنىيەت

مىللىي مەدىنىيەت
بىز ھەم بىزنى ساناۋاتقان دۇنيا، ماكان زامان ئىنسان مەدىنىيەتتىن ئىبارەت تۆت تەسىرنىڭ مەسھۇلى.دۇنيادىن ماكان زامان ئىنساننى ئىلۋەتسەك مەدىنىيەت قالىدۇ.مەدىنىيەتنى ئەڭ ئەقىللىق جانلىق بولغان ئىنسان ئاپرىدە قىلغان دىيىش مىنىڭچە بىرتەرەپلىمىلىك،چۇنكى دۇنيادىكى تۆت چوڭ مەدىنىيەت گەۋدىسىنى بەرپا قىلشقا تۇرۇتكە بولغان ئامىللارنىڭ، ئىنسان ئىتىدالىدىن تاشقىرلىقى،ھازىرقى ئىنسان خىيالى ئۇچار گىلەمدەك جاھان ئەينىگىدە ئەمىلىيەتلەشكەن دەۋىردىمۇ،پەن نوختىسىدىن پاكىتلانماقتا.يامىنى ئىنسان ئۇرۇنۇشلىرى ئىنساننى ئالىي ماقامدا پەرەز قىلىپ،تەبىئەتنى كونتۇرۇل قىلىش ئىمكانىيتىدە قىياس قىلىۋاتقان بولسىمۇ ، ئىنسان يەنى ئىنسانلارتوپى يەنىلا مەدىنىيەت ئىچىدە، مەدىنىيەت چەمبىرىكىنى بويلاپ مىڭىۋاتىدۇ. دىمەك مەدىنىيەت ئىنسان قابىلىيتىدىن تاشقىرلىققا ئىگە.ماكان، تۇپراق ئوت سۇ ھاۋادىن ئىبارەت تۆت تادۇنىڭ مۇئەييەن ئۆلچەمدە،مەۋجۇتلىقى تەسىرى باغلىنىشى خۇسيىتىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ،ياشاش ئىمكانىيتىنى ھازىرلايدۇ.زامان، يەنى ۋاقىت گۇياكى ئاتقان ئوقتەك ھەركەتلەرنىڭ مۇساپىسىنى ئۆلچەيدۇ.ئاندىن چىك قىلىپ ئالدىغا يەنە بىر قەدەم تاشلايدۇ.ئىنسان، زامان ماكانغا قارغاندا يەنە ئۆزگىچە خۇسيەتكە ئىگە بۇلۇپ،ئىنسان جىسمى، گۇزەللىك، تىخنىكا ئىلغارلىقى، ئۇنۋىرساللىق، چىدامچانلىق جەھەتلەردە جانلىقنىڭ پىشۋاسى بۇلۇشتىن سىرىت. روھىيتىدە ئەكىس ئەتكەن بىلىش ئادىللىق ياخشىلىق تەقۋادارلىقتىن ئىبارەت تۆت تادۇسى، ياراتقۇچىسىىدىن بىلەك ھەممىنىڭ سەجدە ماقامىدا ئەكىس ئەتمەكتە.
دۇنيا شۇنداق خىلمۇ خىل رەڭدارلىقلارنىڭ ئۆلچەملەرنىڭ قانۇنىيەت ھىساباتلارنىڭ مەجمۇئەسى.ھەم جۇپلۇق ئىچىدە .شۇۋەجىدىن ئۇمۇمىي قانۇنىيەتكە بوي سۇنغان، بىرئاتا بىرئانىدىن ئاپرىدە ئىنسانمۇ ھەرخىل ئىرىق ھەرخىل قەۋىم  جامائە ئائىلە بۇلۇپ تۇرلەنگەن.ھەر ئىرىق ھەر قەۋىمنىڭ ئۆز ھالىغا خاس ھۇش ئەقىل پەزىلەت بىلىمى، تىل دىل پەزىل پىئىلى‹خۇي›، بۇلىدۇ .مەدىنىيەت زامان ماكانغا مىنگەن ئاتتەك ئاجايىپ ماسلىشىشچانلىقى بىلەن مۇشۇ خاسلىقلارنىڭ قات قىتىغا  سىڭىدۇ.مۇنداقچە دىگەندە،ئىنسان تۇركۇملىرى بىر بىرىدىن پەرىقلىنىدىغان خاسلىققا ئىگە رەڭگارەڭ مىللەت ئىرىقلاردىن تۇزۇلگەن ، بۇنىڭغا ماسلىشىشى ئۇنۋىرساللىقى ئىنتايىن يۇقرى مەدىنىيەت قۇشۇلىشى نەتىجىسىدە مىللىي مەدىنىيەت شەكىللەنگەن. ئالايلۇق؛ بىزنىڭ سىن چايلىرىمىز ناھايتى بەگ،تاپقان تەرگىنىمىزنى سىن چايغا تۆكۇمىز.بۇئارقىلىق كۆڭۇللەر باغلىنىدۇ،ئۇيىشىمىز.تىرىكچىلىك جاھان يىڭىلق ئۇچۇرلىرىدىن ئۇپۇنەتلىنىمىز.بۇ ئىشقا باشقا قەۋىمدىكىلەر ئەمەس، ھەتتا سىرىتتا ئۇزاقراق تۇرۇپ قالغان قىرىنداشلىرىمىزمۇ ھەيران.بۇ چايلار يەنە دىنىي تۇسلەرنى ئالغان بۇلۇپ،مەرىكە ئات توي ئەقىقە تۇسىنى،خەتنە توي سۇننەت تۇسىنى، توي نىكاھ ، نەزىر ، ھەتتا مازا ماشايىخلارنى زىيارەتكىچە  ئۆرۇپ ئادەت بىلەن دىن زىچ بىرلىشىپ مىللىي مەدىنىيەت ئۇقۇمىنىڭ بىرلەشكەن ھالىتىنى ئەكىس ئەتتۇرگەن. سەللىنىمۇ دوپپىنىڭ ئۇستىگە ئورايمىز.
دىمەك ھەرقانداق مىللەتنىڭ،مىللى خاسلىقى بىلەن مەدىنىيەت بىرىكمە ھالەتتە ئەكىس ئەتكەن ئۆز ھالىغا يارىشا مىللىي مەدىنىيتى بۇلىدۇ.بىر مىللەتنىڭ رونىقىنى، مىللىي مەدىنىيەتنىڭ تەڭپۇڭلىقى ئىچكى ئۇيۇشىشى بەلگۇلەيدۇ.

دۇنيا تۆت تادۇدىن تۇزۇلگەنگە ئوخشاش ئىنسانىيەت ئايلىنىۋاتقان مەدىنىيەت چەمبىرىكى، تۇپراق خۇسيەتتىكى بىلىش يىڭىلىق نوختا قىلىنغان يەھۇدىيچە مەدىنىيەت، ئوتقا ئوخشاش ئادىللىق قانۇن گەۋدىلەنگەن نىساراچە مەدىنىيەت، سۇدەك ياخشىلىق پەزىلەت گەۋدىلەنگەن ئىسلام مەدىنىيتى، ھاۋا خۇسيەتتىكى كۇنەگ ئادەتنى تەقۋادارلىقنى چىقىش قىلغان بۇددىسىتچە مەدىنىيەت دەپ تۆت چوڭ تۇرگە يىغىنچاقلاشقا بۇلىدۇ.ئادەتتە قوينى بىسمىللا دەپ بۇغۇزلىساق ھالال بۇلىدۇ،شۇنىڭغا قىياسەن يەنە بىر نوختا، مەدىنىيەت ئام ئاتالغۇ، يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇرۇقداشلىقى،كىتاپلارغا، پەيغەمبەرلەرگە،ئىمان ئىيتىش ‹ئامەنە›ئايرىماسلىق‹ نۇپەرىق ›،دىنىي نوختىدىمۇ توغرا. دىمەك تۆت تادۇدەك ئوخشىمىغان مەدىنىيەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە مەدىنىيەت خاسلىقى ئەمەس،مىللەت خاسلىقى ئاساسىي مىقدار بۇلۇپ،مىللەتلەر ئارسىدىكى ئىرسىي  پەرىقلەر مەدىنىيەتلەر ئارسىدىكى ئوخشىماسلقىنى ئاپرىدە قىلغان.
بىلىش تىپىدىكىسىدە بىلىش يىڭىلىق ئاساس بۇلىدۇ، نەزەردە ماكان نوختى نەزىرىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ. يەھۇدىيلار تىپىك مىسال. يۇت ئاتلاش،يىڭىلىقنى بايقاش،كونىنى كەسلەپ ئورنىغا يىڭىلىقنى دەسىتىش خاھىشى كۇچلۇك بۇلىدۇ.ئالدىدىن بىلەلىگەنلەرنى،ياكى ھىچكىم بايقىمىغان ،دىيىلمىگەن، قىلىنمىغان ئىشلارنى روياپقا چىقارغانلارنى ئەزىزلەيدۇ.تۇپراق بولغاچ ماكان ، ئەمىليەت نوختىنەزىرى يەنى جۇغراپىيلىك پىكىر يەكۇنى،ماددىنىڭ روھىيەتكە تەسىرى،ئىجتىمائى ئەمىلىيەتنىڭ تۇنۇشتىكى تۇپ تۇز ھالىتىنى چىقىش قىلىدۇ .تەبىئەتتىكى سىر ئەشيالارنى تىپىشنى پايدىلىنىشنى كۇچەيدۇ.ئىجادىي تەپەككۇرى كۇچلۇك ،يەنى لوگىكىلىق پىكىر يۇلنىشى بىلەن ئوبرازلىق پىكىر يۇلنىشىنى تەڭ ئىشلىتىپ،بۇغۇن بۇغىنىدىن ئايرىپ،بايقاش ئەمىلىيەتكە ئايلاندۇرۇش شەكلىدىكى  تەپەككۇرغا باي كىلىدۇ..بۇنىڭدابىلىش ئىقتىدارى كۇچلۇك بولسىمۇ ھەممىنى بۇغۇنىدىن ئايرىپ چوڭقۇر تەھلىل قىلغاچ باغلاش ئىقتىدارى كەم بۇلىدۇ. تۇپراقتاخىش پۇشارغىلى بۇلىدۇ.فىرئەۋىن يەھۇدىيلارنى ئىزىش ئارقىلىق ئىھرام ياسىغان بولسا،گىتلىر يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن بايلىق تىخنىكىغا ئىگە بولغان. بەخىتنىڭ مەنبىيى مۇشۇ،بۇلارقۇمغا ئوخشاش جاي جايغا چىچىلغان. مىجازى قۇرۇق سۇغۇق سەۋدا.
ئادىللىق تىپىدىكىسىدە،قۇرال قانۇن دەستۇر ئاساس بۇلىدۇ.زامان نوختى نەزىرىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ.ئاساسلاشتا ئەسۋاپلاردىن ساناشلاردىن چىققان يەكۇننى ئاساس قىلىدۇ،لوگىكىلىك تەپەككۇرنى ، ماتىماتىكىلىق يەكۇنلەرنى مىسال قىلىش مۇمكىن.بۇلارداھاق ھاق بۇلىشى چىققان نەتىجە تەڭ بۇلىشى كىرەك.ئەقىل تەدبىرگە كۇچەيدۇ.  قانۇن بۇيىچە ئىدارەقىلىش گەۋدىلىك.لىنكولىننىڭ قانۇنىنى ئامرىكا تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق مەنبە دىگەندەك. كۆزگە ئوخشاش ئەركىن يۇرۇشىدۇ. ئەركىن جىنسىيەت  ئوتتەك ئەركىن كۇيۇشنى ئىستەيدۇ. ئوت بولغاچ داۋام دىڭىز كىزىشىدۇ.ئۇسۇلى كىيىنىشىدىمۇ ئوتتىن تۇرەلگەن جىندەك قىياپەتلەر ئەكىس ئىتىدۇ.‹ئەركىنلىك ھەيكىلىنىڭ قۇلىدا ئوت بار›كۇن قىياسەن جەمىيەتشۇناسلىق جەھەتتىكى تەتقىقات ئىلگىرلىگەن.خۇلاسىلىغاندا، ئۇچ پۇتلۇق كۇرۇستا قاپاقنى تۇرۇپ ئولتۇرىدۇ،بىرقۇلىدا پىچاق ، بىريىنىدا شىكەر ،يەنە بىر يىنىدا ئوغىسى بۇلىدۇ. ئۇچ پۇت بىرى تۇزلۇك ئادىللىق‹قانۇن›،بىرى مۇستەھكەملىك ‹قۇرال› ،يەنە بىرى ئۇچلۇك،تەڭ دەسسەش چات كىرىش .قۇلىدىكى پىچاق قۇرال بىلەن قىممەت تاپىدۇ.ئىشىكىگە ھال قىلىپ كەلگەنلەرنى شىكەر بىلەن ياندۇرمايدۇ.ئاچچىقلاتسا ئوغا قىلىدۇ.قىززىتىش كىسىش چاسىلاش ئەكىس ئىتىدۇ.مىجازى سەپراقۇرۇق ئىسسىق.
ياخشىلىق تىپىدىكىسىدە،ئىنسان نوختى نەزىرى ئىلگىرى سۇرىلىدۇ.تارىختىن ھازىرغىچىلىك نۇرغۇن تىمىلىرىمىز ئىنساننى، ئىنسان روھىيتىنى چۆرىدەيدۇ،پەزىلەت يىتەكچى.مىسالەن، باۋۇدۇن يۇغان بىلىق تۇتىۋالىدۇ،باللىرىغا ئىچى سىرىلىپ قۇيىۋىتىدۇ،ئاندىن بوۋىسى  ئۇنى ئۆيدىن ھەيدەيدۇ،جاھان كىزىۋىتىپ بۇركۇت بالىسى،قاپقاندىكى تۇلكە ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىدۇ.بىر شەھەرگە بارسا پادىشاھنىڭ قىزى يىگىت تاللايدۇ.سۇغا يۇشۇرنۇپ بىقىپ، ئاندىن ئاسمانغا يۇشۇرنۇپ بىقىپ،ئاخىرى تۇپراق تەكتىدە  دوسلىرىنىڭ ياردىمىدە مۇرادىغا يىتىدۇ.دىمەك بۇخىل مەدىنىيەت تىپىدە پەزىلىتى ياخشىلىقى بىلەن قىممەتلىنىدۇ ياكى پايدا ئالىدۇ. تەپەككۇرىدا لوگىكا بىلەن ئوبىرازلىق تەڭ ئەكىس ئەتكەن تىيىز باغلاش ھالىتى ئەكىس ئىتىدۇ.تادۇچە پىكىر يۇلىنىشىگە قارساق،لوگىكا بۇيىچەخۇيى ئىنقلانغاندىن كىيىن تۆت تادۇنىڭ مۇناسىۋەت زىدىيەتلىرى بۇيىچەئوبرازلىق باغلىنىدۇ.بۇنىڭدا بىلىش تىيىزرەك،لىكىن كەڭ دائىرلىك باغلاش گەۋدىلىنىدۇ.تارىختىن بۇيان نەچچە مىڭ يىللىق بۇران چاپقۇندا تۆت تادۇ پەلسەپىسىنىڭ ئىزچىل ساقلىنىشى،ماكان زامان ئىنسان مەدىنىيەتتىن ئىبارەت تادۇلارغا بىمالال سىڭىشى،زامانىۋىي جەمىيەتتىمۇ ئەمىلىيتىمىزدە ماڭدامدا ئۇچۇرشى،ھازىرقى روھىيتىمىزدىكى كىسەللەرنىڭ داۋاسىزلىقى ،بىزگە تەتقىق قىلىش،ئىزدىنىش زۇرىيىتىنى چوڭقۇر ھىس قىلدۇرىدۇ. ناخشىمىزمۇ سۇ بۇلۇپ ئاقتىم،ئۇسۇلىمىزمۇ چىن تەخسە،ياخشى‹خو ›مەنا چىقىدىغان باش بارماق ھەممىمىزنى سەۋەپسىز قايىل قىلىدۇ.ئۆرۇپ ئادىتىمىزمۇ سىن چاي.كىيىم كىچىكىمىز سۇدىن يارتىلغان چاھارپاي تىرىلىرى،نۇسخىلىرى.  
سۇ ، تۇپراققا ئوتقا، ھاۋاغا بىمالال ئارلىشالايدىغان خۇسيەتكە ئىگە بولغاچ، سۇۋەكىللىكىدىكى ياخشىلىق ئەكىس ئەتكەن ئىسلام مەدىنىيتى كۆپ خىللىققا سىڭىشچانلىققا ئىگە، مەدىنىيتىمىزدە يىڭىلىق بىلىش  تىپىدىكى رەي ئىجما قىياسقا كۇچەيدىغانلىرى، ئوت ئادىللىق سۇپەتتىكى ھەدىس بۇيىچە شەرھىلەيدىغىنى،ياخشىلىق سۇپەتتىكى ئىككىگە تەڭ ئىتىبار بىرىدىغانلىرى،تەقۋادارلىق بۇيىچە كۇنەگ ئاساس قىلىدىغان تەسەۋۋۇپ ئىقىمىدىكىلىرىىدىن ئىبارەت تۆت ئىقىم‹مەزھەپ› ئاساسىي پۇت تىرەيدۇ.بۇھال كۆپ خىللىقنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، يەنە بىر جەھەتتىن مەدىنىيتىمىزنىڭ مۇكەممەل پۇتۇنلىكىنى ئاجايىپ سىڭىشچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .مۇنداقچە دىگەندە بىرنىيەت ئەرەپلەرنىڭ بىلىشى، ئوتقا ئوخشاش خاۋارىجلارنىڭ تاشتەك قاتتىقلىقى، تۆت قىر تۆت تەرەپ تۇرۇكلەرنىڭ ياخشلىقى، بىر بىرىگگە بوي سۇنغان ياكى كۆتۇرگەن شىئەلەرنىڭ تەقۋادارلىقى بىلەن مەدىنىيەت ئىھرامدەك قەد كۆتۇرگەن.مۇشۇنداق شەكلىنى بىرشەكىلگە بوي سۇندۇرۇپ، قاتتىق تاشتىن ، تۆت قىر تۆت تەرەپ قىلىپ،بىرنىڭ ئۇستىگە بىرنى ئىلىپ قۇرلۇش قىلغاندا ئاندىن ئىنسانىيەت مەدىنىيتى تۆت تادۇدىن تۇزۇلۇپ ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت تۇرالايدۇ.مىجازى بەلغەم ھۆل سۇغۇق.
تەقۋادارلىق تىپىدىكىسىدە،مەدىنىيەت نوختى نەزىرى ئىلگىرى سۇرىلىدۇ.ئادەت كۇنەگ ئاساس قىلىنىدۇ.كىتاپ بىلەن پەيغەمبەر دىنىيەتتىكى مۇھىم ئىككى ئۇرۇق.كىتاپ دەستۇر قانۇن بۇلۇپ ئادىللىق خۇسيەتتە رول ئالسا،پەيغەمبەر ئۆرنەكلىرى ئارقىلىق تەقۋادارلىقنى يىتەكلەيدۇ.كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق مەنىۋىيەتنى بىيىتىشنى لوگىكا دىسەك،ئۆلگە ئارقىلىق ماقامغا يىتىشنى ئوبرازلىق دەپ چۇشۇنۇشكە بۇلىدۇ. تەقۋادارلىقتا ئۆلگە ئاساس.ئۇستاز يۇقرى قىممەتكە ئىگە.شەخىس ئائىلىگە ، ئائىلە جەمەتكە، جەمەت يۇت كاتتىلىرىغا، يۇت كاتتىلىرى خاندانلىققا بوي سۇنۇپ، بىقىنىپ ئۆمۇچۇك تورىدەك تۇركۇملىنىدۇ. ئوبرازلىق تەپەككۇر كۇچەيدۇ،ئادەت ئۇگىتىدۇ.قائىدە يۇسۇنلىرى كۆپ.ھەرقانچە ھەرەڭ سەرەڭنى كۆرسىمۇ بىپەرۋا ئادىتىنى قىلىۋىرىدۇ.تەڭرىگە بولغان مۇھەببەت ھىسيات شەكىللىرى جەھەتتە ئارتۇقچىلىققا ئىگە.ھۇش ئەقىل پەزىلەت بىلىم ئىچىدىن بىلىم ئالاھىدە ئورۇندا،تەجىربە ساۋاق بۇيىچە ماڭىدۇ‹36تەدبىر›.ئۇدۇمغا ئىشىنىدۇ. نۇپۇسى كۆپ.شىئەلەر، سوپىلار،ھىندىلار،ئوتتۇرا تۇزلەڭدىكىلەر شۇ تىپقا تەۋە. بۇ تىپنىڭ مۇستەھكەملەش،ساقلاش خۇسسيىتى كۇچلۇك بولغاچ بۇنىڭغا تاناسىپ ، يىڭىنى بايقاش ئاجىزراق.ئەنئەنىۋىيلىكى كۇچلۇك كىلىدۇ.كۇچلۇك قوغدىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە .ئۇپۇنەتلىنىشنى خالىمىغاچ تەرىك دۇنيالىقنى ئىلگىرى سۇرىدۇ.ئۇسۇلىدا يەكپۇگۇچ ئۇسۇلى، ناخشىسىدا ھاۋا،كىيىم كىچىكى يەلپۇنۇپ يۇرۇشنى ئاساس قىلغان.ئادەت ‹شىگۇەن›دىگەن سۆز ھەرقاندىقىنىڭ كۆڭلىنى ئىرىتەلەيدۇ.مىجازى قۇرۇق ئىسسىق قان.
دۇنيا مۇشۇنداق خىلمۇ خىللىققا ئىگە،ئايرىپ ئىنچىكە كۇزىتىش بىلەن بىرگە باغلاپ كەڭ دائىرلىك چۇشۇنۇشكە تۇنۇشقا تىخىمۇ مۇھتاج.تادۇ بۇيىچە مەسىللەرنىڭ ماھىيتىنى ئىزدىگەندە،نۇقۇل تۇپراق ماكان نەزەردە قارىماستىن، زامان ئوت نەزەردە،ئىنسان سۇ نەزەردە،مەدىنىيەت ھاۋا نەزەردە تۆت نوختىنى چىقىش قىلىپ، ئاندىن تۆت تادۇ مۇناسىۋەت زىدىيتى بۇيىچە بەلگۇلەشنى داۋا ئىستەشنى ئاساس قىلىدۇ.بۇ تىخىمۇ كەڭ مەناغا ئىگە.


مەنبە ؛ قۇتادغۇبىلىگ،ئۇيغۇر تىبابىتى قامۇسىدىن پايدىلىنىلدى.
[ بۇ يازمىنىتادۇ 2012-02-03 03:19قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 81
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: 100 %
مۇنبەر پۇلى: 832 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-05-03

خەۋەرنى ئىنقلاش ھەممىمىزنىڭ مەسھۇلىيتى.

قۇتادغۇ بىلىگدە 40 ياشقا كىرىپمۇ مىجاز بىلمىسە ئادەم سانىمىغانلىق توغرىسىدا گەپ بار.تۆت تادۇ تەلىماتى نۇقۇل تىبابەتچىلىكتىكى نەزىريەۋىي سىستىما بۇلۇپلا قالماي،روھىيەت ئىلمى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلسەپە، جەمىيەتشۇناسلىق،تەربىيەتچىلىك،ئۆرۇپ ئادەت قاتارلىق ساھالارغىچە كىڭەيگەن .بىر ئورۇندۇقنى مىسالغا ئالساق،مەدىنىيەت ئورۇندۇقنىڭ ئولتۇردىغان يىرى بولسا، ئۆزگىچە خۇسيەتتىكى بىلىش ئادىللىق  ياخشىلىق تەقۋەدارلىقتىن ئىبارەت مۇشۇ سۇپەتلەردە گەۋدىلەنگەن قەۋىملەر، ئىدىيلەر ئورۇندۇقنىڭ تۆت پاچىقى.
ھەرقانداق ئادەم بولسۇن تۆت تادۇغا ئوخشاش تۆت خىلىتىكى يەنى ‹سەۋدا سەپرا بەلغەم قان› دىن ئىبارەت مۇشۇ مىجازلاردا بۇلىدۇ. ئەرەپلەر تۇگە گۇشىنى كۆپ ئىستىمال قىلىدۇ.تۇگەقۇرۇق ئىسسىق.بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ كۇپۇنچىسىنىڭ سەۋدا قۇرۇق سۇغۇق ئىكەنلىگىنى قىياس قىلىشقا بۇلىدۇ.خەنزۇلار ئۆمىلاقمان سۇغۇقلۇقنى سەي كۆكاتلارنى ئىستىمال قىلىدۇ،دىمەك قۇرۇق ئىسسىق قان مىجاز دىيىشكە بۇلىدۇ.دورۇمچۇق تەجىربىچىلىك،ئەكىس ئەتكەن. ياۋرۇپالىقلار كالا يەيدۇ ، كالا ھۆل سۇغۇق،ئۇلارنىڭ مىجازى قۇرۇق ئىسسىق سەپرا بۇلىدۇ. بىر قوي يەيمىز . قوي ھۆل ئىسسىق ، مىجازىمىز ھۆل سۇغۇق بەلغەم.دىمەك بۇخىل مىجاز لار كۇندىلىك تۇرمۇشىدىن سىرىت مىللىي ئالاھىدىلىك ھەتتاكى مەدىنىيتىگىچە تەسىر كۆرسەتكەن.
مىجاز كۇپۇنچە ئۇرۇق بۇيىچە ماڭىدۇ. شۇنداقتىمۇ تەبىئى شارائىتنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرايدۇ. شۇ ئىقلىمغا ماس كەلسە ئادەمنىڭ ياشاش ئىقتىدارىمۇ ، ماس كەلمىگەنلەرگە قارغاندا ياخشى بۇلىدۇ. تەدىرجى رايۇن خاسلىقى شەكىللىنىدۇ.ئىسكىمۇسلار ياشىغان يەرلەردە بىز ياشىيالمايمىز .ئۇيغۇرلار بەلغەم مىجاز، سۇ دىگەنلىكنى بىلدۇرىدۇ. مەدىنىيتىمىزدىمۇ ۋە ناخشا ئۇسۇلىمىزدىمۇ ئەكىس ئەتكەن. مەسلەن مىھماندارچىلىقنى ئالساق سىن چاي. ناھايتى مۇھىم. رونىقىمىز ھەم كىسىلىمىز سىن چاي بىلەن بۇلىدۇ. بىرەرى مىھمان بۇلۇپ كەلسە، چاي قۇيۇپ ئۇزىتىمىز. مىھمانمۇ بىكار ئولتۇرماي جاھاننىڭ ياكى يۇتلىرىنىڭ تۇرلۇك ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. چاتاقمۇ سىنچاي بىلەن چىقىدۇ. يەنى ھازىرقى مەنمەنچىلىك قىلىپ توي تۇكۇنلەردىكى زىيادىچىلىك ، مۇشۇ سىن چاي ئۇستىدە ئىناۋەت تالىشىشتىن بۇلىۋاتىدۇ. بىزدىكى ئەدىمىگەرچىلىك نىڭ ھەقىقەتەن قىممىتى بار. ئۇسۇلىمىز چىن تەخسە ئۇسۇلى، يەلپۇگۇچ ئۇسۇلى ھاۋا خۇسيەتتىكىلەرگە باپ كىلىدۇ. بىزدىن ھەرخىل مەدىنىيەتلەر ئۇچرايدۇ.ئاسان خۇي ئالىمىز. چۇنكى بىز سۇغا ۋەكىللىك قىلىمىز.سۇ دىگەن قازانغا كىرىپ قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىشى كىرەك ، شۇڭا نەزەر دائىرىسى كەڭرى بۇلىشى زۇرۇل.نەزىرى قىرلىرى ئايىقى تەككەن يىرى قانچە كەڭ بولسا شۇنچە قىممىتى بۇلىدۇ. پىكىر ئۇسۇلىمىز، تەپەككۇرىمىز تۆت قىرتۆت تادۇ بۇيچە بۇلىدۇ.بۇ ئۆز تەگ پىكىر ئۇسۇلى.ئۇيغۇر تۇرۇپ مىجاز تادۇ بىلمىگەنلەرنى ئادەم سانىماسلىق دىگىنى مۇشۇ.
ئىنسان جىسمى تۇپراق ئوت سۇ ھاۋا دىن تۇزۇلۇپ ، ھەم شۇنىڭ بىلەن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغانغا ئوخشاش، ئىنسان روھىيتىمۇ بىلىش ئادىللىق ياخشىلىق تەۋادارلىقتىن تۇزلىدۇ، ھەم مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ.
يە ھۇدىيلار تۇپراق خۇسيەتتىكى بىلىش بىلەن سۇپەتلەنسە، نىسارالار ئوت ئادىللىق، بىز سۇ ياخشىلىق،بۇتدىسىتلار ھاۋا تەقۋادارلىق بىلەن سۇپەتلىنىدۇ. تەقۋادارلىقتا كۇنەگ، تەجىربە بىلىم ، ئۇدۇم ،ئاساس بۇلىدۇ.شۇڭا خەنزۇلار تەجىربە يەكۇنلەشكە ئۇستا.ئۇيغۇرلار ياخشىلىق بولغاچ،پەزىلەت ئاساس، پەزىلەتكە يۇقرى ئۆلچەم قۇيىمىز. ماسلاشتۇرۇش سىڭدۇرۇش خاراكتىرى ئەكىس ئەتكەن.
يۇت بۇيىچە ئالغاندا، لوپنۇر چەرچەن چىيا كىيا قاتارلىق جايلارنىڭ نەسەپ تەگ ئات بار ، ئۇ كۆنچى‹كۇن چىقتى› بۇ شىكچى دىگەندەك بۇلار تەقۋادارلىق   قان  ھۆل ئىسسىق بىلەن گەۋدىلىنىدۇ.قەشقەر رايۇنلىرى ئەزەلدىن ئىلىم مەرىپەت ئۇچىقى بۇلۇپ كەلگەن ئالەمشۇمۇل پىكىرلەر بولغان جاي ،تۇپراق ، بىلىش، سەۋدا،قۇرۇق سۇغۇق بولىدۇ.ھەم ئەرەپلەر يەنى پەيغەمبەر ئۇرىقلىرىنىڭمۇ ئىزنالىرى بار‹سۇپىلار›.قۇمۇل رايۇنلىرى  سودائالاقىسى كۇچلۇك مۇھىم ئۆتەڭ تاغ جەزىرلەر قۇملۇقلار بار ، سۇ بەلغەم، ھۆل سۇغۇق، غولجا ئوتلاق نەم سۇت ئىچىدۇ ، ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابى يۇزبەرگەن جايلار، ئوت ، سەپرا ، قۇرۇق ئىسسىق بۇلىدۇ. چۇنكى ئادەملىرى قۇرۇق ئىسسىق بولمىسا،نەم ھۆليىقىن كۆپ رايۇنلاردا ئۆزلىشەلمەيدۇ.
[ بۇ يازمىنىتادۇ 2012-02-17 16:07قايتا تەھرىرلىدى ]
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1545
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1545دانە
ئۆسۈش: 2450 %
مۇنبەر پۇلى: 10740 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-05-11
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-03 21:13

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سوپىچاق.
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 81
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: 100 %
مۇنبەر پۇلى: 832 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-05-03
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-03 22:12

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام گىنىرال
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 81
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: 100 %
مۇنبەر پۇلى: 832 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-05-03
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-06 13:56

يەھۇدىيلارنىڭ روھىيتىگە نەزەر<بىلگەنلىرىم>
يەھۇدىيلارنىڭ تارىختا نۇرغۇن ئىزىشلەرگە ئوچۇرغانلىقى،بۇلۇپمۇگىتلىرنىڭ فاشىتلارچە قىرىشى تۇپەيلىدىن نۇرغۇن تالاپەت تارتىپ،زىمىنسىز ، نۇپۇسى ئاز ھالەتتىمۇ، يۇز يىلغايەتمىگەن ۋاقىتتا دۇنيا ئىختىسادىدا كۇچ تۇتۇپ،سىياسىي مىللەت قاتارىدا نۇرغۇنلارغا ئۆرنەك بۇلۇۋاتقانلىقىغا ھەركىمنىڭ ئىچى كۇيىدۇ.ھازىرغىچىلىق نۇرغۇن ئەللەردە شۇلارنىڭ نەزىريە تەدبىرلىرى ئىجاد مىھنەتلىرى ھەزىم ئىتىلمەكتە. يەھۇدىيلار توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنىڭ بىزگە يىتىپ كەلگەنلىرى،ئۇلارنىڭ ناھايتى ئەقىللىقلىقى نۇرغۇن كەشپىيات ئىختىرالارنىڭ شۇلاربىلەن مۇناسىۋەتلىكى،دۇنيا ئىختىسادىدا بايلىقى،مائارىپ بىلىم ئىلىشقا ھىرىسمەنلىكى،ئىسلام ئەللىرى بىلەن دۇشمەنلىكى،ناھايتى ھىمقانلىقى قاتارلىق بايانلاركۆپرەك ئۇچىرايدۇ،بەزىلىرىمىز ئىجابىي باھالايمىز،بەزىلىرىمىز سەلبىي باھالايمىز.
يەھۇدىيلار ئىسرائىلىينى نوختا قىلىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قۇمدەك چىچىلغان بۇلۇپ،ئاساسەن ياۋرۇپا، ئامرىكا،ئافرىقىنىڭ قىسمەن رايۇنلىرىدا پائالىيەت قىلىدۇ.ئىچكىرى ئۆلكىلەردىمۇ ئاسمىلاتسىيلىشىپ كەتكەن يەھۇدىيلارنىڭ بارلىقى قەيىت قىلىنىۋاتىدۇ.ئىبراي تىلىنى قوللىنىشنى ئۇگۇتۇشنى كۇچىگەنلىكى توغرىسىدىكى بايانلار بار،تەۋرات ئۇلارنىڭ سامسۋىي كىتاپلىرىدىن بۇلۇپ،ھەرشەنبە كۇنى بارلىق پائالىيەتلىرىنى قۇيۇپ،تەۋرات ۋە ھىكمەتلىرىنى ئوقۇيمىش.تارىختىكى يەھۇدىيلار توغرىسىدىكى بايانلارغا قارايدىغان بولساق،پىرئەۋىننىڭ چۇش باھانىسى بىلەن ئوغۇل بۇۋاقلىرىنى ئۆلتۇرگەنلىكى،قىيىن ئىشلارغا مەجبۇرلىنىپ مىسلىسىز ئىزىلگەنلىكى، ئاندىن نىمىسلارنىڭ قىرغىنچىلىقى مۇشۇ ئىككىسى گەۋدىلىكراق. تەگ مەسىلىسىگە كەلسەك،قىساسۇلئەنبىيا دىكى بايانلارغا ئاساسەن.نوھنىڭ ئۇچ ئوغلى ئام، سام، ياپەس ئىچىدىكى سام ئوغلى ئىبرايىم ، ئىبرايىمنىڭ ئىككى ئوغلى ئىسمائىل بىلەن ئىسھاق.‹ ئىسمائىل ئەرەپلەرنىڭ بوۋىسى،›ئىسھاقنىڭ ئوغلى ياقۇپ،ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى ھازىرمۇ يەھۇدىيلار ئون ئىككى پىرىق، داڭلىق ئىككى پەيغەمبەر يەنى مۇسا بىلەن ئەيسا ۋە باشقىلارمۇشۇ ئۇرۇقلارغا تەۋە.
تىلۋوزۇردا ئاندا مۇندا ،بىشىغا قاراقالپاق،ياكى قارا،مىغىزرەڭ شاپاق دوپپىدەك باش كىيىمى كىيىپ،چاچ ساقاللارنى قۇيىۋىتىپ،قارا ساڭگۇل سۇڭگۇل كىيىملىرى بىلەن ئۆزئىشى بىلەن ئالدىراش يۇچۇن قىياپەتتە كىتىۋاتقانلىقىنى ئۇچۇرتىمىز.
ئادەم بالىسىنىڭ قىممىتى ھۇش ئەقىل پەزىلەت بىلىم بىلەن بۇلىدۇ.ئەقىل  پەزىلەت بىلىم بۇلۇپ،ھوش سەزگۇرلۇك بولمىسا ئادەمنى غەپلەت باسىدۇ،ياكى يىڭى نەرسىلەر بايقالمىسا ئىلگىرلەش بولمايدۇ.ھۇش بىلىش سۇپەتتە،ئەقىل تەدبىر ئادىللىق، پەزىلەت ياخشىلىق، بىلىم تەجىربە تەقۋادارلىق مۇشۇنداق قىياس قىلىشقا بۇلىدۇ.تادۇ بۇيىچە ھەرقانداق ئىنساننىڭ روھىيتىدە مۇشۇ تۆت خىل ھالەت ئەكىس ئىتىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە بىرسى يىتەكچى بۇلىدۇ.بەزىلىرىمىز ئەقىللىق، بەزىلىرىمىز بىلملىك،بەزىلىرىمىز ھۇشيار بولغاندەك.مۇشۇ بۇيىچە قارغاندا، يەھۇدىيلار بىلىش ھۇشيارلىق بايقاش گەۋدىلىنىدۇ.بۇلۇپمۇ يىڭى تىخنىكا ، يىڭى نەزىريەنى بايقاشقا ئىرىنمەيدۇ.بۇلارنىڭ ئىچىدە ھىچكىم قىلىپ باقمىغان، دەپ باقمىغان يىڭىلىقنى تاپقۇچىلار داڭلىنىدۇ.ئەمىلىيەتنى ئاختۇرساقمۇ ئىجادىيەتچىلىرى ئەڭ كۆپ.تەپەككۇرىدىمۇ ئىجادىي تەپەككۇر ئەكىس ئىتىدۇ.قاتلاممۇ قاتلام ، بۇغۇممۇ بۇغۇم ئايرىيدۇ. چوڭقۇر كۇزىتىدۇ.بۇئارقىلىق بايقاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.مۇسا قىسسىدىكى كالىنىڭ رەڭگىنى يىشىنى تۇرقىنى جىنسىنى قاتارلىقلارنى سۇراپ تۇرۋىلىشى ناھايتى زىغىرلايدىغان ئىنچىكە ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۇرسە، شۇكالىنى تاپالماي قىينالغانلىقى باغلاش ئىقتىدارىنىڭ كەملىكىنى بىلدۇرىدۇ.باغلاش ئوچۇن ھارۇن كىتىدۇ.خۇددى ئەرەپلەرنىڭ قىشىدا تۇرۇكلەر بولغاندەك.
زامانمۇ تادۇ بۇيچە ماڭىدۇ.ئادەمدىن نوھقىچە ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش دەۋرى دىسەك،نوھتىن ئىبرايىمغىچە نۇرغۇن بالايىئاپەت بىلەن ئىنسانىيەت تۇزەلگەن،بۇنى ئادىللىق دەۋرى دىيىشكە بۇلىدۇ.ئاندىن ئىبرايىمدىن رەسۇلىللاغىچە پەيغەمبەرلەر سىھىرلەرنى بەربات قىلىش،مىتالچىلىق،مىدىتسىنا،قاتارلىق ساھالەردە باشلاپ ياخشىلىق بىلەن گەۋدىلەنگەن.رەسۇلىللادىن زامانى ئاخرغىچە ھەرخىل ئەجۇج مەجۇج ھەرەڭ سەرەڭدە تاسقاۋاتىدۇ.بۇنى تەقۋادارلىق دەۋرى دىيىشكە بۇلىدۇ.تۆتىنجى ئىرانىڭ بىرىنجى بىلىش قەدىمىنى رەسۇللىلا باشلىدى دىسەك.بۇ ئىرانىڭ ئىككىنجى ئادىللىق قەدىمىنى يەھۇدىيلار باشلىدى.بىرى ھىدايەت بىلەن باشلىسا،يەنە بىرى تەرەققىيات بىلەن باشلىدى.تەرەققىيات يەھۇدىيلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا گەۋدىلەندى.بىر يىل تۆت پەسىل بولغانغا ئوخشاش،كۆپۇنچە باھار بىلىشتىن باشلىنىدۇ.بىرى ھۇنەر بىلەن مىتالدىن ھاڭرايدىغان كالا ياسىسا ،بىرى ھىدايەتكە باشلايدۇ.ئاندىن بىر بىرىنى ئۆلتۇرگەن. ھازىر رەسۇللىلا بىلەن باشلانغان تۆتىنجى تەقۋادارلىق دەۋرىنىڭ،بىلىشى تۇگەپ ئادىللىق دەۋرىنىڭ تەقۋادارلىقىدا تاسقىلىۋاتىمىز.ئالدىمىزدا ياخشىلىق گەۋدىلىنىدۇ.قىسقىسى ھەرقانداق ۋاقىتنىڭ ئۆزىگە مۇناسىپ ھۆكىمى بۇلىدۇ.يەھۇدىيلارنىڭ گەۋدىلىنىشى نۇقۇل ئۇلارنىڭ قابىلىيتىدىن دىگەن سۆزگە قارغاندا بۇرۇجلارنىڭ ئوڭ بىقىپ،باھار بولغانلىقىدىن ئامەتلىك بولغانلىقىدىن دەپ ئويلاشقىمۇ بۇلىدۇ.ھەرقىتىملىق قاتتىق قىرغىندىن كىيىن ئۇلارنىڭ تارىخىدا گۇللىنىش بولغان.
بىر ئادەم كىسەل بولسا،تىۋىپ تۇمۇرىنى تۇتۇپ، مىجازىنى ئايرىپ، كىسەلنى تىپىپ ئاندىن شەۋەتكە بۇيرۇيدۇ.ئادەم رۇھىيتىمۇ شۇنداق ئۇنى داۋالاشتىمۇ خۇي پەيلىگە قاراپ،قايسى تادۇغا مەنسۇپلىقىنى ئىگىلەپ،كىسىلىنى تىپىپ شۇنىڭغا قارتا مەسلەھەت تەدبىر كۆرىدىغان گەپ.بۇجەھەتتە قارغۇلارچە ئىش كۇرۇش ئەخمىقانىلىق.ھەتتا روھنى ئۆلتۇرۇش مۇمكىن.قىرىق ياشقا كىرگىچە تادۇ بىلمىگەنلەرنى ئادەم سانىماسلىق دىگىنى مۇشۇ.تۆت تادۇنىڭ پەلسەپىۋىلىكى بىز ئۇچۇن تىخى قىپقىزىل يىڭى تىما.بۇجەھەتتە ئىزدىنىش ئۇيغۇرچە مىللىي مەدىنىيەت ئىچىدىكلەرنىڭ بۇرچى.       
[ بۇ يازمىنىتادۇ 2012-02-17 15:58قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 81
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: 100 %
مۇنبەر پۇلى: 832 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-05-03
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-17 12:08

تور ئارلاۋاتقان دوسلارنىڭ توغرا چۇشۇنىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن. دۇنىيانى تۆت تادۇ بىلەن كۇزۇتۇش،بىز ئۇچۇن ناھايتى كونا،ھەم قىپقىزىل يىڭى تىما. بۇنداق بۇلىشىدا تۆت تادۇ تەلىماتى ئىنسان جىسمىنى تۇنۇشتا تىبابەتچىلىكىمىز بىلەن بىرگە ھازىرغا كەلگۇچە بىزدە ساقلىنىپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ، روھىيەتنى تادلاشتا ئىشلىتىلىپ قەغەز يۇزىگە ججالمىغىلى خىلى يىللار بولدى. يۇسۇپ خاس ھاجىپتىن كىيىن مۇنداق خۇي ئىلمى تەتقىق قىلىنمىدى.بۇنداق بۇلىشىدا  بەش يۇز يىل بىزدە ئەكىس ئەتكەن تەقۋادارلىق تىپىدىكى سوپا ئىزىمدىن پايدىلىنىپ،ئاپپاققا ئوخشاش باشلارنىڭ  مىللەت بىلەن مەدىنىيەتنى ئايرىپ، مەدىنىيەت نوختىسىدا تۇرۇپ مىللەتنى چەتكە قىقىشى ، مەسلەن؛ ھازىرغىچىلىك ئىسىم قۇيۇش،بەزى خۇتبە مەزمۇنلىرىدا ئەكىس ئىتىدۇ. ئبرايىم خەلىيۇللانىڭ مىللىتىدىن قىلغىن دىگەن سۆزلەر.قۇرئان ھەپتىيەكتىن باشقا كىتاپلارنى كۆيدۇرۇشمۇ مىللىيەتنى چەتكە قاققانلىق.ياكى يىقىنقى زاماندىكى مىللىيەتنى چىقىش قىلىپ مەدىنىيەتنى چەتكە قىقىش نادان قالدۇرۇش سىياسەتلىرى قاتارلىق سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن تەتقىق قىلىنمىغان.مانا ئەمدى مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىنايىتى، جۇملىدىن ئۆلكە ئازاد بولغاندىن كىيىن بىرقىسىم ئەدىپ ئۇلىمالىرىمىزنىڭ قاندق يۇسۇندا بولمىسۇن تارىخىمىزنى يۇرتىشى ئىدىيىمىزدە ئاقارتىش ئىلىپ بىرىشى،پارتىيە ھۇكىمەتنىڭ مىللىي مەدىنىيەتنى، ئۆرۇپ ئادەتلەرنى ھۆرمەتلىشى قاتارلىقلارنەتىجىسدە ئاتابوۋىلىرىمىزدىن باشلاپ ئۆتمىشىمىز خىلى يىتەرلىك يۇرىدى.
بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئەمىلىيتىمىزدە ئەكىس ئەتكەن تۆت تادۇنىڭ پەلسەپىۋىيلىكى، روھىيەتنى داۋالاشتىكى قىممىتىمۇ مەيلى خەلقارا ئەھۋالاتلاردىن بولسۇن ياكى ئۇزىمىزنى چىقىش قىلايلى ئەكىس ئەتمەكتە.مىللىي مەدىنىيەتمۇ كۆكلەشكە باشلىدى. بۇنىڭدا مەن ئەڭ ۋەكىللىك سانايدىغىنىم ئابدۇشۇشكۇر مۇھەممەد ئىمىننىڭ يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش تىمىسىدىكى ئەسىرى ،بۇنداق بۇلىشىدا ئۇكىشى ئۇيغۇر جەميىتىگە مىللىي مەدىنىيەت ئاتالغۇسىنى ناھايتى ياخشى سۇرەتلىدى. مىللەت بىلەن مەدىنىيەت زىچ باغلانغاندا روناق بۇلىدىغانلىقى، بىربىرىنى قەتئى چەتكە قاقماسلىق لازىملىقىنى تۇنۇتتى. ئاندىن قۇرئان كىرىم تەرجىمىسى ، بۇنداق دىيىشىمدە مىللەت بىلەن مەدىنىيەتنى ئات مىنگۇچى بىلەن ئات مۇناسىۋىتىدە چىقىش قىلساق، قايتا ئويلىنىش تىمىسىدىكى قاراشلار ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ قۇرئاننى چۇشۇنۇش جەھەتتە يىڭى سەھىپىگە باشلاشتا ئۇرۇق خۇسيىتىنى ئالىدۇ.ئاندىن قۇتادغۇ بىلىگ تەرجىمىسى.ئۇيغۇر تىبابىتى نەزىريەسى بۇلار روھىيتىمىزنى ۋاراقلاشتا ناھايتى مۇھىم.خۇي ئىلمى مۇشۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھازىرغا كەلگۇچىلىك  بەزى قاراشلىرىمىنى خۇي ئىلمى جەھەتتىكى تىمىلىرىمنى ئايرىم تىما شەكىلدە يوللاپ كەلگەن ئىدىم .بۇنداق بولغاندا بىرەر مەسىلىنى شەرھىلەشتە باشتىن باشلاپ توقۇشقا توغرا كىلىدىكەن. شۇڭا بىر يەرگە يىغىش مەخسىدىدە مۇشۇ تىمىغا ئنكاس شەكىلدە توپلاشنى ئويلاشتىم، مەيلى ئۇزەمگە ئۆزەم گەپ قىلغان بولاي. كەڭ تور ئەھلىنىڭ شۇنداقلا باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەندە بەك ھىسياتلىنىپ كەتكەن يەرلەر بولسا، ئىككىلەنمەي رەدىيە قايتۇرىشىنى ، ياكى ئۆچۇرىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن. مىنىڭمۇ تۆت تادۇنى سويما ھالەتتە پۇشۇرۇپ قۇيۇشقا  رايىم بارمايدۇ.
[ بۇ يازمىنىتادۇ 2012-02-17 16:03قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 81
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: 100 %
مۇنبەر پۇلى: 832 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-05-03
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-18 22:08

خۇي ۋە ئۇرۇق
قاراپ باقسام ئىنسان ياسىغان نەرسىلەر ئەينەكتىن تىلۋۇزۇرغا ،لەگلەكتىن ئايرۇپىلانغا تەرەققى قىلىدىكەن.بىراق ئەزىلىي بار جانلىقلار مەيلى ئۇچار قانات چارى پىيى بولسۇن،ياكى ئىلماش چىلماش ئۆسۇملىكى بولسۇن ئىنسانغىچە ئۇرىقىدىن كۆكلەيدىكەن.ئۇرىقىدىن ئۇنىدىكەن.يۇرۇق دۇنيادا يالىغاچ كۇزۇم بىلەن كۆرگىنىم مۇشۇ.چوڭلار بىكار ئىيتماپتىكەن،ئۇرىقىدا بولسا ئۇلۇقىغا تىتىي دەپ.
يەنى بىرتال ئۆكچىنى يەرگە تىرىسا، گىياھ بۇلۇپ ئۆسۇپ، بىر مەزگىلدىن كىيىن چىچەكلەپ، مىۋەتۇتۇپ، پىشىپ،ئاندىن غازاڭ تاشلاپ،قەھرىتان قىشتىن ئۆتۇپ،قايتا چىچەكلەيدۇ.غازاڭ مىۋىلىرى قالمىغان بىلەن تۇۋى پۇتاقلىرى قىشتىن بىمالال ئۇتەلەيدۇ.شۇ بۇيىچە قارغاندا ئىنسانىيەت ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىدىن باشلىنىپ نوھ قىچە ئۆسەپ كۆكلىدى دىسەك.نوھتىن ئىبرايىمغىچە چىچەكلىدى ھارام شاخلىرى پۇتالدى،بۇران چاپقۇندا تاۋلاندى دىيىشكە بۇلىدۇ.ئىبرايىمدىن رەسۇلىللاغىچە مىۋىسى قىزىرىپ غۇرىسى ئالا بولدى دىسەك،رەسۇللىلادىن كىيىن رەسمىي پىشىپ شىخىدا تۇرمىدى،نۇرغۇن كەشپىيات ئىختىرالار پەيدا بولدى.ئىنسانلار ئارزۇ ئارمانلىرىغا قاندى.بۇنىڭدىن بەك پەن تىخنىكىنى غايىۋىيلەشتۇرۇش،يەنە تەرەققىي قىلىدۇ دىيىشكە ئانچە ئىشەنمەيمەن.بارىدىغان يىرىگە بىرىپ بولدى.زىمىستان قىشنىڭ ھىدى بار.
دىمەك ئىنسانىيەتنى قىساسۇل ئەنبىيادىكى بايانلار بۇيىچە مۇنداق كۆكلىدى دىيىشكە بۇلىدۇ.
نوھنىڭ ئۇچ ئوغلى  ھام سام ياپەس، يەنە سەكسەن نەچچە كىشى، ھەممە ھايۋاندىن بىرجۇپ،
تۇپان بالاسىدا كىمىگە چىقىۋالغان.سۇ يانغاندىن كىيىن جۇدى تىغىدا قۇرۇقلۇققا چىققان. بەلكىم ھازىرقى ئافرىقا بۇلىشى مۇمكىن.ياۋايى ھايۋانلار كۆپ. ھام- ھازىرقى نىسارالار قەدىمقى رۇملۇقلارنىڭ ئەجدادى، سام پەيغەمبەرلەر مۇشۇ ئۇرۇقتىن چىققان.ئىبرايىمنىڭ ئىككى ئوغلى، ئىسمائىلدىن ئەرەپلەر، ئىسھاقتىن يەھۇدىيلار مۇشۇنداق كۆكلىگەن. ياپەس- تۇرۇكلەرنىڭ ئەجدادى،ياپەس ئوغلى تۇرۇك ،تۇرۇك ئوغلى ئاپىرسىياپ دەپ تۇرۇك تىللار دىۋانىدا خاتىرلەنگەن.
ئۇيغۇر شۇچاقلاردا يىگرمە پۇتاقنىڭ بىرى.
نوھتىن كىيىن ئۇچ پەيغەمبەر، ئىبرايىمنى قۇشۇپ تۆت پەيغەمبەر ئاساسراق. بۇنىڭدا ئاد قەۋىمىگە ھۇد ئەۋەتىلگەن. ئاتنى ئەرەپچىدە ئادىيات سۇرىسى بۇيىچە ئاد دەپ ئاتىساكىرەك. ئات تۇرۇكلەردە ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە، تارىختا ئاتلىقلار مەدىنىيتىنى ياراتقانلارمۇ شۇلار، ئاد قەۋىمى بەشكە بۇلۇنگەنلىك توغرىسىدا بايانلار بار. سەمۇد بىلەن جورھۇملۇقلارمۇ مۇشىنىڭ ئىچىدە،سەمۇد قەۋىمىگە كەلسەك، سالىھ ئەلەيھى سالام پەيغەمبەر بولغان. قەۋىمى تۇگىنى ئۆلتۇرگەندىن كىيىن ئازاپ چۇشۇرۇلگەن. پارىسلارنىڭ ئەجدادى بۇلىشى مۇمكىن. چۇنكى پارىسلار بىرنەرسىنى سىھىرلەشتۇرۇشكە مايىل ،جۇرايدۇ. سالىھ نىڭ تۇگىسى ،شۇلارنىڭ خۇي پەيلىگە ناھايتى ماس.يەنە تاغلارنى تىشىپ ئۆي سالغانلىقى خاتىرلەنگەن، ھازىرغىچە ئۇلاردا بۇ ئادەت ساقلىنىپ قالغان. يەنە شۇ ئەيىپ توغرىسىدىمۇ بايانلار بار، بۇنىڭدا سانىنى كۆپ قىلغانلىق ،تارازىدا ساختىلىق قىلغانلىقى،يوللاردا ئولتۇرۋالىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. تادۇ بۇيىچە خۇي پەيلىنى چىقىش قىلغاندا سەمۇد بىلەن شۇئەيىپنىڭ قەۋىمى تەقۋادارلىق تىپىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ناھايتى يىقىن. ھەم ئوخشاش ئازاپ چۇشۇرۇلگەن. يۇقارقىلارنى تادۇغا سالغاندا، ئاد ھازىرقى تۇرۇكلەرنىڭ ئەجدادىغا ھۇد پەيغەمبەر بولغان.تۆتكە بۇلۇنگەن. جورھۇملۇقلارنى تۇرۇكنىڭ ئۇرىغى دىسەك، ئەرەپلەرنىڭ ئانىسى شۇ قەۋىمدىن.بۇلۇتنى كۇرۇپ يامغۇر چىغى دىيىشىدە ، ھەممىنى ياخشى تەرەپكە بۇرىغانلىقىنى بىلگىلى بۇلىدۇ، ياخشىلىق سۇ تۇرۇكلەرنىڭ خۇيى‹سۇ›. سەمۇد  ۋە شۇئەيىپ قەۋىمى خۇيى بىر تەقۋادارلىق ئەكىس ئىتىدۇ.پارىسلار بىلەن ھىندىلارنىڭ ئەجدادى دىيىشكە بۇلىدۇ.‹ھاۋا›. ئاندىن لۇت قەۋىمى لىۋاتە ئەۋىج ئالغان. نىسارالار ھازىر بەتچە ۋازلىقىنى قانۇنلاشتۇردى .ئادىللىق تىپىدە ئەركىن جىنسىيەت ئەكىس ئىتىدۇ.‹ئوت› . ئىبرايىمغا لۇت قەۋىمى ھالەك بۇلۇشتىن ئىلگىرى خەۋەر بىرىلگەن. ئىككىسى بىردەۋىردە بار.ئىبرايىم ئەلەيھى سالام بىلىش تىپىدىكى يەھۇدىيلار ۋە ئەرەپلەرنىڭ ئۇرىقىنى تىككەن.‹تۇپراق›.
خۇلاسىلىغاندا توپراق خۇيدىكىلەر ئەرەپلەر يەھۇدىيلارغا  ئىبرايىم، ئوت خۇسيەتتىكى نىسارالارغا لۇت. سۇ ياخشىلىق خۇيدىكى تۇرۇكلەرگە ھۇد. ھاۋا تەقۋادارلىق تىپىدىكىلەرگە  يەنى پارىسلار ھىندىلارغا سالىھ شۇ ئەيىپ لەر پەيغەمبەر بولغان. نىگىرلار تەگ بۇلىشى مۇمكىن. چۇنكى بەزى ئۆرۇپ ئادەتلىرى، رەڭلىرى ئوخشۇشۇپ كىتىدۇ. ئوتتۇراتۇزلەڭگە كەلسەك، بۇلارنىڭ تۇرۇكلەر بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ياقىلايمەن. 
[ بۇ يازمىنىتادۇ 2012-02-18 22:16قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 81
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: 100 %
مۇنبەر پۇلى: 832 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-05-03
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-23 16:26

ئىختىساد ۋە تۆت تادۇ
كونىلار پۇلنىڭ بىر ئۇچچى بىلەكتە بىر ئۇچچى يۇرەكتە دەپ ناھايتى توغرا ئىيىتقان.بۇنى بىلىش بىلەن ئۇقساق، پۇلنى ئىشلەپ تاپىمىز.كالىدەك ئىشلەۋەرگەنگىلا باي  بولغىلى بولمايدۇ.يەنە كاللا ئىشلىتىش كىرەك.شۇنىڭغا يانداش يۇركىمىزمۇ ياخشى بۇلىشى كىرەك.پۇل بىلەن بۇلۇپ كىتىپ ئادىمىيلىكنى پىتىقلىساق.كۇنلەرنىڭ بىرىدە نەزىر قازىنىدا مال-چارۋا باقىدىغان ئىش چىقىدۇ.  ئوتتەك ئادىللىق كۆزدە كۇزەتسەك،تاپتىم دەپ تاقىتىۋەرگەنگە،يامىنى دەسمىي بولمىسا پۇل تاپقىلى بولمايدۇ.چىڭ تۇتمىسا تىخى دەت. پەزىلەت بىلەن دەڭسىسەك، ياخشىلىقنى بىلەك بەلگۇلىمەيدۇ،يۇرەك بەلگۇلەيدۇ.قاغىدەك كۆمىدىغانلارمۇبار ئەلۋەتتە.ئادەتكە سالساق،بۇگۇن زاغرا يىيىشكە نىسىپ بولسا،شۇنچە ئىشلەپ زاغرا بولۇپتىمەن دىگىچە، شۇكرى ئىيىتساق. زاغرا لەغمەندىن تەملىك تىتىيدۇ.گوش گىردىمۇ پاساڭدايمىز.
ئىنسان روھ ۋە جىسىمدىن تۇزۇلگەندەك،بىر قەۋىمنىڭمۇ ئۆزىگە خاس مەدىنىيتى ۋە ئىختىسادى بولىدۇ. ھازىرقى دۇنيا ئىختىسادنىڭ روھىنى، بىرەر يىڭى تىخنىكا بولسا ‹ۋاتنىڭ دىۋگاتىلىغا ئوخشاش›، ئۇنى توغرا تەدبىر بىلەن مەبلەغ سىلىپ،مەسھۇلاتقا ئايلاندۇرسا، ئىھتىياج سىتىۋىلىپ ئاندىن پايدىغا ئايلىنىدۇ.بۇنىڭغا قىياسەن، يىڭى تىخنىكا تەدبىر مەبلەغ ئىھتىياج دەپ مۇشۇ تۆت نوختىغا‹تادۇ› يىغىنچاقلاشقا بۇلىدۇ.جىسمىنى بولسا ئالتۇن ، پۇل، نىفىت، ئاش تەڭشەۋاتىدۇ.
ئىختىسادنى ماكان بۇيىچە كۇزەتسەك، تەبىئى شەرىت شارائىتنىڭ ئىختىسادقا بولغان تەسىرىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. ئەرەپ ئەللىرىدىن نىفىت كۆپ چىقىدۇ، ياۋرۇپادا ھۇنەر سەنئەت يىڭى تىخنىكا باشلانغان جاي،ئامرىكىدا بولسا سايمان ئىڭى تەدبىر پۇل گەۋدىلىنىدۇ.شەرىقتە نۇرغۇن نۇپۇس بار ،ئاش ئىھتىياج ئاساسىي سالماقنى ئىگەنلەيدۇ.
زامان بۇيىچە قارساق،ۋاقىت زامانمۇ تۆت پەسىل بۇيىچە ماڭىدۇ.كۆپۇنچىلەر ئىسلام مەدىنىيەت گۇللىنىشىنىڭ ياۋرۇپا ئەدىبىيات سەنئەت گۇللىنىشىگە ئۇل سالغانلىقىنى،بۇنىڭدىن ياۋرۇپا سانائەت ئىنقىلاۋىنىڭ كىلىپ چىققانلىقنى چەتكە قاقمايدۇ.دىمەك تۆتىنجى ئىرانىڭ تۇنجى باھار  قەدىمىنى ئەرەپلەر باشلىغان بۇلۇپ،بۇمىڭ يىل ئەپچۆرىسى تۇپراق خۇسيەتتىكى بىلىش بىلەن سۇپەتلەنگەن.ئاندىن داۋىنىچنىڭ ئۆزنىڭ رەسىمىنى ئۆزى سىزغاندىن باشلاپ،توك ماتۇرلارنىڭ كەشىپ قىلىنىشى،بۇنىڭغا نەچچە قىتملىق دۇنيا ئۇرشىنىڭ پىلتە بۇلىشى،ئاتۇم ياسىلىشى، قاتارلىقلار بىلەن بارا بارا قۇرال سايمان ئادىللىق ياز گەۋدىلەندى.يازمۇ ئۆز ئىچىدىن ياۋرۇپا ئەدىبىيات سەنئەت سانائەت گۇللىنىشىنى بىلىش ، نەچچە قىتىملىق دۇنيا ئۇرشىنى ئادىللىق ،تىلفۇن تىۋۇزۇر كومپىيتۇر قاتارلىقلار تەرەقىياتىنى ياخشىلىق،ھازىرقى تەبىئىي ئاپەت كىسەل كىرزىسلارنىڭ پۇرقىنى تەقۋادارلىق قىش دەپ تۆت پەسىلنى ئىما قىلماقتا.ئالدىمىزدا تىخى ‹قىيامەت بولمىسىلا›ياخشىلىق گەۋدىلىنىدىغان سۇ خۇسيەتتىكى كۇز پەسلى، ئاندىن ھاۋا خۇسيەتتىكى تەقۋادارلىق ئۆز ئىچىگە ئالغان قىش پەسىللىرى بار.
ئىنسان بۇيىچە تادلىساق،、ئىنسان بۇرۇن كۆز ئىغىز قۇلاقتىن ئىبارەت مۇبارەك تۆت ئەزادىن كىلىپ چىققان ئىنكاسلارنى مىڭە بىلەن يۇرەكتە تادۇغا سالغۇچى.مىڭىدە ھۇش ئەقىل پەزىلەت بىلىم ئەكىس ئەتسە، يۇرەكتە دىل تىل ئۇيات قىلىق ئەكىس ئىتىدۇ.تۆت خىل مىجازدىكى ئىنسان بولغانغا ئوخشاش،ئىنسانىيەتنى تۆت خىل مىجازدىكى قەۋىملەر تەشكىللەيدۇ.سامغا تەۋە سەئۇدىي يەئۇدىيلار بىلىش سۇپەتتە  يىڭىلىق ئارزۇ تەرققىيات بۇيىچە ماڭىدۇ،بىرى مۇسا ئەلەيھىدەك ئەسلىيەتكە، بىرى سامرىدەك ھۇنەرگە باشلايدۇ.بىلىش تۇپراق بولغاچ بۇلار تەبىئى تۇپراق خۇسيەتتىكى ئالتۇنغا مايىل كىلىدۇ.ھام ئۇرۇقلىرى روملۇق ئىنگىلىزلاردابولسا قۇرال تەدبىر پۇل ئەكىس ئىتىپ ، ئادىللىق ئوتنى دەستەك قىلىدۇ‹ئەركىنلىك ھەيكىلىنىڭ قولىدا ئوت بار›.ياپەسكە تەۋە تۇرۇكلەردە بولسا ياخشىلىق سۇپەتتىكى سودا ئەكىس ئىتىپ، ئات ماشىنا سۇ نىفىتكە مايىللىق گەۋدىلىنىدۇ.ھىندى پارىس نىگىر ۋە يۇرۇتداشلاردا بولسا ئاش كىيىم ئۆي ئىھتىياج دائىملىق قىززىق تىما.مۇشۇنداق بىربىرىنى باشلايدۇ،تۇزەيدۇ،باغلايدۇ تۇراقلاشتۇرىدۇ.
 
مەدىنىيەت جەھەتتە شەرىق تەقۋادارلىق تىپىدىكى پادىشاھچە مەدىنىيەت ئەندىزىسىنى روياپقا چىقارغان بۇلۇپ، كىچىگى چوڭىغا، چوڭى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭىغا قاتلاممۇ قاتلام بوي سۇنۇپ،ئاجايىپ غارايىپ مۇداپىيە تاملىرى كۇنەگ رىجىلىرىنى  ھاسىل قىلغان. بۇھالەت ئەنە شۇنداق قىشنى بىرنىڭ ئۇستىگە بىرنى تىزمىسا تام بولمايدىغانلىقىنى كۇچلۇك پاكىت بىلەن نەزىرىمىزگە تاشلايدۇ. شەرىق خالىسا ھۇنەر تىخنىكا ئەمىلىي ئۇنۇمدارلىق قىممىتىگە يەتمەكتە. خالىمىسا ئاسارە ئەتىقە سۇپەتتە مۇزىيلارنى بىزىمەكتە.بۇتىپتا مانا مۇشۇنداق غايەت زور ئىھتىياج بارئىختىسادقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىختىسادى يۇرشىدىمۇ جەمەت خاراكتىرى ئەكىس ئەتكەن بۇلۇپ،بىزنىڭ باققا ئوخشاش ئۇرۇك شاپتۇل ئۇزۇم دەرەخ ھەممىنى ئارلاشتۇرماستىن،بىر جەمەتتە خاس ئۇرۇك، بىرجەمەتتە شاپتۇل، بىر رايۇندا ھۇنەرسەنئەت،بىر جايدا كىيىم كىچەك مۇشۇنداق خاسلىق كۇلەم بىلەن خاراكتىرلەنگەن.مەسلەن؛بازاردا خىنەنلىكلەر تاشچى، گۇۋادۇڭلۇقلار سودىگەر،يەنە بىريەرلىكلەر چىنە قاچىچى.ماۋۇ دوقمىشتىكى ئۇيۇنچۇق دۇكىنى بىلەن ئاۋۇ دوقمىشتىكى ئۇيۇنچۇق دۇكىنى تۇققان ياكى يۇرۇتداش.ماۋۇ شەھەردىكى بىلەن ئاۋۇ شەھەردىكىسىمۇ شۇنداق،ئادەمگە ئۆمۇچۇك تورىنى ئەسلىتىدۇ. دۆلىتىمىزدە ئۆي مۇلۇك قىزىق تىمابۇلۇپ، ئىختىسادنى جانلاندۇرۇپ ئىھتىياجنى قوزغۇتۇشتا ناھايتى مۇھىم رول ئالماقتا.چۇنكى ھاۋا ئاسمان يەتتە قات.  
سەكسەن خالتىمىزدىكى ئىلىم بىلەن قارساق، ئىختىسادنىڭ جىسمىنى ئالتۇن پۇل نىفىت ئاش ،تۇپراق ئوت سۇ ھاۋا خۇسيەتتە تەڭشەيدۇ. روھىنى ، يىڭىلىق ‹يىڭى تىخنىكا› تەدبىر مەبلەغ ئىھتىياج، بىلىش ئادىللىق ياخشىلىق تەقۋادارلىق سۇپەتتە تۇزىدۇ. خۇددى يىڭى تىخنىكا بولغان بىلەن ئۇنى قۇبۇل قىلغىلى ئىھتىياج بولمىسا بولمىغاندەك، ئالتۇن زىيادە ئۆسسە، ئۇنى ئاش تەڭشەيدۇ‹ تۇپراق بۇزۇلسا ئۆرۇپ شامالغا سالىمىز ، سەۋدا ئاشسا داۋا قاندىن›.ئوت خۇسيەتتىكى پۇل تەدبىر زىيادىلەشسە،سۇ خۇسيەتتىكى نىفىت مەبلەغ تەڭشەيدۇ.ئادەتتە پۇلنىڭ قىممىتى ئاساسەن، بانكىدىن تەييار پۇل نىسبىتىنى ئۆستۇرۇش ۋە كۆپلەپ زاييۇم تارقىتىش، قەرىزنى ئازايتىش، خەقنىڭ قولىدىكى پۇلنى قىسىش ئارقىلىق ئۆسىدۇ. پۇل ئاز بولغاچقا قىممەتلىك بۇلىدۇ.قىممەت بۇلىۋەرگەچكە مەبلەغ كاملايدۇ.نىفىت ئەرزانلايدۇ.بۇنىڭ بىلەن بارا بارا نىفىت ئىھتىياجى ئىشىپ، ئۆسۇشكە باشلايدۇ. بۇ پۇلغا تەسىر قىلدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن كىرزىس دىگەنلىكنى ئىختىسادنىڭ كىسىلى دىيىشكە بۇلىدۇ.مىجازنىڭ تادۇلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى كىسەل كەلتۇرۇپ چىقىردۇ.2008-يىلى ئامرىكىدا رەنىلىك قەرىز تۇپەيلى  ئىختىسادىي كىرزىس يۇزبەرگەندە، نىفىت بىلەن ئاش بەسلىشىپ ئۆسۇپ، ئامرىكىدىكى ئۆيمۇلۇك زىيادە چۇشۇپ كەتكەن.ئاسمان يەتتە قات بولغاندەك ، ئۆي قەۋەتلىك ھەم ھاۋىغا سىلىنىدىغان بۇلۇپ كەتتى.بۇيەردىكى ئاش بىلەن ئۆينى ھاۋاغا قىياس قىلىشقا بۇلىدۇ.دىمەك كىسەل ھاۋادا بولغاچ،داۋاسى تۇپراق ئالتۇن بۇلۇپ ، ئالتۇن 1800يۇز دوللارنى كۆرسەتتى.ئامرىكا كەڭرى پۇل سىياسىتىنى يۇرگۇزۇپ ئالتۇننى ئۆستەردى.ئالتۇن ئۆسكەنچە ئاش ئۆي چۇشىدۇ، چۇشكەنچە خەقلەر ئاش تىرىمايدۇ، ئۆي سالمايدۇ.نەتىجىدە بۇنىڭغا ئىھتىياج ئىشىپ،ئاش ئۆينىڭ ئۆسىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىردۇ .بۇ ئۆسەپ ئالتۇننى چەكلەيدۇ. ھازىرقى ياۋرۇپا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىمۇ شۇنداق ،كىسەل پۇلدىن چىقىپ ئىختىساد قەرىزگە بۇغۇلدى.مەبلەغ سۇ نىفىتتە گەۋدىلەندى.پۇل چۇشسە نىفىت ئۆسىدۇ. چىكىگە يەتكەندە  پۇل ئۆسۇپ ، نىفىت چۇشىدۇ.دىمەك بۇنىڭ داۋاسى نىفىتتىن چىقىدۇ.ئوتتۇراشەرىق ۋەزىيتىنىڭ مۇقۇمسىزلىقى نىفىتنى ئۆستۇرۇپ، قىممەت نىفىت بارا بارا ئۇلارنى قەرىزگە  بوغدى. بۇنىڭ داۋاسى مۇقۇملۇق، نىفىتنىڭ چۇششى.
ئارىمىزدا بەزى بايلىرىمىزنىڭ ئالتۇن قاش بىلەن ھەپىلىشىدىغانلىرى بار،دوللارچىلارمۇ بار،نىفىتقا قارغاندا ماشىنا سودىسى خىلى قىززىق، مەبلەغ سۇپەتتىكى پايچىلارمۇ خىلى بار.ئارمان پاي بازىرىغا كىرىمىز دەۋاتىدۇ‹تۇشقاندەك يۇز يىل ياشىغىچەم يولۋاستەك بىر يىل ياشا›،بۇ ناھايتى ئەھمىيەتلىك ئىش. ئاش سودىسى قىلىدىغانلارمۇ ئانچە مۇنچە ئۇچرايدۇ،كۆپۇنچىمىز بۇلاردىكى مۇناسىۋەتنى بىلمەي پىشانىمىزگە قويىمىز.
بۇنىڭدا، دۆلەت ئالدى بىلەن نۇرغۇن مەبلەغ چىقىرىپ2009-يىلدىكىدەك قەرىزنى كەڭ كۇشادە تارقىتىپ، ئىختىسادنىڭ ھەممە ساھالىرىنى قوللايدۇ، بۇچاغلاردا دەسلەپ پاي ئۆسىدۇ،ئومۇمىيۇزلۇك ئۆسىدۇ.ئاندىن ئاستا ئاستا رەڭلىك مىتال گەۋدىلىنىدۇ.ئالتۇن كۇمۇش قىززىيدۇ. بۇۋاقىتتا دەسلەپ پاي ئاندىن ئالتۇن كۇمۇشتە يۇرسە بولىدۇ.بىرىنجى دەۋىردە ئالتۇن كۇمۇش  ‹تۇپراق› ئەكىس ئىتىدۇ.
ئاندىن نۇرغۇن پۇل سىلىنغاچقا پۇل پاخاللىقى يۇز بىرىدۇ. دۆلەت تەدبىر چىقىرىپ پۇلنى قىسسىشقا باشلايدۇ.ئالتۇن زىيادە ئۆسكەچكە، ئاش بۇلالماي دەسلەپ ئالتۇن پەسلەپ ئاش قىزىرىدۇ.خەلقارادا ئاش سىتىۋىلىشنىڭ پۇرسىتىگە ئۇزۇن قالمىدى دەپ ئويلايمەن. ئاندىن ئاستا ئاستا پۇلنىڭ قىممىتى گەۋدىلىنىدۇ.خۇددى2011-يىلى كونا پۇل سەكلىگەندەك.بۇدەۋىردە پۇل ‹ئوت›تەدبىرئاساس بۇلىدۇ. پاي بىلەن نىفىتتا جىق مەنا قالمايدۇ.
پۇلنى قىسىۋالغاچقا نۇرغۇن كاخانلار ئۇسساشقا باشلايدۇ.يامانراقلىرى بايراقدار بۇلۇپ ماڭىدۇ.بۇچاغدا ھۆكۇمەت ساھالەر ئارا، رايۇنلار ئارا قوللاشقا باشلايدۇ.بىردەم ئۇرايۇننى بىردەم بۇساھانى قوللايدۇ. پۇل قىممەتلەشكەچكە،نىفىت ئەرزەنشىيدۇ.ئىھتىياج كۇچۇيۇپ ماشىنا قىززىيدۇ.بۇ پاي بازىرىنى ئاستا ئاستا ھاۋاغا كۆتۇرىدۇ.ماشىنا كۆپ بولغاچقا كىيىنچە نىفىت ئۆسىدۇ.دىمەك بۇدەۋىردە نىفىت‹سۇ›مەبلەغ ئاساسلىق رول ئوينايدۇ.
ئاندىن رايۇنلار ئارا ساھالەر ئارا ئىختىسادىي پەرىقلەر زورىيىشقا باشلايدۇ.سىياسىي ئۇگۇنۇش مۇقۇملۇق خىزمىتى كۇچىيدۇ.بايلار مودا قوغلىشىپ ئۆي ئىلىشقا باشلايدۇ.نامىراتلار ئۆي ئالالمايدۇ.پاي يۇقرى نوختىغا ئىتىپ، پەسلەشكە باشلايدۇ.نىفىت قىممەت بولغاچقا ئۇغۇت قىممەتلشىدۇ،ئاش قىزىرىپ رول ئالىدۇ. بۇچاغدا ئاشتا پايدا بار.ئۆي ئالسىمۇ قىسقا مۇددەتتە پايدا ئالغىلى بۇلىدۇ. بارا بارا ئاش‹ ھاۋا› قىززىق بۇلۇپ قالىدۇ. بازار زىمىستانغا كىرىپ، قايتا باھار بۇلىدۇ.
خۇلاسىلىغاندا،ئالتۇن زىيادە ئۆسسە،پۇلنىڭ غىمىغا كىرىش. پۇل ئۆسكەندە چىكىنىپ، نىفىت ماشىنىغا پاي بازىرىغا قاراش.بۇ ھەقدارىغا يەتكىلى تۇرغاندا ئاشقا ئۆيگەمەدىنىيەت سەنئەتكە مايىل بۇلۇشمۇشۇنداق دەۋرىيلىنىدۇ.پۇلنىڭ بىر ئۇچچى بىلەكتە ،بىر ئۇچچى يۇرەكتە،بۇلۇپمۇ ئۆزىڭىزنىڭ بىلىكى ھەم يۇركىدە.
دوستلىشىش
مېھمان
مېھمانمىز ،ئاللاھ ساھىبخان .
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7772
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 121
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە121دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 1315 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-08
ئاخىرقى: 2012-05-11
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-24 20:09

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئېسل يازما ئىكەن .ئاخىرى يەنە بارمۇ؟
ئەگەر ئېتقاد قىلىۋاتقىنىڭدىكىدەك ياشىماس ئىكەنسەن ، ياشاۋاتقىنىڭدىكىدەك ئېتقاددا سەن.
-ئۆمەر ئىبنى خەتتاب
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 81
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: 100 %
مۇنبەر پۇلى: 832 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-05-03
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-25 19:17

8-قەۋەت (مېھمان) نىڭ يازمىسىغا

سىزگە يارىغان بولسا مەن خۇرسەن. ئەلكۇيى قەلەمداشلاردا بىرنەچچىسى بار ئىدى بۇيەرگە كۇچۇرسەم بۇلارمۇ بولماسمۇ دەپ ئىككىلىنىپ قالدىم .