باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2202 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 2/2     Go
تېما: مىللىي مەدىنىيەت
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 331
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە331دانە
ئۆسۈش: 1530 %
مۇنبەر پۇلى: 3991 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-05-11
10-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 12:39

مىنىڭچە تۆت تادۇنى ئېىلىمىنىتلار چۈشەنچىسىنىڭ ئىپتىدائى شەكلى دەپ قاراپ.ھازىرقى ماددا ھالەتلىرى ئۇقۇمى بىلەن باغلىسىڭىز بىر قەدەر توغرا بولارمىكىن.تەبىئى بارلىق ھازىرمۇ تۇت تادۇدىن تۇزۆلگەن،تۆت تادۇ ئاساسلارنىڭ ئاساسى  دىسىڭىز نۆۋەتتىكى پەن بۇنىڭغا ئونىماسمىكىن.
مەن سىزنىڭ بىرەر نەتىجە قازىنالايدىغانلىغىڭىزغا ئىشىنىمەن،شەرىت، پىكىر يوللىرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ باقسىڭىز.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 81
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: 100 %
مۇنبەر پۇلى: 832 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-05-03
11-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 12:45

مىنىڭ كاللامغا تۆت تادۇدىن باشقىسى چۇشمەيدۇ. مۇشۇنىڭغا ئىلىنگەندىن بىرى شۇنداق بۇلۇپ قالدىم.

سىزنىڭچە ئىختىساد ۋە تۆت تادۇدا  ماكان زامان ئىنسان دىن  قانداقراق ئەكىس ئىتىپتۇ؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 81
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: 100 %
مۇنبەر پۇلى: 832 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-05-03
12-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-18 14:00

تەپەككۇر ۋە تۆت تادۇ
جانلىق دىگەن سۆزنى ئەسلىسەك ، كۆزئالدىمىزغا ئىنسان ، ھايۋان، ئۆسۇملۇك، يەنە چوڭلارنىڭ رىۋايىتىگە بىقىنداش جىن ئەرۋاھلار كىلىدۇ.مەيلى بىرپۇتۇن تاكاممۇل مەخلۇق بولسۇن، ياكى كۆزبىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ئاددىي تەنچىلەرگىچە ، ئۇلاردا جان دەيدىغان بىر سىر بار.جۇپلىشىدۇ تۇغىدۇ ئۇنىدۇ ئۆسەپ چوڭ بۇلۇپ ئۆلىدۇ. ئىنسان ياسىغان بۇيۇملار لەگلەكتىن ئايرۇپىلانغا، ئەينەكتىن تىلۋۇزۇرغا تەرەققىي قىلغان  بىلەن، جىنى بار مەخلۇقاتلار ئۇرىغىدىن ئۇنىدۇ. شۇڭا ماددىغا ماددىچە ئاڭ،ئاڭغا ئۆزگىچە ئاڭ بولغان ياخشى.تەپەككۇر ئىنساندىكى ئالىي نىئمەت بۇلۇپ، ئىنسان تەپەككۇرى بىلەن  تاۋۇش نىداسىنىلا ئاڭلايدىغان چاھار پايلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدۇ.تەپەككۇرمۇ بۇرۇن كۆز ئىغىز قۇلاق تىن ئىبارەت تۆت ئەزادىن چىققان ئۇچۇرلارنى قىياس قىلىدۇ.دىمەك تەپەككۇر بەئەينى تۆت پۇتلۇق كۇرۇسقا ئوخشايدۇ.تۆت پۇتى يوق تەپەككۇر ئاجىز تەپەككۇردۇر.خوش، بۇتۆت پۇت قايسى ؟بۇنىڭ بىرى ئەقىل مەنىسىدىكى تەپەككۇر،بىرى دىل،يەنەتىل ۋە خۇيدىن ئىبارەت تۆت تادۇدۇر.
ھۇش ئەقىل پەزىلەت بىلىم، تەپەككۇر ئىچىدىكى تەپەككۇرىدا ئەكىس ئەتكەن تۆت تادۇ. ئادەتتە كۆپۇنچىمىز لوگىكىلىق ۋە ئوبرازلىق ئىككى خىل تەپەككۇر شەكلنى بىلىمىز. لوگىكىلىق تەپەككۇردا نۇرغۇن ئوبىكىتلاردىكى تەجىربە ئىستاستىكىسى،ۋاقىت، سان سىپىر،قانۇن دەستۇر،قۇرال سايمان نەتىجىسى، قىسقىسى ئەقىلنىڭ تۇپتۇز پائالىيتىنىڭ پاكىتى چىقىش قىلىنىپ،چىققان نەتىجىنىڭ ئادىل تەڭ بۇلىشىنى قوغلىشىدۇ.ئوبرازلىق تەپەككۇردا دۇنيادىكى قانۇنىيەت ئوخشاشلىقلار ئۆلچەم پىرىنسىپلار ئوبرازلىق سىلىشتۇرلىدۇ.ئىجادىي تەپەككۇردا بولسا، بۇ ئىككىلىسىنى تەڭ ئىشلىتىپ يىڭىنى بايقايدۇ.مەسلەن؛ بىر بۇۋاينىڭ قۇلىنى يۇپۇرماق كىسىۋەتكەچكە،يۇپۇرماقنىڭ ھەرەچىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، بۇ لوگىكا.ئاندىن تۆمۇردە مۇشۇنداق ھەرەچىشلىق قىلىپ تىغ ياسىسا ،ياغاچنى كەسكىلى بۇلىدىغانلىقىغا كۆزى يىتىدۇ. بۇ ئوبرازلىق. تادۇچە تەپەككۇردا بولسا ئالدى بىلەن تۇپراق ئوت سۇ ھاۋا بۇيىچە خۇي-خۇسيەتلىرى ئوبرازلىق ئىنقلىنىپ،تەڭپۇڭلۇق‹لوگىكا› بۇيىچە مۇناسىۋەت زىدىيەتلىرى تەھلىل قىلىنىدۇ.دىمەك  ئىجادىي تەپەككۇرنى بايقىشى بىلەن ھۇش دىسەك، لوگىكىلىق تەپەككۇرنى سانسىپىر قۇرالى بىلەن ئەقىل، تادۇچە تەپەككۇرنى پەزىلەت، ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ قوللىنىشچانلىقىنى بىلىمگە قىياس قىلىشقا بولىدۇ ياكى مۇشۇنداق ئەكىس ئىتىدۇ.
ھۇش، سەزگۇرلۇك ئۇقۇش بىلىش دىگەن مەنالارنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ، ئىنسان ئىجادىي كۇچىنى بايقاش ئۇندۇرۇش روھىنى تەخمىن قىلسا.ئەقىل، تەدبىر پاراسەت بىلەن تاياقتا مال ھەيدىگەندەك، قىزىتىش چاسىلاش ھەيدەش رولىنى ئۆتەيدۇ.پەزىلەت بولسا سىلىقلىقى بىلەن ياخشى ياماننى  تۆت تەرەپكەباغلىسا.بىلىم خۇددى كوناكاسىردەك تەجىربە ساۋاق يەكۇنلەرنى  خاتىرلەيدۇ.  تۇپراق خۇسيەتتىكى ھۇش بايقىسا،ياكى زىيادە ئاشسا ھاۋا خۇسيەتتىكى بىلىم تەجىربە ئالدى بىلەن دەپتەرلىرىنى ۋاراقلاپ،سىلىشتۇرۇپ مۇئەييەنلەشتۇرىدۇ چەكلەيدۇ.ياكى بىلىم كىتاپتىن باش كۆتۇرەلمىسە،ھۇش يىڭىلىق ئىلىپ كىلىپ بىيىتىدۇ.بىر مەزگىل ھۇش گەۋدىلەنسە بىر مەزگىل ئەقىل،پەزىلەت بىلىملەر رىتى بۇيىچە گەۋدىلىنىدۇ. ھۇشتا بايقاش گەۋدىلىنىپ، باغلاش كەم بۇلىدۇ،چوڭقۇرلۇق ئەكىس ئىتىپ، كەڭرىلىك ئىتىبارسىز بۇلىدۇ. پەزىلەت‹تادۇ› بۇيىچە دەل تەتۇرسى بۇلۇپ، كەڭرىلىك باغلاش ئاساس قىلىنىپ،بايقاش ئاجىزراق بۇلىدۇ.ئەقىل لوگىكا بۇيىچە پاكىت ئىغىرلىق ئاساس،ئوبىرازنىڭ بۇنىڭ بىلەن كارى يوق ماسسا قوغلىشىدۇ.مۇشۇنداق دەۋرىيلىك زىدىيەت باغلىنىش تەققەزا ئىچىدە تەپەككۇر تۇگمەن تىشىدەك ئوقىدا پىقىرماستىن، ماشىنا چاقىسىدەك توغرىسىغا ئايلىنىپ مەنزىلىگە يىتىدۇ.
ئىنسان تەپەككۇرىغا يەنە ئادىللىق سۇپەتتىكى دىل تەسىر كۆرسىتىدۇ.دىلدىكى سىر ئەشيالار كۆزدە ئىپادە تاپىدۇ‹شىرىننى كۇرەر بولساڭ پەرھاتنىڭ كۇزى بولغىن›. تادۇ بۇيىچە كۆز ئوت ئادىللىق. دىلدا بىلىش ئالاھىدىلىكتە ھىس -تۇيغۇ ھاۋايى- ھەۋەس، ئادىللىق خاراكتىردە غەزەپ ۋەخۇشلۇق، ياخشىلىق سۇپەتتە مۇھەببەت ۋە نەپرەت،تەقۋادارلىق خۇسيەتتە ۋىجدان ۋە ساداقەت بولىدۇ.مەسلەن؛ سەۋدا مىجازدىكى يەھۇدىيلاردا ھاۋايى –ھەۋەس يىتەكچى بولغاچ،ئۇلاردىكى ۋىجدان ئىززەت كام كىلىدۇ.قان خىلىتتىكى ھىندىلاردا بولسا ۋىجدان ئىززەت قىممەتلىك،كىنولىرى مىسال،شۇڭا تەبىئى ھالدا ھاۋايى ھەۋىسى كام كىلىدۇ. تەرىك دۇنياچىلىق،دەرۋىشلىك،راھىپلىق كۆلەمگە ئىگە.سەپرائادىللىق تىپىدىكىسىدە غەزەپ خوشلىقى ئىگىز بولغاچ، مۇھەببەت نەپرىتى سۇس‹ئەركىن جىنسىيەت› بولىدۇ.ھەۋەس زىيادە ئاشسا،بۇنى ۋىجدان تىزگىنلەيدۇ.غەزەپنى مۇھەببەت باسىدۇ.بۇلار ئارسىدىمۇ تادۇچە مۇناسىۋەت بار.
ئىنسان ئانا تىلدا تەپەككۇر قىلغۇچى.تىلنىڭمۇ بىر قەۋىمنىڭ تەپەككۇرنىڭ ‹تۇنىشى›مەزمۇنى شەكلى نىشانى بىلەن مۇئەييەن باغلىنىشى بۇلىدۇ.  تىل، مەنا تاۋۇش  گىرامماتىكا يىزىق دەپ تۆت تادۇغا ئايرىلىدۇ. مەنادا تەپەككۇر ئەكىس ئەتسە،تاۋۇش ئاھاڭدا دىل ئەكىس ئىتىدۇ.گىرامماتىكىدا تىل گەۋدىلەنسە، يىزىقتا خۇي شەكىل قىلىدۇ.مەسلەن؛لاتىنچە يىزىقتا چىش‹ئادىللىق› بىلەن كالپۇكنىڭ‹بىلىش› ھەركەت شەكلى چىقىدۇ. ئەرەپ يىزىقىدا تىل ‹ ياخشىلىق›بىلەن ھاۋا ئىقىمنىڭ شەكلى چىقىدۇ.خەنزۇ يىزىقىدا بولسا تەسۋىر ئوبراز  ئاساس خۇيىغا چۇشىدۇ. بىزلەر ياخشىلىق سۇ بولغاچ، تاۋۇش مۇقاملىرىمىزمۇ سۇدەك ئۆركەشلەيدۇ.ئادىللىق ئوتنىڭ تاۋۇش ئاھاڭلىرى ناھايتى شوخلۇق تەلەپ قىلىدۇ قىزىتىدۇ.
ئىنساندىكى خۇينى بىر تۇز سىزىققا ئوخشىتىشقا بۇلىدۇ. تۇزلىكى ئالاھىدىلىك بولسا، ھەم  كەمچىلىك.قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ دىيىشىدۇ چوڭلار، خۇي ئىرسىي بۇلىدۇ.ئۇرۇق بۇيىچە قارغاندا،نوھ ۋە ئۇنىڭ ئۇچ ئوغلى ئىنسانىيەتنىڭ ئۇرۇقلىرىدۇر.ئامغا تەۋەلەر قەدىمقى رۇملۇقلار بولسا، سامغا تەۋەلەر ئىبرايىم ئوغۇللىرى،ياپەس تۇرۇكلەرنىڭ ئورىغىدۇر.نوھ توغرىسىدىكى بايانلارغا قارغاندا، نوھ ۋەئۇنىڭ ئۇچ ئوغلى ، يەنە سەكسەن نەچچە كىشى،تامام جانلىقتىن بىرجۇپ كىمىگە چىقىۋالغان. بەلكىم كىمە توختىغان جاي ياۋايى ھايۋانلار كۆپ ئافىرقا بۇلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن كىيىن لۇت،سەمۇد،ئاد ، يەنە ئىبرايىم توغرىسىدىكى بايانلار بار. لۇتتا لىۋاتە ‹ئەركىن جىنسىيەت› ئادىللىقنىڭ خۇيى. سەمۇدتا سانىنىڭ كۆپلىكى،تۇرۇزلاردىكى ساختىلىق بۇيىچە تەقۋادارلىق خۇيى.ئىبرايىمنىڭ بىلىش خۇيىلىقى سۆزسىز. ئادىيات، ئاد ئات قەۋىمى بەشكە بۇلۇنگەنلىكى بىرنىڭ ھاۋابۇراندا،بىرنىڭ ئوت زەرەتتە،بەزىلىرىنىڭ ئاۋازدا ھالەك قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان.ئۇنىڭ ئۇستىگە تۇركىي قەۋىملەردە ئات ئەھمىيەتلىك،بۇ ياخشىلىقنىڭ خۇيى.دىمەك بىلىش تىپىدىكىلەرنىڭ خۇيى بىلىشتە، يىڭىلىقنى بايقاشتا گەۋدىلىنىدۇ.ئىنچىكە چوڭقۇر ئويلايدۇ،خۇددى كالىنىڭ رەگگى يىشى جىنسىنى سۇراپ تۇرۋالغاندەك،چوڭقۇرلاشقانچە كالاتاپالمىغاندەك باغلىيالمايدۇ.كونىنى كەسلەپ يىڭىنى ئۇندۇرۇش ئىستىكى كۇچلۇك بۇلىدۇ.بۇھال تەپەككۇردىمۇ ئەكىس ئەتكەن بۇلۇپ،شەرھىلەشتە پەيدا بولغان ئۇنگەن يىرىگە بەكراق قارايدۇ.تەرەققىيات نوختىنەزىرنى ئىلگىرى سۇرىيدۇ.ياخشىلىق تىپىدە بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە، كەڭ مەنىدە باغلاش ئەكىس ئىتىدۇ. تارىختىكى نۇرغۇن دىنلارنىڭ ئىزنالىرى بۇنى پاكىتلايدۇ.تەقۋادارلىقتا ياخشى يامان بىلەن كارى يوق ئادەت كۇنەگ ئەنئەنىلىرىنى قوغلىشىدۇ.ئادىللىقتا قۇرالنى چوڭ بىلىپ، ئاسان چۇقاتماققا ئۇسسۇيدۇ. سەۋدا كىشىلەر يەككە يۇرگەندەك،سەپرالىرى دىلنى رەنجىدكەندەك،بەلغەم  لەيلىغەزەل، قان بىپەرۋا بولغانغا ئوخشاش.خۇي قان بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچ،تەقۋادرلىق سۇپەتتە بۇلىدۇ.خۇلاسىلىغاندا خۇي بىلىش ئادىللىق ياخشىلىق تەقۋادارلىق دەپ تۆت خىل بولىدۇ.
دىمەك ئىنسان تەپەككۇرى؛ تۇپراق ئالاھىدىلىكىدە تەپەككۇر ، ئوت خاراكتىردىكى دىل،سۇ سۇپەتتە تىل، ھاۋا خۇسيەتتە خۇي  دىن ئىبارەت تۆت تادۇنىڭ دەۋرىيلىك،زىدىيەت،باغلىنىش،تەققەززاسى ئىچىدە بولىدۇ.
دەۋرىيلىك دىگەندە،تەپەككۇر تۇپراق بىلىش سۇپەتتە بولغاچ،چوڭقۇرلۇق بايقاشنى قوغلىشىدۇ.ئاندىن بارابارا پەرىق زورىيىپ،تۇنۇش خىلمۇ خىللىشىدۇ،زىدىيەتكە ئوت چاقىدۇ،ۋە ئوت سۇپەتتىكى ئادىللىق دىل گەۋدىلىنىدۇ.دىل ياقتۇرغاننى پەپىلەپ ياقتۇرمىغاننى چاسىلايدۇ.نەتىجىدە دىللارنى باغلاش زۇريەتلىنىدۇ.تەدىرجى تىل ياخشىلىق سۇپەتتە باغلاشقا باشلايدۇ.ھەممىنى ئۆزھەللىسىدە قۇيغاچ بارابارا خۇي تارتىپ، خۇي ئەكىس ئىتىدۇ.زىدىيەت دىگەندە تەپەككۇر بىلەن خۇي بىر بىرىنى چەكلەيدۇ.دىل بىلەن تىل بىر بىرىنى چەكلەيدۇ.دىلىمىزدا ئويلىغاننى كۆڭۇل ئاۋايلاپ ئىغىز ئاچمايدىغان ئىش بار. باغلىنىش دىگەندە تەپەككۇر بىلەن دىل يىقىن .يەنە تىل بىلەن خۇي يىقىن.تەقەززاھ دىگەندە كۆپۇنچە دىل خۇينى تەقەززاھ قىلىدۇ،ئوت كۇيىشى ئۇچۇن ھاۋا بۇلىشى كىرەك. دىل خۇيغا باقىدۇ . تەپەككۇر تىلغا.
  مەنبە؛ قۇتادغۇبىلىگدىن پايدىلىنىلدى.
[ بۇ يازمىنىتادۇ 2012-04-18 14:06قايتا تەھرىرلىدى ]