يىڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن ل مۇتەللىپ قاتارلىق ئنقيلابىي قۇربانلارغا زىيانكەشلىك قىلغان ئەكسىيەتچىلەر ،خائىن-مۇناپىقلار خەلىق ھوكۇمىتىمىزنىڭ سوت مەيدانىغا يالاپ چىقىلدى ئۇلارنىڭ خەلىق دىكتاتۇرسى ئاستىدا قۇرقۇپ تاپشۇرغان ۋە پاش قىلغان ماتىرياللاردىن ،سۇراق خاتىرلەردىن ۋە تەكشۇرۇپ ئەمىللىەشتۇرۇشلەردىن ل مۇتەللىپ باشلىق ۋەتەنپەرۋەر ياش ئىنقىلاپچىلارنى رازۋىتكا قىلىپ ئۇلارنى يۇقۇتۇش پىلاننى تۇزگەن ،ئۇنىڭغا ئاكتىپ ماسلاشقان ۋە ئىجرا قىلغانلار ئىچىدە ل مۇتەللىپنىڭ ئىشلىرىغا بىۋاستە ئالاقىسى بارلار ئۇرۇمچى گۇمنداڭ ساقچى باشقارمىسىدىكى لى يىڭچى(ئازاتلىق ھارپىسىدا ئىچكىرگە قىچىپ كىتىپ ئىسىمىنى ئۇزگەرتىپ يۇشۇرنۇپ يۇرگەن جامائەت خەۋەپسىزلىك ئۇرگانلىرى تەرپىدىن ئىز قۇغلاپ 1950-يىلنىڭ ئاخرى بىيجىڭدا تۇتۇلغان)،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارسىنىڭ بۇرۇنقى باشلىقى لو جىڭيى،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك گۇمنىداڭ تەيىنلىگەن ۋالىيسى سىيىت ئەخمەتخۇجا،ئاقسۇ ساقچى ئىدارسىنىڭ باشلىقلىرى مۇڭ دۇڭچاۋ،ۋۇ شىياۋبىڭ.زۇنۇن(زۇمىڭ)ئۇنىڭ خۇتۇنى زۇھرە،ئاقسۇ ساقچى ئىدارسى رازۋىتكا بۇلۇمنىڭ جاسۇسى ھېكىم نۇر.سايىم خۇجا شۇنداقلا ل ،مۇتەللىپ باشلىق ئىنقىلاپچىلار تۇتقۇن قىلىنغاندا قامالغان تۇرمىنىڭ باشلىقى لوگۇ،ئۇنىڭ قۇلچۇماقلىرى بۇلغان ئەخەت،گايىت،تۆرتىسەن نىياز.قۇرۋان،سىمائو(ئىسمايىل)ماشاڭدۇڭ،قۇۋانچىڭ ،خاچىڭ،چىڭ ۋەنسالار بۇلغان
1951-يىلى خەلىق ئاممىسى ئالدىدا ئۇچۇق سۇت ۋە ئىجرا قىلىشى يىغىنى ئىچىلىپ تىگىشلىك جازاسىنى يىگەن
يەنى جاللات لى يىڭچى،لو جىڭيى،ۋۇ شىياۋبىڭ ،سىيىت ئەخمەتخۇجا،ھىكىم نۇر،ۋە مامۇتلارغا ئۆلوم جازاسى بىرىپ ھۇكۇم ئىجرا قىلىنغان
ھۇكۇمنى ئىجرا قىلىشقا قاتناشقان ھۇشۇر تۇختىيۇپنىڭ ئەسلىمسىدە مۇنداق دىيىلگەن :
1951-يىلى ساتقۇن سىيىت ئەخمەت خۇجا بىلەن لو جىڭيىغا بېرىلگەن ئۇلۇم جازاسىنى ئىجرا قىلىشى ماڭا يۇكلەندى .ھىكىم نۇرغىمۇ ئۇلۇم جازاسى بىرىلىپ ئۇچ كۇن كىچىكتۇرۇپ ئىجرا
ل را قىلىشى ھۇكۇم قىلىندى ھەمدە ئاشۇ ئۇچ كۇن ئىچىدە ئۇلارنىڭ ھىكىم نۇر دەسلەپ ھىچ گەپ قىلماي ھۆكۇم ئىجرا قىلدىغان كۇنى‹ئەرز-دەردىم بار›دەپ نالە قىلىپ تۇرمىدىن چىقىتى
ئۇتتۇرا بۇيى،يۇغان باش ئۇ مەخلوقنىڭ شۇ چاغدىكى تامدەك تاتارغان چىرايى،كىپەكلەشكەن كالپۇكلىرى كۆز ئالدىمغا كەلسە ھازىرغىچە كۆڭلوم ئاينىپ زەردەم قاينايدۇ
بىز ساتقۇننىڭ داد-پەريادىغا قۇلاق سالمىدۇق جازا مەيدانىغا لوتپۇللا مۇتەللىپنىڭ كىچىك ئاپىسى ھەجەر بۇۋىنى ھەغدا قىلدۇق،ئۇ قىتىممۇ ھۇكۇمنى مەن ئىجرا قىلدىغان بۇلدۇم ئاقسۇ خەلقى ئاقسۇ سىپىلنىڭ قەشقەر دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيدانغا يىغىلدى .ئەبلەخ ھىكىم نۇر تىرىك-ئۇلوك ھالەتكە ھۇشۇپ قالغان بۇلوپ،ئۇلۇمدىن قۇرقۇپ ئۇزىنى قاچۇراتتى
لاغىلداپ تىتىرەييتى لوتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ جەڭگىۋار سەبداشلىرنىڭ قىساسىنى ئىلىشتەك غەنىيمەت پورسەتتىن پايدىلىنىڭ مەن ئۇنى ئۇز قۇلوم بىلەن ئېتىپ تاشلىدىم.
مۇتەللىپ قاتىللىرنىڭ بىرى بۇلغان جاللات مۇڭ دوڭچاۋ جاللات ۋۇشىياۋبىڭ تەرپىدىن ھۇقۇق تالىشىشى سەۋبى بىلەن 1945-يىلى ئىتىپ ئۇلتۇرۇلگەن .
ياسىن،زۇمىڭ،زۇھرەلەرگە ئۇلۇم جازاسى بىرىلىپ ئىككى يىل كىچىكتۇرۇپ ئىجرا قىلىشى ھۇكۇم قىلىىدن تۇرتىسە نىياز بىلەن قۇۋانچىڭغا 15يىللىق قاماق جازاسى بىرىلدى مالىڭ،خەمىت،چىڭ ۋەنساۋ،قۇرۋان،سىمائۇ،ماشاڭدۇڭ ۋە باشقىلارغا ئايرىم ئايرىم ئۇن يىللىق،يەتتە يىللىق،ئالتە يىللىق،مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىلدى
جىنايىتى يىنىك ياكى ئەگەشكۇچىلەرگە رىجىم ئاستىغا ئىلىندى ياكى كەچۇرۇم قىلىندى
قىسقىسى ل مۇتەللىپ باشلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ جىنىغا زامىن بۇلغان جىنايەتچىلەر ل مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرى قەتلىئام قىلىنىپ ئۇزۇن ئۇتمەي قۇزغالغان خەلىق قۇزغىلىڭىدا جاجىسىنى يىدى ،ئامان قالغانلىرى بۇلسا خەلىق دىكتاتۇرسىنىڭ تەمىنى تىتىدى.