ئىراقنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى سادام 2006-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى دارغا ئېسىلدى. جازا ئىجرا قىلغۇچىلار سىرتماقنى ئۇنىڭ بوينىغا سالغاندا، سادامنىڭ پېشانىسىدىكى چوڭ بىر پارچە تېرىسىنىڭ كۆچۈرۈلگەن تېرە ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق كۆردى. ئوتتۇرا شەرقتە نەچچە ئون يىل دەۋران سۈرگەن بۇ كىشىنىڭ چىرايىنى زادى كىم بۇزۇۋەتكەن؟ ياۋروپاغا كۆچۈپ بارغان ئىرانلىق بىر سابىق ئوفىتسېر يېقىندا ئەنگلىيە «ئاۋىئاتسىيە دۇنياسى» ژۇرنىلىغا ئىران-ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئىران ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ سادامنى ئۈچ قېتىم قەستلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
140 ئايروپىلان ئىشقا سېلىنغان
1980-يىل 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىران-ئىراق ئۇرۇشى پارتلىغان. سادام ئەسلىدە ئالدىن مۇشت كۆتۈرۈپ ئىرانغا زەربە بەرمەكچى بولغان، ئەمما ئىش ئۇنىڭ ئىرادىسى بويىچە بولماي قالغان، ئىران ھاۋا ئارمىيىسى ناھايىتى تېزلا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. ئىسرائىلىيە يوشۇرۇنچە ئىراننى ئىراق توغرىسىدا قەتئىي مەخپىي ئاخبارات بىلەن تەمىنلىگەچكە، ئىران ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمى ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ئۇرۇش باشلانغان ئۈچ كۈن ئىچىدىلا ئىراقنىڭ 40 ئايروپىلانىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن، ئۆزى بىرمۇ ئايروپىلان زىيان تارتمىغان. ئىراننىڭ مەنىۋى داھىيسى ھۈمەينى ھاۋا ئارمىيىسىدىن سادامنى تېزرەك ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. ئىران ھاۋا ئارمىيىسى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى سادامنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۈركىيە چېگرىسىغا يېقىن بەلكەرىمگە يوشۇرۇنۇۋالغانلىقى توغرىسىدا ئاخباراتقا ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن ئىران ھاۋا ئارمىيىسى نۇرغۇن ئايروپىلان ئەۋەتىپ، سادامنىڭ يوشۇرۇنۇۋېلىش ئېھتىماللىقى بار بارلىق جايلارنى بومباردىمان قىلغان، بۇ قېتىمقى ھەرىكەت «قارا بوران ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان.
ئىران ھاۋا ئارمىيىسى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەر سائەت 4تە 140 كۈرەشچى ئايروپىلاننى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا ئەۋەتكەن. ئايروپىلانلار رادارغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچقان. سادامنىڭ باغدادتىكى تۇرالغۇسى، يۇرتى تىكرىتتىكى سارىيى ۋە كىركوكنىڭ ئەتراپىدىكى زاپاس ئايروپورت ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ئىران ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ كوزىر ئۇچقۇچىسى پودپولكوۋنىك ئابباس تۇران بۇيرۇققا بىنائەن ئون ئايروپىلاننى باشلاپ سادامنىڭ بەلكەرىمدىكى سارىيىغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇ «F-14» تىپلىق ئايروپىلاننى ھەيدەپ شۇ جايدىكى بىر قەلئەگە ھۇجۇم قىلغان، چۈنكى ئاخباراتتا سادام مۇشۇ قەلئەگە يوشۇرۇنۇۋالغان دېيىلگەنىدى. تۇران ئايروپىلاندىكى ئون نەچچە بومبىنى قەلئەگە تاشلىغان، قەلئەدە غايەت زور پارتلاش ئاۋازى ياڭرىغان.
بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ئىراققا ئەجەللىك زەربە بولغان، سادام «سۇ پارغا ئايلىنىپ كەتكەن»دەك يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئاشكارا سورۇنلاردا كۆرۈنمىگەن، ئىران ھۆكۈمەت ئاخبارات ئاگېنتلىقى سادام ھۇجۇمدا ئۆلدى دەپ خەۋەر قىلغان. ئەمما 1981-يىلىنىڭ بېشىدا، سادام يەنە باغدادتا پەيدا بولغان، غەرب مۇخبىرلىرى ئۇنىڭ پېشانىسىدە تارتۇق پەيدا بولۇپ قالغانلىقىغا دىققەت قىلغان. ئەسلىدە سادام تۇران ئايروپىلان ئەترىتىنىڭ ھۇجۇمىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان بولۇپ، بومبا پارچىسى ئۇنىڭ پېشانىسىنى يارىلاندۇرغان، گېرمانىيىلىك دوختۇر ئۇنى تېرە كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلغان. ئىرانلىقلار سادامنىڭ بالا-قازادىن ئامان قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، غەزەپتىن بۇغۇلۇپ كەتكەن.
كوزىر ئۇچقۇچىنىڭ ئۆلۈمى
سادام 1982-يىلى يازدا ئابرۇيىنى قايتا تىكلەپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان. ئۇ ئالايىتەن باغداد شەھەر ئەتراپىدىكى موسانا خەلقئارا ئايروپورتىدا خەلقئارا يىغىن مەركىزى سالغان. ئىراننىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرمايدۇ، ئەلۋەتتە. ھۈمەينى ھاۋا ئارمىيىسىگە «باشلىقلار يىغىنىنىڭ باغدادتا ئۆتكۈزۈلۈشىنى ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن ئايانماي توسۇش، ئەڭ ياخشىسى سادامنى يوقىتىش» توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەن. خەۋەرچىلەر سادام 7-ئاينىڭ 21-كۈنى خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، دەپ خەۋەر بەرگەن. ئىران ھاۋا ئارمىيىسى دەرھال «قارا بوران ھەرىكىتى»گە قاتناشقان تۇراننى بۇ ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىشقا ئەۋەتكەن.
ئىران ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ «F-14E» تىپلىق ئۈچ كۈرەشچى ئايروپىلانى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن، موسانا ئايروپورتىغا پودپولكوۋنىڭ تۇران ھۇجۇم قىلماقچى بولغان. تۇراننىڭ ئوڭۇشلۇق ھۇجۇم قىلىشى ئۈچۈن ئايروپىلانلار ئىران-ئىراق چېگرىسىغا يېقىنلاشقاندا ئىككى ئايروپىلان باشقا-باشقا نىشانغا ئۇچۇپ، ئىراق رادار قىسىمىنىڭ دىققىتىنى باشقا جايغا بۇرىۋەتكەن. ئەمما سادام ئىران ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بىلگەچكە، پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي فرانسىيىدىن ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى سېتىۋېلىپ، باغداد ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرغان.
سادام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 9دىن ئاشقاندا خەلقئارا يىغىن مەركىزىگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقاندا، تۇرانمۇ ئايروپىلاننى ھەيدەپ موسانا ئايروپورتىغا يېقىنلاشقان. ئۇ خەلقئارا يىغىن مەركىزىگە ئانچە يىراق بولمىغان جايغا كەلگەندە، ئايروپىلانىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەگكەن. تۇران ياردەمچىسىنى پاراشوت بىلەن سەكرەشكە بۇيرۇپ، ئۆزى ئايروپىلاننى ھەيدەپ، خەلقئارا يىغىن مەركىزىگە سوققان... تۇراننىڭ ئىراقلىقلارغا ئەسىرگە چۈشكەن ياردەمچىسى ئىراقنىڭ سوراقچىلىرىغا: تۇران ئىران ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ كوزىر ئۇچقۇچىسى بولغانلىقتىن، بىلىدىغان ئىشلىرى بەك كۆپ، شۇڭا ئۇ ئەسىرگە چۈشۈشنى خالىماي، ئۆلۈم يولىنى تاللىۋالدى، دېگەن.
ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ناھايىتى تېزلا «ئىران ئايروپىلانلىرى خەلقئارا يىغىن مەركىزى»نى بومباردىمان قىلدى، دەپ خەۋەر بېرىشتى، ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر باشلىقلار يىغىنىمۇ ھىندىستاندا ئېچىلىدىغان بولدى، ۋاقتىمۇ كېچىكتۈرۈلدى. خەلقئارا جەمئىيەت ئىران ھاۋا ئارمىيىسى خالىسىلا، ئىراقنىڭ ھەرقانداق جايىنى بومباردىمان قىلالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. نۇرغۇن غەرب دۆلىتى ئىراقتىن مۇھاجىرلىرىنى چېكىندۈرۈشكە باشلىدى، ئىراققا بېرىدىغان ئاشكارا ياردىمىنىمۇ ۋاقتىنچە توختاتتى. ئىراق يامان تەسىرنى تۈگىتىش ئۈچۈن ھە دەپ: «سادام زۇڭتۇڭ ئىران ئۇچقۇچىسىنىڭ ھۇجۇمى ئالدىدا ناھايىتى باتۇرلۇق كۆرسەتتى، نەق مەيداندىن بىمالال ئايرىلدى»، دەپ تەشۋىق قىلدى. ئەمەلىيەتتە، سادام ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ كۆزەينىكىنى ئېلىۋېلىشقا ئۈلگۈرمەيلا كېتىپ قالغان.
توردىن چۈشۈپ قالغان «چوڭ بېلىق»
ئىران-ئىراق ئۇرۇشى 1988-يىلىغىچە داۋاملاشقان، ئىراقنىڭ ئەھۋالىدا زور ئۆزگىرىش بولغان، ئامېرىكا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى زور ھەربىي ياردەم بەرگەن، ئىراق ئارمىيىسىمۇ كېڭىيىپ مىليون كىشىگە يەتكەن. ئۆزىنى ئوڭشىۋالغان سادام قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشنى قارار قىلغان. 1988-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، سادام قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىپ، «رامىزان ئېيى» ھۇجۇمىنى قوزغاپ، فائو ئارىلىنى ئىشغال قىلىپ، ئىراقنىڭ دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىنى تۇتاشتۇرماقچى بولغان. ئىراقلىقلار ناھايىتى تېز ئىلگىرىلىگەن، ئىراننىڭ ئىنقىلابى مۇھاپىزەت ئەترىتى بىر پەشۋاغىمۇ يارىمىغان، نۇرغۇن ئەسكىرى ئەرەب دەرياسىدىن ئۆتۈپ قېچىپ كەتكەن. سادام بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ناھايىتى روھلىنىپ، ئايروپىلان فائوغا بېرىپ، قىسىملىرىغا مەدەت بېرىشنى قارار قىلغان.
سادام ۋە ئىراق قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى گېنېرال مايور راشىد 4-ئاينىڭ 19-كۈنى «M-8» تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ فائو ئارىلىغا قاراپ ئۇچقان، ئۇلارنى بىرقانچە «MG-23»تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان قوغداپ ماڭغان. ئۇلار ئىراق-ئىران چېگرىسىغا سەككىز كىلومېتىر قالغان جايغا كەلگەندە، ئىران ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ «F-14A» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىغا ئۇچراپ قالغان. ئىران ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئۇچقۇچىسى «M-8»تىپلىق ئايروپىلاننى بايقاپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرمەكچى بولىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئەتراپتا بىرقانچە «MG-23» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان بارلىقىدىن خەۋەر تاپقان. شۇ ۋاقىتتا ئىران ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا، «MG-23» تىپلىق ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەن ئۇچقۇچىلارغا «M-8» تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەندىنمۇ كۆپ مۇكاپات بېرىلەتتى. شۇڭا ئىران ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئۇچقۇچىسى «M-8»دىن ۋاز كېچىپ، «MG-23»گە ھۇجۇم قىلغان. «M-8» تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچىسى «MG-23» تىپلىق ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن، دەرھال غەربكە قاراپ قاچقان، غەلىبە شادلىقىغا چۆمگەن ئىران ئۇچقۇچىلىرىنى بۇ ئايروپىلاننى بايقىمىغان. ئۈچ ئايدىن كېيىن، ماغدۇرىدىن كەتكەن ئىران ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ 598-نومۇرلۇق ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ئىران ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ سادامنى قەستلەش ھەرىكىتىمۇ شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان.
«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دىن