ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىردىكى سىرداش دوستلارياخشىمۇ سىلەر ؟ يىڭى ئەزا، يىڭى دوستىڭلار كۆك بۆرە دىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام! پىقىر سىلەرنىڭ چىن كۆڭلىڭلاردىن مىنى قارشى ئېلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن ھەم شۇنداق قىلدىغىنىڭلارغا ئىشنىمەن. كۆرشۈش سوغىسى سۈپتىدە بىر غەزەل ئىلىپ كەلدىم، سەمىمىيلىك بىلەن پىكىر بىرىشىڭلارنى سورايمەن.
ئەسسالام دەپ كىرىپ كەلدىم ،ئوتلۇق سالام بىرىپ كەلدىم،
ئوتلۇق سالام، ئوتتەك سالام. ئالى تىلەك ئېلىپ كەلدىم.
كەڭ سايلاردا ئوينايمەن، كەڭ سايلاردا يايرايمەن.
كەڭ سايلاردا شىرىن چۈش، شىرىن خىيال سۈرۈپ كەلدىم.
كۆك بۆرىگە ئىجازەت بارمۇ دوستلار دىلىدا.
بۇ قەددىمنى سىلەرگە يا كەبى ئېگىپ كەلدىم.
ئوتلۇق يۈرەك،ئوتلۇق دىل،ئوتلۇق تىلەك ،ئوتلۇق تىل.
ۋۇجۇدۇممۇ مىسلى ئوت. گۈلخاندەكلا يىنىپ كەلدىم.
ئوت يۈرەكتە تەبەسسۇم، ئوت تىلەكتە ھەم شادلىق.
كۈلۈڭ دوستلار مەنمۇ ھەم ھا ھا ھا كۈلۈپ كەلدىم.
شئېرنىڭ مەنبەسى ؛ ئۆز ئىلھامىم.
تەھرىرلەپ تەستىقلىغۇچى : (ئاقكۆڭۈل )
[ akkvnglتەرىپىدىن2010-08-09 13:14قايتا تەھرىرلەندى ]