<پاكىزلىق ئىماندىن > دەيدۇ پەيغەمبەر
ساغلاملىق بېغىدا بىر گۈل پاكىزلىق.......
پەرىشتە لەبىدۇر پاكىز بولغانلار ،
دۇنياغا جەننەتتىن قۇلدۇر پاكىزلىق .
يەردە كىرلىنەر تەن بىلەن يۈرەك ،
ھەم سىرتىنى ، ھەم ئىچىنى پاكىزلاش كىرەك .
پاك _پاكىز بولغاندا ھۇزۇر جەم بۇلۇر ،
يەتتە قات ئاسمانغا يولدۇر پاكىزلىق ...
سىرتقى پاكىزلىق ئاي كەبى بۇلۇش ،
ئىچكى پاكىزلىق ھالال ئىلە بۇلۇش .
ھېچكىمگە ياراشماس كىر، مەينەت يۈرۈش ،
ئىنسانغا ئەڭ گۈزەل تىلدۇر پاكىزلىق ........
ئاللاھ ئەمرى ؛ كىيىمىڭنى پاكىز تۇت ،
پاكىز يە ،پاكىز ئىچ ، پاك بولسۇن ۋۇجۇد .
ساڭىمۇ ئېيتايلى ؛< كىر تۇتماس بۇلۇت >
ئەخلەت قىلىغان قولدۇر پاكىزلىق .
كىرلىشىپ ھەم مەينەت يۈرسە بەك گۇناھ ،
كىر ، مەينەت بولسا ئادەم كۆپ دەيدۇ < ئاپلا!>
قارىساڭ ، پاكىزلارنى سۈيىدۇ ئاللاھ ،
يۈزىمىزنى ئاق قىلغان ھالدۇر پاكىزلىق . ئاپتۇرى ؛ م .ئەلى ئەشمەلى .
مەنبەسى ؛ ئىبادەتلىرىمنى ئۈگىنىمەن كىتابىدىن ئېلىندى .
[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2012-02-01 14:18قايتا تەھرىرلى ]