چاغاندىكى ھېيتاخۇن
(فىلىيەتۇن)
يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزلىدىغان چاغان يىتىپ كىلىش بىلەن، خەنزۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىلا ئەمەس يەنە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىمۇ ئاز تۇلا ئۆزگىرشلەر پەيدا بولۇپ، سودا-سېتىق كۆپىيىپ، بازارلار ئاۋاتلىشىدۇ، بىر ھەپتە دەم ئېلىشقا قويۇپ بىرىلىپ خىزمەت بسىمى بىر ئاز يەڭگىللەپ قالىدۇ، يەنە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟ بىز ھېيتاخۇننىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلاپ باقايلى.
بۇرادىرىم ھېيتاخۇن ئاچچىقى يامان، سەپرا مىجەز بىر ئادەم، بەزىدە ئۇنىڭ سەپرالىقى ئۆزىگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقنىمۇ ئېلىپ كەلگەن، مانا بۇ يىل چاغاندىمۇ ئۇ يەنە شۇنداق ئاۋارىچىلىققا قالدى...
بۈگۈن چاغان كىچىسى، خەلق مەيدانىدا ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلىرى تەشكىللىك ھالدا رەڭگارەڭ سالىيۇتلارنى ئېتىپ، شەھەر ئاھالىسىگە بايراملىق خۇشاللىق ئاتا قىلدى، مەن ۋە ھېيتاخۇن ئىككىمىز ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنى باشلاپ خەلق مەيدانىدا بېرىپ سالىيۇت تاماشاسىنى كۆردۇق. ئاۋۇ قىزىلكەن، ماۋۇ يىشىلكەن، ھەجەپ چىرايلىق ئېتىلدى ھە، دىيشىپ كۆڭلىمىزنى خوش ئىتىپ مەھەللىگە قايتىشتۇق. قايىتىپ كەلسەك خەنزۇ خوشنىلىرىمىز پوجاڭزا ئاتقىلى تۇرۇپتۇ، بىزنىڭ مەھەللىدىكى ئۆيلەر ناھايىتى زىچ سېلىنغان بولۇپ، بۇ خوشنىلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئارلىقى مىنىڭ ئۆيۈمگە قارىغاندا ھېيتاخۇنغا بەكرەك يېقىن (تام خوشنا). بالىلار بۇ يەردىكى «تاماشا» نى بىردەم كۆرۈۋالغاندىن كىيىن، ئۆيلىرىمىزگە كىرىپ كىتشتۇق.
چاغان باشلىنىپ نەچچە كۈنگىچە مەھەللىمىزدە پوجاڭزا ئاۋازى ئۈزۈلمدى، بىراق بىزنىڭ كەچلىك ئارام ئېلىشىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى، ھەي چاغان ئەمەسمۇ، چاغان دىگەندە مۇشۇنداق پوجاڭزا ئېتىپ «جىن» قوغلايدىغان گەپ. باشقىلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز كىرەكتە. يەنە بىر قانچە كۈندە بۇ ئىشمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ، دىدىم مەن ئىچىمدە...
يېرىم كىچىدىن ئاشقان، ئىشقىلىپ تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان ۋاقت، سىرتتا تويۇقىسىز ۋاڭ- ۋۇڭ قىلىپ قۇناق ئېتىلدۇرمىسى ئاتقاندەك پوجاڭزا ئېتىلىشقا باشلىدى. بۇ نىمە ئىش ئەمدى، مۇشۇنداق چاغدىمۇ ئاتقان بارمۇ، بۇ نەرسىنى.... پوجاڭزا بىر قانچە تىزىق بولسا كىرەك، بىر ھازا ئېتىلغاندىن كىيىن توختاپ قالدى. ئاندىن كىملەرنىڭدۇ بىر بىردىن رەنىجىپ، ئاللىقانداق بىر نىمىلەرنى دىيشىپ توۋلاشقىنى ئاڭلاندى...
تاڭمۇ ئاتتى، ئەتىگەنلىك ناشتىغا تەمشىلىۋاتقاندا ئىشىك چىكىلدى، چىقىپ قارىسام بىزنىڭ مەھەللىدىكى بارات ئىكەن، ئۇ مىنى كۆرۈپلا :
- بۇلە ئاداش، سىنى ساقلاپ قالدۇق،چاققان چوڭ يولغا چىق، دىدى.
- نىمە ئىش بولدى.
- چىققاندا بىلىسەن.
ھەيران بولۇپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مەھەللىدىكى يولغا چىقتىم. قارىسام مەھەللىدىكى ئاۋۇت قاتارلىق 10-20 ئادەم مىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ.
- بۈگۈن تاڭغا يېقىن، ئاۋۇ ھېيتاخۇن 3 تېزىق پوجاڭزىنى تازا كىلشتۇرۈپ ئېتىۋەتتى، قارىغاندا ئۇمۇ چاغان ئۆتكۈزۋاتقان بولسا كىرەك، نەچچە كۈندىن بېرى بىلمەي قاپتۇق، خوشنا-خۇلۇم بولغاندىكىن ھازىر بولسىمۇ ئۆيىگە بىر كىرىپ پەتە قىلىپ چىقىمساق سەت تۇرامىكىن دەپ قالدۇق، شۇڭا سىنىمۇ بىللە چىقسۇن دىدۇق يۈرە، دىدى ئاۋۇت دىگەن خوشنام.
ھەممەيلەن پاراققىدە كۈلىشىپ كەتتى.
مەن ئىشنىڭ تەكتىنى شۇ چاغدىلا چۈشەندىم، ئەسلىدە تاڭغا يېقىن ئېتىلغان پوجاڭزىنى سەپرا مىجەز ھېيتاخۇن باشقىلاردىن ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئاتقان ئىكەن،مەن قاتتىق كۈلىۋەتتىم. شۇنداق قىلىپ بىز توپلىشىپ ھېيتاخۇننىڭ ئۆيىگە چاغانلىق «پەتە»گە ماڭدۇق.
مەنبە: سەپرابەگ قەلىمى
[ بۇ يازمىنىsaprabag 2012-01-30 02:36قايتا تەھرىرلىد ]