تۈركىيەدە يېڭى قۇرۇلغان تەشكىلات
تۈركىيەدىكى تۇنجى خەلقارا سەۋىيەدىكى ئۇيغۇر سانائىچى ۋە تىجارەتچىلىرى دەرنىگى (تەشكىلاتى)، تۆۋەندە قىسقارتىلىپ( ئۇي. س. ئى. د دېيىلىدۇ) 2010- يىلى 11- 26- كۈنى ئىستانبۇلدا قۇرۇلدى.
قۇرغۇچى باشلىغى-سابىر بوغدا.
باشلىق ياردەمچىلىرى- دىلشات ئۇيغۇر ئوغلى ۋە ۋولقان ئۆز تۈركتۇر.
ئۇي. س. ئىد. د تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ ئىككى دۆۋلەت ئوتتۇرسىدىكى ساياھەتچىلىك، تىجارەت قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپلىگەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى دۆۋلەت ئوتتۇرسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئويناپ مۇناسىۋەت ۋە تىجارەتنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن كۆپلەپ كۈچ چىقىرىپ چىن ھۆكۈمىتىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى.
بۇ تەشكىلات رەھبەرلىرى سابىر بۇغدا ۋە ئەزالىرىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسۈتىشى بىلەن قۇرۇلغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە مىللەتلەر ئىتىپاقىنى قوغداشتەك ۋەتەن سۈيەرلىك روھىنى نامايەن قىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىمىزمۇ بۇلارنىڭ تىجارەت، ئېكىسپورت، ئىمپورت ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ تىزلىكتە تەرەققى قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
تۆۋەندىكى 2010- يىلقى سۈرەتتە، تۈركىيە ۋە جۇڭگو مىنىستىرلىرى كۆرۈشمەكتە.
تەشكىلات باشلىغى، سابىر بوغدا
سولدىن ئوڭغا 1- سۈرەت، ۋېنجابو ئۈي. س. ئى. د تەشكىلاتى باشلىغى سابىر بۇغدا بىلەن. 2- سۈرەت، ۋېنجابو، سابىر بۇغدا، ۋولغان ئۆزتۈرك ۋە قازاق خەلقى بىلەن بىرگە.
1- نۇر بەكرى ئۇي. س. ئى. د ئەزالىرى بىلەن ئۈرۈمچىدە. 2- ئىككى دۆۋلەت ھەر دەرىجىىك باشلىقلىرى ئىستانبۇل زىيارىتىدە تەشكىلاتتا زىيارەتتە.
1- ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇن باشلىغى ياردەمچىسى شەۋكەت ئىمىن باشچىلىقىدىكى قەشقەر، خوتەن، تۇرپان ۋە ئۈرۈمچى مەسچىت ئىماملىرى قاتارلىق 9 كىشىلىك ھەيئەت. ئىستانبۇل. 2- ۋېنجابو ۋە دىلشات ئۇيغۇر ئوغلى.
تۈركىيە، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شېرىتۇن مىشمانخانىسىدائېلىپ بېرىلغان سۆھبەت.
1- ئۇي، س، ئى، د باشلىغى سابىر بۇغدا بىلەن ئۈرۈمچى راۋاجلاندۇرۇش بۆلگىسى ئىمزالاش مۇراسىمى.
2- ئۇي، س، ئى، د باشلىق ياردەمچىسى ۋولقان ئۆز تۈرك ئۈرۈمچى راۋاجلاندۇرۇش بۆلگىسىدە سۆز قىلماقتا، ئۈرۈمچى.
باش كونسۇل جاڭ جى لوڭ ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىدىغانلىغىنى، ۋەتەنگە بېرىش، تىجارەت قىلىش قاتارلىق ئىشلىرىغا ياردەم قىلىدىغانلىغىنى ئېيتتى.
نۇر بەكرى بىلەن دۆۋلەت سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ، ئۆزبەك ۋە قىرغىز بايلىرى بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت.
http://istanbul.china-consulate.org/tur/xwdt/t630440.htm http://www.uysid.com/index-5.html[ بۇ يازمىنىsirik 2012-01-29 10:01قايتا تەھرىرلىدى ]