چۈمۈلە پەلسەپەسى
تەبىئەتنىڭ ئۆزى بۈيۈك مۇئەللىم! تەبىئەتنى، ئەتراپ_مۇھىتنى كۈزىتىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كاتتا دەرىسلەرنى ئېلىشىمىز مۇمكىن. كىلىڭ، چۈمۈلىنىڭ تۆت ھايات پەلسەپەسىنى ئۈگۈنۈپ چىقايلى!
بىرىنجى پەلسەپە
چۈمۈلىلەر ھىچقاچان تەسلىم بولۇشمايدۇ. ھەركەت قىلىپ كىتۋاتقان چۈمۈلىنى توختىتىشقا قانچىلىك ئۇرۇنماڭ، ئۇلار بەرىبىر ئۆز يولىدىن قايىتمايدۇ. ئۈستى تەرەپكە تارتىشىپ باقىدۇ، پەس تەرەپكە مېڭىپ باقىدۇ، ئۆزىگە مەلۇم بىر يۆنىلىشكە ئىنتىلىۋىرىدۇ.
پەقەتلا تەسلىم بولماستىن ئۆزى خالىغان مەنزىلگە ئىنتىكلمەك _ بۇ نىمىدىگەن گۈزەل پەلسەپە!
ئىككىنجى پەلسەپە
چۈمۈلىلەر پۈتۈن ياز ۋاقىتلىرىدا قىش ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. ياز ئەبەدىي داۋام قىلمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، چۈمۈلىلەر پۈتۈن ياز ۋاقىتلىرىدا يىمەكلىك يىغىپ قىشقا غەملەپ قويىشىدۇ.
«قۇمدىن قورغان قۇرغىلى بولمايدۇ» دىيىلگىنىدەك، چۈمۈلىلەر يازنىڭ ئىھسانلىرىنى كۆرۈپ زوقلىنىپ، قىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئىككىنجى پەلسەپە _ دائىم كىلەچەكنىڭ غېمىنى قىلىش ۋە قايغۇرۇشتۇر.
ئۈچۈنجى پەلسەپە
چۈمۈلىلەر پۈتۈن قىش مابەينىدە يازغا قانداق چىقىشنى ئويلايدۇ. ئۇلار قىشلاشقا كىرىپ كىتىپلا:«قىش ئەبەدىي داۋام قىلمايدۇ، بىز تىز ئارىدا بۇ يەردىن چىقىپ كىتىمىز»،دەپ ھىساپلىشىدۇ ۋە پات_پات تاشقىرغا ئۆمۈلەپ چىقىشىدۇ. ئەگەر سىىرىت سوغۇق بولسا، تىزلا يەنە ئىچكىرگە كىرىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاخىرى ياز كىلىشى بىلەنلا سىرىتقا چىقىشىدۇ.
بۇ پەلسەپەنىڭ ماھىيىتى_ دائىم ياخشى ئىشلارنى خىيال قىلىپ ياشاش ۋە كەلگۈسىگە ئۈمۈدۋار بولۇش.
تۆتىنجى پەلسەپە
قىشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن ياز مابەينىدە چۈمۈلىلەر قانچىلىك مىھنەت قىلىشى كىرەك؟ قانچە مىھنەت بولسا شۇنچە ! ئىمكانى يىتىدىغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى بىجىرمەك_ نەقەدەر ئاجايىپ پەلسەپە ھە !
دىمەك چۈمۈلىلەردىن ئۈگۈنىشىمىز كىرەك بولغان جەھەتلەر تالايغىنە…
1.ھىچقاچان تەسلىم بولماسلىق!
2.ئالغا ئىنتىلىش!
3.ئىشەنىچ ۋە ئۈمۈدنى ئۈزمەسلىك!
4.قولىدىن كەلگەن ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلىش!