باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1411 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىسىملار ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ(پارىس)
kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 961
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە961دانە
ئۆسۈش: 2220 %
مۇنبەر پۇلى: 11257 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-05-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-28 18:01

ئىسىملار ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ(پارىس)

                    ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھىربان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
          

               پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئادا قىلىپ بېرىشكە تىگىشلىك تۆت تۈرلۈك ھەققى بولىدۇ.
             1-بالا تۇغۇلغاندا چىرايلىق ياخشى ئىسىم قويۇش.
             2-خەتنىسىنى قىلىش(ئوغۇللارغا خاس)
             3-بىلىملىك تەربىيلەش(بۇ قىز-ئۇغۇللارغا ئوخشاشتۇر)،(ئەگەر بىلىمدە ئوزۇپ چىقالمىسا ئوغۇلغا ئات مىنىش (ھازىرقى شوپۇرلۇقنى ئۈگەتسەكمۇ بولىدۇ)،ئوقيا ئېتىش،سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ...مۇھىم بىلىملەرنى ئۈگۈتۈش زۆرۈردۇر،قىز غا قىزلارغا خاس تىكۈچىلىك .....قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۈگىتىش زۆرۈردۈر،بۇ توغۇرسىدا ئاتا-ئانىلاردىن قىيامەتتە سۇئال سوراق قىلىنىدۇ دەپ ھەدىستە كۆرسىتىلگەن.
          4-بالاغەتكە يەتكەندە(يەنى توي قىلىش يېشىغا يەتكەندە) تويىنى قىلىش .

              1- ئىسىم قويۇشتا مەنىلىك چىرايلىق ئىسىملارنى قويۇش زۆرۈر بولۇپ قىيامەتتە ئىسىملىرى بىلەن چاقىرلىدۇ دەپ ھەدىستە كۆرسىتىلگەن،ئىسىملار بىرقانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ ،1- ئۇلۇق ئىسىملار؛ئابدۇللاھ ،ئابدۇرراھمان...........دىگەندەك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن قوشۇلۇپ كەلگەن ئىسىملار ،بۇنداق ئۇلۇق ئىسىملارنى ئاتىغاندا راھمان ،جپپار،قاھھار.......دىگەندەك يالغۇز ئاتىماستىن يوقۇرقىدەك ئەبدىنى قوشۇپ ئاتىشىمىز زۆرۈردۈر.
             2-ياخشى ئىسىملار بولۇپ ؛مۇھەممەت،ئىيسا،ياقۇپ،سۇلايمان.ھەسەن،ھۇسەن.......دىگەنلەرگە ئوخشاش پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسىملىرى ۋە مەنىسى ياخشى بولغان  ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىمۇ كىرىدۇ.
             3- ناچار ئىسىملار؛يەنى مەنىسى ياخشى بولمىغان سۇپۇر،چورۇق،پالتا كەكە،يانتاق ،ئەخلەت،چاۋار ،كېسەك،بوسۇغا ....قاتارلىق، بۇ ئىسىملار مەيلى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا بولسۇن مەيلى باشقا مىللەتتىن كىرگەن ئىسىملار بولسۇن مەنىسى ياخشى بولمىسا ناچار ئىسىملارغا كىرىدۇ،شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئەسرەم دىگەن ئادەمنىڭ ئىسمىنى زەرەئە گە (كىسىلگەن نەرسە دىگگەن ئىسىمغا زىرائەت نامىدىكى ئىسىمنى قويغان،مۇزتەجىئ (ئوڭدىسىغا ياتقان مەنىدىكى )ئىسىمنى  مۇنەببەئ كە ئۆزگەرىتكەن.

              ئەيىن بىلەن تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ئاسىيە(گۈناھكار)  ئىسىملىك ئۆمەر دىگەن ساھابىنىڭ قىزىغا جەمىلە(چىرايلىق قىز دىگەن) گە،.....ئۆزگەرىتكەن،ئەلىپ بىلەن تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ئاسىيە دىگەن ئىسىم دۇرۇس بولىدۇ بۇ خۇدالىق داۋاسى قىلغان پىر ئەۋىننىڭ دەۋىردىكى ئاسىيە ئانىمىزنىڭ ئىسمىدۇر .
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
شەرىئەتۇل ئىسلام دىگەن كىتاپتىن تەرجىمە قىلىپ رەتلەندى
kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 961
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە961دانە
ئۆسۈش: 2220 %
مۇنبەر پۇلى: 11257 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-05-11
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-29 10:13

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى eltabir9 نىڭ 2012-01-29 00:11 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ئۇنداقتا ئۇيغۇرچە قويۇلغان ئىسىلانى ئەرەپچە ئىسىملارغا ئالماشتۇرۇش كىرىكمۇ،ئەسلەن تۇرسۇن،كۆرەش،تۇرانقىز ۋە باشقا...
ياكى ئۇيغۇرچە بولسىمۇ مەنىسى ياخشى ئىسىملار قويۇلسا بولىۋىرەمدۇ؟
تېما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت.

قېرىندىشىم بۇ تىمىدا ئىسىملار ئۈچ تۈلۈك بولىدۇ دەپ تونۇشتۇرۇلدى،
بۇيەردە ئۇيغۇرچە ئىسىمنى ئەرەپچىگە ئالماشتۇرۇڭ دىگەن سۆز يوق،
پەقەت رەسۇلۇللاھنىڭ مەنىسى ياخشى بولمىغان (يەنى ناچار ئىسىملارنى)
قانداق ئۆزگەرتكەنلىگى سۆزلەندى .مەنىسى ياخشى بولىدىكەن ئۇيغۇركىشى
- ئىسىملىرى بولىدۇ ،ئۇ ئىككىنچى تۈرگە كىرىدۇ (ياخشى ئىسىملارغا كىرىدۇ)
ۋەللاھۇ ئەئلەم.