查看完整版本: [-- ئىسىملار ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ(پارىس) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> ئىسىملار ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ(پارىس) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

paris 2012-01-28 18:01
                    ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھىربان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
          

               پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئادا قىلىپ بېرىشكە تىگىشلىك تۆت تۈرلۈك ھەققى بولىدۇ.
             1-بالا تۇغۇلغاندا چىرايلىق ياخشى ئىسىم قويۇش.
             2-خەتنىسىنى قىلىش(ئوغۇللارغا خاس)
             3-بىلىملىك تەربىيلەش(بۇ قىز-ئۇغۇللارغا ئوخشاشتۇر)،(ئەگەر بىلىمدە ئوزۇپ چىقالمىسا ئوغۇلغا ئات مىنىش (ھازىرقى شوپۇرلۇقنى ئۈگەتسەكمۇ بولىدۇ)،ئوقيا ئېتىش،سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ...مۇھىم بىلىملەرنى ئۈگۈتۈش زۆرۈردۇر،قىز غا قىزلارغا خاس تىكۈچىلىك .....قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۈگىتىش زۆرۈردۈر،بۇ توغۇرسىدا ئاتا-ئانىلاردىن قىيامەتتە سۇئال سوراق قىلىنىدۇ دەپ ھەدىستە كۆرسىتىلگەن.
          4-بالاغەتكە يەتكەندە(يەنى توي قىلىش يېشىغا يەتكەندە) تويىنى قىلىش .

              1- ئىسىم قويۇشتا مەنىلىك چىرايلىق ئىسىملارنى قويۇش زۆرۈر بولۇپ قىيامەتتە ئىسىملىرى بىلەن چاقىرلىدۇ دەپ ھەدىستە كۆرسىتىلگەن،ئىسىملار بىرقانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ ،1- ئۇلۇق ئىسىملار؛ئابدۇللاھ ،ئابدۇرراھمان...........دىگەندەك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن قوشۇلۇپ كەلگەن ئىسىملار ،بۇنداق ئۇلۇق ئىسىملارنى ئاتىغاندا راھمان ،جپپار،قاھھار.......دىگەندەك يالغۇز ئاتىماستىن يوقۇرقىدەك ئەبدىنى قوشۇپ ئاتىشىمىز زۆرۈردۈر.
             2-ياخشى ئىسىملار بولۇپ ؛مۇھەممەت،ئىيسا،ياقۇپ،سۇلايمان.ھەسەن،ھۇسەن.......دىگەنلەرگە ئوخشاش پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسىملىرى ۋە مەنىسى ياخشى بولغان  ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىمۇ كىرىدۇ.
             3- ناچار ئىسىملار؛يەنى مەنىسى ياخشى بولمىغان سۇپۇر،چورۇق،پالتا كەكە،يانتاق ،ئەخلەت،چاۋار ،كېسەك،بوسۇغا ....قاتارلىق، بۇ ئىسىملار مەيلى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا بولسۇن مەيلى باشقا مىللەتتىن كىرگەن ئىسىملار بولسۇن مەنىسى ياخشى بولمىسا ناچار ئىسىملارغا كىرىدۇ،شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئەسرەم دىگەن ئادەمنىڭ ئىسمىنى زەرەئە گە (كىسىلگەن نەرسە دىگگەن ئىسىمغا زىرائەت نامىدىكى ئىسىمنى قويغان،مۇزتەجىئ (ئوڭدىسىغا ياتقان مەنىدىكى )ئىسىمنى  مۇنەببەئ كە ئۆزگەرىتكەن.

              ئەيىن بىلەن تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ئاسىيە(گۈناھكار)  ئىسىملىك ئۆمەر دىگەن ساھابىنىڭ قىزىغا جەمىلە(چىرايلىق قىز دىگەن) گە،.....ئۆزگەرىتكەن،ئەلىپ بىلەن تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ئاسىيە دىگەن ئىسىم دۇرۇس بولىدۇ بۇ خۇدالىق داۋاسى قىلغان پىر ئەۋىننىڭ دەۋىردىكى ئاسىيە ئانىمىزنىڭ ئىسمىدۇر .
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
شەرىئەتۇل ئىسلام دىگەن كىتاپتىن تەرجىمە قىلىپ رەتلەندى

جەڭچى 2012-01-28 22:16
رەھمەت بۈلۈشكە ھەم ئەممىلىلەشتۈرۈشكە تىگىشلىك قائىدە نىزاملار كەن .  ھازىر بەزى كىشىلىرمىز  ئۇيغۇرچە ئىسىم قويدۇق دەپ ھەرخىل ئىسىملارنى قويۋاپ باردۇ .

بىگان 2012-01-28 23:33
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

جەڭچى 2012-01-28 23:46
راسلا    -

samanyoli 2012-01-28 23:49
بىگان زاڭدو،،،،،،،،،،،،،،،،باش سۈرەت ھەجەپ مۇقىم تۇرمايدا،،،،،،،،،،،

eltabir9 2012-01-29 00:11
ئۇنداقتا ئۇيغۇرچە قويۇلغان ئىسىلانى ئەرەپچە ئىسىملارغا ئالماشتۇرۇش كىرىكمۇ،ئەسلەن تۇرسۇن،كۆرەش،تۇرانقىز ۋە باشقا...
ياكى ئۇيغۇرچە بولسىمۇ مەنىسى ياخشى ئىسىملار قويۇلسا بولىۋىرەمدۇ؟
تېما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت.

paris 2012-01-29 10:13
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى eltabir9 نىڭ 2012-01-29 00:11 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ئۇنداقتا ئۇيغۇرچە قويۇلغان ئىسىلانى ئەرەپچە ئىسىملارغا ئالماشتۇرۇش كىرىكمۇ،ئەسلەن تۇرسۇن،كۆرەش،تۇرانقىز ۋە باشقا...
ياكى ئۇيغۇرچە بولسىمۇ مەنىسى ياخشى ئىسىملار قويۇلسا بولىۋىرەمدۇ؟
تېما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت.

قېرىندىشىم بۇ تىمىدا ئىسىملار ئۈچ تۈلۈك بولىدۇ دەپ تونۇشتۇرۇلدى،
بۇيەردە ئۇيغۇرچە ئىسىمنى ئەرەپچىگە ئالماشتۇرۇڭ دىگەن سۆز يوق،
پەقەت رەسۇلۇللاھنىڭ مەنىسى ياخشى بولمىغان (يەنى ناچار ئىسىملارنى)
قانداق ئۆزگەرتكەنلىگى سۆزلەندى .مەنىسى ياخشى بولىدىكەن ئۇيغۇركىشى
- ئىسىملىرى بولىدۇ ،ئۇ ئىككىنچى تۈرگە كىرىدۇ (ياخشى ئىسىملارغا كىرىدۇ)
ۋەللاھۇ ئەئلەم.

amanxa 2012-01-29 10:16
مىنىڭمۇ ئايالىم يەڭگىمەكچى ئاللا ئىگەم سالامەتچىلىك قىلسا يىقىندا...شۇ ۋاقىتتا مەنمۇ ئىسىم تاللاپ تازا...   

bilig 2012-01-29 15:59
بىلدۇرگەنلەرگە رەھمەت!

eltabir9 2012-01-29 16:56
كۆپ رەخمەت ئەمدى چۈشىنىشلىك بولدى.

qiqak119 2012-01-29 21:59
رەھمەت .

nazli0998 2012-01-29 23:29
رەھمەت بىلۋالدۇق

omer 2012-01-30 00:16
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    اللە ئىلمىڭىزنى ۋە ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، امين!

dulbarqin310 2012-05-01 11:19
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ھەربىر ئاتا-ئانا بولغۇچى بىلۋىلىشقا تىگىشلىككەن.

arzuyum 2012-05-01 20:20
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ، اللە ئىلىمىڭىزنى زىيادە قىلغاي ،اميىن !

祖木热提 2012-05-04 13:21
كۆپىنچە ھاللاردا ئادەمنىڭ خارەكتېرى شۇ ئىسىمنىڭ مەنىسگە تارتىپ قالامدۇ نېمە؟

نەمرۇللا 2012-05-04 14:00
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى


查看完整版本: [-- ئىسىملار ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ(پارىس) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.053644 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us