باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 551 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يۈرەك كاۋاپ(ھېكايە)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10525
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-27
ئاخىرقى: 2012-03-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-28 14:17

يۈرەك كاۋاپ(ھېكايە)

قۇدرەت ئېلى

يۈرەك كاۋاپ
(ھېكايە)
ئىسمائىل  ئەپەندى ياتىقىدا يالغۇز ئولتۇرۋىرىشتىن زىرىكتى. ئورنىدىن تۇردى.تامغا ئورنىتلىغان ئەينەككە خوشياقمىغان بىر ھالدا قاراپ قويغاندىن كېيىن ،ئۈستەل تارتىمىسىدىن چوتكىنى ئېلىپ ئاياقلىرىنى ھورۇنلۇق بىلەن سۈرتۈشكە باشلىدى. دىمىسىمۇ ئۇ ئالدىرغۇدەك ئىشلارمۇ يوق ئىدى.بۇ ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىشنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدە ئۇنىڭ ھېچقانداق بىر پىلانى يوق ئىدى.چوتكىنى شىرەنىڭ تارتمىسىغا تاشىلىدى-دە، تاماكا تۇتاشتۇرۇپ كۈچەپ شورىدى.ئۇ ئىلگىرى بۇنچىلىك زىرىكىپ باقمىغان ئىدى...

ئۇ دەرۋازىدىن چىقىپ،ئوڭغا بۇرۇلۇپ مېڭىۋەردى.يولنىڭ ئىككى تەرەپىگە نەزەر تاشىلغاچ ،لەرزان قەدەم سەپەر ئەتتى.بىنالار نېمىدىگەن  ھەيۋەتلىك!ئارخىتىكتورلار كارامەت كۆرسىتىشكەن شەھەر ئىكەنلىكىدە گەپ يوق ئىدى.كىشىلەر ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرىشەتتى.قەدەم ئېلىشلىرىدىن ھارغىنلىق ،بەدىنىدىن تەر تۆكۈلۈپ تۇراتتى.كىرا ئاپتوبۇستا كىشىلەر ئۇيقۇغا كېتىشكەندىيۇ،ئۆزلىرى چۈشىدىغان بېكەتتىن ھەرگىز ئۆتۈپ كېتىشمەيتتى.شەھەر، ئۈستىدىكى ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن ھارغىنلىق ھېس قىلىۋاتقان ھالەتتە كۆرىنەتتى.ئۇ قەدەملىرىنى تېخىمۇ ئاستىلىتىپ ماڭدى.ھەممىسى ئۇ تۈنجى كۆرىۋاتقان مەنزىرلەر ئىدى.ئۇ خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن،ئوڭغا بۇرۇلۇپ، بىر خالتا كوچىغا ئىلگىرلىدى.كوچا ئەسلى خېلى كەڭ بولۇپ،يايمىكەشلەر ئىككى تەرەپكە يايما ئېچىۋالغاچقا تارلىشىپ،قىستاڭ كوچا بولۇپ قالغاندى.ئۇ پىيادىكەشلەر توپى ئارىسىدا ئىلگىرلەۋەردى.كوچا بارغانسىرى تارلىشىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.‹‹ئۆتۈپ بولماس›› كوچىدەك قىلاتتى.ئۇ شۇنداقتىمۇ مېڭىۋەردى.كوچا ئاشۇنداق تار ھالەتتە خېلى ئۇزۇنغىچە بەرداشلىق بەردى.نەدىندۇر كېلىۋاتقان(ئاۋۋال خەنزۇچە ،ئاندىن ئۇيغۇرچە) تەكرار-تەكرارئاۋاز ئۇنى سەگىتىپ قويدى.‹‹كەسىلە،مېھمان،قوي گۆشى كاۋاپ بار،جىگەر كاۋاپ بار،بۆرەك كاۋاپ بار،يۈرەك كاۋاپ بار...››

قورسىقنىڭ ئاچقانلىقىنى ھېس قىلدى.كاۋاپ بىلەن ئاق ناننى مەزە قىلىپ يىيىشنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردى.قەدىمىنى ئەمدىلا تىزلىتىۋىدى ،چاققان ۋە ھوشيار ھالدا كاۋاپ پىشۇرىۋاتقان بىر كاۋابچىنىڭ ئۇدۇلىغا كىلىپ قالدى.

‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!››

كاۋابچى قاپقارا،يوغان كۆزلىرى بىلەن ئۇنى ئاۋۋال كۆرىۋالدى ھەمدە سالام بېرىشتە ئۇنىڭدىن چاققان چىقتى . ئوڭ قولىدىكى ئوت يەلپۈگۈچنى سول قولىغان يەڭگۈشلى-دە،ئىسمائىل ئەپەندىنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،-دەپ قولىنى جاۋابەن سىقتى ئىسمائىل ئەپەندى.ئۇ ئىككى مىتىردىن ئۇزۇنراق كېلىدىغان كاۋاپدان ئۈستىگە لىققىدە تىزىلغان دەرەخ ئوتۇننىڭ چوغىدا پىژىلداپ پىشىۋاتقان كاۋاپلارغا قاراپ،شۈلگەيلىرى ئاققاندەك بولدى.ئۇ يۇرتىدىكى چاغلاردا كاۋاپ بىلەن لەغمەن يىيىشنى ياخشى كۆرەتتى.ئۇ يەنە گۆش پولو يىيىشنى خىيال قىلدى.

كاۋاپچىنىڭ سول قولى ئوتنى توختىماي يەلپۇپ تۇراتتى.

-ئىچىگە كىرەمسىز، سالقىنراق،سىرتتىلا ئولتۇرامسىز،ئاكا ؟ - دېدى  ئۇ ئەدەپ بىلەن.

-ئىچى بەلكىم دىمىقراق،-دىدى ئىسمائىل ئەپەندى ۋە ئىشىكنىڭ نېرىقى تەرەپ ئۇدۇلىغا قويۇلغان بىر ئۈستەلگە ئولتۇردى.يىگىت ئوتيەلپۇگچنى ئوڭ قولىغا يەڭگۈشلەپ تۇرۇپ:‹‹ھەي،ئا مېھمانغا چاي قۇي››دىگەن گەپنى خەنزۇچە ئۈنلۈك ۋارقىردى.بېشىغا چىرايلىققىنا ئاق پوسما كېيىۋالغان خەنزۇ قىز،بىردەمدىلا چاينى راسلاپ كەلدى.ئاڭغىچە يىگىتمۇ قولىدىكى كاۋاپلىرىنى پۇشۇرۇپ،تەخسىلەرگە ئايرىپ ،خەنزۇ قىزغا تۇتقۇزدى،ئاندىن ئىسمائىل ئەپەندىنىڭ قېىشىغا كەلدى-دە،

ئولتۇرماستىنلا چاي قۇيۇپ ئۇنىڭغا سۇندى. ھەركەتلىرى شۇنچىلىك چەبدەس ئىدىكى؛تەقى –تۇرقى تىپىك ئۇيغۇر يىگىتى ئىدى.قاپقار بۇرۇتلىرى كاۋاپنىڭ مايلىق ئىسىدا پارقىراپ كەتكەندى.ئاق پوسما چىرايىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇپ كۆرسىتەتتى. كۆكرەكلىرى مايكىدىن بۆرتۈپ چىققان بولۇپ،خالىتىمۇ چىڭ كىلىپ قالغان ئىدى.ئۇ چاينى ئىسمائىل ئەپەندىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپلا،يەنە كاۋابدىنىنىڭ ئالدىغا قايتتى.كاۋابلارنى بىر قۇر ئۆرۈۋەتكەندىن كېيىن،كاۋاپداننىڭ سول تەرەپىگە قاتار تىزىپ قويۇلغان دورا-دەرمەكلەردىن چىمدىپ ئېلىپ چېچىپ قوياتتى. خۇش ھىد ئەتراپنى قاپلاپ،ئەتتىگەندىن بېرى بۇ ئەتراپقا ھۆكمىرانلىق قىلىۋاتقان گەندە پۇرىقى ۋە قانداقتۇر سېسىق پۇراقلارنى ئاللاقاياقلاغىدۇر ھەيدىۋەتكەندى.ئىسمائىل ئەپەندى يىگىتنىڭ تۇرقىدىن چىقىپ تۇرغان ھاياتى كۈچكە مەستلىكى كەلگەن ھالدا قاراپ ئولتۇردى.

يىگىت بەزەن -بەزەن ئاۋۋال خەنزۇچە ،ئاندىن ئۇيغۇرچە تەكرار-تەكرا قىلىپ: ‹‹كەلسىلە، مېھمان،قوي گۆشى كاۋاپ بار،جىگەر كاۋاپ بار،بۆرەك كاۋاپ بار،يۈرەك كاۋاپ بار...›› دەپ توۋلاپ قوياتتى.گويا ھاياتلىق لوگىكىسىنى جاكارلاۋاتقاندەك ئۈنلۈك توۋلايتتى.

-سىزگە كاۋاپنىڭ قاندىقىدىن قوياي؟-دەپ سورىدى ئۇ ئوت يەلپۈگۈچنى يەڭگۈشلىگەن پۇرسەتتە.ئاۋازى يىگىتىلىك قىيامىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى.

-مەن گۆش كاۋاپلا يەي ،-دېدى ئىسمائىل ئەپەندى ئاددىيلا قىلىپ.

-ناندىن بىرنى بېسىۋىتىمەنغۇ-ھە؟ لازىنى چوقۇم ئاز سالىمەن.

-ھاھاھا... -ئۇنىڭغا جاۋابەن كۈلۈپلا قويدى ئىسمائىل ئەپەندى.

ھايال ئۆتمەيلا يىگىت كاۋاپلارنى پىشۇرۇپ ئېلىپ كەلدى.ئىسمائىل ئەپەندى ئۇنى ‹‹بىللە ئولتۇرۇپ كاۋاپ يىيىش››كە تەكلىپ قىلىشقا تەمشىلىۋىدى،ئۆي ئىچىدىن ئاڭلانغان بىر ئاۋاز ئۇنى سۆزدىن توختاتتى.

-ئەلىجان ئۇكام،ماڭا پىۋىدىن ئىككى-ئۈچنى ئەكىرىۋىتىڭە!

بىر ئايالچە ئاۋاز مەستەكلا پىۋا بۇيرىۋاتاتتى.

ئىسمائىل ئەپەندى ئايالچە ئاۋازنىڭ ھاراق بۇيرۇتقانلىقىدىن ئانچە ھەيراق قالمىدى.چۈنكى بۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھاراق ئىچىدىغانلىرىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى.ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن قىلىۋاتقان رېقابىتى ئىچىدە ‹‹ھاراق رېقابىتى››مۇ بار ئىدى.ئەمما ئۇنىڭ ھەيراق قالغىنى ؛ئۇ ئىلگىرى  پايتەخىتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ شەھەرنىڭ بىر تار كوچىسىدا بىر كاۋاپچىنى،يەنە كېلىپ ئۇنىڭ كاۋاپخانىسىدا ئايالچە مەست ئاۋازنىڭ ھاراق بۇيرىشىنى ئاڭلاپ قالارمەن دەپ ئويلاپ باقمىغاندى.

يىگىت كاۋاپلارنى چەبدەسلىك بىلەن ئۆرىگەندىن كېيىن ، توڭلاتقۇدىن نەچچە تال پىۋىنى ئېلىپ ،كاۋاپخانا ئىچىگە كىرىپ كەتتى.

-ئۆي ئىچى نىمانداق ئىسسىق،-دېدى ئايالچە مەست ئاۋاز تىمپۇراتۇردىن زارلاپ،-مۇزدىكىدىن ئەكىرگەنسىز –ھە؟

-سوغاق،يۈرەكنىڭ بېغىشىغا تەگكۈدەك ،-دېدى يىگىت ئادەتتىكىدەك ۋارقىراپ.

ئىسمائىل ئەپەندى ئىشتىھا بىلەن كاۋاپ يىيىشكە باشلىدى. كاللىسى ئىچىدە ئولتۇرۇپ پىۋا بۇيرىتىۋاتقان ئايال ھەققىدە ئويلاش بىلەن ئاۋارە ئىدى.

كەچنىڭ سالقىن ھاۋاسى بۇ تار كوچىغا يىتىپ كېلەلمىگەندەك دىمىق ئىدى.ئۆتكۈنچىلەر توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. خېرىدارلارمۇ بارا-بارا سۇسلاشقا باشلىغاندى.يىگىت ئەمدى بەزەن-بەزەن خېرىدار چاقىراتتى.ئارىدىن يېرىم سائەتلەر ئۆتكەندىن كېيىن ئۆي ئىچىدىن يەنە بايىقى ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:

-ھەي،ئۇكام ،سىز ماڭا ساختا پىۋا ئەكىرىپ بېرىۋاتامسىز-نىمە؟ ھىچبىر تۇتاي دىمەيدۇ-يا ئادەمنى؟

-سىزگە ساختا نەرسىنى تەڭلىگىلى بولاتتىمۇ ،ئاچا.ئەگەر تايىنىڭىز بولسا، ‹‹ئاق››تىنلا ئىچىڭ،-دېدى يىگىت ئايالغا جاۋابەن ۋارقىراپ تۇرۇپ،ئاندىن ئىسمائىل ئەپەندىگە قاراپ تۆۋەنرەك ئاۋازادا،-پىۋىنى ئىچىۋەرگەن بىلەن كېچىچە شارقىرتىپ يۈرىسىز بىكا.

ئىسمائىل ئەپەندى ئۇنىڭغا جاۋابەن كۈلۈپلا قويدى.

-بىلىسىزغۇ ھاراقتىن يانمايدىغانلىقىمنى،ئۇكام،قويىڭە ئۇ تۇتماس ھاراقلىرىڭىزنى.بۈگۈن بىر –ئىككى قاپاق تارتمىسام پىغانىم بېسىلمايدۇ دەيمەن،-دەپ ۋارقىردى ئايال.

يىگىت قولىدىكى ئوتيەلپۈگۈچنى قويۇپ ،دۇككان ئىچىگە كىرىپ كەتتى.ھايال ئۆتمەيلا يەنە قايتىپ چىقتى.

-دەرتمەن خانىمكەن،-دېدى يىگىت ئىسمائىل ئەپەندىگە يۈز كېلەلمەيدىغان بىر ئىش قىلىپ قويغاندەك چۈشەندۈرۈپ،-ھەر كۈنى كېلىدۇ،راسا ئىچىپ تۈن نىسبى بىلەن قايتىپ كېتىدۇ.

-بەزىدە قونۇپمۇ قالىدىغاندۇ؟-دەپ چاقچاق قىلدى ئىسمائىل ئەپەندى.

يىگىت يەنىلا كۈلكە بىلەن جاۋاپ بەردى.

ئۆي ئىچىدىن ئايالنىڭ بىر نىمىلەرنى دەۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.قارىغاندا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىر شىئېرنى دىكلاماتسىيە قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.ئىسمائىل ئەپەندى يۇلتۇزلارنىڭ زىننىتىدە زەر رەخىتكە ئوخشاش كۆرىنىۋاتقان ئاسمانغا قارىدى.ئىككى تەرەپتىكى بىنالار ئۇنىڭ كۆرۈش دائىرسىنى توسىۋالغاچقا ،ئۇ پەقەت ئاسماننىڭ تىك تۆتبۇلۇڭ شەكلىدىكى بىر پارچىسىنلا كۆرەلىدى.

ئۆي ئىچىدىن ئايالنىڭ ۋارقىرغان ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى:

-ھەي،ئۇكام،كېلىڭ ،سىزمۇ بىر قاپاق تارتىۋېلىڭ.

يىگىت ئۆي ئىچىگە كىرىپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئىسمائىل ئەپەندىگە يۈزلىنىپ:

-سىزگە يەنە بىر نەچچە زىق قويامتىم-يا؟-دېدى.

-يۈرەك كاۋاپتىن 4-5نى يەي،-دېدى ئىسمائىل ئەپەندى.

-يۈرەك كاۋاپ يەيدىغان ئادەم بايىلا دىمەي،-دېدى يىگىت يۈرەك كاۋاپنىڭ تۈگىگەنلىكىدىن ئۇچۇر بېرىپ،-بىر تاللا يۈرەك قالغاندى.

-ھېچقىسى يوق،شۇنى بولسىمۇ يەي.

يىگىت ئۆي ئىچىگە كىرىپ كەتتى. بىرى ئەر،بىرى ئايالنىڭ كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى. يىگىت بىردەم ھايالشىپلا قايتىپ چىقتى.ئۇ بىر تال يۈرەكنى تۆت پارچە قىلىپ ياغاچتىن ياسالغان زىخقا ئۆتكۈزۈپ،كاۋاپدانغا قويدى.ئىسمائىل ئەپەندى ئۇنىڭ چاققان ھەركەتلىرىگە قاراپ ئولتۇردى.تۆت پارچە بولۇپ كەتكەن بىر تال يۈرەك كۆمۈر ئوتۇننىڭ چوغىدا ئاستا-ئاستا قورۇلۇپ،ئۇنىڭدىن ئاققان قان چوغقا چۈشۈپ،ۋىژىلدىغان ئاۋاز چىقىرىشقا باشلىدى.يىگىت كۈچەپ يەلپۇمەكتە ئىدى.

ئۆي ئىچىدىكى ئايال ۋارقىردى:

-مەنمۇ يۈرەك كاۋاپ يەيمەن،ئۇكام،ماڭىمۇ بىر نەچچە زىق قويۇڭ.

-تۈگەپ كەتتى،-دېدى يىگىت جاۋابەن.

-نىمە؟ماڭا كەلگەندە ھەممە نەرسىنىڭ تۈگەپ كېتىشى قىزىق؟ تۈگەپ كەتكەن بولسا،مانا ما مېنىڭ يۈرۈكۈمنى ئېپچىقىپ، پىشۇرۇپ بېرىڭ،-ئۇنىڭ ئاۋازى ھاراقتىن كېيىن نەشە چەككەن مۇتتىھەممنىڭ ئاۋازىدەك چىقىۋاتاتتى،-ئەمىسە بۆرىكىڭىزدىن ئىككى تاللا لازىم قىلىمەن دەپ تۇرىۋالسامچۇ؟ھاھاھا...

يىگىت ئىسمائىل ئەپەندىگە لەپپىدە قاراپ قويۇپ،ئۆي ئىچىگە كىرىپ كەتتى ۋە ھايال ئۆتمەيلا،ئايالىنى باشلاپ چىقتى.ئايال 35لەردە بولۇپ،ئۇستىخىنى بەك پاكىز كۆرىنەتتى.قىز چاغلىرىدا خۇشۇراق بىر تال گۈل ئىكەنلىكىدە گەپ يوق ئىدى.ئەمما «بۇ چىش ئەپ قالغان گۈل» شۇ تاپتا كەيىبلىكتىن دەلدەڭشىپ قالغاندى.ئۇ ئىسمائىل ئەپەنىدىنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ،سالام قىلماستىنلا ئولتۇردى.كۆز ئەينىكى ئىچىدىن يوغان كۆزلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

-بۇياق بىزلەردىن ئوخشىمامدۇ-ھە؟-دېدى ئايال مىڭ تەسلىكتە ئولتۇرا-ئولتۇرمايلا.ئۇنىڭ سالام ئورنىغا چاقچاق قىلىشى غەرب ئاياللىرىنىڭ خاراكتىرىنى ئىپادىلىگەندى.

ئىسمائىل ئەپەندى بۇ ئايال بىلەن پاراڭلىشىشنى خالىمىدى.ئۇ چايدىن بىر ئوتلاپ قويۇپ،يىگىتنىڭ ھەركىتىگە قاراپ ئولتۇرىۋەردى.يىگىت ۋىژىلداپ كۆيۈۋاتقان يۈرەكنىڭ ئۈستىگە ، ئەپچىل قوللىرى بىلەن تۇز سۈيى ۋە قىزىلمۇچ ئۇۋاقچىللىرىنى چېچىپ قوياتتى.

-نى خۈي خەنيۈما (ئۇيغۇرچە بىلەمسىز )؟-دەپ مەستلەرچە سورىدى ئايال.

- خۈي(بىلىمەن)،-دېدى ئىسمائىل ئەپەندى ،-سىز مىن كاۋ خەن(خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان مىللىي)كەنسىز-دە؟

-...

ئايال خەنزۇتىلىدا ناھايىتى راۋان سۆزلەيتتى.ئۇ مەسىتلەرچە ئۇزاق سۆزلىدى.ئىسمائىل ئەپەندى ئۇنىڭ ئىسمىدىن باشقا گەپلىرىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىدى.ئۇنىڭ ئىسىمى ھەۋۋا ئىدى.

كاۋاپ كەلتۈرۈلدى.ئىسمائىل ئەپەندى ئايالنى كاۋاپ يىيىشكە تەكلىپ قىلدى.ئايال رەت قىلدى ۋە توختىماي پىۋا ئىچىشكە باشلىدى.يىگىت ئالدىراشلىق ئىچىدە ئاخىرقى خېرىدارلىرىنى ئۇزىتىۋاتاتتى. ئىسمائىل ئەپەندى كاۋاپنى ئىشتىھا بىلەن يىدى.ئاندىن يۈز بەرگۈسى   «يېڭى مەنزىر»لەرگە قىزىقسىنىپ يەنە بىردەم ئولتۇرۇپ قالدى.بەك يېڭى ئىشلارمۇ يۈز بەرمىدى،پەقەت ئايال پۈتۈنلەي خۇدىنى يوقىتىپ،بېشىنى ئۈستەلگە قويۇۋېلىپ، بىر نىمىلەرنى دەپ توختىماي غىڭشىشقا باشلىدى.

-...يۈرەك...كاۋاپ...يۈرەك...

ئىسمائىل ئەپەندى ئەمدى ئولتۇرغۇدەك بىر ئىشنىڭ قالمىغانلىقىغا كۆزى يەتمىگەندىن كېيىن،ئورنىدىن تۇردى.بۇ چاغدا يىگىتمۇ ئالدىراشلىق بىلەن دۇككاننى يىغىشتۇرۇشقا باشلىغاندى.

(2)
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە ئىسمائىل ئەپەندى تۇيۇقسىز ھەۋۋا خانىمىنىڭ تىلفۇنىنى قۇبۇل قىلدى. ھەۋۋا خانىم تىچلىق سورغىچە ئارلىقتا ئىسمائىل ئەپەندى«نۇمۇرۇمنى قانداق بىلگەندۇ؟»دەپ ئويلاپ ئۈلگۈردى.

-سىزنى ئاۋارە قىلدىم،-دېدى ھەۋۋا خانىم تەكەللۇپ قىلىپ،-ھېلىقى كۈنى سومكامنى يوقىتىپ قويدۇم،مەن ئۆيدىن سىزنىڭ قېشىڭىزغا چىققاندا قولۇمدا سومكا بار بولغىيمىدى،دەپ سوراپ باقاي دىگەنتىم.

-ياق،قولىڭىزدا ھېچنىمە يوق چىقتىڭىز،-دېدى ئىسمائىل ئەپەندى ئۇنىڭ دەلدەڭشىگەن ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ،-كاۋاپچى بالىدىن سۈرۈشتۈرۈپ باقمىدىڭىزمۇ؟

-ئۇ ھاراملىقىنىڭ گېپىنى قىلماڭ،«كۆرمىدىم» دەپلا تۇرىۋالدى. نەق پۇلغۇ چاغلىقتى،شىنفېڭجېڭ(كىملىك)ىمنىڭ يوقاپ كەتكىنى چاتاق بولدى.ھازىر كىملىك بولمىسا بەك چاتاقكەن.

-شۇنداق،تاكسىغا چىققان بولسىڭىز،ماشىنىدا ئۇنتۇپ قالغانسىزمۇ-يا؟

-تاكسىغا چىقمىغان.

-كەيىبلىكتە تاشلىۋەتكەن ئوخشايسىز ئەمىسە.

-ئەجەپ بىر خىجىل قىلىدىڭىزا ئادەمنى،دائىم ئىچىپمۇ يۈرمەيمەن.بۇ يەردە بىرەر تونۇشۇم بولمىغاچقا زىرىكىپ، پىغان تىگىپ...

ئىسمائىل ئەپەندى نىمە دىيىشىنى بىلمەي،بىردەم تۇرۇپ قالدى.

-ئاشۇ كاۋاپچىنىڭ سوقۇۋەتكىنى ئېنىق،-دېدى ئايال،-پۇلنى بەرمىسىمۇ مەيلىتى،كىملىكىمنى بەرسىلا.

-ئوبدانراق سۆزلىشىپ بېقىڭ بولمىسا.

-ئۇ لۈكچەككە قارايدىغان كۆزۈممۇ يوق.پەسكەش بىر نىمىكەن.

ئايال ئۆزىنى خېلى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئىسمائىل ئەپەندى ئۇنىڭ ئاۋازىدىن شۇ كۈنى كاۋاپچى تەرىپىدىن خورلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى غىپ-پال ھېس قىلىپ قالدى.

-راستىنى دىسەم ئايال كىشىنىڭ ھاراق ئىچىنىنى شۇ كۈنى تۈنجى كۆردۈم.ياقا يۇرتتا كۆپرەك ئېھتىيات قىلىڭ،ئايال كىشى بولغاندىكىن، بولسا ئۇنداق ئىشلارنى قىلماڭ،-ئىسمائىل ئەپەندى ئۇنىڭ نەشە چەككىنىنى تىلغا ئېلىشنى خالىمىدى.

-كۆنۈپ قالغان خۇي،-دېدى ھەۋۋا خانىم يوشۇرماي،- دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى ئىچىدۇ.

-ئەمىسە دىگەنلىرىمنى دوستلىرىڭىزغىمۇ دەپ قويۇڭ،ئۇنداق قىلمىسۇن.ئاياللار ئۈچۈن ياخشى ئىش ئەمەس،-ئىسمائىل ئەپەندى گەپنى چاقچاققا بۇراپ يوقاتماقچى، سۆھبەتنى ئاياقلاشتۇرماقچى بولدى.

-ئەرلەر ئىچسە بولىدىكەنۇ،ئاياللار ئىچسە نېمىشقا بولمىغۇدەك؟

ھەۋۋا خانىم خۇددى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم جاۋاپ بېرەلمەيدىغان بىر قىيىن سۇئالنى ئوتتۇرغا تاشلىۋالغان ساددا بالىدەك بىر ئاھاڭدا سۆزلەيتتى.«كىملىك دىلوسى»نى ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلاتتى.

-ئەمىسە بارلىق ئاياللارغا دەڭ،ئەرلەر بىلەن بەسلىشىپ ئىچسۇن.

-بولدى قىلايلى،بۇلارنى دىيىشمەيلى،ئىككىلىمىز بۇ يەرگە مۇساپىركەنمىز، قاچان ۋاقىتڭىز بار،بىر ۋاق تاماق يەيلى.

-مەن سىز بىلەن ئىچىشىپ بولالماسمەنمىكىن؟

-مېنى زابوي كۆرۈپ قاپسىز-دە؟ئاشۇ كۈندىكى بىھۆرمەتلىكىم ئۈچۈن سىزدىن ئەپۇ سورغىنىم بولۇپ قالسۇن،تەكلىۋىمىنى رەت قىلمىسىڭىز؟

ئىسمائىل ئەپەندى ئايالنىڭ تەكرار تەكلىۋىنى بىراقلا رەت قىلىشقا ئاجىز كەلدى.

-بولىدۇ،مۇۋاپىق پۇرسەتتە مەن سىزگە تېلفۇن قىلاي.

-گېپىمىز گەپ-ھە،ئەمىسە؟

-خوش.

-خوش.

ئىسمائىل ئەپەندى تىلفۇننى قويدى.كۆز ئالدىدا ھاراق بوتۇلكىللىرى ئارىسىدىن چىقالماي، قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلىۋاتقان بىر كۆزەينەكلىك ئايالنىڭ سىماسى لەلەڭلەيتتى...

(3)
         9-ئاينىڭ ئاخىرى بولشىغا قارىماي،بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى دىمىق ئىدى.ئىسمائىل ئەپەندى بۇ يەرگە بىر يىللىق خىزمەت مۇددىتى بىلەن چىققان بولۇپ،شىنجاڭدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋى خىزمەت يىتەكچىسى ئىدى.ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشى كۆپ بولمىغاچقا، كۈنلىرى بىكارچىلىق ۋە زىرىكىش ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى.

   «جاللات خېنىم»نى نەچچە كۈندىلا ئوقۇپ تۈگىتىۋەتكەندى. كۆپرەك كىتاپ ئېلىۋالمىغانلىقىدىن ئۆكۈندى.ئېلانلاردىن بىزار بولۇپ تېلۋۇزورنىمۇ ئاچمىدى.دەرىزە ئالدىغا كېلىپ سىرىتنىڭ مەنزىرسىدىن زوق ئىزدىدى.ئېگىز بىنالار دىمىق تەسىرىدىن تۇمانلاشقان ھاۋادا چوقچىيىپ تۇراتتى.بارچە شەيئى ئۆز مەۋجۈتلىقىنى پەرۋاسىزلارچە ساقلاپ تۇرىۋاتقاندەك تۇيۇلدى.ئۇ بۇنداق بۇرۇقتۇملۇققا ئەزەلدىن بوش كەلگەن ئەمەس ئىدى.بىر ئىشلار بىلەن بەنت بولۇشقا،شۇ ئارقىلىق ۋاقىتتىكى مەنىسىزلىكىنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئادەتلەنگەندى.ئۇ ھېلىقى كاۋاپ دۇككىنىنى ،قاپقار بۇرۇتلىرى كاۋاپنىڭ مايلىق ئىسىدا پارقىراپ كەتكەن يىگىتنى ئەسلەپ كاۋاپ يىگۈسى كەلدى.ئارقىدىنلا كۆزەينەك تاقىغان مەس ئايالنى يادىغا ئالدى.ئۇ ئايالنى بەكمۇ بىچارە ھېس قىلدى...

   تېلفۇننىڭ ئاۋازى ئۇنىڭ داۋاملىق خىيال سۈرۈشىگە ئىمكان بەرمىدى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

-نىخاۋ(ياخشىمۇسىز)،ھوي...ياخشىمۇسىز؟مەن ھەۋۋا.

-تىچلىقمۇ؟

-نەدە سىز؟

-ياتىقىمدا.

-مەن سىلەرنىڭ مەكتەپكە يېقىن بىر يەرگە كەلگەن.سىز بىلەن كۆرۈشۈپ كېتەي دەپ تېلفۇن ئۇرۇشۇم.

-ھە،شۇنداقمۇ؟-دېدى ئىسمائىل ئەپەندى دەرمەھەل گەپ تاپالماي،-ئەمىسە ياتاققا كىرىپ،بىردەم ئولتۇرۇپ ماڭامسىز؟

-بولدى ياتاققا كىرمەي،ۋاقتىڭىز بولسا سىرىتقا چىقسىڭىز،بىرەر ۋاق تاماق يىگەن بولساق.

«دەۋىر ھەقىقەتەن ئالمىشىپتۇ،-دەپ ئويلىدى ئىسمائىل ئەپەندى،-بوپتۇ،موشۇ باھانىدە ئۇنىڭغا ئازىراق گەپ قىلىپ قوياي»

     ئۇلار مەكتەپتىن ئانچە يىراق بولمىغان تىرامۋاي بىكىتىنىڭ يېنىدىكى تۇڭگاننىڭ ئاشخانىسىدا كۆرىشىدىغانغا پۈتۈشتى. ئىسمائىل ئەپەندى ئۇ ئايالنى قايتا ئۇچرىتىپ قالارمەن دەپ ئويلىمىغاندى.شۇ كۈنى كەچتە ئۇ گەرچە بۇ ئايالدىن نەپرەتلەنگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يىمەكچى بولىۋاتاتتى. نەشە چەككەن،ھاراق ئىچكەن بىر ئايال بىلەن تاماق يىمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى خاتا يولغا ئاللىبۇرۇن كىرىپ بولغاندەك،ئۆزىنى ئانچە دۇرۇس ئادەم ئەمەستەك ھېس قىلدى. ئارقىدىنىلا ئۇنىڭغا«تەربىيە ئىشلىمەكچى» بولغانلىقىنى ئويلاپ كۆڭلى سەل تەسكىن تاپتى.

   ئىسمائىل ئەپەندى ئاشخانىغا كىرگەندە ھەۋۋا  خانىم چاي ئىچىپ ئولتۇراتتى.ئۇلار تىچلىق سوراشقاندىن كېيىن،ئۇ خانىمنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئورۇنغا ئولتۇردى.

-سىز بەك كېلىشكەن ئەركەنسىز،-دېدى خانىم چاي قۇيۇپ تەڭلەۋىتىپ،-ھېلىقى كۈنى ئېسىمدە قالماپتىكەنسىز.

ئىسمائىل ئەپەندى ئۇنىڭ ئوچۇقتىن-ئوچۇق ماختىشىدىن خىجىل بولۇپ، چاندۇرماستىن چاي ئوتلىغان بولىۋالدى.ھەمدە ئۇنىڭ تارغىنا پادىچى شىمى ۋە تار مايكا كېيىۋالغانلىقىغا دىققەت قىلدى.

-چۈشلۈك تاماق يىمىگەن بولغىيدىڭىز تېخى؟

-يىمىگەن،-دېدى ئىسمائىل ئەپەندى ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ رەڭگىنى يوشۇرالغان بىلەن،شەكلىنى يوشۇرالمىغان مايكىسىغا تىكىلىپ سېلىشتىن ئېھتىيات قىلغاندەك باشقا ياققا قاراپ.

-مەنمۇ يىمىگەن،تاماقنى سىز بۇيرۇتۇڭ ئەمىسە.

-سىزدىن كەلسۇن.ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بۇ يەردە نىمە بارلىقىنى بىلمەيمەن، قورۇما تىزىملىكىنىمۇ ئوقۇيالمايمەن.

ھەۋۋا خانىم سۇس كۈلۈمسىرەپ قويۇپ،كۈتكۈچىنى چاقىردى. 18ياشلاردىكى ئاق پوسما كەيگەن تۇڭگان قىزى ئوماق كۈلۈمسىرگىنىچە يىتىپ كەلدى.ھەۋۋا خانىم كۈتكۈچىگە قاراپمۇ قويماستىن بىر نىمىلەرنى دەپ كالدىرلىدى.ئىسمائىل ئەپەندى ئۇ ئېيتقان تاماق تۈرلىرىدىن «ياڭرۇچۈەن»(قوي گۆشى كاۋىپى)دىن باشقا ھېچقايسىسىنى ئاڭلاپ باقمىغاندى.

-ھاراقنىڭ قاندىقىنى ئىچىسىز؟-سورىدى ھەۋۋا خانىم.

-پىۋىدىن بىر بوتۇلكا ئىچسەملا بولدى.

-پىۋىنى مەن ئىچەي،سىز «ئاق» ئىچىڭ.بۈگۈن «ئاق»قا تازا تاۋىم يوق تۇرىدۇ.

-سىز ئىچمىسىڭىزمۇ مەن رەنجىمەيمەن،-دېدى ئىسمائىل ئەپەندى ،-ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللارنىڭ ھاراق ئىچىشىنى ياقتۇرمايمەن.بولۇپمۇ كۆپ ئىچىۋېلىپ،كىملىكىنى يوقىتىپ قويىدىغان  ئاياللارنىڭ.

-ھاھاھا،-ھەۋۋا خانىم خۇددى كۆڭۈلدىكىدەك ھاراق سورۇنىدىن بەھرىمان بولۇش ئالدىدا تۇرغان زابويلاردەك ئېچىلىپ كەتتى،-باشقىلارنىڭ بىر ئېغىز گېپى بىلەنلا ئىچمەيدىغان ئىش بولسا،بەلكىم بۇرۇنلا ھاراق تاشلىغان بولاتتىم.سىز مېنى ئايال كىشى دەپ قارىماڭ.سىز ئىچكەن ھاراقنى مەنمۇ ئىچەلەيمەن،سىز قىلغان ئىشنى مەنمۇ قىلالايمەن.ھېلىقى كۈنى بەك كۆپ ئىچىپ قويۇپتىمەن شۇ.

  ئىسمائىل ئەپەندى ئارتۇقچە سۆزلەپ يۈرۈشنى خالىمىدى. چوپچوڭلا بىر ئادەمگە ئۇششاق نەسھەتلەرنى قىلىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ئىچسە ئىچمەمدۇ؟ئاچام يا سىڭلىممىدى ئۇ مەن باشقۇردىغانغا؟ھاراققا ئۇنچىلىك ئامراق بولغۇدەك قانداق كەچۈرمىشلىرى بار،ئاڭلاپ باقمايمەنمۇ دەپ ئويلىدى. ئۇنىڭ ئايالغا «نەسىھەت قىلىش»پىلانى بەربات بولماقتا ئىدى.بۇ پىلان ئايال تەرىپىدىن ئەمەس،بەلكى ئۆزى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرلىۋاتاتتى.

-ئىككىمىزنىڭ تەپەككۇرى ئوخشىمايدىكەن،-دېدى ئىسمائىل ئەپەندى،-بولىدۇ،بۈگۈنچە سىزمۇ ئەركىشى بولۇڭ.ئىچىمەن دەپ تۇرىۋالسىڭىز مەيلى،بىراق ئىچىشتىن بۇرۇن قەيەردە تۇرىدىغانلىقىڭىزنى ماڭا دەپ قويۇڭ. كېيىن مەست بولغىنىڭىزدا ئاپپىرىپ قويۇشۇم ئۈچۈن.

  ھەۋۋا خانىم مېيىغىدا كۈلۈپ قويدى ۋە خېلىدىن بېرى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەنمەي قاراپ تۇرغان كۈتكۈچىگە پىۋىنى بولدى قىلىپ،«نىيۇ لەن شەن»ماركىلىق ئاق ھاراقتىن ئىككىنى ئەكىلىشنى بۇيرىدى.

(4)
ھاراقنى ئىسمائىل ئەپەندى ئەرلىكىگە ئېلىپ، تەكەللۇپسىزلا قۇيۇشقا باشلىدى.بىرىنجى بوتۇلكا ھاراق ئاياقلاشقۇچە ئىككەيلەننىڭ سۆھبىتى ئانچە قىزىمىدى.پەقەت تاماققا تەكلىپ قىلىشقا ئوخشاش گەپلەرلا بولدى.ئىككىنجى بوتۇلكنىڭ بىرىنجى رۇمكىسىدىن كېيىن قانلار قىزىشقا باشلىدى بولغاي،گەپ –سۆزلەرمۇ ئۇلغىيىشقا باشلىدى.

 -ئۆز تۇرمۇشىڭىز توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشنى خالامسىز؟-دېدى ئىسمائىل ئەپەندى ئۆزىنى خېلىلا يىنىك ھېس قىلىپ.

-شىياڭ تىڭ ما(ئاڭلىغۇڭىز بارمۇ)؟-دەپ ئەركىلىگەندەك بىر قىياپەتتە سورىدى ھەۋۋا خانىم قۇرۇتقا ئوخشاپ كېتىدىغان قورۇمىنى چوكا بىلەن قىسىۋىتىپ.

-شۇنداق،بىراق ئۇيغۇرچە سۆزلىمىسىڭىز، مەن چۈشىنىپ بولالمايمەن.

-كەچۈرۈڭ،نىمە ئىشكىن،ھاراق ئىچسەملا تىلىم ئۇيغۇرچىغا كەلمەي قالىدۇ،قاراڭ.مېنىڭ سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا بەك مۇرەككەپ كەچۈرمىشىممۇ يوق.باياشات بىر ئائىلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم.مەن يەسلىدىن باشلاپلا خەنزۇچە ئوقۇغان.ئۇيغۇرچە ساۋادىممۇ يوق.94-يىلى خىزمەتكە چىقتىم.شەھەرلىك بىرىنجى باشلانغۇچنىڭ خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى.توي قىلىپ نەچچە ئايدىلا ئاجىرىشىپ كەتكەن.موشۇنچىلىك تونۇشتۇرسام بولا؟

-نەچچە ئايدىلا ئاجىرىشىپ كېتىدىغان ئادەم توي قىلمايدىغان ئىشكەن ئەسلى،-دېدى ئىسمائىل ئەپەندى ئۇنىڭ ئاجرىشىش سەۋەبىنى بىلمەكچى بولۇپ.

-ئۇ مەندىن بەش ياش كىچىك ئىدى،-دېدى ھەۋۋا خانىم رومكىلارغا ھاراق قۇيغاچ،-ھەم مېنى بەك ياخشى كۆرەتتى.مېنى قويىۋەتكۈسى يوق ئىدى،بىراق ئانىسى مەجبۇرىي ئاجراشتۇرۋەتكەن.

-نېمىشقا ئەمدى؟

-مېنى «تاماق ئىتەلمەيدىكەن،ئۆي ئىشلىرىنى قىلمايدىكەن...» دەپ.

-ئەھۋال ھەقىقەتەن شۇنداقمىدى؟

-شۇنداق.مەن توي قىلغۇچە ئۇنداق ئىشلارنى قىلىپ باقمىغان. ئۆزۈممۇ ئۇيغۇرچە تاماقلارنى يىيىشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن. داداممۇ،ئاناممۇ مىنكاۋخەن.ھەر ئىككىلىسى چوڭ ھوقۇق تۇتقان. ئائىلىمىزدە كۆپ ۋاقىتلاردا تاماق ئىتىلمەيتتى.توي قىلغۇچە مەن بىر قېتىممۇ تاماق ئىتىپ باقمىغان.شۇنىڭ بىلەن «بوپتۇ»دەپ ئاجرىشىپ كەتتىم شۇ.

ئىسمائىل ئەپەندى ئۇنىڭ چىرايىدىن ھەر قانچە ئىزدەپمۇ  ئۆتكەن ئىشلاردىن پەيدا بولغان پۇشايمان تىپىدىكى ھىچ قانداق بىر ئالامەتنى كۆرەلمىدى.

-قايتا نىكاھلىق بولمىدىڭىزما؟

-نى شى جىڭچا، خەي شى... ؟ (سىز ساقچىمۇ يا...) ھاھاھا...يەنە خەنزۇچە سۆزلەپ كەتتىم قاراڭ.ئانچە-مۇنچە قۇيغاچ ئولتۇرۇڭ، بوتۇلكىنى خىجىل قىلماي.

-ھېچقىسى يوق،بۇنى چۈشىنەلەيمەن،-دېدى ئىسمائىل ئەپەندى ھاراق قۇيغاچ.

  -ياق.شەھەرنىڭ ئاۋات يېرىدە دادام ئېلىپ بەرگەن ئۆيۈم بار.نىمە قىلىمەن توي قىلىپ؟خەقنىڭ كىرىنى يۇيۇپ،تامىقىنى ئىتىمەن دەپ جاپا تارتقۇچە،ئۆزۈم خان،ئۆزۈم...نىمە ئىدى؟شۇنداق بىر گەپ بارتىما ئۇيغۇرچىدا؟

-«ئۆزۈم خان،ئۆزۈم بەگ»

-ھە،شۇنداق گەپ،شۇنداق ياشىمامدىمەن.خوش مانى ئىچىۋىتەيلى.

-خوش.

رۇمكىلار سوقۇشتۇرۇلدى.ئارقىدىن نەچچە قىسىمدىن قورۇما يىيىلدى.يەنە رومكىلار تولدۇرۇلدى.

-سىزنىڭچۇ؟ئايال،باللىرىڭىز باردۇ؟

-ئۈچ ئوغلۇم بار.

-ئايالىڭىز نىمە خىزمەت قىلىدۇ؟

-يەر تېرىيدۇ.

-نوڭ مىن(دېھقان)دەڭ،نىمە قىلادىڭىز دىخان خوتۇن ئېلىپ،جاپا تارتىپ؟

-خوتۇن دىگەننى نىمە قىلىدۇ؟-دېدى ئىسمائىل ئەپەندى كۈلۈمسىرەپ.

ھەۋۋا خانىم قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.تاماق يەۋاتقان بەزى خېرىدارلار بۇ جاراڭلىق كۈلكىنىڭ ئىگىسى ۋە ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ،تاماكا چەككەچ ھاراق قۇيىۋاتقان ئەرگە قاراپ قويۇشتى.

-ھازىرغۇ ئۆتەرسىز،قېرىغاندا قانداق قىلىسىز؟تۇرمۇش قۇرۇپ،بالىلىق بولۇشىڭىز كېرەكقۇ ئاخىر؟-دېدى ئىسمائىل ئەپەندىنىڭ «نەسھەت قىلغۇسى» قىستاپ.

-بۇنڭىدىن قورقۇشۇم يوق،ئاغرىسام دوختۇرخانا،قېرىسام ساناتورىيە بار.توي قىلىش پىلانىمغۇ يوق،قىلغان تەقدىردىمۇ بالا تۇغمايمەن.ئاڭلىسام بالا تۇغماق بەك تەسمىش.

-ھاھاھا...،-ئەمدى قاقاھلاش نۆۋىتى ئىسمائىل ئەپەندىگە كەلگەندى.

-نېمىدىگەن ئىسراپچىلىق...

- نىمە ئۇ ئىشراپچىلىق دىگەن؟

- ئىشراپچىلىق ئەمەس، ئىسراپچىلىق.لىياڭ فېي(ئىسراپچىلىق)

- لىياڭ فېي شېن مې؟(نىمە ئىسراپ بولدى)

-بىر يۈرۈش كۆپىيىش ئەزالىرى ئىسراپ بوپتۇ.ھاھاھا...

-گېپىڭىزنى چۈشەنمىدى،-دېدى ھەۋۋا خانىم.

-بۇ گەپنى چۈشەنمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،قېنى ھاراق ئىچەيلى.

رومكىلار سوقۇشماقتا...قورۇمىلار يىيىلمەكتە...قانلار قىزىماقتا...

-تاماكىڭىزدىن بىرنى چەككۈم كېلىۋاتىدۇ،-دېدى ھەۋۋا خانىم تارتىنىشلاردىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىپ.

-چىكىۋىرىڭ،-ئىسمائىل ئەپەندى شۇنداق دىگەچ تاماكىنى ئۇنىڭ ئالدىغا سۈرۈپ قويدى.

-بۇ تاماكا بەك بوشكەن،يەنىلا ئۆزۈمنىڭكىنى چىكەي.

ھەۋۋا خانىم يېنىدىكى ئورۇندۇققا قويۇپ قويغان سومكىسىدىن بىر قاپ تاماكىنى ئېلىپ،بىر تال تۇتاشتۇردى ۋە قاپنى ئالدىغا تاشلاپ قويدى.

ئىچىش شۇ تەرىقىدە ئۈچىنجى بوتولكا تۈگىگىچە داۋام قىلدى.

(5)
ئۇلار ئاشخانىدىن چىققاندا سائەت ئون بىردىن ئاشقاندى.سىرىتتا سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى.ھاۋا شۇنچىلىك سالقىن ۋە راھەتبەخىش تۇيغۇ بېرەتتى.ئۈچ بوتۇلكا ھاراق ئۇلارنى ئوبدانلا لەلەڭشىتىپ قويغاندى.ئىسمائىل ئەپەندىمۇ ئوبدانلا تەڭشەلگەن بولۇپ،ھەۋۋا خانىم ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسلغان ھالدا دەلدۈگۈنۈپ كېتىۋاتاتتى.كىمنىڭ كىمنى يۆلەپ مېڭىۋاتقانلىقىغا بىر نىمە دېگىلى بولمايتتى.ھەر كىم قاياققا مېڭىش توغرۇلۇق بىر نىمە دىيىشمىدى.ئۇدۇل كېتىۋىرىشتى. ھەۋۋا خانىم ئىسمائىل ئەپەندىنىڭ قوينىدا دەلدەلڭشىپ كېتىۋاتاتتى. «ئەرلەر بىلەن خوشى يوق» ھەۋۋا خانىم ئىسمائىل ئەپەندىنى مەھكەم قۇچاقلىۋالغاندى.شۇ تاپتا ھەر ئىككىلىسى ئۆز « ئۆزى ياقتۇرمايدىغان»ئىشلارنى قىلىۋاتاتتى.

ئۇلار بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق رايۇنىنىڭ كىچىك باغچىسىغا كېلىپ،چوڭ بىر تۈپ دەرەخ تۈۋىدىكى تاش ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشتى.گەپلەر ئۈنلۈك،تاقا-تۇقا ئىدى.بەزىدە گەپلىرىنى ئۆز-ئارا ئۇقتۇرۇشالماي،جىلە بولۇشاتتى ...نىمە تېمىدا سۆزلىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.

  -ئۇ مېنى «تاماق ئىتەلمەيدىكەنسەن» دەپ قويىۋەتمىدى،پەقەت ئانىسى قويدۇرىۋەتتى،-دەيتتى ھەۋۋا خانىم پات-پاتلا،-ئۇنىڭ رايىچە بولغاندا مېنى قويىۋەتمەيتتى.تاماق ئىتەلمىسەم بازاردىن يىسەك بولاتتىغۇ؟!..شۇنداقمۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟

«شۇنداق، ھەر بىر قويىۋىتىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ،ھەر بىر ئاجىرىشىپ كېتىشنىڭمۇ سەۋەبى بولىدۇ،-دەپ ئويلىدى ئىسمائىل ئەپەندى»

-ھاراق ئىچىدىغان يالغۇز مەنلا ئەمەسقۇ؟مېنىڭ نۇرغۇن دوستلىرىم ئىچىدۇ.ئۇلارمۇ ئەرلىرى بىلەن بىر ئوبدان ئۆتىشىدىغۇ؟قېينائاتام دىگەن ئەبلەخ تېخى مېنى ھېلى «كۆڭلەك كەيمەيدىكەن،يا ئەرگە ،يا ئايالغا ئوخشىمايدىكەن»دىسە،ھېلى تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىشنى بىلمەيدىكەن»دەيمىش.قايسى زامان بۇ،مەدىنىيەتسىزلەر...

ھەۋۋا خانىم مەست بولغاندا ئۇيغۇرچىنى ئوبدانلا راۋان سۆزلەپ قوياتتى.ئۇ سابىق قېينئاتىسىنى بىر ھازا تىللاپ چارچىدى بولغاي، ئورنىدىن تۇردى.پادىچى شىمى بىلەن تار مايكا ئۇنىڭ بەدىنىگە بەكمۇ چىڭ چاپلىشىۋالغاندى.ئۇ تاش ئورۇندۇقتا تىنىچ ئولتۇرغان ئىسمائىل ئەپەندىنىڭ قولىرىدىن تارتىپ،ئۆرە تۇرغۇزدى-دە، بوينىغا گىرە سېلىۋالدى.ئىسمائىل ئەپەندى نىمە قىلارىنى بىلمىدى.ئۇ ئايال كىشىنىڭ «زوراۋانلىق»ىغا تۈنجى قېتىم ئۇچراۋاتاتتى.ھەۋۋا خانىمنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئانچە خالاپ كەتمىدى.ھەۋۋا خانىم بارغانسىرى ھەددىدىن ئېشىپ ئىسمائىل ئەپەندىنى قۇچاقلىۋېلىپ ھىدلاشقا باشلىدى. تىنىقىدىن تاماكا پۇرىقى كېلەتتى.ئىسمائىل ئەپەندى ئۆزىنى قۇچاقلاۋاتقۇچىنىڭ ھوجۇدىدىن ھىچقانداق ئاياللىق پۇراقنى سىزەلمەي،خۇددى بىر ئەر كىشى ئۆزىنى سۆيمەكچى بولىۋاتقاندەك  تۇيغۇغا كېلىپ قالدى.ئۇ يىرگەنگەندەك بولۇپ،ھەۋۋا خانىمنى ئاستا ئىتتىردى.

-بۇنداق قىلسام مېنى بۇزۇق دەپ ئويلاپ قالماڭ،-دېدى ھەۋۋا خانىم ئۇنىڭغا يالۋۇرغاندەك بىر خىل ئاھاڭدا،-ھو ئەي شاڭ لې نى(مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم).بۈگۈن ماڭا ھەمراھ بولسىڭىز...

-ئۇنداق قىلالمايمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ ئەرلەر بىلەن خوشىڭىز يوقتىغۇ؟

-ئۇنداق ئەمەس،مەنمۇ نۇرمال بىر ئايال.مەنمۇ ئەر سېغىنىمەن. پەقەت سىلەرنىڭ قائىدە-يوسۇنىڭلارنى بىلمەيمەن شۇ...،-ھەۋۋا خانىم مىچىلداپ يىغلاشقا باشلىدى،-ئۆتۈنۈپ قالاي،بۈگۈن مېنى يالغۇز تاشلاپ قويمىىسڭىز...بىلىمەن،سىز مېنىڭ ھاراق ئىچكىنىمگە قاراپ مېنى خاتا چۈشىنىسىز.ماڭا ئامال يوق.مەن ئۈگەنگەن مەدەنىيەت شۇنداق.مەن شۇنداق ئادەتلەنگەن...بىلىمەن مېنى ھېچكىم ئالمايدۇ.مەن ئۇلارنىڭ ئۆلچىمىگە مەڭگۈ توشالمايمەن...موشۇنداق ياشىماقتىن باشقا ئامالىم يوق...

-كەچۈرۈڭ،ئۇنداق قىلالمايمەن.مەن ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايمەن.بولۇپمۇ سىز بىلەن...

ئەمدى ئۇنىڭ مەستلىكى يېشىلىپ كەتكەندەك قىلاتتى.ئۇ ئىسمائىل ئەپەندىدىن يىراقىشىپ،تاش ئورۇندۇقنىڭ نېرىقى تەرىپىدىكى ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇردى.شۇ تۇرقى بىلەن ئۇ ئىسمائىل ئەپەندىنىڭ كۆزىگە ناھايىتى بىچارە كۆرۈندى.ھىچ ئىش بىلەن كارى يوق ياشاۋاتقاندەك تۇيۇلغان بۇ ئايالنىڭمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ھەۋۋا خانىم يىتەرلىك ئەنئەنە تەربىيىسىدن مەھرۇم بولغاندى.ياش چاغلىرىدا ھاياتنىڭ مەنىسىنى يەپ-ئىچىش،كۆڭۈل ئېچىش بىلەنلا ئۆلچەشكە ئادەتلىنىپ قالغان،ئۆز قەۋمىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئۆرىپ-ئادەت، قائىدە-يوسۇنلارنى ئۆز ھوجۇدىغا ئۆزلەشتۈرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن مانا بۈگۈنكىدەك مەنىسىزلىكىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى چۈشىنىۋېلىش ئانچە تەس ئەمەس ئىدى.

-مەن نۇرغۇن ئىشلارغا پۇشايمان قىلىمەن،-دېدى ھەۋۋا خانىم ئۆكۈنۈش ئاھاڭىدا،-ئەمما ئورنىغا كەلمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن. بىلەمسىز،بۇلارنى ئويلىسام يۈرۈكۈم كاۋاپتەك ۋىژىلداپ كېتىدۇ. ئىشقىلىپ مەن بەخىتتىن مەھرۇم بولغان بىر ئايال...

ئىسمائىل ئەپەندى ئۇنىڭغا نىمە دەپ تەسەللى بېرىشنى بىلمىدى.تاماكا تۇتاشتۇرۇپ كۈچەپ شورىدى. ھەۋۋا خانىم بۇ خىل ئۇزۇنغا سوزۇلغان سۈكۈتتىن بىزار بولغاندەك ئارقىغا بۇرۇلۇپلا يۈرۈپ كەتتى.ئۇ بارغانسىرى تىز-تىز قەدەم ئېلىپ،ئىسمائىل ئەپەندىدىن بارا-بارا يىراقلاشتى.ئىسمائىل ئەپەندىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ياتاققا قايتتى.

(تۈگىدى)

 

دوستلىشىش
erpan.0998
ئىبراھىمجان ئىرپانى   qq;1806537111
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7630
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 172
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە172دانە
ئۆسۈش: 2380 %
مۇنبەر پۇلى: 3431 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-28
ئاخىرقى: 2012-05-07

بەك ياخشى يىزىپسىز

http://yegana.blogbus.com/
<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
www.1miskal.com