باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1331 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قاچانمۇ ھافىز بولارسىز؟ (مەستۇرە)
ئەركەتۈرۈك
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2013
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 556
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە556دانە
ئۆسۈش: 6390 %
مۇنبەر پۇلى: 10943 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-17
ئاخىرقى: 2012-02-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-28 13:48

قاچانمۇ ھافىز بولارسىز؟ (مەستۇرە)

قاچانمۇ ھافىز بولارسىز؟
(مەستۇرە)
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
شەيخ ياسىر سەلەمە
يېقىندا مەن مىسىردىكى داڭلىق ئىماملاردىن بىرى بولغان شەيخ ياسىر سەلەمەدىن ئاجايىپ ئىشەنگۈسىز بىر خەۋەرنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ ” قاچانمۇ ھافىز بولارسىز“دېگەن ئۇنئالغۇ لېنتىسىدا بىزگە قۇرئان يادلاش گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان مۇھەممەد ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىزنىڭ، ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىكى ئۈنئالغۇ-سىنئالغۇ ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىپ قۇرئان يادلىغانلىقىنى، 50 كۈن ئىچىدە (ياكى ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا) قۇرئاننى يادلاپ بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت؟!
شۇنداق. ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت. ئۇ ئۆزىنىڭ قۇرئان يادلاش جەريانىنى بايان قىلىپ بىزگە مۇنداق دەيدۇ: ” مەن ئۆز نەپسىمگە جىھاد ئېلان قىلدىم ۋە ئۆلۈمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم. مەن قۇرئاننى يادلاپ بولۇشقا بەل باغلىغان ئىدىم. شۇڭا تېلىفونۇمنى بىر ياققا تاشلاپ قويدۇم، بەك مۇھىم بولمىغان كۆرۈشۈشلەرنى ئەمەلدىن قالدۇردۇم، كاللامدىكى بارلىق پاسسىپ خىياللارنى قۇرئان يادلاشنىڭ ياردىمى بىلەن پايدىلىق خىيالغا ئايلاندۇردۇم. مەسىلەن، ھەرقېتىم قەلبىم ماڭا: ” سەن قىلالمايسەن!“ دېگەندە مەن قەلبىمگە جاۋابەن ”ياق! مەن قىلالايمەن!“ دەيتتىم. قەلبىم ماڭا”مېنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم تۆۋەن “ دېگەندە، مەن قەلبىمگە ”ئاللاھنىڭ ماڭا مۇشۇنداق ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بەرگەنلىكى ئۈچۈن چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇن!“ دەيتتىم. مەن مەسچىتنى قۇرئان يادلاش ئۈچۈن تاللىدىم ۋە ئۈچلا نەرسىگە تاياندىم:
1.        كۆز
2.        قۇلاق
3.        تىل
مەن بۇ جەرياندا تاماق ئادىتىمنى ئۆزگەرتتىم ۋە كۈندىلىك تامىقىمغا پەقەتلا خورما، مېۋە-چېۋە ۋە ھەسەلنىلا ئىستېمال قىلدىم—روزا تۇتۇش مېنىڭ قۇرئان يادلىشىمغا ئاجايىپ زور تەسىر كۆرسەتتى. ئادەتتە فەجر( بامدات نامىزى) دىن ئىككى يېرىم سائەت بۇرۇن ئورنۇمدىن تۇراتتىم، ئىشا (خۇفتەن نامىزى) دىن ئىككى سائەت كېيىن ئۇخلايتتىم. ئادەتتە ھەر كېچىسى تەھەججۇد نامىزى ئۈچۈن تۇراتتىم ۋە سەجدىدە ئۇزاق تۇرۇپ ئاللاھتىن مېنىڭ ئىشلىرىمنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشىنى تىلىدىم. 100 قېتىم ئىستىغفار ئېيتاتتىم. ئۇنىڭدىن كېيىن قۇرئاندىن بەش بەت يادلىدىم. ۋە يادلىغانلىرىمنى فەجرنىڭ سۈننىتىدە ئوقۇدۇم. فەجر نامىزىدىن كېيىن يەنە بەش بەت يادلىدىم، يادلىغانلىرىمنى ئىككى رەكئەت دۇھا نامىزىدا ئوقۇدۇم. ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ مېنىڭ قۇرئان يادلىشىمنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە ھەمد ئوقۇدۇم. ئاندىن يادلىغانلىرىمنى ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا ئېلىنغان بىر قارىنىڭ قىرائىتىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ تەكرارلاپ تەجۋىدىمنى توغرىلىدىم. قىرائەتكە دائىر كىتابلارنى كۆردۈم ۋە مۇقەددىمە ئەل جەزەرىييە ( تەجۋىد ئەھكاملىرى قوشىقى) نى يادلىدىم. دۇخر( پىشىن ) نامىزىدىن كېيىن بىرىنچى پارىدىن تارتىپ يادلاپ بولغان مەزمۇنلارنى تاكى ئەسىر نامىزىغىچە ئولتۇرۇپ تەكرارلىدىم. ئەسىر نامىزىدىن كېيىن بۈگۈن يادلىغان مەزمۇنلارنى ۋە ئالدىنقى بىر پارىنى تەكرارلىدىم.مەغرىب ( شام) نامىزىدىن كېيىن يېڭى 10 بەتنى يادلاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدىم. ئىشا نامىزىدىن كېيىن ئۇستازىم بىلەن بىللە كۈندە يادلىغانلىرىمنى تەكرارلىدىم. ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى شۇ بىر كۈندە يادلىغانلىرىمنى ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىن يەنە بىر قېتىم ئاڭلىدىم. ئادەتتە كۈندە ئالتە سائەت مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ قۇرئان يادلايتتىم. ھېچكىممۇ ماڭا دەخلى قىلمىدى، قىلچە ھارغىنلىقمۇ ھېس قىلمىدىم، بىرىنچى ھەپتىسى ئالتە سائەت يادلىدىم، ئىككىنچى ھەپتىسى سەككىز سائەت يادلىدىم، ئۈچىنچى ھەپتىسى 10 سائەت يادلىدىم، تۆتىنچى ھەپتىسى 12 سائەت يادلىدىم، ئەڭ ئاخىرقى ئون كۈندە بولسا 14 سائەت يادلىدىم.
مەن ئۈچۈن ئەڭ مۈشكۈل ئىش ئۇخلاش ۋە تاماق يېيىش ئىدى. مەن ئۇيقۇنىڭ تېزرەك ئاياغلىشىپ قۇرئاننى قولۇمغا قايتا ئېلىشقا شۇنچىلىك ئالدىراپ كېتەتتىم. ھەر قېتىم قۇرئاننى يادلاشنى باشلىغان چېغىمدا ئۆزۈمنى ئۆمرۈمدە ھېچقاچان ھېس قىلمىغان دەرىجىدە خۇشال سېزەتتىم. دۇئا قۇرئان يادلاشنى باشلاشنىڭ ۋە ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى بۆلىكى ئىدى. مەن بىر بەتنى ئولتۇرۇپ يادلايتتىم، ئاندىن ئۆرە تۇرۇپ تەكرارلايتتىم. ئۇستازىم ماڭا كۆپ مەدەت بەردى، مېنىڭ قۇرئاننى تەكرارلىشىمدا، توغرىلىشىمدا ۋە تەجۋىدىمدىكى خاتا جايلارنى تۈزىتىۋېلىشىمدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. ئەڭ ئاخىرقى ھەپتىسى، رامىزاننىڭ 20 كېچىسى، قۇرئاندىن يەنە تۆت يېرىم پارە قىسمىنى يادلاپ بولالمىغان ئىدىم. مەن ئاللاھقا يۈزلىنىپ، مېنىڭ يولۇمنى ئېچىپ بېرىشىنى ۋە ئۇنى ماڭا ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشىنى تىلىدىم. مەن ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرئاننى يەنە ئالتە كۈندە تامام قىلىپ بولۇش ئۈچۈن قۇرئان يادلاشنى داۋاملاشتۇردۇم. لەيلەتۇل قەدىر—ئاشۇ خوشاللىق ۋە بەخت كېچىسى ماڭا خۇددى مېنىڭ توي كېچەمدىنمۇ سۆيۈملۈك بىلىندى. مەن قۇرئاننى مەغرىب بىلەن ئىشانىڭ ئارىلىقىدا تاماملىدىم. مەسچىتتە ئىمام ۋە ئىتېكافتا ئولتۇرۇۋاتقانلار بار ئىدى. بىز خەتمىنى باشلىدۇق. ئاياغلاشقان چاغدا يۈرىكىم شۇنچىلىك ھاياجانغا تولدىكى، كۆزلىرىمدىن ھېچقاچان تۆكۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ياشلار تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ئۇ مېنىڭ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ بەختىيار مىنۇتلار ئىدى. ئاللاھ مېنى قۇرئاننى ياد قىلدۇرۇش بىلەن ئىززەتلىگەن ئىدى.
دۇئا قىلىۋاتقان چېغىمدا مەن ئون يىل بۇرۇن كۆرگەن بىر چۈشۈمنى ئەسكە ئالدىم. مەن بىر مەسچىتنىڭ مۇئەززىنى ئىدىم، فەجر نامىزىدىن كېيىن مەسچىتتە ئولتۇرۇپ ئاللاھۇ تائالاغا تەسبىھ ئوقۇۋاتقان چېغىمدا مېنى بىر ئاز مۈگدەك باستى. شۇ جايدىلا كۆزۈم ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. يائاللا! مەن بىر جامائە كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا تۇراتتىم. ناھايىتى كۈچلۈك نۇر كۆكتىن چۈشۈپ مەسچىتنىڭ ئوتتۇرىسىنى يوپيورۇق قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇ نۇر ئىچىدىن بىر توپ پەرىشتىلەر چۈشتى، ئارىسىدا ئىككى چوڭ پەرىشتە بار ئىدى. بىرى ئۇدۇل مېنىڭ ئالدىمغا كەلدى ۋە مېنى ئىككى پەرىشتە ئۆز ئارىسىغا ئالدى. بىردەمدىلا ناھايىتى چوڭ ياپيېشىل بىر دەرەخنىڭ يېنىغا كېلىپ قالدۇق. بىز دەرەخكە يامىشىشقا باشلىدۇق. يامىشىپ بىرىنچى ئاسمانغا كەلدۇق، جەننەتنىڭ ئىشىكى ئالدىدا پەرىشتىلەر تۇرغان ئىكەن، ئۇلار مېنى كۆرۈپ دەپتەرلىرىگە قاراشتى ۋە ”بۇ يەردە سېنىڭ ئىسمىڭ يوقكەن“ دېيىشتى. داۋاملىق يۇقىرىغا ئۆرلىدۇق، ئىككىنچى ئاسماندىمۇ شۇنداق بولدى. تاكى يەتتىنچى ئاسمانغا كەلگەندە ئىشىك ئالدىدا تۇرغان پەرىشتىلەر ”سەن مۇھەممەدمۇ؟ تېز كەلگىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) سېنى چاقىرىۋاتىدۇ“ دېدى. مەن بىرگە كەلگەن ئىككى پەرىشتىگە قاراپ: سىلەرمۇ كىرىڭلار، دېدىم. ئۇلار ’بىز كىرەلمەيمىز، لېكىن بۇ يەردە سېنى ساقلايمىز‘ دېدى. مەن جەننەتكە كىردىم، بۇ يەردە كۆز ھېچقاچان كۆرمىگەن، قۇلاق ھەم ئاڭلىمىغان، ئىنسان بالىسى ھېچقاچان تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان نەرسىلەر بار ئىدى، پەرىشتىلەر مېنى ئارىسىغا ئېلىۋالدى، بۇ يەردە بىر ئىشىك تۇراتتى، ئىشىكنىڭ ئۈستىگە ”لەئىلەھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ. جەننەتۇل فىردەۋس“ دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى. پەرىشتىلەر ئىشىكنى ئاچتى، مەن ئۇنىڭ ئىچىگە كىردىم، ئالدىمدا رەسۇلۇللاھ ( سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ) يېنىدىكى بىر توپ كىشىنىڭ ئارىسىدا، يۇقىرى ئورۇندا ئولتۇراتتى. يېنىدىكى كىشىلەرنىڭ بەزىلىرىنى تونۇدۇم، بەزىلىرىنى تونۇيالمىدىم. ئالدى تەرەپتە بىر ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەركىب تاپقان جامائە ئادەم قۇرئان قىرائەت قىلىشىۋاتاتتى، ئۇلار شۇنچىلىك كۆپ ئىدىكى، ئايىغىنى كۆرگىلى بولمايتتى، ھەممىسى ئۇچىسىغا ئاپئاق كىيىم كىيىشىۋالغانىدى.
پەيغەم ئەلەيھىسسالام ( سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) مېنى چاقىردى ۋە سۈرۈلۈپ ماڭا يېنىدىن ئورۇن بوشىتىپ بەردىم. مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم. ئاندىن ئۇنىڭدىن سورىدىم : ”ئى رەسۇلۇللاھ، بۇلار كىملەر؟“ ”ئۇلار ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەنىڭ كىتابىنى يادلىغانلاردۇر.“
ئىنشائاللاھۇ تەئەلە، چۈشۈم ھەقىقەتكە ئايلاندى. قۇرئانى كەرىمنى يادلاپ بولغان شۇ كېچىدىن ئىلگىرى بۇ چۈشنى ھېچكىمگىمۇ ئېيتىپ باقمىغان ئىدىم. “
ئاللاھۇ ئەكبەر!!! ئەگەر بۇ ئاللاھنىڭ تەۋفىق ھىدايىتى بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ نېمە؟؟؟

ئەسسالام قېرىنداش يولۇڭ تۈز بولسۇن ،
ياخشى ئىش ئىزلىرىڭ ئىبرەت بوپ قالسۇن .
باشلىغىن دوسلارنى ياخشى يوللارغا ،
بۇنىڭدىن دوسلارمۇ ھەق يولنى تاپسۇن.
دوستلىشىش
خوشامەت
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10341
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 82
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە82دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 820 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-15
ئاخىرقى: 2012-05-06

ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزگە ئاسانلىقىنى بەرگەي
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10226
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 200 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-06
ئاخىرقى: 2012-02-28
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-28 15:26

نىمىدىگەن تەسىرلىك ئىشلار ھە!!!     ئاللاھدىن ئاشۇنداق بولۇشنى تىلەيلى قېرىنداشلار ، شۇندىلا مەقسىتىمىزگە يەتكەيمىز ئاللا خالىسا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10543
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 87
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە87دانە
ئۆسۈش: 20 %
مۇنبەر پۇلى: 860 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-28
ئاخىرقى: 2012-02-17
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-28 18:23

شۇنداق دۇسلار 30يىلدا ھاپىز بۇلغىچە ئىلىم ئۇگىنىپ ئالىم بۇلايلي
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2445
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 72
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە72دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 555 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-28
ئاخىرقى: 2012-01-28
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-28 20:59

    
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 614
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە614دانە
ئۆسۈش: 760 %
مۇنبەر پۇلى: 6943 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-05-08
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-29 00:12

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ناھايتى ئىسىل تېمىكەن، ئۇللۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىلمىنى زىيادە قىلسۇن،
دوستلىشىش
ئۆزنۇر
دوسىت ئىزدىسەڭ اللە يىتەر!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10449
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 163
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە163دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 1620 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-23
ئاخىرقى: 2012-05-06
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-29 11:31

اللە ھەممىگە قادىردۇر . ئۇلۇغدۇر . ئى رەببىم ئىلمىمنى زىيادە قىغايسەن .ئامىن .  كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان  بەك ئىسىل يازما ئىكەن .
كۆپ كۈلمە، كۆپ كۈلۈش دىلنى ئۆلتۈرىدۇ .(ئايەت)
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1369
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1369دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 15530 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-05-10
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-29 11:48

ئابدۇۋەلى مىرزىنىڭ تەرجىمھالىدا ئۇنىڭ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتىلا قارىلىقنى تاماملىغانلىقى يىزىلغان ئىدى ،، ئۇ كىشىمۇ دەل ئوتتەك ئىنتىلىش بىلەن يادقا ئالغان ئىكەنتۇخ ،،بالىلاردا قىزىقىش بولمىسا تولا موللا ئالماشتۇرۇپ ھىرىپ كىتىدىغان گەپ ،،،،
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2471
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2471دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30391 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-29 18:29

7-قەۋەت (fatih204) نىڭ يازمىسىغا

شەيىخ 9 ئايدا يادقا ئېلىپ بولغان
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ