ئۇيغۇر ئوغلىمەن ھەرگىز تانمايمەن
بويلاپ ئاتام ئزىنى ھەرگىز يانمايمەن
ئانامنڭ ئەلليى ئاڭلاپ قانمايمەن
ئاتام دېھقان بۇنۇڭدىن مەڭگۈ تانمايمەن
ئۇيغۇر بوپ تۇغۇلدۇم ئۇيغۇر ياشايمەن
ئاللاھ رەببمدۇر يۇلۇمدۇر ئسلام
قەلبمدە چاقنايدۇ يالقۇنلۇق ئيمان
ئۇزاتىتن كىلدۇ بارچە ئىلم ۋە ئرپان
ھارامدۇرماڭا ئۇنڭدن ياشماق پىنھان
ئسلامم بۈيۈكتۇر ئۇيغۇر ياشايمەن
يۇرتۇم ماڭا سۇيۇملۇك بارچە جاھاندىن
بۇخارايۇ سەمەرقەنت غەرىپ قوقەندن
زەيكەش ماڭا سۈيۈملۈك ئەبزەل بوستاندن
ۋەتەن سېتپ ئۆزئگىگە بولغان خاقاندىن
تەكلىماكان ئوغلىمەن ئۇيغۇر ياشايمەن
تەلپەك تۇماق بېشمدا پۇتۇمدا پيما
ئاتام ئېيتتى ئەي ئوغلۇم بىلڭنى باغلا
باشقا كەيسەم تاتلقتۇر بادامدىن دوپپا
مەتو ئەمەس پەرەنجە ئسلدۇر جۇۋا
بېشمدا دوپپامدۇر ئۇيغۇر ياشايمەن
ئانا تىلدا سۆزلمەك ھۇزۇر مەن ئۈچۇن
ئۇتتۇز ئككى ھەرپتىن تۈزۈلگەن سۈزۈم
ئەگەر قلسام خىيانەت قارادۇر يۈزۈم
ھەقىقەتنى تاشلاشتن ئەبزەلدۇر ئۈلۈم
ئانا تلدا سۆزلەيمەن ئۇيغۇر ياشايمەن
باشقىلار ئاسماندا ئۇچسا ھەم ئۇچسۇن
ئۆسەك سۆز پتنىلەر مەيلى توقىسۇن
يەرنى كولاپ دېڭزدىن مەرۋايىت سۈزسۇن
ھەم كاتتا شەرەپلەر غەلبىلەر قۇچسۇن '
دېھقانىڭ ئوغلى مەن ئۇيغۇر ياشايمەن
بەزىلەر گە كۇرۇنەر ئۆزگە چىرايلىق
قىلغان ئشى توغرىدەك ھەممدىن لايىق
مەستانە بوپ ئۇلارغا رازى بوپ خارلىق
شۆلگەي ئېقىتىپ غەيرىگە بولسامچۇ تالىق
نادانلار غا ئۈلگە بوپ ئۇيغۇر ياشايمەن
ئەقىدەڭدن يۈز ئۈرۈپ تانساڭ ئەگەردە
مەس -ئەلەسلكتىن ئويغانماي ياتساڭ سەھەردە
مەنۋ ىيەت بۇلغانسا ھالىڭ خەتەردە
ئاتا-ئانا يۈز ئۆرۇگەن ئتتن بەتەردە
ئەنئەنەمنى ساقلايمەن ئۇيغۇر ياشايمەن
قىزىل ئشتان يىگتلەر سېغز چاينسا
مەيدسى ئۇچۇق قىزلاغا گۈزەللك بولسا
ئانا تىلنى بۇزۇشنڭ ئادىتى ئالسا
ئەنئەننى ساقلغان خۇراپى بولسا
ئەبجەشلەر يوقالسۇن ئۇيغۇر ياشايمەن
بولمەن ئۇيغۇرمەن ئۇيغۇردەك ياشاپ
دەريا ھەم تاغ داۋان دېڭىزدىن ئاشاپ
مالۇ جانم تەيياردۇر بۇنڭغا ئاتاپ
ياشىسام ئۇيغۇر ئۆلسسەممۇ قەبرىدە ياتاپ '
ئۇيغۇرچە ھاياتتا ئۇيغۇر ياشايمەن