ئاسىيە بىنتى مۇزاھىم (بىنتى ـــ ئەرەب تىلىدا «قىزى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مۇزاھىمنىڭ قىزى ئاسىيە دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئەسلىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە كىتابلاردىن تېپىش ئاسان بولسۇن ئۈچۈن بەزى ئىسىملار مۇشۇ شەكىل بويىچە ئېلىندى.) قەدىمكى مىسىر پادىشاھلىرىدىن بولغان پىرئەۋىن ۋەلىد ئىبنى مۇسئەبنىڭ خوتۇنى. ئاسىيەنىڭ ياخشى نامى «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەردە ئاياللارنىڭ ئۈلگۈسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان. ئاسىيە ئېرى پىرئەۋىننىڭ بەنىي ئىسرائىل خەلقىگە قىلغان قاتتىق زۇلۇمى ۋە ئۆزىنى خۇدا ھېسابلاپ، ھەددىدىن ئاشقان قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىنكار قىلغان. ئاخىر پىرئەۋىننىڭ زۇلۇمىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. زالىم پىرئەۋىن بىر كېچىسى يامان چۈش كۆرۈپ قېلىپ، مۇنەججىملەرنىڭ چۈشىگە بەرگەن تەبىرىدىن قاتتىق چۆچۈپ، بەنىي ئىسرائىل ئىچىدە تۇغۇلىدىغان ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان. دەل مۇشۇ زاماندا مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇپ، ئانىسى يوشۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ، بوۋاقنى ساندۇققا سېلىپ نىل دەرياسىغا تاشلىغان. ساندۇق پىرئەۋىننىڭ خوتۇنى ئاسىيەنىڭ قولىغا چۈشكەن. پىرئەۋىن بوۋاقنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا ئاسىيە توسۇۋالغان ۋە بوۋاقنى بالىچىلاپ بېقىۋالغان. ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، پىرئەۋىننىڭ چېكىدىن ئاشقان ئاسىيلىقىغا قارشى چىققان ۋە موسا ئەلەيھىسسالامنى بېقىۋېلىپ كۆپ مەرھەمەتلەرنى قىلغان ئاسىيەنىڭ نامى «قۇرئان كەرىم»دە زىكىر قىلىنىپ، يۇقىرىقى ۋەقەلىك بىلەن باغلىنىپ كەلگەن.
«قۇرئان كەرىم»دە ئاسىيە پىرئەۋىننىڭ ئايالى دېگەن نام بىلەنلا ئاتالغان بولۇپ، ئىسمى ئېنىق ئېيتىلمىغان. ئەمما، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە ۋە باشقا مەنبەلەردە ئىسمىنىڭ ئاسىيە ئىكەنلىكى ئېيتىلغان.