باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 552 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سىيىپ قويۇش(ھېكايە)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10525
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-27
ئاخىرقى: 2012-03-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-27 16:43

سىيىپ قويۇش(ھېكايە)

قۇدرەت ئېلى

سىيىپ قويۇش
(ھېكايە)
...ئۇنىڭ كىچىك تەرىتى تۇيۇقسىزدىنىلا قىستاپ كەتتى.ئىلگىرى زادىلا ئۇنداق بولۇپ باقمىغاندى.ئەتراپتىن ھاجەت قىلغۇدەك بىرەر جاينى ئىزدەپ ھېلى ئۇيان،ھېلى بۇيان چاپتى. ئەمما توپ-توپ ئادەملەر توپى ئۇنى چەكلەپ تۇراتتى.شۇنچىۋالا قىستاپ كەتكۈچە بىرەر ھاجەتخانا ئىزدىمىگەنلىلكىدىن پۇشايمان قىلاتتى. ئەمدى ئورنىغا كەلمەيتتى.بالدۇرراق بىرەر خالىي جاي تېپىپ ،پۈتۈن جىسمىنى ئارامسىزلاندۇرۋاتقان سۈيۈقلۇقنى تۆكىۋىتىشى كېرەك ئىدى.باشقا ئىشلارنى ئويلاشقا كۆڭلىنىڭ ئارامى  يوق ئىدى.ئۇ ئىشتىنىغا سىيىۋىتىشكە تاسلا قالدى.قانداقلا بولمىسۇن خەقنىڭ ئالدىدا رەسۋا بولماسلىق ئۈچۈن بىر تامنىڭ دالدىسىغا ئۆتۈپلا ،كۆك ئوتنى كۆپ يىگەن بۇقىدەك كوركىرتىپ سىيىشكە باشلىدى...ئۇ شۇنچىلىك راھەتلىنىپ كەتتىكى؛بۇ ئۆمرىدە بۇنداق راھەتلىنىپ باقمىغان ئىدى.ۋاھ ،نىمىدىگەن ھوزۇر-ھە!...

ئۇ بىر نىمىدىن چۈچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتى.بۇ چاغدا ھەدەپ سىيمەكتە ئىدى.ئاخىرىنى تۇتۇۋالاي دەپمۇ تۇتىۋالالمىدى.‹‹ئاپلا››دەپلا ئېسىگە كېلىشى بىلەن بېشىغا خۇددى مۇزلۇق سۇ قۇيغاندەك چۈچىدى.چۈنكى ئۇ شۇ تاپتا قېينائاتىسىنىڭ ئۆيدە ،يوتقانغا سىيىپ قويغاندى.ئىلگىرى بۇنداق ئىش ئۆز ئۆيىدە بىر قېتىم بولغان بولسىمۇ ،ئۇ بۇنچىلىك چۈچىمىگەن ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە  چىرايلىق ئويۇندىن بىرنى ئويناپ  ئۇ ئىشنى قىلچە چاندۇرماي ئۆتكۈزىۋەتكەندى...

ئىككى ئاي ئىلگىرىكى بىر كۈنى كەچتە ئۇ نەچچە ئاغىنىسى بىلەن كەچلىك بازاردا پىۋىنى يانغۇدەك ئىچىپ ،كىرىپ ئۇخلىغاندى.ئەتىىسى تاڭ ئاتقاندا خۇددى بۈگۈنكىدەك تېتىقسىز چۈشتىن بىرنى كۆرۈپ ئويغاندى ۋە سىيىپ قويغانلىقىنى بىلىپ ،نىمە قىلارىنى بىلمەستىن بىر ھازا جىم ياتتى.ئاندىن ئەقىل ئىشلىتىپ ،چوڭ ئوغلىنى چاقىردى .ئۇنىڭغا بىر چىنە سۇ بۇيرىدى.ئاخشىمى ھاراق ئىچسە سەھەردە سۇ ئىچىدىغان ئادىتىنى ھەممەيلەن بىلگەچكە ئورنىدىن تۇرمايلا سۇ ئىچمەكچى بولغانىلىقىدىن  ھەيران قالمايتتى.ئوغلى بىر چىنە سۇنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.ئۇ ئۈستىدىكى يوتقاننى قايرىۋىتىپ، كۆرپىدىكى سۈيدۈك ئۈستىدە ئولتۇرىۋالغاندى .ئوغلىنىڭ قولىدىن سۇنى ئېلىۋىتىپ ‹‹ئاپلا...››دىگەن بولۇپلا ،سۇنى چاتىرقىغا  تۆكۈۋالدى ۋە ئوغلىغا ‹‹ھو،گالۋاڭ،چىڭراق تۇتساڭ بولمامدۇ؟...››دەپ قويدى،بالا ھودۇقۇپ كەتكىنىدىن نىمە دىيىشىنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدى.بۇ ئىش ئۆتۈپ نەچچە كۈنلەرگىچە ئۇ ئۆزنىڭ شۇنداق قاملاشتۇرغانلىقىدىن كۈلسە،سىيىپ قويغان ئىشىدىن نۇمۇس قىلىپ يۈرگەنلىكىنى  ئەسلىدى.ئەمما بۈگۈنكىسى ئوخشىمايتتى.سۇ بۇيرۇيدىغان بالىمۇ يوق ئىدى. ئۇ ئوڭ قولى بىلەن سىيىپ قويغان يەرنى توختىماي سىلايتتى...

ئۆلىۋالغۇسى كەلگۈدەك بىر خورلۇق ئىچىدە تىپىرلىدى.ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى روھى ھالىتىىنى پەقەت قېينائاتىسىنىڭ ئۆيىدە سىيىپ ياتقان ئادەملا چۈشىنەتتى.ئۆز ئۆيىدە ياكى باشقا ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆيىدە بولسا باشقىچە بولاتتى. قېينائاتىسىنىڭ ئۆيىدە يېتىپ ،يوتقانغا سىيىپ قويۇش نىمىدىگەن سەت ئىش –ھە!؟...بۇرۇنلاردا پەقەت كىچىك بالىلارلا ئانچە-مۇنچە شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ قوياتتى.بىرەر بالىنىڭ ئۆيىدە يوتقانغا سىيىپ قويغانلىقىنى بىلىۋالسىلا بالىلار ئۇنى زاڭلىق قىلىپ ‹‹چىلە قوڭ››دەپ زاڭلىق قىلاتتى.مەھەللىدىكى بوۋايلار ھازىرقى زاماننىڭ باللىرىنى بوشاڭلىقتا ئەيىبلەپ، ‹‹كۆك سۈيدۈك››دەپ قوياتتى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئۆزىنى ‹‹ھو،كۆك سۈيدۈك››دەپ تىللىغۇسى كەلدى.ئۆز –ئۆزىدىن يىرگىنگەندەك بولدى.ئەڭ قاملاشمىغان ئىشنىڭ نىمىشقا ئۆز بېشىغا كەلگەنلىكىنى ئويلاپ خورلۇق ھېس قىلدى.ئاۋۋال چىلىق –چىلىق بولۇپ كەتكەن كالتە ئىشتىىنىنى ،ئاندىن كۆرپىنىڭ سۈيدۈك سىڭىشىپ كەتكەن يەرلىرىنى سىيلاپ كۆردى.يامغۇردا قالغان كىگىزدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى. قارىغاندا بىرەر جاۋۇرچە سىيگەندەك قىلاتتى. سوغاق ئۆيگە يوتقان سېلىپ بەرگەن قېينىسىڭلىسىدىن ئاغرىندى.نىمىلا دىگەنبىلەن بولغۇلۇق بولۇپ بولغاندى.شۇ تاپتىكى خىجىلىقىغا ھىچنىمە توغرا كەلمەيتتى.ئۆلىۋېلىشنىڭ ئورنى يوق ئىدى.ئەمما موشۇ نۇمۇستىن قۇتۇلىدىغان ئىش بولسا ،ھەر قانداق بەدەلنى تۆلەشتىن يانمايتتى.

‹‹نېمىشقا موشۇنداق بولىدۇ ؟- دەپ زەردە –گۆش بولۇپ ئويلايتتى ئۇ،-يوغانلا بىر ئەر كىشى‹ سىيىپ قويدى ›دىگەننى بىر ئادەم ئاڭلىسا، نىمىدىگەن سەتچىلىك.ئەتتىگەندە يوتقان يىغقىلى كىرگەنلەر بۇنى كۆرۈپ،داۋراڭ قىلىۋەتسە قانداق قىلغۇلۇق؟ ئايالى بىللە كەلگەن بولسىغۇ  ،چاندۇرماي بىر ئىش قىلار ئىدى.زادى قېينائاتا دىگەننىڭكىدە قونىدىغان نېمە ئەمەستى...››

ئاستىدىكى كۆرپە گۈپۈلدەپ سۈيدۈك پۇراپ تۇراتتى.قەيەرگە قول سوزسا ھۆل ئىدى.دەرھال ئورنىدىن تۇردى.چىراقنى ياندۇرماقچى بولدىيۇ،بۇ خىيالىدىن دەرھاللا ۋاز كەچتى.تېلفۇنىنىڭ ئىكرانىنى ياندۇرۇپ يۇڭ شىمىنى تاپتى.كېيىۋېلىپ كۆرپىنىڭ سۈيدۈك يىتىپ بارالمىغان تەرىپىدە يانچە ياتتى...

قارىغاندا ئۇنىڭ سوغۇقى ئېشىپ كەتكەندەك قىلاتتى.يېتىشتىن بۇرۇن چۆچۈرە ئىچكەندى.ھەدىسىلا پىۋا ئىچىدىغان ناچار ئادىتىدىنمۇ كۆرەتتى.ئاتىسىنىڭ دائىم‹‹بۇ كەمدىكى ئەركەكلەرنىڭغۇ پىۋا ئىچمەيدىغىنى،لەڭپۇ،راڭپىزا يىمەيدىغىنى يوق.ھەممىسى ئەركەكلىك بىلەن چىقىشالمايدىغان نەرسىلەر.شۇنداق بولغاچقىمىكىن ئەركەكلەر ئەركەكلىكىدىن ،ئاياللار ئاياللىقىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ...››دەيدىغانلىقىنى ئەسلەپ قالدى. بۇلارنى ئويلاپ يۈرۈشنىڭ ھازىر ھېچقانداق ھاجىتى يوقلىقىنى ھېس قىلاتتى.بۇ ئىشتىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلۇپ كېتەلىسە قېينائاتىسىنىڭ ئۆيىدە ئىككىنجىلەپ قونۇپ قالماسلىققا قەسەم قىلاتتى... ئوڭ قولى بىلەن سىيىپ قويغان يەرنى توختىماي سىلايتتى...

ئۇ ئۆز سالامەتلىكىدىن مەسىلە چىققانلىقىنى جەزىملەشتۈرەتتى.ئاخشام ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھاجەتخانىغا چىققانلىقىنى ئەسلەيتتى. يەنە نېمىشقا شۇنداق ئىش چىقىدۇ دەپ ئويلايتتى.ئۆتكەن نەچچە ئايدىن بېرىقى بەزى كېچىللىرى بىر-ئىككى رەت كىچىك تەرەت قىلغىلى سىرىتقا چىقققانلىقىنى ،تەرەت قىلغاندىكى ئېچىشىش ئالامەتلىرىنىڭ بارغانسىرى رۈشەنلىشىپ بېرىۋاتقانىلىقىنى ،بېلىنىڭ تېلىپ ئاغرىپ ،پۈتۈن بەدىنىنىڭ دائىم دىگۈدەك ھارغىن ھالەتتە تۇردىغانلىقىنى  خىيالىدىن ئۆتكۈزدى.بىر خىل قورقۇش ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قېلىۋاتاتتى.بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرى يوتقانغا سىيىپ ياتسا –ھە!مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلار خۇددى بۇ ئىشنى بىلىپ قالغاندەك ئۇيىلىپ كېتىۋاتاتتى.سوغۇقى شۇنچىۋالا ئېشىپ كەتتىمىكىن دىسە ،ھەر كۈنى ھۆكۈمەت ھېسابىغا يەپ تۇردىغان ئەركەك قوينىڭ گۆشىنى ئەسلەپ ،بۇ خىيالىنى ئىنكار قىلاتتى.بىر نەچچە بۇرادىرى بىلەن دائىم پىۋا ئىچىشلىرى،بەزىدە مەست بولۇپ قالغاندا بۇزۇق خوتۇنلارنى ئىزلەپ قالىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى ئىش ،خۇددى سىيىپ قويۇشنىڭ ئىككى موھىم سەۋەبىدەك تۇيۇلاتتى.بەزىلەرنىڭ پىۋىنى ‹‹زەكىرىي زەئىپ ››دەپ ئاتىۋالغانلىقىنى ئەسلىدى.چوپچوڭ بىر ئادەم ئورنىغا سىيىپ قويدى دىسە-ھە؟!نىمىدىگەن سەتچىلىك ، نىمىدىگەن سەتچىلىك...

ئۇ قولى بىلەن كۆرپىنىڭ ھۆل بولۇپ كەتكەن يەرلىرىنى توختىماي سىلايتتى.بىر پۈۋلەپلا قۇرىتىۋىتەلەيدىغان كارامىتنىڭ بولىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.باشقىلارنىڭمۇ موشۇنداق كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلىقى ياكى پەقەت بىر ئۆزىنىڭلا شۇنداقلىقى توغرىسىدا ئويلايتتى.بىر،ئىككى يىلدىن بېرىقى ئۆز بەدىنىدە روي بېرىۋاتقان پاسسىپ ئامىللارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلماقچى بولاتتى.خىياللىرى چېچىلىپ تۇرغاچقا ئۇزۇن داۋاملىشالمايتتى.خىياللىرى قالايمىقان پومزەكلەنگەن يىپ توپىدەك ئۇچى تولا ،ئايىغى يوق بىر ھالدا ئىدى. ئوڭ قولى بىلەن سىيىپ قويغان يەرنى توختىماي سىلايتتى...

ھازىرقى ئەركەكلەرنىڭ بەدەن سۈپىتى ھەقىقەتەن ناچارلاپ بارماقتا ئىدى.بىلى بوش،مىجەزى چۈس ئىدى.تېخى توي قىلمىغان يىگىتلەرنىڭمۇ ھەر خىل جىنسى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى كىشىنى  ئويلاندۇراتتى.نۇرغۇنلىرى قىرىق ياشقا بارماي تۇرۇپلا جىنسى قۇۋۋەت دورىللىرى ۋە كومىلاچلارغا تايىنىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەتتى. ئىلگىركىلەرگە سېلىشتۇرغاندا بۇلارنى ئەركەك دىيىشكە بولاتتى.ئەركەك سۈرەتلىك دىسە مۇۋاپىق بولاتتى.خوشنىسى مەمەت ئاتا توغرىسىدا ئاڭلىغانلىرى قۇلاق تۈۋىدە تۇراتتى.بۇ ئادەم بۇ يىل 99غا كىرگەندى.خوتۇنى ئۆلۈپ كېتىپ ،بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا باللىرىغا دەپ ئۆيلىنىۋالغاندى.ئۆيلەنگەندىمۇ ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن 40ياشلاردىكى چىرايلىق چوكاننى ئالدى.چوكاننىڭ ئايال خوشنىللىرىغا دىيىشىچە مەمەت بوۋاي ھېلىمۇ ھەپتىدە بىر قېتىم چوكىنىنى ئاۋارە قىلارمىش.ئۇنى دىمىگەندىمۇ بۇلاق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ،يېشى 90لاردىن ئاشقان داۋۇت بوۋاينىڭ شەھەرگە بارسىلا پاھىشخانىنى يوقلاپ قويىدىغانلىقى مەھەللىدە بىلمەيدىغان ئادەم يوق.ھەتتا ئوغۇللىرىمۇ ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق دىگەن...يىمەكلىكلەرنىڭ سۈنئيلىشىپ كېتىشى ،ھەركەتنىڭ ئازلىشى ،ھەر خىل چىكىملىك ۋە ئىچىملىكلەر ئەركەكلىكىنى مانا موشۇنداق سۇسلاشتۇرۋىتىۋاتقان بولىشى مۇمكىن ئىدى.ھازىرغۇ مەھەللىدە ئون بەش ياشتىن 40ياشقىچە بولغان ئەركەكلەرنىڭ ئىچىدە نەشە چەكمەيدىغىنى يوق.شۇڭىمۇ موشۇ يىللاردا يىگىتلەر توي ئاخشىمى قىزنىڭ قېشىغا بارالمايدىغان ئىشلاردىن نەچچىسى يۈز بېرىپ قالدى.شاش توپاقتەك ئەركەكلەر ئازلاپ ،موتو ھەيدەۋېتىپ ئۇخلاپ قالدۇ بۇ كەمنىڭ باللىرى...ئىلگىرى ياش باللار كېچىللىرى  بىر يەرگە جەم بولۇپ،ناخشا ئېيتىپ ،ئۇسۇل ئويناپ ھارمايدىغان ،ئەمدىچۇ،ئەمدى بولسا بېشىنى تىك تۇتۇپ،مەيدىسىنى كېرىپ ماڭىدىغانلىرىمۇ دورىلىق ئورنىدا كەمدىن-كەم.دادىسىنىڭ ئېيتىشىچە ھازىر ئادەملەرلا ئاجىزلىشىپ كەتمەستىن ،ھايۋانلارمۇ ئەزمىلىشىپ كەتكەنمىش .كوممۇنا يىللىرىدا يىل بويى بىر ۋاق ھەلەپ ياكى كۈنجۈر يىمەيدىغان بۇقىلار ئەركەكلىكىنى كۆز-كۆز قىلىپ ئازنايدىغان بولسا مەھەللىنى چاڭ كەلتۈرۋىتىدىكەنتۇق.بىراق ھازىرقىللىرىچۇ،ئىنەك بىچارە كەينىنى سۈركەپ نازلانسىمۇ،ئىگىسى قولىدا نان يىگۈزۈپ ئالدىسىمۇ، ھاشار ۋەزىپىسىگە ئالىيىپ قارىغان ھورۇندەك سۈرۈككە چۈشكەن ئىنەككە سەت ئالىيىدۇ، خۇي قىلىپ ئۈسىدۇ تېخى.بوۋىسى رەھمەتلىكىنىڭ ‹‹ھازىرقى بالىلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ ،گەپكە سالسىلا  بولىدۇ،باشقىغا يارىمايدۇ...››دىگەنلىرى ئېسىگە كەلدى... ئۆزىنىڭ يۇمۇرلۇق خىياللىرىدىن كۈلگىسى كېلەتتى.موشۇنداق چاغدىمۇ يەنە قىزىقارلىق ئىشلارنى ئويلاپ يۈرگەنلىكىدىن بىزارمۇ بولاتتى.ئوڭ قولى بىلەن سىيىپ قويغان يەرنى توختىماي سىلايتتى...

شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنى ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغان بىماردەك ھېس قىلدى.بىر ئۆزىنىلا ئەمەس،ئەتراپىدا ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرنى شۇنداق ھېس قىلاتتى.ئەرلەرنىلا ئەمەس،ئاياللارمۇ جىنىس خاسلىقىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.خۇددى ئەرلەر ئاياللىق ئىزدەپ، ئاياللار ئەرلىك ئىزدەپ يۈرگەندەك ھېس قىلاتتى.ئاياللار دۇنياسىغا زەن سېلىپ قارىسا بىرمۇ ساق ئايال قالمىغاندەك كۆرىنەتتى.ئۇنىڭ ئايالىمۇ توي قىلىپ تۆت-بەش يىلچە ساغلام تۇرغاندى.ئۇنىڭدىن كېيىن ھېلى ‹‹قورسىقىم ئاغرىدى...›› دىسە،ھېلى‹‹ بىقىنىم ئاغرىۋاتىدۇ ...››دەپلا يۈرەتتى.تۈنۈگۈن ئۇ شۇ سەۋەبلىك ئايالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەندى.دوختۇر ‹‹تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئەتە چىقىدۇ ››دىگەچكە يېزىدىكى ئۆز ئۆيىگە قايتماي ،قېينائاتىسىنىڭ  ئۆيىدە قونۇپ قالغاندى.بۇنداق بولىشىنى ئالدىن بىلگەن بولسا ،كوچىدا ياتماسمىدى،كوچىدا...ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىمۇ كۆرىنەرلىك ھالدا ناچارلىشىپ بارماقتا ئىدى.بۇرۇنقى ئاياللار توققۇز،ئوننى تۇغاتتىيۇ،دوختۇر لازىم قىلمايتتى.ھازىر ئاياللار بويىدا قالغان كۈندى باشلاپ دوختۇخانىدىن كېلەلمەيدۇ،ئۆيىدە مۇستەقىل تۇغالايدىغانلىرى يوق دىيەرلىك.تۈرلۈك بالياتقۇ كېسەللىكلىرى،جىنسى يول كېسەللىكىلىرى ،كۆكرەك كېسەللىكىرى بىلەن بىرمۇ ساق ئەمەستەك.ھەي ،نىمە بولۇپ كەتتىكىن بۇ جاھان؟...شۇنىڭ بىلەن تاپقان پۇل دوختۇرغا يەتمەي ،ئىشتىنى تىزىدىن ئاشمايۋاتىدۇ.ھېلىمۇ ياخشى ھۆكۈمەت ھەمكارلىق داۋالاشنى يولغا قويۇپ يۈكىنى كۆپ يىنىكلەتتى ،بولمىسا قانداق قىلار بولغىيدۇق؟...

ئەسلىدە ئايدەك ئاق يۈزى بارغانسىرى سارغىيىپ كېتىۋاتقان ئايالى كۆز ئالدىغا كېلىشى بىلەن ئۇنىڭ ئىچى سىيىرلىپ كەتكەندەك بولۇپ كەتتى. بىچارە، ئۆينىڭ ئەھۋالىنى بىلگەچكە ،بىر يېرى ئاغرىسىمۇ ،ئىچىدە بىلىپ يۈرۈپ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۋالغاندەك ئىدى.ئۇلارنىڭ ئەر –ئاياللىق تۇرمۇشىمۇ ئىلگىركى چاغلاردىكىدەك شىرىن بولمايۋاتقانلىقى ھەر ئىككىسىگە ئايان ئىدى...ئۇ بۇلارنى خىيال قىلىشنىڭ ھازىرقى خىجىللىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردىمى يوقلىقىنى بىلەتتىيۇ،يەنىلا ئويلايتتى. ئوڭ قولى بىلەن سىيىپ قويغان يەرنى توختىماي سىلايتتى...

...ھازىرقى ئادەملەردە پىسىىكا ناچارلىشىپ بارماقتا ئىدى.ھاراق ئىچىۋېلىپ يىغلايدىغان ئەرلەر ئۇچراپ تۇراتتى.ئۇنىڭ تۇردى ئىسىملىك بۇرادىرى ھەمىشە شۇنداق ئىدى.ھاراق ئىچسىلا يىغلايتتى.نىمىشقا يىغلايدىغانلىقىنى ھىچكىم بىلمەيتتى.ئۆزىمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن ئىدى.ئادەمدىكى روھىيەت بىلەن جىسمانىيەت قۇشنىڭ ئىككى قانىتىغا ئوخشايدىكەن ،بىرىدىن مەسىلە كۆرۈلسە يەنە بىرىگە تەسىرى يىتىدىكەن.ھازىرقى ئادەملەرنىڭ روھى دۇنياسىدا  ئۆزىدىن ئىلگىرى كەتكەنلەرگە قاراپ شەكىللەنگەن ئۈمدسىزلىك،زامان تەرەققىياتى پەيدا قىلغان ۋەھىمە ،ئۆز-ئۆزىدىكى يىتىشمەسلىك پەيدا قىلغان چۈشكۈنلۈك مەۋجۈت.بۇ خىل پاسسىپ مەۋجۇتلۇق ئۇلارنىڭ جىسمانىيتىگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ساغلامىقى كۈنسىرى خوراپ بارىدۇ-دە،يوتقانغا سىيىپ قويىدىغان ئىشلار كۆرۈلىدۇ...

شۇ تاپتا ئۇ يەنە ئۆزىنى مەسخىرە قىلماقتا ئىدى.ئۇ ھازىرقى ئادەملەرنى ئىلگىركىلەرگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى چۇڭقۇر ھېس قىلماقتا ئىدى.بۇرۇنقىلار يىل بويى بىر چىشلەم گۆش يىمەيمۇ نى-نى ئېغىر ئەمگەكلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقاتتىكەن.قىش كۈنلىرىمۇ مەيدىسىنى ئېچىپ قويۇپ يۈرسىمۇ ،مەڭزى قىزىل تۇراتتىكەن.ھازىرقى ئادەملەر ھەر كۈنى گۆشلۈك تاماق يىسىمۇ ،قىممەت باھالىق ئىسسىق ساقلاش ئىچ كىيىملىرىنى كىيىپ يۈرسىمۇ ،يەنىلا يوتقانغا سىيىپ قويىۋاتقان...ھەي...

تەبىئەت كۈنسىرى خوراپ بارماقتا...ئادەملەر بارغانسىرى ئاجىزلاشماقتا...شەكلەن قارىغاندا ئادەملەر تەبىئەتنى بويسۇندۇرۋاتقاندەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە تەبىئەتنىڭ نەپرىتىنى قوزغىماقتا.يەر ئاستى بايلىقلىرىنى زىيادە ئېچىش ،مەشغۇلاتلىرى ئۈچۈن ئاتمۇسفىرانى بۇلغاشتا بەسلەشمەكتە.ھە دىسە ئەۋلادلار ئۈچۈن بەخىت يارىتىمىز دەپ جار سالغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئەۋلادلارنىڭ رىسىقىنى ئالدىن يىمەكتە.نەپەسلىنىۋاتقىنى بۇلغانغان ھاۋا،يەۋاتقىنى پارنىك مەسئۇلاتلىرى،كىيىۋاتقىنى خىمىيىۋى رەخىت بويۇملار...يەر ئاستىدىن ئېلىنىۋاتقان نىفىت قانچە كۆپەيگەنسىرى يەر شارىنىڭ ھالاكىتىگە شۇنچە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى سەزمەي يۈرىشىدۇ.‹‹پوكۇنى نىفىتلىكىنىڭ يىللىق مەسھۇلاتى مانچە توننىغا يەتتى ››دىيىشلىرىچۇ تېخى...نۇرغۇن يىللار ئىلگىركى يەر شارى سۇ ھالىتىدە بولۇپ ،پىلانىتلار ئارا تەسىر نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئورنىدا ئۆزگىرىش بولۇپ،قوياشقا يېقىنلاشقانسىرى تىمپۇراتۇرسى ئۆرلەپ ،پارغا ئايلىنىپ،سۇ كىمىيىپ ،قۇرۇقلۇق پەيدا بولغان .قۇرۇقلۇق پەيدا بولغاندىن كېيىن بىر قىسىم سۇ جانلىقلىرى تەدىرىجى ھالدا قرۇقلۇققا چىقىشقا ،قۇرۇقلۇقتا ياشاشقا ئادەتلەنگەن.يەر شارىنىڭ تەدرىجى تەرەققىييات مەسھۇلاتى بولغان ئىنسانلار ئاخىردا ئۆز ماكانىنى ئۆز قولى بىلەن ۋەيران قىلىشقا ئاتلانماقتا...

ئۇنىڭ خىياللىرى ئەنە شۇنداق بىمەنە ھالەتتە ئۆزگىرىپ باراتتى.بىر بۆلۈك خىيالدىن كېيىن يەنە ئۆزىگە كېلەتتى.سىيىپ قويغانلىقىنى ئېسىگە كېلىش  بىلەنلا خىياللىرى بەربات بولاتتى.ئۆزىنى ئەيىبلەۋەرگۈسى كەلمەيتتى.ئىشنىڭ ئورنىغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلىدى. ئوڭ قولى بىلەن سىيىپ قويغان يەرنى توختىماي سىلايتتى...

ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا ئۇخلاپ قالدى.

سىرىتتىن ئاڭلانغان مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى ئۇنى ئويغىتىۋەتتى.بىخۇدلارچە ئۇخلاپ قالغانلىقىدىن ئۆزىنى ئەيىبلىدى.سىيىپ قويغان يەر چىلىق-چىلىق ھۆل پېتىچە تۇراتتى. كاللىسى بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن قانداق قىلىپ ئۆتۈپ كېتىش ئۈستىدە تىنىمىسىز ئويلىناتتى.ئۇ يەنىلا كونا ‹‹گۇمپا››نى ئىشلىتىش قارارىغا كەلدى ۋە  بىرىنىڭ ئۆزىنى نامازغا چاقىرىپ كىرىشىنى ساقلاپ يېتىۋەردى...

ھويلىدىن تاراق-تۇرۇقلار، قېينئاتىسىنىڭ يۆتەلگەن ئاۋازلىرى ئاڭلاندى.بىر كەمدە ئىشىك ئاۋايلاپ ئېچىلىپ قېينىئنىسى كىرىپ كەلدى.تۆۋەن ئاۋاز بىلەن ئۇنى چاقىردى.

-توختىكا،توختىكا،ناماز ۋاقتى بولدى...

ئۇ ئاڭلىماسلىققا سېلىپ يېتىۋالدى. قېينىئنىسى يەنە چاقىردى.

-ھە،مانا،مانا،-ئۇ چۈچىگەن بىر خىل ھالەتنى يارتماقچى بولدى،-نىمە بولدىكىن كېچىچە بېشىم ئاغرىپ زادىلا ئۇخلىيالمىدىميا؟ ئۇھ،ئۇھ...خاپا بولماي بىر چىنە سۇ ئەكىرۋەتكىنە مۇختەرجان. ئۇھ،ئۇھ...

قېينىئنىسى ئارقىغا يېنىپلا چىقىپ كەتتى.ئۇ يوتقاننى قايرىۋىتىپ سۈيدۈك ئۈستىدە بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرىۋالدى.قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتىۋېلىشنى ئويلايتتى.ھايال ئۆتمەيلا قېينىئنىسى ئاۋايلاپ كىرىپ كەلدى ۋە قولىدىكى پىيالىنى ئۇنىڭغا سۇندى. ئۇپىيالىنى قېينىئنىسىنىڭ قولىدىن ئالا-ئالمايلا، ‹‹ئاپلا...››دىدى ۋە قۇچىقىغىلا تاشلىدى.

-ھوي،ئۇ قىزىق چاي ئىدى،ئاپلا،-دەپ ۋارقىراپ كەتتى  قېينىئنىسى.ئاڭغىچە ئۇنىڭ بەدىنىمۇ قايناقسۇنىڭ تىمپۇراتۇرسىنى سىزىپ ئۈلگۈرگەندى.ئۇنىڭ چاتىرىقى ۋاژىلداپ ئېچىشىشقا باشلىدى.ئۇ ئۆزىمۇ سەزمەستىن چاتىرقىنى مەھكەم چاڭگاللىۋالغاندى.
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2473
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-11

ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1577
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1577دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 16443 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-04-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-27 20:45

يۇمۇرلۇق بولسىمۇ  راس گەپنى قىپتۇ ،،،،، پىجۇ ئىچكەنگە تويە ھا ھا ھا ھا ھا            
كۆۋرۇك قىرىمۇ يوتقانغا سىيىپ قويۇپ مۇنبەرگە چىقالمايۋاتامدۇ نىمە ؟ ئۇ مۇ باھانە تاپىمەن دەپ  پىشىپ قالغان بولسا،         
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن ،قىرىنداشلىرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.