بولالمىدۇق . . . !
بىز ئىنسان بولۇپ دۇنياغا كېلىپ ،
چىن ئىنساندە ياشىيالمىدۇق .
مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىپ ،
ئۇنىڭغا ھەم . . .
باشقىلارنى باشلىيالمىدۇق .
بىز ئېتىقات ، غايە ،
ئارزۇلارنى قايرىپ قويۇپ ،
ياشايلى دېدۇق.
ئۆزىمىزنى دەپ،
ھەممىنى تاشلاپ،
زاتىمىزنى ئۇنۇتتۇق.
تاندۇق. . .
ھەي . . . . .
قېنى بىزدە ئىسلامىي ئۆلچەم،
قېنى بىزدە ئىيمان ۋىجدان ھەم.
بىر-بىرىمىزگە تىغ كۆتۈرۈشۈپ،
ئۆلتۈرۈشۈپ . . .
تەپرىقىلىشىپ يۈرگىلى نەكەم؟ .
ئۈممەت بېشىدىن ئايرىلىپ ئاخىر،
قۇل-دېدەكتەك . . .
بولۇپ كەتتۇق دۈشمەنلەرگە يەم .
ھەي . . .
قاراپ باققىن سەن بۇ دۇنياغا،
جاھان سوراپ يۈرگەنلەر كىما؟.
قايسى ئاڭدا . . .
قايسى يول بىلەن ،
باشلاپ ماڭغان مەنزىلى نېمە؟ .
ئويلاپ باققىن ھۇشۇڭنى يىغىپ ،
بىز ئىزلىگەن مەنزىل ئاشۇما؟ .
نېمە ئۈچۈن. . . ؟
زادى نېمە ئۈچۈن. . .؟
ياتلار بىلەن پەرقىمىز يوقما؟.
زامانغا باقتۇق ...
دەپلا ئەگىشىپ ،
تەغدىرىمىزنى ھېچ ئويلاشمىدۇق .
توۋا - توۋا ...
مىڭ-مىڭلاپ توۋا،
قاچان ؟،
قانداق ؟،
قايەردىن باشلاپ ،
دەۋايىمىز ئاجايىپ تۇرۇپ ،
ئەسلىمىزدىن بۇنچە ياتلاشتۇق؟.
بىز ئىسلام بىلەن روناقلار تېپىپ،
ئىسلام بىلەن مەشھۇر ئاتالغان.
مەدىنىيەت ئەخلاق تارقىتىپ،
دۇنيادىكى...
ئىنسانلارنىڭ ئۈلگىسى بولغان.
بىز ...
قۇرئاننى قانۇن،
خەلىپىنى ۋاكالەتچى قىپ،
ھاكىمىيەت قۇرغان.
ئادالەت بىلەن جاھاننى سوراپ،
نۇغۇن زامان تەخىتتە تۇرغان .
بەخىت - سائادەت.
ھۈنەر - سانائەت.
سايىمىزدا ھەم كامال تاپقان،
غەرىپ-شەرىق ، جەنۇپ-شىمالغا،
مەدىنىيەت بىزلەردىن بارغان.
ئىشەنمىسەڭ تارىخقا قارا !
قايسى زامان،
قايسى ماكاندا...
كىم-كىملاردىن، نېمە-نېمىلەر،
ئىنسانلارغا مىراس قېپ قالغان؟.
بىزلەر شۇنداق ئۇلۇغ ئەجداتنىڭ،
نەسلى ئىدۇق...
ۋارىسى ئىدۇق .
نە سەۋەپتىن بۈگۈن ھالىمىز؟،
ئىت- ئىشەكتەك خارلىقتا قالدۇق؟.
كۈلدى دۇنيا بىزلەرگە قاراپ ،
بولدى دۈشمەن، دوسلار ياتسىراپ.
دەۋا يوغان ئەمەل قاغجىراپ ،
ئۆلدى ئىيمان، روھلار قانسىراپ.
بىزيەنىلا نەفسىم كويىدا ،
پومداقلىشىپ بىدئەت يولىدا .
تېخىغىچە يۈرسەك سوكۇلداپ،
پىتنە تېرىپ،غەيۋەت غوتۇلداپ.
ساۋاقلاردىن ئىبرەت ئالماي،
ئارقىمىزغا ھېچ نەزەر سالماي،
ھايۋان كەبى ھاياتتا ياشاپ،
بارچە خورلۇق-نۇمۇسقا چىداپ.
يۈزىمىزنى پولودەك قىلىپ،
مەيدە كېرىپ قورساقلار سېلىپ،
ئۆزىمىزنى كاتتا-چوڭ بىلىپ،
ۋىجدان،ئىيمان- ھەممىنى يىغىپ،
ۋەجىمىزنى ئۈستەك سەپ بېرىپ،
دۈشمەنلەرنىڭ ناغرىسىنى چېلىپ،
ئۆزىمىزنى ئۇسۇلغا سېلىپ،
ھەممە يەردە ئىختىلاپ تېرىپ،
ئادەتلەنگەن ئېتىقاد بىلەن،
بۇرمىلانغان ئىجتىھاد بىلەن،
قاچانغۇچە يۈرىيمىز شۇنداق؟،
مۇسۇلمانلىق ماركىمىز بىلەن .
ۋەھالەنكى ئاچچىق رىئاللىق،
تەكرارلانغان قىسمەت داۋاملىق.
بىزگە شۇنداق قىلماقتا خىتاب،
بارمۇ سەندە ئەي ئىنسان ئىنساپ...؟
ئۆكۈنمەكتە ئاھسىراپ ئەجداد . . .
نېمە كۈنگە قالاركىن ئەۋلات . . . ؟ ! ! !
مەنبە ؛ خاتىرەمدىن - ئاشىق شېئىرلىرى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەڭسايدىكى بارلىق قېرىنداشلا سالامەتچىلىكمۇ ؟
كەمىنە << مەن >> بىرە يىلنىڭ ياقى كەڭسايدا يۈرۈپ ،ئۈن تۈنسىز نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەر دىن ھۇزۇرلاندىم ھەم نۇرغۇن بىلىملەرگىمۇ ئىگە بولىۋالدىم . تۇرۇپ ئويلاپ ، مەنمۇ ئەزا بولۇپ كەڭساينىڭ تەرەققىياتىغا << ئىنكاسلىرىم >> ئارقىلىق ئاددى بولسىمۇ ھەسسە قوشسام دەپ ئولتۇرۇپ، مۇنۇ شېئىر ئارقىلىق شۇمەخسدىمنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ، ( << ئۆزى كونا >>ئەمما يېڭى ئازا بولغان مەن سىلەر بىلەن تۇنۇشىۋالماقچى ...... بولامۇ ....................؟!
[ بۇ يازمىنىدۇمباقچى 2012-01-26 23:54قايتا تەھرىرلىد ]