باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 16052 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/24     Go
تېما: ئاپپاق خوجا ھەققىدە(ھىدايىتۇللا ئىشان)
پەقەت ئاللاھنى ھەقىيقى تونىسىلا بولدى ھەممە ھەل& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7009
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 214
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە214دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 2817 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-11
ئاخىرقى: 2012-07-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 05:03

ئاپپاق خوجا ھەققىدە(ھىدايىتۇللا ئىشان)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما samanyoli تەرىپىدىن قۇلۇپلاندى(2012-02-04)
تۇر ئارلاۋىتىپ ئاپپاق خوجخنىڭ ئەپتى بەشرىسىنى ئىچىپ بەرگەن دوسلارنىڭ رومانغا ئاساسلىنىپ ئىيىتقانلىرغا بىرىلگەن ئاپپاق غوجا ئىسىملىك تورداشنىڭ ئىسپاتلىرنى كۆرۇپ بەكلا گاڭگىراپ قالدىم .شۇڭا دوسلارنىڭ ئوقوپىقىپ ئىشەنچىلىك ئىسپاتلىرى بولسا ۋاقىپلاندۇرۇپ قويشىنى ئوتۇنىمەن.
ئاپپاق غوجىنىڭ پەيغەمبەر ئەۋلادى ۋە دالاي بىلەن كۆرۇشكەنلىكىنىڭ  ئىسپاتلىرى(
تىبەتلەرنىڭ ئىسلامدىنى بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن ئۇنىڭدىن بۇرى ناراق  دەپ ئۈزۈپ ئېتىشقا بولۇدۇ..چۈنكى تىبەتلەر دانا ،باتۇر رەھبىرى سۇڭزەن گەنبۇ 618-يىلى   قۇرغان بۈيۈك تىبەت ئىمپىريىسى كېڭىيىپ ،غەربى شىمالى چېگرىسى 1000 چاقىرىمغا يېقىن ئابباسىلار ئىسلام خەلپىلىكى بىلەن تۇشۇپ كەتكەن بولۇپ،تاكى بۇ ئىمپىريە 841-يىلى گۇمران بولغىچە بۇگۈنكى شىزاڭ،چىڭخەي،گەنسۇ ،سىچۈئەن،يۈنەن،بوتان،نېپال ،كەشمىر ،ئافغاسىتان،تاجىكىستان ،فەرغانە ۋادىسى ،تۇرپان ۋە تارىم ئۇيمانلىقلىرى،بېنگال ۋە ھىندىستانىڭ شىمالى قىسىملىرىنى ئىگەنلىگەن ۋە ياكى ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرسىغا كىرگۈزگەن بولۇپ،دۇنيانىڭ شەرقى قىسمىدا شۇ ئىككى ئەسىردىكى تاڭ سۇلالىسى،كۆكتۈرۈك خانلىقى ۋە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قاتارلىقلار بىلەن مەشھور چوڭ دۆلەت ئىدى.751-يىلى بۇگۈنكى قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانىڭ چېگرىسىدا جايلاشقان  تالاستا ئابباسىيلارنىڭ 200،000كىشلىك مۇسۇلمان قوشۇنى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ۋە 50 مىڭ كىشلىك ئۇيغۇر ،تىبەتلەردىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە قوشۇنى بىلەن ئۇرۇش بولۇپ،ئۇرۇش تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەغلوپ بولىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.ئابباسىلارنىڭ چېگرىسى سۈرلۈپ تاكى بۈگۈنلكى جۇڭگو چېگرىسىگىچە كەلدى،تىبەتلەر سەمەركەنت ۋە كابۇلنى مەركەز قىلىپ مۇسۇلمانلار بىلەن تاكى 815-يىلى كابۇل قولىدىن كەتكىچە ئابباسلىلار بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك كىچىك ئۇرۇشلانى قىلىپ تۇردى ،تىبەتلەردىن كىمنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان بولغانلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق،لېكىن ئۇممەييە ئىسلام خەلپىلىكىدىلە ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىزنىڭ زامانىدا تاڭ سۇلاسى،كۆكتۈرۈك دۆلىتى ۋە تىبەت ئىمپىريىسىگە مۇسۇلمان ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغانلىقى ،بولۇپمۇ تىبەت ئىمپىريە مەركىزىگە سالىھ بىن ئابدۇللا ھەنىفە ئىسىمىلىك كىشىنى باش ئەلچى قىلىپ 200 ئۇشۇق مۇسۇلمان بىلەن تىبەتككە ئەۋەتكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىنغان .ھەم بۇلارنىڭ شۇ جايلاردا ماكانلىشىپ قېلىشى بۇيرۇلغان ئىدى.بولۇپمۇ ئابباسىلار خەلپىلىك زامانلىرىدا تىبەت بىلەن ئىسلام خەلپىلىكىنىڭ چېگرىلىنىشى تىبەتلەر بىلەن مۇسۇلمانلارنى بىۋاستە ئۇچراشتۇردى .ئابباسىلار خەلپىلىكى تىببەتكە ناھايىتى ئەھمىيەت بىلەن قاراپ تىبەت دۆلىتىگە سودىگەرلەرنى ۋە سوفىلارنى  ئەۋۋەتىپ ئۇلارنىڭ شۇ جايدا مۇقۇم ئولتۇراقلىشىشىنى ۋە تىبەتلەر بىلەن تويلىشىشىغا بويرىدى...  812-يىلى كابۇلدىكى تىبەت باش ۋالىسى ئابباسىلار خەلپىلىگە تەسلىم بولۇپ ،كابۇل ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئابباسىلار خەلپىلكىگە تاپشۇردى ۋە ئىمان ئېيتىپ زور بىرتۈركۈم تىبەتلەر بىلەن بىللە مۇسۇلمان بولدى.بۇ تەخمىنەن 812-815-يىللاردا بولغان ئىش دەپ قارىلدۇ.
Tibetans were active as far West as Samarkand and Kabul. Arab forces began to gain the upper hand, and the Tibetan governor of Kabul submitted to the Arabs and became a Muslim about 812 or 815
قارخانىلار سۇلالىسىنىڭ مۇسۇلمان بولىشى ،ھىندىستاننىڭ مۇسۇلمان بولشى ،كەشمىر ۋە لاداخ رايونلىرى ۋە تايلادنىڭ جەنۇبى قىسىم رايونلىرىنىڭ ئىسلامغا كېلىشى ،چىڭخەي ۋە گەنسۇدىكى دۇڭشىئا ،باۋئەن،سالا ،خۇيزۇ قاتارلىق مۇسۇلمان توپلىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى تىبەت رايونى پۈتۈنلەي مۇسۇلمانلارنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالدى دىيىشكە بولۇدۇ...بۇ توپ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتنى بىرتەرەپ قىلىش ھەرقانداق تىبەت رەھبىرىنىڭ ئالدى بىلەن ئويلايدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى...ھەم مۇسۇلمانلارغا دوستانە بولۇش تىبەتلەرنى ئۇلارنىڭ فەتىھلىرىدىن ساقلاپ قالدى..  ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەققىدە ئاساسىنى چۈشۈنگەن بولۇپ بۇنىڭ مىسالى دالاي 5-نىڭ كەشمىردىن كەلگەن پىر ياقۇپققا قىلغان مۇئامىلىسىدىن بىلگىلى بولۇدۇ.كەشمىرلىك داڭلىق ئىنشان پىر ياقۇپ 1650-يىللى لاساغا كېلىپ دالاي5-بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭدىن ماكانلىشىشقا جاي تەلەپ قىلغان ،دالاي 5- ئۇنىڭغا قاۋۇل ئەردىن 4 نەپەر تېپىپ بىر نوقتىدىن ئۇلارنىڭ 4 تەرەپكە ئۇق ئۈزدۈرۈپ 4  باشاق ئوق چۈشكەن جاينىڭ ئىچىدىكى دائىرنىڭ مۇسۇلمانلاغا تەئەللۇق بولىشىغا ئەمىر قىلغان ،شۇندىن كېيىن مۇسۇلمانلار لاساغا جايلىشىپ ئۇجايدا مەسچىت،مەدىرسە،ئاممىۋى قەبرىستانلىق ۋە 3 ئولتۇراق رايونى بەرپا قىلغان ھەم بۇ تارىخنى تاش تاختايغا ئۇيۇپ ،ئابىدە قىلىپ ئورناتقان...بۇ دەل ئاپپاق خوجا ھەزرەتنى لاساغا بېرىپ دالايغا سەجدە قىلدى دىگەن تارىختىن دەل 30 يىل بۇرۇنققى ۋەققە،ھەم مۇسۇلمانلارغا زور ئىلتىپات كۆرسەتكەن دالاي 5- دەل ئاپپاق خوجىنى ئاياغلىرىغا سەجدە قىلدۇردى دەپ تۆھمەت قىلدۇرغان لوساڭجاسۇ  5- دالاي(1617-1682) شۇ ...دالاي بەشىنچى زاڭنەننىڭ يادۇڭدا ئاق سۆڭەك ،ھۆكۈمدار  ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ دالاي ئىچىدىكى پەۋقۇلادە  بىلىملىك ،پاراسەتلىك رەھبەر بولۇپ شىزاڭ بۇددا دىنىدىكى 2 چوڭ مەزھەپنى ئىتپاقلاشتۇرۇپ تارىخى بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ،ھەم مۇڭغۇللارنىڭ خوشوت قەبىلسىدىن بولغان  گوشخاننى تىبەتكە تەكلىپ بىلەن ئەكىلىپ چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتكەن تىببەت جەميىتىنى  بىرلەشتۈرگەن ھەم گوشىخاننى تىببەتلەرگە پادىشاھ قىلغان.ئۇ ئۆز ھاياتىدا 30 ئۇشۇق كىتاپ يازغان بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدىنى ئەڭ مەشھۇرى<< تىبەت تارىخىدا ئۆتكەن پادىشدا ۋە ئەمىرلەر >> دىگەن كىتابى.

@نەخشىبەندىيە سۈلىكى سىلسىلە شەرىپىدىن ئورۇن تۇتقان شەيخ ئابدۇلخالىق غىجداۋانى
ئەھلى تەرىقەت پىكرىدىكى سۇپىلار ئۆز پىرلىرىنىڭ مەنبەسىنى ئەلۋەتتە مۇشۇ بۈيۈك مەنبەلەرگە تۇتاشتۇردۇ  .بۇ بۈيۈك مەنبە زەنجىرى تۆۋەدىكىدەك:
1.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستافا سەلللەھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم.
2.ئابەكرى سىدىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
3.سالمان پارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
4.ئىمام قاسىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابەكرى سىددىق رەزىيەللۇھۇ ئەنھۇ
5.ئىمام جەفەرىل سادىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
6.ئىمام موسا كازىمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
7. ئىمام ئەلى  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
8.بايەزدى بىستامى  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
9.مەرۇفى كەرخىي    رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
10.سەرىي سەقەتىي  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
11.جۇنايدى باغدادى  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
12.ئالى رۇزبارىيە  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
13.ئەبىي ئەلى كاتىبى  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
14.ئەبى ئوسمان مەغرىبىي  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
15.قاسىمى كوكانىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
16.ئەبى ھەسەن خەرقانىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
17.ئەبى ئەلى فەرمىدىي  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
18.ئەبى ياقۇپ يۇسۇف ھەممەدانى  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
19.خۇجاھى جاھان(خوجاھى ئاففاخ) خوجا ئابدۇخالىق غۇجدىۋانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
20. خوجا ئەرىفى رىيۋكىيرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
21.خوجا  مەھمودىل ئەنجىرىي فەغنەۋىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
22. خوجا ئەزىيزان خوجا ئەلى رەمىتەنىي  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
23.خوجا  مۇھەممەد بابايى سەمماسىي  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
24.سەيىد ئەمىير كولالى
25.تەرىقەتنىڭ بۈيۈك ئىمامى  ۋە غەۋسىل خەلپىسى خوجا مۇھەممەد باھاۋىدىن نەقشىبەندىيە بۇخارى رەزىيەللەھۇ ئەنھارەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
26. شىيخ ئەلائىدىن ئەتتارى  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
27.شەيخ مەۋلانە ياقۇپ جەرخىي  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
28.شەيخ ئابدۇللا ئەھرار  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
29. ھەزرەتى سەدىدىين كاشىغەرى  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
30.شەيخ مەۋلانە مۇھەممەد ئابىد قازى سەمەرقەن  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
31. شەيخ مەخدۇم ئەزەم ئەھمەد كاسانى  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
32. شەيخ مۇھەممەد ئەمىن خوجا  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
33.ھاجى يۈسۈف كاشىغەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
34.شەيخ ھىدەيتۇللا ئاففاق خوجا كاشىغەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
35. شەيخ غايىپ نەزەر چيميانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
36. خوجا نەزەر ئىيشان ھۇۋەيدا  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
37.شەيخ خال مۇھەممەد ئىيشان ئوشى  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
38.شەيخ سىراجىدىن مەۋلىۋى سىراجى  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
39.شەيخ مۇھەممەد سالاھىدىن خاكانى ئوشى  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
40.شەيخ مۇھەممەد قەمەردىن ھاجى ئوشى  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
41.شەيخ ئايۇپ قاراخۇنۇم يەركەند رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
42.شەيخ شاھىمەردان قارى داموللام تۇرفانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ(1993-يىلى ۋاپات بولغان)

بۇ سىلسىل شەرىپنىڭ 19-بوغۇنىدىن ئورۇن ئالغان

19.خۇجاھى جاھان(خوجاھى ئاففاخ) خوجا ئابدۇخالىق غۇجدىۋانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
خوجا ئابدۇخالىق غىجداۋانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  تەرىققەت تارىخدا ئابدۇقادىر جىلانىدىن كېيىن خوجاھى ئاففاخ دەپ لەقەملەنگەن.
خۇجاھى جاھان(خوجاھى ئاففاخ) خوجا ئابدۇخالىق غۇجدىۋانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مىلادىيە 1103-يىلى ئۆزبېكىستان بۇخارا شەھرىنىڭ غۇجدىۋانى يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن.كىچىگىدە تەپسىر ۋە ھەدىس ئۆنۈپ ئۆز يۇرتىنىڭ ئەلاماسىغا ئايلانغان.ھەم شۇجەرياندا مەشھۇر تەسەۋوپچى يۈسۈف ھەممادانى بىلەن تۇنۇشتى .يۈسۈف ھەمەدانىدىن تەسەۋوف ئەخلاقلىرىنى ئۈگەندى.1179-يىلى ۋاپات تاپتى.بۇ زات ھىدەيتۇللا ئاففاق خوجا ھەزرەتلىرىدىن ئالاھەزەل 500 يىل بۇرۇن (خوجاھى ئاففاق) دىگەن نام بىلەن لەقەملىنىپ بولغان .تەرىققەت سىلسىلە شېخلىرى ئىچىدە  ھىدەيتۇللا ئاففاق خوجا ھەزرەتلىرى 3-بولۇپ بۇنام بىلەن لەقەملەنگەن.
@ ‹‹چاغىتاي ئۇلاسىنىڭ شەرقى قىسىمىدىكى ھۆكۈمرانلار يىلنامىسى››‹‹تارىخ››دىگەن كىتاپلاردا ۋە بىر قىسىم تارىخى ۋەققەسلەردە  1618-يىلى تەختىگە چىققان سەئىدىيە خانى ئابدۇلېتىپخاننىڭ ‹‹ئاففاخ›› خان دەپ نام بېرىلگەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىڭ بايان قىلدۇ.بۇ دەل ھىدەيتۇللا ئاففاخ خوجىغا دالاي 5-ئاففاخ دەپ نام بەردى دىگەن پىتنىدىن ئالاھەزەل 60 يىللار بۇرۇنقى ئىش.
@ تىببەتلەرنىڭ قەدىمقى سۆزلىكلىرىدە ياكى دىننى ئەمەل ناملىرىدا ‹‹ئاففاخ›› دىگەن نام ھىچ بىر ئۇچرىمايدۇ.
ھازىرغا كەلگۈچۈلۈك ئاپپاق خوجىنىڭ تىبەتكە بېرىپ دالاي 5- گە باش قويغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر ،پاكىزە مەنبە يوق ،بار دىيىلسىمۇ شۇنچىلىك بىلىمدار ،مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدە -ئىخلاسىنى چۈشەنگەن بىر دىن پىشۋاسى ئاپپاق خوجىنى سەجدە قىلىشقا بويرامۇ؟؟؟؟

بۇ مەسىلىنى ئىلىم ساھىسىگە سۆرەپ كىرگەن كىشى مەشھۇر قازاق تارىخچىسى چوقان ۋەلىخان .چوقان ۋەلىخان زادى كىم؟
چوقان چىڭغىزوۋىچ ۋەلىخانوف(1835-1865)-چاروسىيە دەۋرىدە ئۆتكەن قازاق مىللىتىدىن چىققان داڭلىق شەرقشۇناس.ئۇ قازاقلارنىڭ ئوتتۇرا يۈزدىكى ۋەلىخانوفلارنىڭ نەۋرىسى بۇلۇپ، بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزىگە فامىلە قىلغان. دادىسىنىڭ ئىسمى چىڭغىز،تەخەللۇسى چوقان،ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىسمى بولسا مۇھەممەد خاقانىيە.چوقان ۋەلىخانوف دەسلەپتە قازاقىستاندا، كىيىن ئومىسكىدىكى ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان.1853-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چارروسىيە قۇشۇنىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن.1856-1857-يىللىرى ئۇ ئالار كۆلى بويىدىن ئىسىقكۆل بويىغىچە بولغان بىپايان زىمىن (جۇڭغارىيە ئويمانلىقى ۋە ئېلى دەرياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى تەكشۈرگەن.1858-1859-يىللىرى يەنە شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.①
چوقان ۋەلىخانوف ئۇيغۇر تىلىنى پىششىق بىلىدىغان بولغاچقا، ئۆزىنىڭ تىل-يېزىق جەھەتتىكى بۇ ياخشى شارائىتىدىن پايدىلىنىپ،شىنجاڭغا قىلغان سەپىرى جەريانىدا شىنجاڭغا جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ماتىرىياللارنى توپلىغان ۋە بۇ ماتىرىياللار ئۈستىدە ئاز بولمىغان ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان.ئۇ ئەنە شۇ شىنجاڭ تەتقىقاتىدىكى نەتىجىلىرى ئارقىلىق روسىيە ۋە دۇنيا شەرقشۇناسلىقىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە.
ئۇ <<1858-1859-يىللاردىكى تەڭرىتاغنىڭ قەنۇبىدىكى ئالتە شەھەرنىڭ ئەھۋالى>>دىگەن كىتاۋىنىڭ قىسقىچە تارىخ دىگەن كىتاۋىدا .ئاپپاق خوجىنىڭ دالاي لاما5- بىلەن كۆرۈشكەن تارىخنى تەخمىنى تەھلىللەر بىلەن يېزىپ چىققان...بولۇپ بۇ دوكىلات خاراكتىرلىق ئەسەر بولۇپ ،چار روسىيەنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ،ئۇلارنىڭ كېڭەيمىچىلىك قىلىشىغا يار -يۆلەك بولىدىغان ماتىريال.بۇ ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي جون مىكېل ۋە روبېرت مىكېل ئېنگىلىسچىگە تەرجىمە قىلدى..بۇ مەلوماتلارنى چوقان ۋەلىخان مۇھەممەد سادىق قەشقەرىنىڭ 1769-يىلى يېزىلغان <<تەزكىرەئى خوجىگان>>ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلىنغان ..لېكىن ئۇ ئەسەردە ئاپپاق خوجىنىڭ لاساغا بېرىپ دالاي بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئېنىق ئۇسلۇپتا ئوتتۇرغا قويۇلمىغان...چوقان ۋەلى لوگىكىلىق تەپەكۈر بىلەن جۇدىگىنى لاسا،بىراھمان راھىبى دىگىنى دالاي...دىگەن...تارىخچى ن.ئېلىئاس   <<تەزكىرەئى خوجىگان>> تەرجىمىسىنى ئىشلەش جەريانىدا بۇ (مۇھەممەد سادىق قەشقىرى)نىڭ تارىخ ئىلمىدىن گۇمانلانغىنى ئېنىق ئوتۇرغا قويغان.
چوقان ۋەلىخان چار روسىيە ھەدەپ كاۋكاز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ ئۇلارنى مۇستەملىكە قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلۋاتقان چاغدا تۈرك مىللەتتى ئىچىدىن چار روسىيە يېتۈشتۈرۈپ چىقۋاتقان ئاتالمىش تەرەققى پەرۋەر  ياش باللىلارنىڭ بىرى بولۇپ ،چار روسىيە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئۈچۈن يېتۈشتۈرۈپ چىققان  تەشۋىقاتچى ئاكتىپلاردۇر..چوقان ۋەلىخانىڭ شىنجاڭدىكى ياكى ئۇتتۇرا ئاسىيادىكى تەتققىقات ئىشلىرىنى ئىلمى خىزمەت دىگەندى كۆرە قەشقەريە دۆلىتىگە كەلگەن روس ئەلچىسى ن كۇرپانتىكىن دەك جاسوسلۇق خىزمىتى دىگەن تۈزۈك .چوقان ۋەلىخان شىنجاڭدىكى تەكشۈرۈش جەريانىدا پۈتۈلەي بىر روس پۇقراسى سالاھىتىدە تەكشۈرۈش ۋە ماتىريال توپلاشتا بولغان.
بۇ چاغنىڭ تارىخ ئارقا كۆرىنىشى:1820-يىلدىن باشلاپ  روسلار كاۋكازىيەدىكى چېچەن قاتارلىق مىللەتلەرگە قارتا تاجاۋۇزچىلىقىنى باشلىغان بولۇپ  ،1832-يىلى كاۋكازىيەدىكى مۇسۇلمانلار نەخشىبەندىيە سۈلكىنىڭ كاۋكازىيەدىكى 3- ئىمامى ئىمام شامىل<1797-1871> رەھبەرلىكىدە4000كىشلىك مۇرىدى  روسلارنى توسۇپ تۇرۋاتقان چاغلار ئىدى.70 مىڭ كىشلىك روس قوشۇنى كاۋكازىيەدە ئۇزۇن مەزگىلىك قارشىلىققا ئۇچرىغان ئىدى. 1895-يىلى روسلار كاۋكازىيەنى ئومومىيۈزلۇك ئىستىلاھ قىلىپ بولدى.ئاز كەم بىر ئەسىر كاۋكازىيە مۇسۇلمانلىرى ئۆزلىرنىڭ پىر مۇرشىدلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە روسلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمان يۇرتلۇرىغا بولغان تاجاۋۇزچىلىقىنى  توسۇپ تۇردى. روسلار بۇ جەرياندا مۇسۇلمانلارنىڭ روھىيىتىنى چۈشۈنىشكە ۋە ئېتىقات ئاساسىنى تەۋرىتىشكە ،تەشكىلى ئاساسىنى يۇقۇتۇشقا ئېھتىياجلىق ئىدى.ئۇلار چوقان ۋەلىدەك ئاتالمىش شەرىق شۇناسلارغا ئېھتىيجلىق ئىدى.مۇسۇلمانلار ئامىسىغا ئۆز ئېتىقاتلىرىنى خۇنۇك ،رەھبەرلىرىنى ساتقىن ،شۇ ئاساستا مەيدانغا كەلگەن بارلىق مەدىنىيەتلىرىنى كېرەكسىز نەرسە ئىككەنلىگىنى بىلدۈرۈشى ،ئۇلارنى ئۆزىنىڭ  مەرىپەتلىرى ئاستىدا يېڭى بىر مەنزىلگە يەتكۈزىشىنى بىلدۈرۈشى كېرەك ئىدى.ئۇلار بىلەن قارشىلىشۋاتقان نەرسە ئىسلامى تەرىققەت پىكرىتى ۋە ئۇلارنىڭ پىر مۇرشىدلىرى ئىدى.سىز شىنجايغا كەلگەن روسلار تەربىلەپ چىققان تاتارياكى قازاق ،روس ئېسپىدىتچى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قەلمى ياكى ئاپراتى ئاستىدىكى مۇسۇلمانلار تۇرمۇشىنىڭ  غايەت خۇنۇك تەسۋىرلەنلىكىنى،مەسخىرە قىلىنغالىقىنى ئاسانلا بايقىيالايسىز

گەرچە كىمنىڭ ئەۋلادى بولسۇن ئاللاھقا شىرىك كەلتۇرسە كۇفۇر بىلەن ئوخشاش كۆرسەكمۇ لىكىن بەزى مەسىللەرنى ئايدىڭلاشتۇرۋالغۇم كەلدى.
دوسلار بىلدىغانلار بولسا ھىسياتقا تايانماي ئەملىي پاكىتنى ئاساس قىلىپ بىر جاۋاپ بىرۋەتسەڭلا.
دوسلا بىزنىڭ بۇگۇنگە قىلشىمىز ئاللاھ بۇيرىغان تەقدىر ھەرگىزمۇ باشقىلار كەلتۇرۇپ چىقارمىغان.ھەر ئادەم ئۆزقىلمىشىدىن ئۆزى ھىساپ بىردۇ،ئۆتكەنلەرگە ئاللاھنىڭ شاپائىتى بولسۇن،ئۆلۇكنى تىللاش ياخشى ئەمەس.لىكىن تارىختىن ئىلمىي ئاساستا ئۇلگە ئالىمىز ۋە ياخشى تەرپىنى قوبول قىلمىز.
لىكىن قالايمىغان جولىيدىغانلار مۇنبەرنى مەلەڭ قىلىپ بولگۇنچىلىك قىلساڭلار بەك بەك تىللىۋىتىمەن -ھە!
پەقەت ئاللاھنى ھەقىيقى تونىسىلا بولدى ھەممە ئىللەت تۇزلىدۇ!
دوستلىشىش
تاھىربەگ
يا بولغۇنۇڭ كەبى كۆرۈن، يا كۆرۈنگىنىڭ كەبى بول
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2837
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2837دانە
ئۆسۈش: 5890 %
مۇنبەر پۇلى: 34646 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-09-04

ئورۇن ئېلىپ قوياي...
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دەرىجە: چەكلەنگەن

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 922
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە922دانە
ئۆسۈش: 490 %
مۇنبەر پۇلى: 1 سوم
تۆھپىسى: 139 كىشى
ياخشى باھا: 4789 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-03-26
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 13:18

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
اللە سْــــــــــــــــــــــمِاﷲِارَّحْمَنِ& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9222
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 283
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە283دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 2864 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-10
ئاخىرقى: 2012-09-06
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 13:30

 بەك ياخشى تىمىكەن ئېزدەپ يۇرگەن مۇشۇنداق تىمىنى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9739
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 142
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە142دانە
ئۆسۈش: 250 %
مۇنبەر پۇلى: 1550 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-24
ئاخىرقى: 2012-08-31
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 14:32

مەن پەقەت ئاپپاق خوجىنىڭ  جوڭغارلارنىڭ قولى ئارقىلىق يەكەن خاندانلىقىنى ۋەيران  قىلغانلىقىنى ،  ئىسمايىلخاننىڭ قىزىنى قايناۋاتقان مايغا تاشلىغانلىقنى  ،3مىڭ ئۆلىما بىلەن تارىخىي كىتاپلارنى كۈتۈپخانا بىلەن قوشۇپ كۇيدۇرگەنلكىنى ، خەلققە جاھالەتچىلىق ۋە قۇلچىلىق ئىدىيىسىنى سىڭدۇرگەنلىكىنى بىلىمەن ، ئارتۇقمۇ بىلگىم يوق ، مۇشۇنىڭ ئۆزى يىتەرلىك !
كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1020
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1020دانە
ئۆسۈش: 190 %
مۇنبەر پۇلى: 10773 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2012-09-03
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 14:42

بۇ نەسەبنامە تارىخىتىكى ئىشەنچىلىك مەنبەلەردۇر..ئاپپاق غوجامنىڭ پەيغەمبەر ئەۋلادى  ئىكەنلىكىدە شەك يوق..
ھازىرچە بۇ  تالىشىدىغان مەسىلىمۇ  ئەمەس..  مۇھىمى ئاپپاق غوجام راستلا كىشىلەر ئىيتقاندەك شۇنداقمۇ ياكى
زىيانكەشلىككە ئۇچىرغان قارلانغان مۆمىنمۇ؟  
  تارىختا ھەقتە تۇرغان كىشىلەر ئاسەن كىشىلەر  تەرىپىدىن  ياقتۇرۇلمىغان،  نۇرغۇن ئەرزىيەتلەرنى تاتقان، كۆپ  قىسمى قەستلەپ  ئۆلتۈرۈلگەن. رەقىپلىرى تەرىپىدىن  تۆھمەتلەرگە قالغان .
ئادىيات
دوستلىشىش
ئۆزنۇر
دوسىت ئىزدىسەڭ اللە يىتەر!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10449
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 196
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە196دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 2000 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-23
ئاخىرقى: 2012-09-06
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 14:42

مەن كۆرگەن ئاپاق خوجىغا ئائىت نۇرغۇن تارىخى رومانلار ئىچىدە بۇنداق مەزمۇنلارنى زادىلا  ئۇچرىتىپ باقمىغانىدىم .  نىمە دىيشىمنى بىلمىدىم . ئەھۋالنى ھەقىقى بىلىدىغانلار بولسا سۆزلەپ باقسۇن . چۈنكى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ، تەتقىق قىلمىغان كىشىنىڭ بۇ ھەقتە پىكىر قىلىشى مۇۋاپىق ئەمەس .
كۆپ كۈلمە، كۆپ كۈلۈش دىلنى ئۆلتۈرىدۇ .(ئايەت)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1929
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 45
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 475 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-06-24
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 15:01

  ئاباخ مۇ   ،  ئاففاخ مۇ ئاپپاق  قايسى راست
دوستلىشىش
kroran2010
رەببىم ئۇيغۇرۇمغا مەدەت بەرگىن !
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4290
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 276
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە276دانە
ئۆسۈش: 170 %
مۇنبەر پۇلى: 2073 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-05
ئاخىرقى: 2012-09-07
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 15:28

پەيغەمبىرىمىز ئاللا تەرپىدىن يارىتىلغان، باللىرى ،نەۋرىللىرىمۇ ئەلۋەتتە شۇنداق ،ياقۇپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئوغوللىرى يۇسۇپ ئەلەيسالامغا قەسىت قىلغان،كىتاپتىن خاتا كورمىگەنلا بولسام مۇھەممەد پەيغەمبىرمىزنىڭ بىر تاغىسى پەيغەمبىرىمىزگە  ئىزچىل قارىشى ھەركەت قىلغان ئەشەددى كاپىر ئىدى،بىرسىنىڭ  پەيغەمبەر قانداشلىقى بولۇش بولماسلىقى بىلەن ئاللانىڭ ئالدىدىكى باراۋەرلىكىتە  ئۆزگۇرۇش بولمايدۇ.
تارىخشۇناس شۇنچە كاتتا ئالىملارنىڭ ھچكايسى تىخى ئاپپاق غوجىنى ياخشى دىگىنى يوق ،نىمىلا بولمىسۇن مۇنازىرنى داۋاملاشتۇرۇش ياخشى ئىش.،مۇنداق سانلىق مەلۇمات كەلتۇرەيلى .مۇھەممەت پەيغەمبىرمىز زامانىدىن ھازىرغا قەدەر1300يىل ئۆتتى ،ھەر 25يىلىنى بىرئەۋلات دىسەك   ھازىرغا قەدەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەۋلادى ئۇتتۇرا ھىساپ بىلەن 52ئەۋلات ئۆتتى بىرئەۋلادتا ئككى ئادەم پەيغەمبىرىمىزنىڭ قانداشلىقىغا ئگە بولدى  دىسەكمۇ  ھىسابلىغۇچنى ئەكىلىپ ھىساپلاپ بىقىڭ 30ئەۋلادقا يەتكەندىلا سانى2147483648(تەخمىنەن ئىككى مىرلىياد)گە يىتىدۇ ،بۇ ئەمىيەتگە ئۇيغۇن بولمىسىمۇ بىر نەرسىنى ئسپاتلاپ بىرىدۇ ،ئۇ بولسىمۇ ھازىر يەر شارىدا مۇھەممەت پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەۋلادلىرى تەسەۋۋۇرىمىزدىن كۆپ ،ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئسلام دىنغا تۆھپە قوشقان بولىشى ناتايىن. 
[ بۇ يازمىنىkroran2010 2012-01-27 12:54قايتا تەھرىرل ]
كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1020
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1020دانە
ئۆسۈش: 190 %
مۇنبەر پۇلى: 10773 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2012-09-03
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 15:51

كىرورەن 2010  توردىشىمىزنىڭ گىپى ئورۇنلۇق..
يەنە  بىر گەپ...
ھەر نامىزىمىزدا ، <سەللى- بارىك> دۇئالىرى ئارقىلىق پەيغەمبىرىمىز ئائىلە  تاباباتلىرىغا  يۇقرى مەرتىۋە ۋە بەركەت تىلەيمىز..
بۇ ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆز يول باشچىسىنىڭ  سۆيۈملۈك ئائىلە تاباباتلىرىغا  بولغان  سۆيگۈسى ۋە چىن سەمىميتىنى ئىپادىلەيدۇ..
ئاندىن  دۇنيادىكى شۇ كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ  ھەر نامىزىدا پەيغەمبىرىمىز  ئائىلىسىگە تىلىگەن تىلەكلىرىنىڭ  بەرىكاتىدا
پەيغەمبىرىمىز ئەۋلادلىرى تارىخىتىن  بويان  دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ  ھۈرلۈك ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرىگە باشچىلىق قىلىپ مۇتلەك كۆپ قىسمى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئەمەس  بەلكى جەڭ  مەيدانلىرىدا ۋاپات تاپقان ياكى دۈشمەنلىرى تەرەبتىن قەستكە ئۇچراپ ئۆلگەن..  بۇ  ھەقتە  ئىزدىنىپ  باخساڭلار  بولىدۇ..
ئادىيات