باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 16051 قېتىم كۆرۈلدى
«123456»Pages: 2/24     Go
تېما: ئاپپاق خوجا ھەققىدە(ھىدايىتۇللا ئىشان)
دوستلىشىش
arkaturuk
ئەركەتۈرۈك
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2013
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 555
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە555دانە
ئۆسۈش: 6420 %
مۇنبەر پۇلى: 10973 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-17
ئاخىرقى: 2012-09-06
10-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 16:37

ئەڭ ياخشى پاكىت.«قۇرئان كەرىم»نىڭ «سۈرە ئال ئىمران»كەلىمىسىدە:«ئى ئەھلى كىتاپ(يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار)پەقەت ئاللاغىلا ئىبادەت قىلىش،ئاللاغا ھېچ نەرسىنى شرىك كەلتۈرمەسلىك،ئاللانى قويۇپ بىر-بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە(يەنى بىر خىل ئەقىدىگە)ئەمەل قىلايلى!…»دېيىلگەن، سۈرە مائىدە كەلىمىسىدە:«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى(تەركىيدۇنيا بولۇش يۈزىسىدىن ئۆزەڭلارغا) ھارام قىلماڭلار،(ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن) چەكتىن ئاشماڭلار،ئاللاھ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوسىت تۇتمايدۇ» دېيىلگەن
بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇشىدىكى سەۋەپ،ئەينى دەۋردە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەردە تەركىيدۇنيا بولۇپ ئۆزلىرىنى ئاختا قىلىۋىتىش،گۆش يىمەسلىك،ئاياللارغا يېقىن يولىماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن بولۇپ، ئەنە شۇ ئەھۋاللارغا قارشى يۇقىرىقى ئايەت نازىل بولغان. ئىسلامنىڭ ئاساسى بولغان «قۇرئان كەرىم»دىكى مانا بۇ ئايەتلەر بىزگە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە دۇئا بىلەن نان،دۇئابىلەن ۋەج،دۇئا بىلەن ئابروي تېپىش كويىدا پالاقشىپ يۈرگەن تەرىقەت پىرلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمىدىن،ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرىدىن پۈتۈنلەي ئازغانلىقلىرىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.ئۇلارھە دىسە ئۆزىگە مۇرىت توپلاپ،ئۆز يولىدا خۇداغا بەندىچىلىك قىلىۋاتقان خەلىقنى تەركىدۇنيا چىلىققا،كەيىپخورلۇققا،دىۋانە-دەرۋىشلىككە دەۋەت قىلغان.مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان خەلىق مانا شۇ يولدا جاھالەتكە،زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ھەمدە دۇنيانى دوسىت تۇتمايدىغان،ئىززەت-ئابروينى دوسىت تۇتمايدىغان،تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئىش-ئوقەت قىلمايدىغان،دۇنيانىڭ پايدىسىدىن زىيىنىنى ياخشى كۆرىدىغان ئىسلامغا يات ئىللەتلەرنى يۇقتۇرىۋالغان.نەتىجىدە،نادانلىق،قاششاقلىق،خۇراپاتلىق كۈچەيگەنسىرى جاھالەتپەرەس خوجا-ئىشانلارغا ئەگەشكۈچىلەر شۇنچىلىك كۆپىيىپ بارغان.
ئەسسالام قېرىنداش يولۇڭ تۈز بولسۇن ،
ياخشى ئىش ئىزلىرىڭ ئىبرەت بوپ قالسۇن .
باشلىغىن دوسلارنى ياخشى يوللارغا ،
بۇنىڭدىن دوسلارمۇ ھەق يولنى تاپسۇن.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1510
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 242
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە242دانە
ئۆسۈش: 270 %
مۇنبەر پۇلى: 2915 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-04
ئاخىرقى: 2012-09-01
11-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 16:41

5-قەۋەت (!adiyat) نىڭ يازمىسىغا

ئەسسلامۇ  ئەلەيكۇم    بۇرادەر      سىز  نىمىگە  ئاساسەن   .بىراۋنى  رەسۇلۇللاھ  سەللەللاھۇ ئەلەيھى  ۋەسەلللەمنىڭ  ئەۋلادى  دەيسىز    سىز  سەنەد  ئىلمىنى  چۈشنەمسىز 1- يۇقارقى  سەنەد   مۇپرەد  سەنەد  بۇنى  باشقا  ساغلام  سەنەد  سىز  ھوججەد  بۇلالمايدۇ 2-بىراۋ  مەلۇم  ساھەدە ساغلام  سەنەد  بىلەن رەسۇلۇللاھ  سەللەللاھۇ ئەلەيھى  ۋەسەلللەمگە  يەتتى  دىگەنلىك  ھەرگىز  . . بۇ  كىش ىرەسۇلۇللاھ  سەللەللاھۇ ئەلەيھى  ۋەسەلللەمگە  نەسەبى يەتتى  دىگەنلىك   .ئەمەس  بۇنى  ئايرىماي  تۇرۇپ (شەكسىزرەسۇلۇللاھ  سەللەللاھۇ ئەلەيھى  ۋەسەلللەمنىڭ  ئەۋلادى ) دىيالىپسىز.   رەسۇلۇللاھ  سەللەللاھۇ ئەلەيھى  ۋەسەلللەم  مۇدداغ  دىگەن(مەن بارلىق  بۇد  لارنى  ۋە  ئىگىز  قەبرىلەرنى  تۈزلەشكە  ئەۋەتىلدىم)  ۋەھال بۇكى  ئاۋۇ  قەبرىلەرگە  ؟؟؟؟؟  ۋاي
كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1020
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1020دانە
ئۆسۈش: 190 %
مۇنبەر پۇلى: 10773 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2012-09-03
12-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 16:59

شۇنداق مەن  < قانداق  قىلسام داھى بولىمەن>  دەپ  ئەمەس ،<قانداق  قىلسام ئۆزەمنىڭ  بۇ ئىچىنىشلىق ھالىمنى  ئۆزگەرتىمەن> دىگەن ھەقتە ئىزدىنۋاتىمەن..  شۇڭا بۇ تارىخلار ئۈستىدە ئىزدىنىش مىنى بەك تەقەززا قىلىدۇ..
مەن ئىتقاد ئىشلىرىدا ئازغان ئادەملەرنى كۆرسەم ئۇلارنى كەمسىتىپ يۈز ئۆرۈش ئەمەس ،مەن قانداق قىلامەن دىگەننى بەكەرەك  ئويلايمەن.نىمىشقا؟ ئەبۇبەكىر رەزىيوللاھۇ ئەنھونىڭ <بىر پۇتۇم جەننەتكە ئاياق باسقاندىمۇ ئاللاغا سىغىنىپ دوزاق ئازاۋىدىن پانا تىلەيمەن> دىگەنلىكىنى  بىلىمەن ..ئىسلامدا كىبىر ئاندىن ئالاھىدە بولۇۋىلىش ئىتبارغا ئىلىنمايدۇ..
ھەممىمىز ئاللانىڭ  ئالدىدا ئەرزىمەس بىر بەندە .جەننەت ئاللا خالىغان بەندىسىگە سەدىقە قىلىدىغان ،ئاللا ئۈچۈن ھىچنىمە ئەمەس ،بەندە ئۈچۈن تەسەۋۋۋۇرمۇ قىلغىلى بولمايدىغان نىمەت.. ئاللا بىزنىڭ  ھاياجانلىنىپ قىلغان ئىبادەتلىرىمىزگە
ياكى سورۇن سورۇندا ئۆز كالامىنى ماۋزىدۇڭ ئەسەرلىدىن ئۈزۈندە ئالغاندەك پارچىلاپ قىلغان مەمەدانلىقلىرىمىزغا
مۇھتاج ئەمەس..  بىزنىڭ ئالدىمىزغا ھەر خىل ئىشلارنى تاشلاپ بىزنى سىنىغۇچى ،كۈزۈتۈپ تۇرغۇچىدۇر...  ئۆمەر رەزىيوللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دىگەن< ئاللا بىلەن بەندە  ئوتتۇرسىدا قوقوشتىن ئۆزگە مۇناسىۋەت يوق>..  
ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بولسۇن..  دەلىل پاكىت  دەپ  بۇ  مۇنازىرىنىمۇ  ئاساسى قاتلامنىڭ  يىغىنىغا ئايلاندۇرىۋالمىساڭلاركەن..
ئادىيات
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1963
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 52
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە52دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 541 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-16
ئاخىرقى: 2012-03-28
13-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 17:10

كىمنىڭ ئەۋلادى بولسا بولسۇن،نىمە ئىش قىلغان بولسۇن ئىشقىلىپ، ئۇنىڭ جازا-مۇكاپىتىنى ئاللاھ ئۆزى بېرىدۇ.بىزنىڭ  ئۇ كىشى توغۇرلۇق باش قاتۇرۇپ، ئۇنداق-مۇنداق دىيىشىمىزنىڭ ئورنى يۇق دەپ ئويلايمەن.
«ئىنسان پەقەت ئۆزى ئىشلىگەن ئىشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈدۇ »  ( قۇرئان كەرىم، سۆرە نەجىم 39-ئايەت)
  يەنە ھوجرات سۆرىسىنىڭ 13-ئايىتىدە ؛{ئې ئىنسانلار !بىز سىلەرنى ھەقىقەتەن بىر ئەر ،بىر ئايالدىن(يەنى ئادەم بىلەن ھاۋادىن ئىبارەت)بىر ئاتا،بىر ئانىدىن ياراتتۇق ،ئۆزئارا تونۇشۇشىڭلار ئۈچۈن ،سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق،ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۈرمەتلىك ھىساپلىنىسىلەر(يەنى كىشىلەرنىڭ بىر بىرىدىن ئارتۇق بولىشى نەسەپ بىلەن ئەمەس ،تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)،ئاللاھ  ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر،ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.}
               جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ  ھىيىت كۈنلىرىدە خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دىگەن؛
               < ئەييۇھانناس!سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بىردۇر،ئەرەپلەر ئەجەملىكلەردىن(يەنى غەيرى ئەرەپلەردىن)ئۈستۇن ئەمەس،ئەجەملىكلەرمۇ ئەرەپلەردىن ئۇستۇن ئەمەس،ئاق تەنلىك قاراتەنلىكلەردىن ئۇستۇن ئەمەس،قارا تەنلىكلەرمۇ ئاق تەنلىكلەردىن ئۇستۇن ئەمەس،ھەممىڭلارنىڭ ئاتاڭلار بىردۇر،سىلەر پەقەت تەقۋادارلىق بىلەنلا ئۇستۇن بولالايسىلەر،ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەڭ تەقۋادار بولغىنىڭلار ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھىساپلىنىسىلەر(يەنى كىشىلەرنىڭ بىر بىرىدىن ئارتۇق بولىشى نەسەپ بىلەن ئەمەس ،تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)،ئەي ئۈممەتلىرىم !تەبلىغ قىلدۇممۇ؟...بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغانلار ئاڭلىمىغانلارغا يەتكۈزۈڭلار>دەپ ۋەسىيەت قىلغان........
دېمەك ئاپپاق خوجا پەيغەمبەر ئەۋلادى بولسۇن، ياكى باشقا ئاددى بىر نامى چىقمىغان بىركىملەرنىڭ ئەۋلادى بولسۇن، بۇ ئىسلام ئۈچۈن، ئىسلامى ۋەتىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بولسىلا بۇ كۇپايە. لېكىن ئۇلارنىڭ قانداق ئىش قىلغانلىقىنى تارىخىي كىتاپلاردىنلا ئاڭلاپ تۈرلۈك باھالارنىمۇ بەرگەن بولدۇق.  ئۇلار نېمە ئىش قىلسا قىلسۇن، بۇ ئۆتكەن ئىش تارىخنىڭ ھەممىسىنى يالغان، ياكى مۇتلەق راس دەپ، كېسىپ ئېيتىشقا بىز ئاجىز.قانداق ئىش قىلغان بولسا  بۇ نىڭ ھېساۋى ئاللاھقا قالدى. بىز تارىختىن ساۋاق ئالساقلا بولدى.
ئالىملار تىلسىز،تالىپلار يۇرتسىز
جەمىيەت بۇزۇق،قانۇنلار يۈزسىز
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2237
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2237دانە
ئۆسۈش: 7440 %
مۇنبەر پۇلى: 18739 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-09-02
14-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 17:14

  


مەن پەقەت ئاپپاق خوجىنىڭ  جوڭغارلارنىڭ قولى ئارقىلىق يەكەن خاندانلىقىنى ۋەيران  قىلغانلىقىنى ،  ئىسمايىلخاننىڭ قىزىنى قايناۋاتقان مايغا تاشلىغانلىقنى  ،3مىڭ ئۆلىما بىلەن تارىخىي كىتاپلارنى كۈتۈپخانا بىلەن قوشۇپ كۇيدۇرگەنلكىنى ، خەلققە جاھالەتچىلىق ۋە قۇلچىلىق ئىدىيىسىنى سىڭدۇرگەنلىكىنى بىلىمەن ، ئارتۇقمۇ بىلگىم يوق ، مۇشۇنىڭ ئۆزى يىتەرلىك !  
.............................................................
ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ بىلمىگەنسىزھە..........................؟     
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5446
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 160
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە160دانە
ئۆسۈش: 2060 %
مۇنبەر پۇلى: 3338 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2012-09-02
15-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 17:16

     ئاپاق خوجا سېپى ئۆزىدىن بىر سىياسىيون.ئۇ ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدۇ،كاپىرلارنى باشلاپ كېلىپ،پۈتكۈل سەئىدىيە خانلىقىنى قانغا بويايدۇ؛ھوقۇقنى مۇستەھكەملەشتىمۇ وئوخشاشلا ۋاستە تاللىمايدۇ،ئۆزىگە قارشى چىققانلارنى ۋەھشىلەرچە جازالايدۇ،كىتابلارنى كۆيدۈرىدۇ،شاھمەشرەپمۇ ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ،ئاختا قىلىۋىتىلگەن.ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا،مۆئىمىن مۇسۇلمانلارغا خاس بولغان مېھرىبانلىق،كەڭقورساقلىق،ئەپۇچانلىق دېگەن پەزىلەتلەردىن ئەسەرمۇ يوق.ئۇ ۋە ئۇنىڭ سۈلۈكىدىكىلەر ئىسلامىيەتتە چەكلەنگەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى يولغا قويغان.مەسىلەن: مازارلارنى ئۇلۇغلاش،ئۆلۈكتىن مەدەت تىلەش،بەندە بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرسىدا ۋاستە پەيدا قىلىش(يەنى خوجا-ئىشانلارغا مۇرىت بولمىسا ئاللاھنىڭ ھېدايىتىگە ئېرىشەلمەسلىك )دېگەندەك...ئاپاق خوجىدەك ئادەملەرنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ نەسەبىگە چېتىۋىلىش پەيغەمبەر ىمىز (س ئە ۋ  )غا  ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا نىسبەتەن ھۆرمەتسىزلىك بوپ قالامدۇ-قانداق؟!
دوستلىشىش
arkaturuk
ئەركەتۈرۈك
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2013
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 555
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە555دانە
ئۆسۈش: 6420 %
مۇنبەر پۇلى: 10973 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-17
ئاخىرقى: 2012-09-06
16-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 17:30

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 15قەۋەتتىكى kizilkowruk نىڭ 2012-01-25 17:16 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
     ئاپاق خوجا سېپى ئۆزىدىن بىر سىياسىيون.ئۇ ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدۇ،كاپىرلارنى باشلاپ كېلىپ،پۈتكۈل سەئىدىيە خانلىقىنى قانغا بويايدۇ؛ھوقۇقنى مۇستەھكەملەشتىمۇ وئوخشاشلا ۋاستە تاللىمايدۇ،ئۆزىگە قارشى چىققانلارنى ۋەھشىلەرچە جازالايدۇ،كىتابلارنى كۆيدۈرىدۇ،شاھمەشرەپمۇ ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ،ئاختا قىلىۋىتىلگەن.ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا،مۆئىمىن مۇسۇلمانلارغا خاس بولغان مېھرىبانلىق،كەڭقورساقلىق،ئەپۇچانلىق دېگەن پەزىلەتلەردىن ئەسەرمۇ يوق.ئۇ ۋە ئۇنىڭ سۈلۈكىدىكىلەر ئىسلامىيەتتە چەكلەنگەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى يولغا قويغان.مەسىلەن: مازارلارنى ئۇلۇغلاش،ئۆلۈكتىن مەدەت تىلەش،بەندە بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرسىدا ۋاستە پەيدا قىلىش(يەنى خوجا-ئىشانلارغا مۇرىت بولمىسا ئاللاھنىڭ ھېدايىتىگە ئېرىشەلمەسلىك )دېگەندەك...ئاپاق خوجىدەك ئادەملەرنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ نەسەبىگە چېتىۋىلىش پەيغەمبەر ىمىز (س ئە ۋ  )غا  ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا نىسبەتەن ھۆرمەتسىزلىك بوپ قالامدۇ-قانداق؟!


قوللايمەن   
ئەسسالام قېرىنداش يولۇڭ تۈز بولسۇن ،
ياخشى ئىش ئىزلىرىڭ ئىبرەت بوپ قالسۇن .
باشلىغىن دوسلارنى ياخشى يوللارغا ،
بۇنىڭدىن دوسلارمۇ ھەق يولنى تاپسۇن.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 111
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە111دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 860 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-06-15
17-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 17:31

نۇقۇل قانداشلىق مۇناسىۋەت بىر نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. مەسىلەن: نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئوغلى دادىسىغا ئىمان ئېيتقىلى ئۇنىماي، سۇدا غەرق بولۇپ كەتكەندە، نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھتائالاغا: «ئاللاھىم، ئوغلۇم مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن ئىدى...» دېگەندە، ئاللاھ ئۇنىڭغا: «ياق، ئۇ سېنىڭ ئائىلەڭدىكىلەردىن ئەمەس» دېگەن.
يەنە، مەشھۇر ساھابە سالمان پارسىينى كۆپىنچىمىز بىلىمىز. بۇ ساھابە ئەرەب مىللىتىدىن ئەمەس، پارىس مىللىتىدىن ئىدى. بىراق، پەيغەمبىرىمىز «سالمان مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن» دېيىش ئارقىلىق ئۇنىمۇ «ئەھلى بىيت»  قاتارىدا ھېسابلىغان. سالمان بىلەن پەيغەمبىرىمىز قانداش بولۇش تۈگۈل مىللەتداشمۇ ئەمەس ئىدى.
بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنىڭ نەزىرىدىكى «ئائىلەداشلىق، تۇققانلىق» مۇناسىۋىتى ماددىي قانداشلىق مۇناسىۋەتنى ئەمەس، بەلكى مەنىۋى تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.  يەنى، مەنىۋى جەھەتتىن پەيغەمبىرىمىزگە ئەڭ يېقىن بولغان كىشى «سەييىد» بولۇشى مۇمكىن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى ئىمام ھەسەن بىلەن ھۈسەيىننىڭ كۆپ بالىلىرى بولغان ئىكەن. بۇلارمۇ نۇرغۇن مىللەتلەرگە تارقالغان بولۇشى، ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى «ئاللاھىم، مېنىڭ نەسلىمدىن سالىھ كىشىلەرنى چىقارغىن»نى كۆپ ئوقىغان بولسا، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن كەلگەنلەر ھەممىسى سالىھ كىشىلەر، سەييىد ئاتىلىشقا لايىق بولغانلار بولۇشى مۇمكىن... مەنىۋى جەھەتتىن پەيغەمبەرگە ئەڭ يىراق بولغان كىشى گەرچە قۇرەيش قەبىلىسىدىن بولغان ئەرەب بولسىمۇ پەيغەمبەرنىڭ نەسەبى «سەييىد» شەرىپىگە نائىل بولالماسلىقى مۇمكىن.
...................................................
تېما «ئاباق خوجا» تېمىسى بولغاچقا، يۇقىرىقى گەپنى يېزىشقا توغرا كەلدى.
بۇ سىرلىق شەخس ھەققىدە ئىزدەنمەكچى بولغانلار نوقۇل ئۇيغۇرچە رومانلارغا ئېسىلىۋالسا قايمۇقۇپلا ئۆتىدۇ. توغرا مەلۇماتقا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. مەن ئۇنى ئاقلىمايمەن (چۈنكى، دەلىل-ئىسپاتىم يوق). باشقىلاردەك شاتۇتىدەك سايراپ قارىلاپمۇ يۈرمەيمەن. چۈنكى، قىيامەت كۈنى ئاللاھ  قۇلاق، كۆز، ئېغىز،  قول ۋە ھەممە ئەزايىمىز قىلغان ئىشلاردىن چوقۇم ھېساب ئالىدۇ. ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قورقىمەن. ھەر بىرىمىزدە ئاللاھ بەرگەن مۇستەقىل ئەقىل بولغاندىكىن ئويلاپ باقساق بولىدۇ.
خۇيزۇلارنىڭ تارىخىدىكى مەشھۇر شەخس مالەيچى (马来迟)نى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ خەنزۇچە بىلىدىغانلار ئىزدىنىپ بېقىڭلار.
جوڭگۇ تارىخىدا زېمىن ئەڭ كېڭەيگەن، دۆلەت ئەڭ گۈللەنگەن چاغ كاڭشى پادىشاھ (1621-1696) ھوقۇق تۇتقان چاغ بوپتىكەن. ھەتتا كاڭشى ۋاقتىدا دۆلەت زېمىنىنىڭ چاۋشىيەن قاتارلىق جايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا 13 مىليون كوۋادىرات كىلومېتىرغا يەتكەنلىكىنى يازغان تارىخچىلار بار.
ھىدايىتۇللاھ ئىشان 1683-يىلى ئۆلتۈرۈلۈپتىكەن. (يەنى، خوشنىسى كاڭشىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك زامانىدا)
ئۇنىڭ زامانىدا ئىلىم ئەھلىنى قەتلى قىلغانلىقى، كىتاب كۆيدۈرگەنلىكى، جەمىيەتنى ئىنتايىن خانىۋەيران قىلغانلىقىنى سۆزلەيدۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر تارىخچىلار.
خەنزۇچە قۇرئان تەپسىرى (法图麦李静远写的《古兰经》译注 )نىڭ 80-بېتىدە يېزىلىشىچە، كاڭشى 1679-يىلى ئوۋغا چىقىپ خېبىي ئۆلكىسىدىكى بىر ناھىيىگە بارغاندا بىر مىچىتتە قۇرئان تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئوقۇشقا قىزىققان. ئوقۇپ بېرىدىغان ئادەم ئىزدىگەن، ئادەم چىقمىغان. ئەرەپچىنى قىرائەت قىلىپ بېرەلەيدىغانلار چىققان بولسىمۇ، ئەمما مەنىسىنى يىشىپ چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئادەم تاپالمىغان. 1682-يىلى غەربىي يۇرتقا بارغانلاردىن بىرى ئۇنىڭغا قۇرئان سوغات ئېلىپ كەلگەن. (غەربىي يۇرتتىن كەلگەن شەخس مۇسۇلمان). پادىشاھ پايتەخىتتە قۇرئاننى بىلىدىغان كىشىلەرنى شۇنچە ئىزدىگەن، ئەمما چاقىرىلغان كىشىلەر ئوقۇيالىسىمۇ مەنىسىنى دەپ بېرەلمىگەن... بۇ تارىخنى خۇيزۇلار نومۇس قىلىشقا تېگىشلىك، خىجىل بولۇشقا تېگىشلىك تارىخىمىز دەپ قاتتىق ئېچىنىدىكەن...لېكىن، كېيىنكى زامانلاردا تەسەۋۋۇپنىڭ تەسىرىدە خۇيزۇلاردا ئىسلام كۈچەيگەنمىش، بۇنىڭغا 1700-يىللاردىكى مەرىپەتچىلىك، ئاقارتىش پائالىيەتلىرىنى، بۇنىڭغا تەسەۋۋۇپ شەيىخلىرىنىڭ باشچى بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدىكەن. مەسىلەن: مەشھۇر خۇيزۇ ئالىم ۋاڭ دەييۈ 王岱舆 قاتارلىق.  
يەنە 1999-يىلى ياپونىيەدە يەھۇدىيلارنىڭ مۇھەررىلىكىدە يېزىلغان «سۇپىزىم تەرەققىياتىنى تۇسۇش ھەققىدىكى تەشۋىقات پروگراممىسى» 怎么样阻挡苏菲发展的宣传提纲دا سۇپىزىمنى قانداق خۇنۇكلەشتۈرۈش، ھىندى دىنى بۇددا دىنىدىن كەلگەنلىكىنى، يېڭى پىلاتونىزىم ئىدىيىسى بىلەن يۇغۇرۇلغانلىقى، قۇرئان ھەدىسكە خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىش، مۇرشىدلارنى شەرمەندە قىلىش، سۇپىزىمنى يۇقىتىپ بولغاندىن كېيىن ئىسلامنى يۇقىتىش 而达到消灭苏菲、消灭伊斯兰的目的مەقسىدىگە يېتىش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. (تەپسىلاتى ئۈچۈن ماۋۇ يەرگە قاراڭ: http://blog.2muslim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=48859
.............................
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى دوستلار، ئاللاھ بىزگىمۇ مۇستەقىل ئەقىل بەرگەندىكىن، ھەدېسىلا خەقنىڭ توۋلاپ بەرگەن شۇئارلىرىغا ئەگىشىپ يۈرمەي، ئاللاھتىن توختىماي «ئىھدىنەسسىراتەلمۇستەقىيم» دەپ تىلەش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزمۇ ئىزدىنەيلى.
تېما يوللىغۇچى قېرىندىشىمغا رەھمەت ئېيتىمەن.
دوستلىشىش
arkaturuk
ئەركەتۈرۈك
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2013
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 555
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە555دانە
ئۆسۈش: 6420 %
مۇنبەر پۇلى: 10973 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-17
ئاخىرقى: 2012-09-06
18-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 17:34

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى !adiyat نىڭ 2012-01-25 14:42 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ نەسەبنامە تارىخىتىكى ئىشەنچىلىك مەنبەلەردۇر..ئاپپاق غوجامنىڭ پەيغەمبەر ئەۋلادى  ئىكەنلىكىدە شەك يوق..
ھازىرچە بۇ  تالىشىدىغان مەسىلىمۇ  ئەمەس..  مۇھىمى ئاپپاق غوجام راستلا كىشىلەر ئىيتقاندەك شۇنداقمۇ ياكى
زىيانكەشلىككە ئۇچىرغان قارلانغان مۆمىنمۇ؟  
  تارىختا ھەقتە تۇرغان كىشىلەر ئاسەن كىشىلەر  تەرىپىدىن  ياقتۇرۇلمىغان،  نۇرغۇن ئەرزىيەتلەرنى تاتقان، كۆپ  قىسمى قەستلەپ  ئۆلتۈرۈلگەن. رەقىپلىرى تەرىپىدىن  تۆھمەتلەرگە قالغان .



سىز نىمىگە ئاساسەن ئاپپاقنى پەيغەمبەر ئەۋلادى دەيسىز    .DNA نى تەكشۈرگەنما   ،  ياكى ئاپپاق پىرىڭىز چۇشىڭىزگە كىرىپ سىزگە  ئۆزنىڭ پەيغەمبەر ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئىتىپ بەردىمۇ،
ئەسسالام قېرىنداش يولۇڭ تۈز بولسۇن ،
ياخشى ئىش ئىزلىرىڭ ئىبرەت بوپ قالسۇن .
باشلىغىن دوسلارنى ياخشى يوللارغا ،
بۇنىڭدىن دوسلارمۇ ھەق يولنى تاپسۇن.
كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1020
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1020دانە
ئۆسۈش: 190 %
مۇنبەر پۇلى: 10773 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2012-09-03
19-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 17:40

بىر  ئىنسان  ئۆز كەيپىياتىنى مۇقىم تۇتۇپ ..راۋرۇس بىر گەۋدە بوپ  تۇرۇش  ئۈچۈن مەۋجۇتلۇق  ئاساسلىرى:
1.زۆرۈر بىلىم - ئانا تىل
2. مۇقىم مەيدان- ساپ  بۇرمىلانمىغان تارىخ
3.ماددى ئاساس- ئختىساد ، كەسىپ
4.تەقۋادارلىق- پەرىز  ئەمەللەر

مۇشۇنداق  تۇرغۇزۇلغان ئىنسان گەۋدىسى مۇستەھكەم ،ئىرادىلىك ھەم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولىدۇ..
ھازىر ئانا تىلىمىزنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن 1. باسقۇچتىن ئۆتتۇق ئەمدى بىز نۆۋەتتىكى  دۇنيا ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى يەنى ئەمەلى رىئالىقنىڭ قانداقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن  بىزدە ياشاۋاتقان يىرىمىزنىڭ  بۇرمىلانمىغان تارىخ بىلىملىرى بولىشى كىرەك..
ئەتىراپتىكى ئەمەلى ئەھۋالنى ۋە كۈچلەر سىلىشتۇرمىسىنى بىلگەندىن كىيىن  3. قەدەمدە مۇقىم مەۋقەدە   تۇرۇپ ماددىلىقنى ئىقدىسادنى ئۆزىمىزگە بوي  سۇندۇرالايمىز..
مۇستەھكەم مەيدان  ۋە مۇئەييەن ماددىلىق   بىزدە  بولسا  ئاندىن بىز   خاتىرجەم ھالدا تۆتىنجى باسقۇچقا ئۆتىمىز ..
يەنى  تەقۋادارلىقنى  رىياغا  ئەمەس  ،،ۋىجدانىمىز  بىلەن  خالىس  پەقەت  ئاللاغا  قىلىمىز...   دۇئالىرىمىز  شۇندا  ئۆرلەيدۇ..
تۆت كۈن ناماز  ئوقوپ  زىرىكىپ  قالدىغان  ئىشلار  بولمايدۇ..
ئادىيات