باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 860 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىمام ئەھمەدنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 614
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 121 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-16
ئاخىرقى: 2012-02-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 02:15

ئىمام ئەھمەدنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى فىقھى ساھەسىدە چاقنىغان تۆت يۇلتۇز- ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە، ئىمام مالىك، ئىمام شافىئىي ۋە ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەللەرنىڭ تۆتىنچىسى بولۇپ، فىقھى ساھەسىدىكى تۆتىنچى ئېقىم- ھەنبەلىيە ئېقىمىنىڭ ئىمامى. ئۇ ھىجرىيە 164-يىلى رەبىيئۇل ئەۋۋەل ئېيىدا (بۇ مۇبارەك ئايدا رەسۇلۇللاھمۇ تۇغۇلغان) شەيبانىي جەمەتىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەنبەل ئىبنى ھىلال ئىبنى ئەسەد ئىبنى ئىدرىس ئىبنى ئابدۇللادۇر. ئىمام ئەھمەدنىڭ تۇغۇلغان يېرى توغرىسىدا قاراشلار ئوخشاش ئەمەس، بەزى كىشىلەر ئۇنى پارىس تۇپراقلىرىدا تۇغۇلغان، ئىلگىرى ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى شۇ يەردە ئىشلىگەن ئىدى، دېسە، يەنە بەزىلەر، ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدا ئۇلار باغداتقا كەلگەن، بۇ ئىسلام شەھىرىدە تۇغۇلغان، دەپ قارايدۇ. تارىخىي نۇقتىدىن كېيىنكى سۆز كۈچلۈكرەك. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئۆسۈپ يېتىلىشى توغرىسىدا ئۆزى شۇنداق دەيدۇ: «مەن بوۋامنىمۇ، ئاتامنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان!»( شەيخ شاكىر: «مۇسنەد» ؛ 36-بەت). ئۇ خۇددى ئۇستازى ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى يېتىمچىلىكتە چوڭ بولغاندەك، يېتىمچىلىكتە چوڭ بولغانىدى. ئۇنىڭ دادىسى ئىمام ئەھمەد تۇغۇلغان يىلى ئوتتۇز يېشىدا ۋاپات بولۇپ كەتكەن. دادىسى مۇسۇلمان چەۋەندازلىرىدىن ئىدى. تارىخچىلار ئۇنى ئەسكەر بولغان، دەپ قارايدۇ. ئەسمەئىي ئۇ قوماندانمۇ بولغان دەيدۇ(ئىبنى جەۋزى: «مەناقىب ئىمام ئەھمەد»؛ 14-بەت). ئىمام ئەھمەدنىڭ بوۋىسى ھەنبەل ئابباسىيلار سۇلالىسىدا ئەمەل تۇتقان بولۇپ، بۇ سۇلالىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغۇچىلاردىن بىرى ئىدى، شۇ سەۋەبتىن ئىمام ئەھمەد بوۋىسىنىڭ نامى بىلەن «ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل» دەپ ئاتالغان. ئىمام ئەھمەد شەيبانىي جەمەتىدىن بولۇپ، رەسۇلۇللا بىلەن نەسەبتە نىزارغا كەلگەندە ئۇچرىشىدۇ. شەيبانىيلار جەمەتىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ گۈللىنىشىدە ۋە ئەرەب مەدەنىيتىدە ئورنى يۇقىرى ئىدى. ئىمام ئەھمەدنىڭ ھېچقانداق قېرىنداشلىرى يوق ئىدى، ئۇنىڭ پەقەت ئىككى تاغىسى بولۇپ، باغداتتا تۇراتتى، ئۇلار ئابدۇللا ئىبنى ھەنبەل ۋە ئىسھاق ئىبنى ھەنبەلدۇر. ئىسھاق ئىبنى ھەنبەل ئىمام ئەھمەدلەرگە قوشنا ئولتۇراتتى. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ساپ ئەرەب.
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ ئانىسى سەفىيە بىنتى مەيمۇنە بىنتى ئابدۇلمەلىك ئىبنى شەيبان بولۇپ، ئۇنىڭ بوۋىسى ئەبدۇلمەلىك ناھايىتى سېخى، مەرد كىشى ئىدى، قەبىلىلەرنى مېھمان قىلاتتى. ئىمام ئەھمەدنىڭ دادىسى شۇ قەبىلىلەرگە مېھمان بولۇپ كېلىپ، كېيىن سەفىيە بىلەن توي قىلغان. مانا بۇ پاك، ئىپپەتلىك، مېھرىبان ئانا مۆمىنلەرنىڭ دۇنياسىغا ئوغلى ئەھمەدتىن ئىبارەت چوڭ بىر سوۋغىنى بەردى. بۇ ئانا يېتىم ئوغلىغا بارلىقىنى بېغىشلىدى، ئەرەبلەردە تۇل ئاياللارنىڭ ئىپپىتىنى ساقلاش ئۈچۈنمۇ ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن توي قىلىدىغانلىرى جىق ئىدى، بىراق بۇ ئانا ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ مۇشۇ بىر دانە ئوغلى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ياخشى تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن ياشلىق باھارىنى تەقدىم قىلغان. ئۇ مۇشۇنداق جاپالارنى تارتقانلىقى ئۈچۈن، ئوغلى ئىمام ئەھمەد كېيىنكى كۈنلەرگە كەلگەندىمۇ ئۇنىڭ بارلىق گەپلىرىنى ئاڭلايتتى، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلاتتى. ئۇنىڭغا ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلىدە بولاتتى. ئۇ ئاغىنىلىرىگە بىر قېتىم: «ئانام ماڭا 22 يېشىدىن بېرى قاراپ كېلىۋاتىدۇ» دېگەنىدى. بۇ ئايالمۇ ئوغلىنىڭ ئالىم بولۇپ چىقىشىنى بەكمۇ خالايتتى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ تىرىشاتتى. بەلكىم ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ قىرىق يېشىغىچە توي قىلماسلىقى، شۇ جاپاكەش ئانىسىنىڭ ۋاپاتىنى ئېغىر ئالغانلىقىدىن بولسا كېرەك.
ئىمام ئەھمەد ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىلا ئىلىمگە كىرىشىدۇ، ئۇ قۇرئاننى يادلاشنى كىچىك ۋاقتىدىلا تاماملايدۇ. ئۇ ئون تۆت يېشىغا بارماي تۇرۇپ شېئىرىي دىۋانلار بىلەن تونۇشۇشقا باشلىغان، ھەدىسنى ئاڭلاپ يېزىۋېلىشنىمۇ ئۆگىنىۋالغان ئىدى. بەزى مەنبەلەردە ئۇ تۇنجى ھەدىس خاتىرىلەپ يادلىغان ئۇستازى ھۇشەيم ئىبنى بەشىر ۋاسىتى دېيىلگەن. يەنە بەزى مەنبەدە دېيىلىشىچە، ئۇ تۇنجى ھەدىس ئۆگەنگەن كىشى ۋە ئاڭلاپ يېزىۋالغان كىشى ئەبۇ يۇسۇفتۇر. بۇ ھەقتە ئۇ شۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇنىڭدىن تۇنجى بولۇپ ھەدىس خاتىرىلىگەن ئۇستاز ئەبۇ يۇسۇف!»( ئىبنى جەۋزى: «مەناقىب»؛ 33-بەت). يەنە بىر سۆزىدە ئۇ شۇنداق دېگەن: «مەن ھەدىسنى ئون ئالتە يېشىمدا ئۆگىنىشنى باشلىغان، مەن تۇنجى ئۆگەنگەن ئۇستاز ھۇشەيمدۇر»(«ھىليەتۇل ئەۋلىيا»؛ 9 \ 162). ئىمام ئەھمەدنىڭ، ئون ئالتە يېشىدا ھەدىس ئۆگىنىشنى باشلىدىم، دېگىنىگە قارىغاندا، ئەبۇ يۇسۇفنىڭ مەجلىسىگە شۇ ياشلىرىدا قاتناشقان؛ «تۇنجى بولۇپ ھۇشەيمدىن» دېگىنىگە قارىغاندا، ئەبۇ يۇسۇفنىڭ مەجلىسىدە ئۇزۇن زامان بولالمىغان بولىشى مۇمكىن. ئىمام ئەھمەد كىچىك ۋاقىتلىرىدىلا تىرىشچان، تەقۋا، ئىجتىھاتلىق ئىدى، شۇ زاماندىكى ئۇرۇش ئەسكەرلىرىنىڭ خەتلىرى باغداتقا يېتىپ كەلگەندە، ساۋاتسىز خوتۇنلىرى ئۇنىڭغا ئوقۇتاتتى (كىچىك بولغاچقا) ۋە جاۋاب خەت يازغۇزاتتى. بەزى ئاياللارنىڭ ئەرلىرىگە يازغان خېتىدىكى ئىبارە چەكتىن ئېشىپ كەتكۈدەك بولسا، ئۇ دەرھال ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ، چىرايلىق، لەتىف سۆزلەرنى يېزىپ قوياتتى. ئۇ ئەدەب-ئەخلاقى، تەقۋالىقى، تىرىشچانلىقى ۋە زېرەكلىكى بىلەن باشقا بالىلاردىن پەرقلىنىپ تۇراتتى. باي ئاتىلار بۇ ئەدەب-ئەخلاقلىق كەمبەغەل بالىغا ھۆرمەتتە قاراپ قالاتتى. ھەتتا بىر زەردار شۇنداق دېگەن: «مەن بالىلىرىمغا كۆپ پۇل خەجلەيمەن، ئۇستازلارنى تەكلىپ قىلىپ تەربىيە بەرگۈزىمەن، لېكىن ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرمەيمەن، بىراق بۇ يېتىم ئوغۇل ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلگە قاراڭلار، ئۇ قانداقكىن!؟»( «مەناقىب»؛ 21-بەت). تەقۋالىق، زاھىدلىق، تىرىشچانلىق ئىمام ئەھمەدنىڭ كىچىكىدىنلا يېتىلگەن سۈپەتلىرى ئىدى. سەمەرقەندتە شېھىد قىلىنغان داڭلىق زاھىد، تەقۋا ئالىم ئىبراھىم ئىبنى شىماس ئىمام ئەھمەدنىڭ كېچىسى ئىبادەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ شۇنداق دېگەن: «مەن كىچىك تۇرۇپمۇ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ كېچىسى ئىبادەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم». ھەيسەم ئىبنى جەمىل ( بۇ ئادەم باغدادنىڭ بىر مۇھەددىسى) ئۇ توغرىسىدا شۇنداق دېگەن: « بۇ بالا ھازىر بۇنداق ياشىسا، كېيىن ئەھلى زامانىغا ھۆججەت بولىدۇ». بۇ ئادەملەر ئىمام ئەھمەدنىڭ تالانتىنى بۇرۇنلا كۆرۈپ يەتكەندەك ئىدى.
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئىلىمگە شۇ قەدەر كىرىشتىكى، ئىلىم ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ئايلىنىپ كەتتى. ئۇ ۋاقىت تاپسىلا ھەدىس يادلايتتى، ئۇسۇلى فىقھى ئوقۇيتتى، ھەر قانداق ئادەم ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۇنىڭ قەلەم بىلەن دۆۋەتنىلا كۆتۈرۈۋالغىنىنى كۆرەتتى؛ ئۇ دۆۋەتنى(سىياھ قۇتىسىنى) تاكى قەبرىگىچە ئېلىپ كېتىدىغاندەك ئىدى. ئۇ ھەدىسنى يادلاۋاتقاندا، دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئەبۇ يۇسۇفنىڭ مەجلىسىگە قاتناشقان. بۇ ۋاقىتتا ئەبۇ يۇسۇف باغداتتا قازىلارنىڭ قازىسى ئىدى. زامانىسىدىكى ئەڭ زور فىقھى ئالىمى ئىدى. ئۇنىڭ مەجلىسى پۈتۈن باغدادنىڭ ئىلىم ئەربابلىرى بىلەن تولغانىدى. ئەلۋەتتە، بۇ مەجلىس رەي ئەھلىنىڭ پىكرى ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل بالدۇرلا ئەبۇ يۇسۇفنىڭ مەجلىسىگە قاتنىشىپ، رەي ئەھلىنىڭ پىكىرلىرى بىلەن تونۇشقان. كېيىن مەلۇم بىر يىلى باغداتتىكى ئەھلى ئەسەر ۋەكىلى بولغان ھۇشەيم ئىبنى بەشىر ۋاسىتىنىڭ يېنىغا بارغان ۋە ئۇنىڭ ھەلقىسىگە قاتنىشىپ، ئۇنى «ئۇستاز» ۋە «شەيخ» دەپ بىلىپ، باشقا ئۇستازلارنىڭ يېنىغا بارمىغان. بۇ خىل سۈپەت- يەنى، ئۇزۇن مەزگىل بىر ئاساسى ئۇستاز تۇتۇش سۈپىتى ئىلگىرىكى ئىماملاردىمۇ كۆرۈلگەن: ئەبۇ ھەنىيفە ھەممادتتىن شۇنداق ئۇزۇن مەزگىل تەلىم ئالغان؛ مالىك ئىبنى ھۇرمۇزدىن، ئىمام شافىئىي ئىمام مالىكتىن شۇنداق ئۇزۇن تەلىم ئالغان. ھۇشەيم بولسا تەقۋا، پازىل، ئىشەنچلىك، راستچىل كىشى ئىدى. ئەھمەد ئۇنىڭدىن نۇرغۇن ھەدىسلەرنى ئۆگەنگەن ۋە يېزىۋالغان، پەقەت «كىتابۇل ھەج» دېگەن سەھىپىسىگىلا ئۇنىڭ مىڭدەك ھەدىسىنى كىرگۈزگەن. ئۇندىن باشقا بەزى تەپسىر، تەقدىر ۋە باشقا تېمىلاردا ئۇنىڭ ھەدىسلىرىنى ئالغان. ئوغلى سالىھ دادىسىدىن ئۇستازى توغرىسىدا :«(ئۇنىڭدىن ئالغان ھەدىسلەر) ئۈچ مىڭغا يېتەمدۇ؟» دېگەندە، ئۇ:«ئۇنىڭدىن ئاشىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن («باغدات تارىخى» ؛ 4 \ 416). بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ بۇ ئۇستازدا خېلىلا ئۇزۇن تەلىم ئالغان، تارىخى كىتابلاردا مەلۇم بولغىنىدەك، ئىمام ئەھمەد ھەدىسنى ئىسنادى بىلەن يادلاشتا نام قازانغان ئىدى؛ مىڭلاپ ھەدىسلەرنى يادلىغان ئىدى. ئۇ بۇ ئۇستازى ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ: «ھۇشەيم كۆپ تەسبىھ ئوقۇيتتى، ناھايتى سۈرلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، مەسىلىنى پەقەت ئىككى قېتىملا سورىيالايتتىم» («تەھزىبۇت تەھزىب»؛ 11 \ 62). دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، باغدات مىڭلاپ ئۆلىمالار بىلەن تولغانىدى. ھۇشەيم بولسا باغدادلىق ئەمەس، بەلكى ۋاسىتلىق ئىدى. ئۇ باغداتقا كەلگەندە ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ھەلقىسىگە قاتنىشىپ تەلىم ئالغانىدى. ئىمام ئەھمەد ئىلىمنى باشلىغان يىلىدا ئۈچ ئۆلىمادىن دەرس ئالغان بولۇپ، ئۇلار ئەبۇ يۇسۇف، ھۇشەيم ۋە ئەلى ئىبنى ھاشىم ئىبنى بەرىيدى ئىدى. بەرىيدى ئەبۇلھەسەن دەپ ئاتىلىدۇ. بىراق ئىمام ئەھمەد ئەبۇ يۇسۇف بىلەن بەرىيدىدىن ئۇزۇن مەزگىل تەلىم ئالالمىغان؛ بەرىيدى 179-يىلى ۋاپات بولۇپ كەتكەن.
كېيىن ئەھمەد بەسرەنىڭ مۇھەددىسى ۋە چوڭ ئالىمى ئابدۇراھمان مەھدىدىن تەلىم ئالغان. بۇ ھىجرىيە 180-يىلى ئىدى. ئىمام ئەھمەد بۇ ھەقتە شۇنداق دەيدۇ: « مەن ھىجرىيە 180-يىلى ئابدۇراھمان مەھدىنىڭ يېنىغا كەلدىم، ئۇ قىرىق بەش ياشلاردا ئىدى، چوڭ مەسجىدتە ئىدى». ئابدۇراھمان مەھدى ئىراقنىڭ چوڭ ئۆلىماسىدىن ئىدى. بۇ ئادەم ئىمام شافىئىيدىن «رىسالە» ناملىق كىتابنى يېزىشنى تەلەپ قىلغان ئادەم شۇ ئىدى. بۇ ئادەممۇ «ئىمام» دەپ ئاتىلاتتى. سۇفىيان سەۋرى بۇ ئادەمنىڭ ئۆيىدە جان ئۈزگەنىدى. بۇ ئادەم توغرىسىدا ئىمام شافىئىي شۇنداق دېگەن: «مەن بۇ ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا مىسلى يوقمىكى دەپ قارايمەن»( «تەھزىبۇت تەھزىب»؛ 6 \ 281). بۇ ئادەم 180-يىلى باغداتقا كەلگەن بولۇپ، كېيىن يەنە 18 يىل ئۆمۈر كۆرگەن، دېمەك، ئۇ بەسرەگە قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئۇنىڭدىن تەلىم ئالالمىغان.
تەرجىمىھال يازغۇچىلىرى ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىلارنىڭ چوڭلىرىدىن بولغان تۆۋەندىكى زاتلاردىن قىرائەت ۋە قۇرئاننى ئۆگەنگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئۇلار: يەھيا ئىبنى ئادەم، سەئىيد ئىبنى سەباھ، ئىسمائىل ئىبنى جەئفەر قاتارلىقلار . ئىسمائىل ئۆز دەۋرىدە مەدىنىنىڭ ئۇستا قارىسى ئىدى. كېيىن باغداتقا كېلىپ، شۇ يەردە 180-يىلى ۋاپات بولغان. ئەھمەد يەنە ھەدىس يادلىغۇچلاردىن ئەبۇ بەكرى ئىياشتىن تەلىم ئالغان. ئىبنى ھەنبەل بۇ ئادەمدىن دەرس ئاڭلاشقا ھېرىسمەن ئىدى. ئەتتىگەندە ناماز بامداتقىلا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىۋالاتتى. ئەھمەد يەنە داڭلىق ھەدىسشۇناس، زامانىسىنىڭ ھافىزى ئۇمەير ئىبنى ئابدۇللا ئىبنى خالىدتىنمۇ دەرس ئالغان، بۇ ئادەم ھىجرىيە 182-يىلى ۋاپات بولغان. ئەھمەد ھەم باغداتتا بەسرەنىڭ ھافىزى ئەبباد ئىبنى ئەببادتىن دەرس ئاڭلىغان.بۇ ئادەم ھىجرىيە 181-يىلى باغداتتا ئالەمدىن ئۆتكەن(«تەھزىبۇت تەھزىب»؛ 5 \ 95). ئىمام ئەھمەد گەرچە بەسرەگە بېرىپ بۇ ئادەمنى ئىزدىمىگەن بولسىمۇ، ئەھمەدنىڭ ئۇستازلىرىدىن سانىلىدۇ. ئەھمەد گەرچە ۋاقىتلىق زامانىسىنىڭ يەتتە پېشۋاسىدىن- ئەبۇ يۇسۇف، ئەلى ئىبنى ھاشىم ئىبنى بەرىيد بەرىيدى، ئابدۇراھمان ئىبنى مەھدى، ئىسمائىل ئىبنى جەئفەر، ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئىياش، ئۇمەير ئىبنى ئابدۇللا، ئەبباد ئىبنى ئەبباد قاتارلىقلاردىن تەلىم ئالغان بولسىمۇ، بىراق ئاساسلىق ھۇشەيم ئۇنىڭ ئۇستازى بولۇپ قالغانىدى، بۇ ھەقتە ئىمام ئەھمەد شۇنداق دەيدۇ: «مەن ھۇشەيمدىن ئاڭلىغان بارلىق دەرسلەرنى يادلىۋالدىم، ھالبۇكى، ئۇ تىرىكتۇر!» (زەھەبى: «تەرجەمەھال ئىمام ئەھمەد»؛ 62- بەت). ئىمام ئەھمەد بۇ ئۇستازدا تۆت ~ بەش يىل تەلىم ئالغان، ئۇ ھىجرىيە 183-يىلى ۋاپات بولغان.
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەسۇلۇللاھ ھەدىسىنىڭ ئەڭ ياخشى خادىملىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ھەدىس ئۆگىنىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان شەھەرلەرگە بارغان، ئۇ ھەدىس ئۈچۈن شەھەرلەرنى كەزگەن تۇنجى شەخستۇر. ئىراقتىكى ۋاقتىدا بىر نەچچە قېتىم ۋاسىت، كۇفە، بەسرەلەرگە بارغان. ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ھەج قىلىش ئۈچۈن ھىجازغا بەش قېتىم بارغان؛ ھىجازغا ئۈچ قېتىم مېڭىپ بارغان. يەمەنگە بىر قېتىم مېڭىپ بارغان. شام ۋە تۇرسۇسقا بىر قېتىم مېڭىپ بارغان. نەچچە قېتىم ئوغرىغا ئۇچراپ، كېيىملىرىنى ئوغرىغا بەرگەن. يەمەنگە سەپەر قىلغاندا مال-مۈلكى تۈگەپ كېتىپ، ھامماللىق قىلغان. ئۇ مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلارنى تارتىسىمۇ قېرىنداشلىرىنىڭ ياردىمىنى ئالمايتتى، ئۇستازلىرىنىڭ ياردەملىرىنى خىجىل بولۇپ قوبۇل قىلمايتتى. مىسىرغىمۇ ئىمام شافىئىينىڭ يۈزىسىدىن بارغان. ئىمام ئەھمەد كۇفەگە بارغاندا يەھيا ئىبنى ئادەم، ئابدۇراھمان ئىبنى مۇھەممەد، ۋۇكەيئ ئىبنى جەرراھ قاتارلىق ئۆلىمالاردىن تەلىم ئالغان. يەھيا بولسا فىقھى بىلەن ھەدىسكە ماھىر ئىدى. ئىمام ئەھمەد بۇ ئۇستازدىن دوستى يەھيا ئىبنى مەئىن بىلەن بىللەن تەلىم ئالغان، ئۇستازى يەھيا ھىجىريە 203-يىلى ۋاپات بولغان، بۇ ئادەمنىڭ «كىتابۇلخىراج» ناملىق مەشھۇر كىتابى بولۇپ، زامانىمىزدا بېسىلغان. كۇفەدە تەلىم ئالغان ئىككىنچى ئۇستازى ئابدۇراھمان ئىبنى مۇھەممەد مۇھارىبىي بولۇپ، 195-يىلى ۋاپات بولغان. ئۈچىنچى ئۇستازى ۋۇكەيئ ئىبنى جەرراھ بولسا كاتتا ئالىم ، فەقىھ، مۇھەددىس ۋە ھافىز ئىدى. ئۆلىمالارنىڭ ئارىسىدا ئورنى چوڭ ئىدى. ئۇ ئىمام شافىئىينىڭ دوستى بولۇپ، ئىمام شافىئىي بۇ زات ئۈچۈن بېيىتلارنى يازغان. ۋۇكەيئ توغرىسىدا ئىمام ئەھمەد شۇنداق دەيدۇ: «مەن ۋەكەيئتەك ھافىز بىرىنى كۆرمىدىم، ئۇ يادلاشتا، ئىسنادتا، بابلارغا ئايرىشتا بەك ماھىر، ئۇ تەقۋا ۋە كەمتەر». بۇ ئادەم 196-يىلى ھەج سەپىرىگە ئاتلىنىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن ۋاپات بولغان. ئىمام ئەھمەد بۇ ئۇستازدىن مول بىلىم ئالغان بولۇپ بۇ ھەقتە ئوغلىغا شۇنداق دېگەن: « سەن ۋۇكەيئنىڭ قايسى كىتابىنى كۆرسەڭ ئوقۇ! خالىساڭ مەندىن (ئۇنىڭ ھەدىس كىتابىنىڭ) لەپزىنى سورا، ئىسنادى بىلەن دەپ بېرىمەن؛ ئىسنادىنى سورا لەپزى بىلەن دەپ بېرىمەن» (زەھەبىي:« ئىمام ئەھمەدنىڭ تەرجىمىھالى»؛ 63-بەت). ئىمام ئەھمەد بەسرەگىمۇ بەش قېتىم بارغان بولۇپ، بۇ يەرنىڭ ئىلمى ھاۋاسى ياخشى ئىدى، كىشىلەر تىلشۇناسلىق، شېئىرىيەت ۋە باشقا پەنلەردە مۇھاكىمە ئېلىپ باراتتى. بۇ يەردە ھەدىس ساھىبلىرىدىن ئىسمائىل ئىبنى ئەلىيە، ئابدۇراھمان ئىبنى مەھدى، يەھيا ئىبنى سەئىد قاتارلىقلاردىن تەلىم ئالغان. يەھيا بەسرەدە تۇغۇلغان، تابىئىنلارنىڭ چوڭلىرىدىن تەلىم ئالغان: يەنى ئۇبەيدۇللا ئىبنى ئۆمەر، يەھيا ئىبنى سەئىد ئەنسارىي، ھىشام ئىبنى ئۇرۋە، ئىمام جەئفەر سادىق، ئەئمەش، ئىبنى جۇرەيج، مالىك، ئەۋزائىي ، شۇئبە ۋە سۇفيان سەۋرى قاتارلىقلاردىن تەلىم ئالغان. بۇ ئادەم ھىجرىيە 198-يىلى ۋاپات بولغان. ئابدۇراھمان ئىبنى مەھدى بولسا ھەدىس ساھەسىدىكى ئىمام، ھەدىسكە ماھىر . خەتىب باغدادى بۇ زات ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ: «ئۇ بەسرەلىك بولۇپ، باغداتقا كەلگەن، ئۇ يەردە ھەدىس سۆزلىگەن. ئىلىم ساھەسىدە رەببانىي ئالىم، ھاپىز، رىۋايەت ۋە ئەسەرلەردە چاقنىغان شەخس» («مەسدەر» ؛ 240-بەت).
ئىمام ئەھمەد ۋاسىتتىكى يەزىد ئىبنى ھارۇن ئىسىملىك ئۇستازدىنمۇ تەلىم ئالغان. بۇ ئادەمنىڭ ۋاسىتتا نوپۇزى چوڭ بولۇپ، ئىلىم ساھەسىدە شۇ شەھەردە يېتۈك ئىدى. «قۇرئان مەخلۇق» پىتنىسى كەڭ تارقالغان زامانلاردا باغداتتىكى خەلىپە مەئمۇن ئۇنىڭ تەسىرىدىن قورقۇپ، ئۇنىمۇ بۇ ھەقتە پىكرىنى ئېلىپ باقماقچى بولغان، كېيىن بۇ نىيىتىدىن يېنىپ :«مەن يەزىد ئىبنى ھارۇندىن قورقىمەن» دېگەن. بۇ ئىش بۇ زاتنىڭ نوپۇزى ۋە قەدىر-قىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئىمام ئەھمەد ئۇنىڭ ۋاسىتتىكى ھەلقىسىگە قاتناشقاندا ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە ئەمەس، قاتناشقۇچى سۈپىتىدە قاتناشقان. بۇ ھەقتە بىر ئوقۇغۇچى شۇنداق دەيدۇ: «مەن يەزىد ئىبنى ھارۇننىڭ ئىبنى ھەنبەلدەك بىرىنى ھۆرمەتلىگىنىنى كۆرمىدىم»(زەھەبىي:«ئىمام ئەھمەدنىڭ تەرجىمىھالى»؛ 64-بەت). ئىمام ئەھمەد ئۇستازىنى ھۆرمەتلەش بىلەن بىللە ناھايىتى ئەركىن- ئازادە ئىدى. مەككىدىكى بەيتۇللاھىل ھەرام، بۈيۈك ئىشلارغا شاھىد بولغان مەدىنە مۇنەۋۋەرە ھەرقانداق بىر ئىسلامغا ئۆزىنى بېغىشلىغۇچىنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ. چۈنكى بۇ يەرلەر ئىسلام مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن زىننەتلەنگەن. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلمۇ بۇ يەرگە بېرىش ئوتىدا، پەرز ھەجنى ئادا قىلىش ئوتىدا ياناتتى. ئۇ كەئبىدىكى ئەڭ چوڭ ھەلقىنىڭ ئۇستازى سۇفيان ئىبنى ئۇيەينەنىڭ ئۆزىدىنمۇ كىچىك، ياش، بىلىملىك، قۇرەيشلىك ، مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس ئىسىملىك ياش يېگىتتىن تەلىم ئېلىۋاتقانلىقىنى شامالدەك كېلىدىغان خەۋەرلەردىن ئاڭلىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھىجاز دىيارىغا بېرىشقا تەييارلاندى. ئىمام ئەھمەد شۇنداق دەيدۇ: «مەن ھىجرىيە 187-يىلى مەككىگە كەلدىم، ھالبۇكى فۇزەيل (يەنى فۇزەيل ئىبنى ئىياز) ۋاپات بولۇپ كېتىپتىكەن. مەككىدە يەتتە يىل تۇردۇم، بەش قېتىم ھەج قىلدىم، ئۈچ قېتىم مەككىگە مېڭىپ كەلدىم، بۇ قېتىمقى ھەجلەردە (ئاران) ئوتتۇز دىرھەم خەجلىدىم»(زەھەبىي: «ئىمام ئەھمەدنىڭ تەرجىمىھالى»؛ 60-بەت) . ئەھمەد كەمبەغەل بولغانلىقى ئۈچۈن مەككىگە كېلىپ- كېتىپ تۇرغان ۋە بۇ جەرياندا قاراقچىلارغا ئۇچرىغان . ئىمام ئەھمەد مەككىدە پەقەت سۇفياننىڭ ھەلقىسىگىلا قاتناشمىغان؛ بەلكى، مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس شافىئىينىڭ ھەلقىسىگىمۇ قاتناشقان. شافىئىي دەپ ئۆتكىنىدەك مالىك بىلەن سۇفيان ھىجازنىڭ مەشھۇر ئۆلىمالىرى بولسا، سۇفيان مەككىنىڭ ، مالىك مەدىنىنىڭ ئىدى. (سۇفيان توغرىسىدا ئىلگىرىكى ماقالىلەردە چۈشەندۈرۈشلەر يېتەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئارتۇق سۆزلەنمىدى).
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئىمام شافىئىيدىن فىقھى ساھەسىدە ھەدىس ساھەسىگە قارىغاندا كۆپرەك نەپ ئالغان. ھەدىسنى ئۇ سۇفيان ۋە باشقا ئالىملاردىن كۆپ ئۆگەنگەنىدى. ئۇ ئىمام شافىئىيدىن ئەھكام چىقىرىش پىرىنسىپلىرىنى ئۆگەندى ۋە تەتقىق قىلدى. ھەدىس ساھەسىدە ئىمام ئەھمەدنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلمى مول بولۇپ، ئىمام شافىئىي ئۇسۇلى فىقھى پەنى ئارقىلىق ئەھمەدنىڭ فىقھى چۈشەنچىسىنى يېڭىلىغان ئىدى.
ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل يەنە ھەدىس ئىزدەپ سەنئاغىمۇ بارغان، ئۇ ھەدىس ئۈچۈن، ھەدىس ئۆگىنىش ئۈچۈن زېمىننىڭ يىراق جايلىرىغىمۇ باراتتى. بۇ يەردە ئۇ چوڭ ھەدىسشۇناس ئالىم ئابدۇراززاق ئىبنى ھەممام ئەبۇ بەكرى سەنئائىيدىن تەلىم ئالغان، بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش سەپىرىگە دوستى يەھيا ئىبنى مەئىن ئىككىسى زور ئىرادە باغلىغان. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ ئوغلى سالىھ شۇنداق دەيدۇ: «دادام مەككىگە بارماقچى بولۇپ يەھيا ئىبنى مەئىن بىلەن ئۇچراشتى ۋە دېدى: ‹ھەج قىلىمىز، ئاندىن سەنئاغا بېرىپ ئابدۇراززاق بىلەن ئۇچرىشىمىز›. بىز مەككىگە كەلدۇق، ئابدۇراززاق ئۇ يەردە تاۋاپ قىلىۋېتىپتىكەن، يەھيا ئۇنى تونۇيتتى، بىزمۇ تاۋاپ قىلدۇق، كېيىن ئابدۇراززاقنىڭ يېنىغا كەلدۇق، يەھيا ئۇنىڭغا سالام قىلدى ۋە بۇ قېرىندىشىڭ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل دېدى، ئۇ، ئاللا ئۇنى تىرىك قىلسۇن، بۇ توغرىسىدىكى گەپلەرنى ئاڭلىغان، ئاللا ماڭغان يولىدا ساباتلىق قىلسۇن دېدى ۋە كەتمەكچى بولدى، يەھيا(بىزگە)، بۇ ئادەمگە بىر جاي قىلمايمىزمۇ؟دېۋىدى، ئەھمەد باش تارتتى ۋە مەن سەنئاغا بارماقچى بولغان نىيىتىمنى نېمىشقا ئۆزگەرتكۈدەكمەن دېدى، كېيىن مەخسۇس شۇ ئادەمنى ئىزدەپ سەنئاغا سەپەر قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن نۇرغۇن رىۋايەتلەرنى خاتىرە قالدۇردى»(زەھەبىي:«ئىمام ئەھمەدنىڭ تەرجىمىھالى»؛ 61-بەت). ئەھمەد ھەدىس شەرىفكە ئاسانلا ئېرىشىپ قىلىشنى خالىمايتتى، ھەدىس ئۈچۈن قانچىلىك جاپا تارتسا قىممىتى شۇنچىلىك يۈكسەك بولىدۇ، دەپ قارايتتى. شۇڭلاشقا ئۇ يول يىراق، جاپالىق، خەتەرلىك بولسىمۇ، ئۇزۇن يول سەنئاغا ھەدىس ئۈچۈن سەپەر قىلغانىدى. ئىمام ئەھمەد سەنئادا ئىككى يىل تۇردى، بۇ ھەقتە ئابدۇراززاق شۇنداق دېگەن: «ئەھمەد يېنىمىزغا كەلدى ۋە بۇ يەردە ئىككى يىل تۇردى. مەن ئۇنىڭغا:‹ ئى ئەبۇ ئابدۇللا، بۇ نەرسىنى ئالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەنپەئەتلەن، بىزنىڭ بۇ يەردە نە تىجارەت ، نە بىرەر كەسىپ يوق›دېدىم- ئۇنىڭغا دىنارلارنى تەڭلىگەنىدىم- ئەھمەد شۇنداق دېدى:‹رەھمەت، كۈنۈم ياخشى› ئۇ مەندىن (پۇللارنى) ئالمىدى»(«مەسدەر» ؛ 175-بەت). ئەھمەدكە ئۇستازى يەزىد ئىبنى ھارۇنمۇ بەش يۈز دىنارنى تەڭلىگەندە ئالمىغانىدى، ئەمما شۇ ۋاقىتلاردا ساۋاقدىشى ۋە دوستى يەھيا ئىبنى مەئىن ، ئەبۇ مۇسلىم ئۇستازىنىڭ ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلغان. ھالبۇكى، ئەھمەد شۇ دەملەردە ئىقتىسادقا ناھايىتى ئېھتىياجلىق ئىدى. دوستى ئىسھاق ئىبنى راھىۋىي ئۇنىڭغا شۇنداق دېگەن: «خالىساڭ قەرز، خالىساڭ دوستلۇق بولسۇن!» ئۇ يەنىلا ئۇنىڭ پۇل-مېلىنى رەت قىلغان. ئۇ بەزى كۈنلەردە ئاچمۇ قالغان؛ ھەتتا ئايىغىنى ناۋايلارغا رەنىگە قويۇپ نان ئالغان. كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەسۇلۇللاھنىڭ بۈيۈك ھەدىسلىرىنى يىغىش ئۈچۈن ھەرقانداق جاپا-مۇشەققەتكە چىدايتتى. سەنئادا يەنە بىر مۇھەددىس بولۇپ، بۇ زاتنىڭ ئىسمى ئىبراھىم ئىبنى مۇئقىل ئىبنى مۇنەببەھ سەنئائىي ئىدى، ئەھمەد بۇ زاتتىنمۇ ئىلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ زات ئۆزىنىڭ تاغىسى ۋەھب ئىبنى مۇنەببەھتىن تەلىم ئالغان ئىدى(«تەھىزبۇت تەھزىب»؛ 1 \ 146). بۇ قېتىملىق يەمەن سەپىرى ناھايىتى مۇشەققەتلىك بولغان بولۇپ، ئەھمەد مەككە يولى بىلەن قايتقان ۋە ئۆمرە ھەج قىلغان، بىراق مەككىدە ئۇزۇن تۇرمىغان، چۈنكى ئۇستازى سۇفيان ئالەمدىن ئۆتكەنىدى. ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ ئاساسلىق ئۇستازلىرى تۆۋەندىكىچە:
ھۇشەيم ئىبنى بەشىر: ئۇ ھۇشەيم ئىبنى بەشىر ئىبنى قاسىم ئىبنى دىنار بولۇپ، ئەبۇ مۇئاۋىيە دەپ ئاتىلىدۇ، ۋاسىتلىق. بۇ زات ھەدىسكە ماھىر. ئۇنىڭ يىلتىزى بۇخاراغا تۇتىشىدۇ، ئۇ ھىجرىيە 104-يىلى ۋاسىتتا تۇغۇلۇپ، شۇ يەردە ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ھەججاج ئىبنى يۇسۇفنىڭ ئاشپىزى بولغان. شۇڭلاشقا ھۇشەيم جاپادا ئوقۇغان. خۇددى، ئەبۇ يۇسۇفنىڭ دادىسى كەمبەغەل بولۇپ، ئەبۇ يۇسۇفنىڭ ئوقۇشىغا قوشۇلالمىغاندەك، بۇ زاتنىڭمۇ دادىسى ئۇنىڭ ھەدىس ئۆگىنىشىگە قوشۇلمىغان، گەرچە دادىسى قوشۇلمىسىمۇ، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىنى بېرىلىپ ئۆگەنگەن. ئۇ تابىئىن ۋە تەبئى تابىئىنلارنىڭ مۇھەددىسلىرىدىن سانىلىدۇ. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا مەككىگە بېرىپ، رەھرى، ئەمر ئىبنى دىنار، ئەئمەش، يەھيا ئىبنى سەئىد ئەنسارى قاتارلىق ھەدىس ئۇستازلىرىدىن تەلىم ئالغان. ئۇنىڭدىن، مالىك، سۇفيان سەۋرى ، شۇئبە قاتارلىق ئۇستازلار ياشتا چوڭ بولسىمۇ ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئۇنىڭدىن يەنە ئوغلى سەئىد ئىبنى ھۇشەيم، ئابدۇللا ئىبنى مۇبارەك، ۋۇكەيئ ئىبنى جەرراھ، يەزىد ئىبنى ھارۇن، يەھيا ئىبنى سەئىد قەتتان، ئابدۇراھمان مەھدى قاتارلىقلار ھەدىس رىۋايەت قىلغان؛ كېيىنكى تۆتى ئىمام ئەھمەدنىڭمۇ ئۇستازلىرى ھېسابلىنىدۇ. ( باغدات تارىخى: 14-جىلىد؛ 87-بەت). ئۇ كېيىن باغداتقا كۆچۈپ كەلگەن، ئۆز ھەلقىسىنى قۇرۇپ، ھەدىس ئۆگەتكەن، نۇرغۇن ئالىملار ئۇنىڭدىن ياشتا چوڭ بولسىمۇ، ھەدىستىن تەلىم ئالغان، ئۇ ئەبۇ ھەنىيفە، مالىك، لەيس، سەۋرى، ئەۋزائى، شۇئبە قاتارلىق چوڭلار بىلەن دەۋرداش ياشىغان، ئىمام مالىك بۇ زات توغرىسىدا:« ئىراقتا ۋاسىتلىق (يەنى ھۇشەيم) دىنمۇ ھەدىسنى ياخشى سۆزلەيدىغان بىرى بارمۇ؟» دېگەن («تەھزىبۇت تەھزىب»؛ 11\60). ئۇ زور ئىلمى ئەمگەكلەردىن كېيىن، ھىجرىيە 183-يىلى باغداتتا ۋاپات بولغان.
يەزىد ئىبنى ھارۇن: بۇ زاتمۇ ۋاسىتلىق، باغداتقا كۆچۈپ كەلگەن، ئاتا-بوۋىلىرى بۇخارالىق. باغداتتا كۆپ ئادەملىك ھەلقىسى بولغان، ئۇمۇ ھەدىسكە ماھىر ئىدى. ئۇ ۋاسىتقا بېرىپ تۇرغان بولسىمۇ، كېيىن باغداتقا يېنىپ كەلگەن، ئۇنىڭغا يۇرتى ۋاسىت ياخشى كۆرۈنمىگەن، ئۇ يەردە ھەسەتخورلار جىق دەپ قارىغان. ئۇ ھىجرىيە 117-يىلى ۋاسىتتا تۇغۇلۇپ، چوڭ بولغان. كېيىن ئىلىم ئىزدەپ ۋە ھەج قىلىش ئۈچۈن باشقا شەھەرلەرگە بارغان. ھىجرىيە 206-يىلى باغداتتا ۋاپات بولغان. بۇ ئادەم كۆپ ناماز ئوقۇيتتى، چاشگاھ نامىزىنى 16 رەكئەت ئوقۇيتتى، ئۇ ھۇشەيمدەك ئۇزۇن ناماز ئوقۇيدىغانلىقى بىلەن تونۇلغان. ئەھمەد دېگەن زات: «مەن بۇ ئالىمدىنمۇ ياخشى ناماز ئوقۇيدىغان بىرىنى كۆرمىدىم» دېگەن. ئۇ نەپلە نامازنىمۇ جىق ئوقۇيتتى. زامانىسىدا تەسىرى چوڭ ئىدى. ئۇ يولى توغرا بولغان ئالىملاردىن سانىلىدۇ.
ئىبنى ئۇلەييە: بۇ زات ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ بەسرەدىكى ئۇستازى، فەقىھ، مۇھەددىس، ئۇ بەسرەدە ھىجرىيە 110-يىلى تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئانىسى تەقۋا، ئىلىم سۆيەر ئايال ئىدى. ئۇ ئانىسىنىڭ نامى بىلەن ئىبنى ئۇلەييە دەپ ئاتالغان (ئانىسىنىڭ ئىسمى ئۇلەييە). بۇ ئادەم تىجارەتمۇ قىلغان. بۇ ئادەممۇ ھەدىس ساھەسىدە ئىشەنچلىك بولۇپ، ئۇنىڭدىن داڭدار مۇھەددىسلەردىن شۇئبە ئىبنى ھەججاج، ئىبنى جۇرەيج قاتارلىقلار ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئۇنىڭدىن ھەم قۇرداشلىرىدىن ھەمماد ئىبنى زەيد، ئابدۇراھمان مەھدى، بەقىييە ئىبنى ۋەلىد قاتارلىقلار تەلىم ئالغان، داڭلىق ئالىملاردىن ئەھمەد بىلەن شافىئىيمۇ تەلىم ئالغان. بۇ ئادەممۇ ئالىم بولۇشتىن سىرت، تەقۋا، ئابىد، زاھىد كىشى ئىدى، كۆپ تىلاۋەت قىلاتتى، كۈلمەيتتى، ھەتتا 20 يىل دەرسىنى ئاڭلاپ، كۈلۈپ باققىنىنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتقانلار بار.
سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە: بۇ ئادەم سۇفيان سەۋرى بىلەن دەۋرداش بولۇپ، كۇفەدە تۇغۇلغان ھەدىس ئىمامى، ئۇ «ئەبۇ مۇھەممەد» دەپ ئاتىلىدۇ. ئازاتگەردە. يېلتىزى ئەرەب ئەمەس. ئىمام شافىئىي بۇ كىشى ھەققىدە :« ناۋادا مالىك بىلەن سۇفيان بولمايدىكەن، ھىجازنىڭ ئىلمى يوقاپ كېتەتتى» دېگەن. ئۇ كىچىكىدىن تەقۋا ئىدى، ئوتتۇز نەچچە ياشقا كىرگۈچە 27 قېتىم ھەج قىلغان. بۇ زاتتىنمۇ نۇرغۇن مەشھۇر ئالىملار ھەدىس رىۋايەت قىلغان.
ئابدۇرراززاق: بۇ كىشى ئابدۇرراززاق ئىبنى نافىئ ئىبنى ھمىيەرىي بولۇپ، سەنئادىكى ھەدىس ئىمامى. ئىلىمنىڭ خەزىنىسى. نۇرغۇن ئالىملار ئۇنىڭدىن ھەدىس ئۆگىنىمىز دەپ جاي-جايلاردىن كېلىشكەن. بۇ زاتتىن سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە، مۇئتەمەر ئىبنى سۇلايمان قاتارلىق زاتلارمۇ تەلىم ئالغان، ئىسھاق ، يەھيا ئىبنى مەئىن، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدەك ئالىملارمۇ تەلىم ئالغان. ئەھمەد بۇ يۇرتقا كېلىپ، تەلىم ئېلىش جەريانىدا نۇرغۇن مۇشكىلاتلارنى باشتىن كەچۈرگەن. بۇ زاتمۇ ئۆز پەزىلىتى، ئىلمى، نوپۇزى بىلەن ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ چوڭ ئۇستازلىرىدىن بولۇپ قالغان. بۇ ئادەم كىتاب تۈزگەن، يادلىغان، كۆپ دەرس ئۆتكەن كىشى ئىدى، كىتاب تۈزۈش ئىشلىرىدا بۇ ئادەمنىڭ ئەھمەدكە بولغان تەسىرى زور بولغان. بۇ ئادەم ئون يەتتە مىڭ ھەدىس يادلىغان بولۇپ، «جامىئۇل كەبىر» ناملىق كىتابى بار، ئۇنىڭ يەنە «تەفسىرۇل قۇرئانىل كەرىم » ناملىق تەپسىرىمۇ بار.
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل باغدات، ۋاسىت، كۇفە، بەسرە، مەككە، مەدىنە، سەنئا، مىسىر قاتارلىق جايلاردىكى ئۇستازلاردىن تەلىم ئالغاندىن سىرىت، پارىس تىلىنىمۇ بىلەتتى. پارىس تىلى قەدىمىي مەدەنىيەتنىڭ، مول ئىلىمنىڭ خەزىنىسى بولۇپ، ئىمام ئەھمەدنىڭ بۇ يات تىلنى ئۆگىنىشىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقىدىن ئىدى. ئۇ ئەرەب شېئىرىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئەرەب تىلىنىڭ بېيىشىغا، گرامماتىكىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ھەسسە قوشقان. گەرچە ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل شېئىرىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، بىراق ھەدىس بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئىمام شافىئىيدەك كۆپ شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرالمىغان. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ھەر بىر ئىلىمدىن مەلۇم مەلۇماتقا ئىگە بولغان، ھەدىس، فىقھى، تەپسىر، قىرائەت قاتارلىقلارنى ئۆگەنگەن، ھەتتا رەي ئەھلنىڭ فىقھىسى بىلەن ئىلمى كەلامنىمۇ ئۆگەنگەن. بىراق، ئۇ زىيادە ئېھتىياتچان بولغانلىقتىن كېيىنكى ئىلىملەرگە بەك كىرىشىپ كەتمىگەن. پەتىۋا بەرگەندىمۇ ئىمام مالىكتەك زىيادە ئېھتىيات يولىنى تۇتقان.
ئۇ يەمەننىڭ قازىلىقىنى رەت قىلغان، ئۇ يەمەنگە بىر قېتىم مېڭىپ بارغان، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ قورسىقى ئاچ ئىدى، ئۇ ھىجاز، جەزىرە، شام قاتارلىق يەرلەرگىمۇ مېڭىپ بارغانىدى. ھەقىقەتەن ئۇ بىر ئىمام بولۇشقا، بەلكى ئەھلى زامانىغا ھۆججەت بولۇشقا لايىق كىشى ئىدى، ئۇنىڭدىن خۇددى ئۇستازلىرى ئابدۇراھمان ئىبنى مەھدى، ۋۇكەيئ ئىبنى جەرراھ، يەھيا ئىبنى ئادەم، يەزىد ئىبنى ھارۇن قاتارلىقلار تەلىم ئالغاندەك(«تەھزىبۇت تەھزىب»؛ 1\72) ، تەڭتۇشلىرىدىن يەھيا ئىبنى مەئىن، ئەلى ئىبنى مەدىينىي، ئەبۇ قۇدامە، زىياد ئىبنى ئەييۇب، مۇھەممەد ئىبنى يەھيا ئىبنى ئەبى سەمىينە، ئابدۇراھمان ئىبنى ئىبراھىم قاتارلىقلار ئىلىم رىۋايەت قىلغان. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ئابدۇللا بىلەن سالىھمۇ ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان. شاگىرىتلىرىدىن بولسا ئەبۇ بەكرى، ھەرمەلە ئىبنى كىرمانى ، بەقى ئىبنى مۇخلىد، ھەنبەل ئىبنى ئىسھاق ، شاھىن ئىبنى سەمى، مەيمۇنى ۋە باشقىلار تەلىم ئالغان. ئىمام ئەھمەد ئاساسى ئىلىملىرىنى قىرىق يېشىدىن بۇرۇن ئىگىلەپ بولغان.
ئىمام ئەھمەد يېشى قىرىققا يەتكەندە باغداد مەسجىدىنىڭ ھەلقىسىنىڭ ئىگىسى بولغان، ئۇ ھەدىسلەرنى ئىسنادى بىلەن قوشۇپ يادلىغانىدى. بىرمۇ ھەدىسنى خاتا دەپ قويمايتتى. ئۇ يادلىغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى خاتىرىلىگەن ئىدى. ئۇنىڭ ھەلقىسىدە بارلىق ئادەملەر ئوخشاش دەپ قارىلاتتى، كەمبەغەل- باي بولسۇن، ياكى مۇساپىر-شەھەرلىك بولسۇن ئوخشاش ئىدى. ئۇ ھەممىسىگە ئوخشاش تەلىم يەتكۈزەتتى. ئىمام زەھەبىي ئەھمەدنى ئىمام شافىئىينىڭ شاگىرتى ھەرمەلەنىڭ تىلى بىلەن شۇنداق سۈپەتلىگەن: « دەۋرنىڭ ئالىمى، زاماننىڭ تەقۋاسى، دۇنيانىڭ مۇھەددىسى، ئىراقنىڭ مۇفتىسى، سۈننەتنىڭ ئىلمى، مېھنەتكە ئۆزىنى بېغىشلىغۇچى، كۆزلەر ئۇنىڭ ئوخشىشىنى ئاز كۆرگەن، ئىلىم ۋە ئەمەلدە باش، سۈننەتكە ئېسىلغان، ئۆتكۈر ئەقىللىق، پۇختا ئىخلاسلىق، ئاللاھ تائالادىن قورقىدۇ، زېرەك ۋە تەبىئى تالانتلىق، ھاپىز ۋە چۈشەنچىسى يۇقىرى، ئىلمى مول». مانا بۇ سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىمام ئەھمەدكە لايىق ئىدى. بۇ ئادەم ئېگىز بوي، چىرايلىق يۈزلۈك، ساقىلى قاپقارا، ئاق كېيىم كېيىدىغان كىشى ئىدى («باغدات تارىخى»؛ 4\416) . ئىمام ناھايىتى پاكىز يۈرىدىغان، تازىلىققا ئالاھىدە رېئايە قىلىدىغان، چاچ-ساقاللىرىنى جايىدا تۇتىدىغان كىشى ئىدى. ئۇ ئىنتايىن سۈرلۈك، ھەيۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ شاگىرىتى قاسىم ئىبنى سالام شۇنداق دېگەن: مەن ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدىنمۇ قورققاندەك بىرىدىن قورقۇپ باقمىدىم(«باغدات تارىخى»؛ 9\ 166).
ئىمام ئەھمەد پەقەت قىرىق ياشتىن ئاشقاندىلا توي قىلغان. بۇنىڭ بىردىنبىر سەۋەبىنى، ئۇ ئىلىم ئىگىلەش يولىدا ئۆزىنى بېغىشلىغان دەپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. ئۇ ئانىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىگە بېغىشلاپ، كۆپ سەپەرلەرنى قىلغان. كېيىن ئۇ ئەباسە ئىبنى فەزل بىلەن توي قىلغان، ئۇ باغداتلىق ئەرەب قىزى ئىدى. بۇ ئايال ئىمام ئەھمەد بىلەن ئوتتۇز يىلغا يېقىن ياشىغان. بۇ ئايالدىن سالىھ دېگەن ئوغلى تۇغۇلغان. ئىمام ئەھمەدنىڭ شاگىرىتى شۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەبۇ ئابدۇللاھنىڭ –يەنى ئەھمەدنىڭ – شۇنداق دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم: مەن ئۇممۇ سالىھ بىلەن ئوتتۇز يىل ئۆي تۇتتۇم، ئۇنىڭ بىلەن بىرەر ئېغىزمۇ تاكاللىشىپ قالمىدىم.»(زەھەبى: «ئىمام ئەھمەدنىڭ تەرجىمىھالى»، 86-بەت) . ئۇممۇ سالىھ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇ ئىككىنچى ئايالى رەيھانە بىلەن توي قىلغان، ئۇنىڭدىن ئوغلى ئابدۇللا تۇغۇلغان، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندە، بىر دېدەك سېتىۋالغان، ئۇنىڭ ئىسمى ھۇسنى ئىدى، بۇ دېدەكتىن زەينەپ دېگەن قىزى تۇغۇلغان، كېيىن ھەسەن بىلەن ھۈسەيىنمۇ تۇغۇلغان بولۇپ، تۇغۇتىدىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن، كېيىن بۇ دېدەك ئۇنىڭغا ھەسەننى، مۇھەممەدنى ۋە سەئىدنى تۇغۇپ بەرگەن. ئىمام ئەھمەدنىڭ ئۈچ ئايالدىن ئالتە ئەۋلاد ياكى بىر قىز، بەش ئوغۇل قالغان. ئۇلاردىن سالىھ بىلەن ئابدۇللا فىقھى ئىلمىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، سەئىد بولسا كېيىن كۇفەنىڭ قازىسى بولغان.
ئىمام ئەھمەد تەقۋالىقتا مەشھۇر بولۇپ، رەسۇلۇللاھقا چىڭ ئېسىلغان، دائىم ئۆلۈمنى ياد ئېتىپ تۇرىدىغان، يېگەن -ئىچكىنىگە بەك دىققەت قىلىدىغان كىشى ئىدى، ئۇ دائىم ناماز ئوقۇيتتى، ئىلىم ئۆگىنەتتى، ھەدىس بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە سۈننەتكە بەك ئەمەل قىلاتتى. ئۆزى كەمبەغەل، جاپادا ياشىغان بولسىمۇ بېخىللاردىن ئەمەس ئىدى، يېتىم –يېسىرلارغا ئېھسان قىلاتتى. ئۇنىڭ زاھىدلىقى، يەنى مال-دۇنيانى دوست تۇتمىغانلىقىمۇ مەشھۇر، ئۇ نۇرغۇنلىغان ھەدىيە، سوۋغاتلارنى رەت قىلغان، ئۇستازلىرىنىڭ ۋە دوستلىرىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلمىغان. شاگىرىتلرىدىنمۇ ھەق ئالمىغان. ئۇ كىشىلىك مۇناسىۋەت ئەخلاقلىرىغا، ئىجتىمائى ئەخلاققا بەك رېئايە قىلاتتى.
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئاللا تائالا ھەققىدە:« ئاللاھ قەدىمىيدۇر، ئۇنىڭ ئەۋۋىلى يوقتۇر، شۇنداق بولغانىكەن، ئۇنىڭ سۈپەتلىرىمۇ شۇنداق. قۇرئان- ئاللاھنىڭ كالامى، مەخلۇق ئەمەس»دەپ قارايتتى. شۇ زامانلاردىكى مۇئتەزىل ئەقىل ئېقىمىنىڭ پىتنىسى بولغان «قۇرئان- مەخلۇق» پىتنىسى بۇ زاتنىڭمۇ بېشىغا نۇرغۇنلىغان تالاپەت، ئېغىرچىلىقلارنى سالغان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئۇزۇن زامانلار زىنداندا ياتقان، بۇ زات ئۇنىڭغا ناھايىتى سەۋرچان بولغان ئىدى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئەقىدىۋىي مەيدانىدىن يانمىغان ئىدى. بۇ جەھەتتە ئۇ بارلىق ئەھلى ئىسلامغا ئۈلگە بولۇشقا لايىق. «قۇرئان -مەخلۇق» پىتنىسى ناھايىتى چوڭ بىر ئىش بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئۆلىمالارنىڭ بېشىغا چىققان، بۇ ئىش ئىسلام دۇنياسىنى نەچچە يۈز يىللاپ ئاۋارىچىلىققا سالغان. ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدا كۆرگەن ئازابلىرى ۋە ئۇنىڭ قۇرئاننى مەخلۇق دېگۈچىلەر بىلەن بولغان مۇنازىرىلىرى ئۇزۇن جەريانلار بولۇپ، بۇ يەردە پەقەت سۇلايمان سەجزىنىڭ ئۇ ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىمىز: «تەبەقاتۇل ھەنابىلە» ناملىق كىتابنىڭ بىرىنچى جىلىد، 164~167 بەتلىرىدە ئۇ شۇنداق بايان قىلغان: «خەلىپە مۇئتەسىمنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدىم، كىشىلەر خۇددى ھېيت كۈنىدە يىغىلىشىۋالغاندەك ئۇ يەرگە توپلىشىۋالغانىدى. قەسىر ئىچىگە كىردىم، كەڭرى بىسات سېلىنغانىدى. تەختنىڭ ئۇدۇلىدا تۇردۇم. مەن ئۆرە تۇرغان ۋاقتىمدا خەلىپە مۇئتەسىم كىرىپ، تەختتە ئولتۇردى... ئاندىن شۇنداق دېدى: ‹ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ھازىر بولدىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىڭلار!› ئەھمەد ھازىر بولغاندا ئۇنىڭغا سالام قىلدى، ئۇنىڭغا شۇنداق دېدى: ‹ئى ئەھمەد، سۆزلە، قورقما!› ئەھمەد شۇنداق دېدى: ‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى ئەمىرۇل مۇئمىنىن! سېنىڭ يېنىغا كىرىپتىمەن، ئەمما قەلبىمدە مىسقالچىلىق قورقۇنچ يوق!› مۇئتەسىم ئۇنىڭغا شۇنداق دېدى: ‹قۇرئان توغرىسىدا نېمە دەيسەن؟› ئەھمەد شۇنداق دېدى: ‹ئۇ ئاللاھنىڭ كالامى، قەدىمىيدۇر، مەخلۇق ئەمەستۇر! ئاللاھ تائالا شۇنداق دېگەن: ئەگەر مۇشرىكلاردىن بىرەر كىشى سەندىن ئامانلىق تىلىسە، تاكى ئۇ ئاللاھنىڭ كالامىنى (يەنى قۇرئاننى) ئاڭلىغانغا ( يەنى پىكىر قىلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقىتىگە يەتكەنگە) قەدەر، ئۇنىڭغا ئامانلىق بەرگىن(سۈرە تەۋبە، 6-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)›. مۇئتەسىم ئۇنىڭغا شۇنداق دەيدۇ: ‹سېنىڭ بۇ ئايەتتىن باشقا دەلىلىڭ بارمۇ؟› ئەھمەد:‹ھەئە› دەپ شۇنداق دەيدۇ: ‹ئاللا قۇرئاندا : مېھرىبان ئاللا. قۇرئاننى تەلىم بەردى (ئۇنى ھىپزى قىلىشنى ۋە چۈشىنىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى)(سۈرە رەھمان، 1-2 ئايەتلەر) دېگەن، ‹مېھرىبان ئاللا. قۇرئاننى ياراتتى› دېمىگەن. ئاللا قۇرئاندا يەنە: ياسىن، ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى، دېگەن. ياسىن، مەخلۇق بولغان قۇرئان بىلەن قەسەمكى، دېمىگەن›. مۇئتەسىم ئۇنىڭغا شۇنداق دەيدۇ: ‹ ئۇنى ھەپسىگە ئېلىڭلار!› كىشىلەر تارقاپ كېتىدۇ. ئەتىسى ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىغا يەنە كەلدىم، كىشىلەر كىرىپ كېتىۋېتىپتۇ، مەنمۇ ئۇلار بىلەن بىللە كىردىم. مۇئتەسىمگە قاراپ تۇردۇم، ئۇ تەخىتتە ئولتۇراتتى. ئۇ:‹ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنى كەلتۈرۈڭلار!› دېدى، ئۇ كەلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، مۇئتەسىم: ‹ھەپسىدە قانداق تۇرۇپسەن، ئەھمەد؟› دەپ سورىدى، ئۇ :‹ئاللاھقا شۈكرى، ئەلھەمدۇلىللا، پەقەت ئەمىرۇل مۇئمىنىن، ھەپسىدە ئاجايىپ بىر ئىشنى كۆرۈپتىمەن› دېدى. خەلىپە: ‹نېمىنى كۆردۈڭ ؟› دېۋىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ‹يېرىم كېچىدە تۇردۇم، نامازغا تاھارەت ئالدىم. ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدۇم، بىرىنچى رەكئەتتە ئەلھەمدۇ ۋە قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىنناسنى ، ئىككىنچىسىگە ئەلھەمدۇ بىلەن قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل فەلەقنى ئوقۇدۇم، ئاندىن ئولتۇردۇم، تەشەھھەت ئوقۇدۇم، سالام قىلدىم، كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ تەكبىر ئوقۇپ، ئەلھەمدۇدىن كېيىن قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەدنى ئوقۇماقچى بولدۇم، بىراق بۇ سۈرىنى ئوقۇيالمىدىم، قۇرئاندىن باشقا سۈرىنى ئوقۇماقچىمۇ بولدۇم، ئوقۇيالمىدىم. كۆزۈمنى تۈرمىنىڭ ئەتراپىغا تىكتىم، قۇرئان ئۈستىگە بىر نەرسە يېپىلغان ھالدا مېيىت بولۇپ تۇراتتى، ئۇنى يۇيۇپ كېپەنلەپتىمەن، ئۇنىڭغا جىنازا ئوقۇپ، دەپنەپ قىپتىمەن›، خەلىپە بۇنى ئاڭلاپ شۇنداق دېدى: ‹ھالىڭغا ۋاي، ئى ئەھمەد، قۇرئان ئۆلۈپتۇ!؟› ئەھمەد شۇنداق دېدى: ‹شۇنداق، سىز قۇرئاننى مەخلۇق دەيسىز ئەمەسمۇ؟ ھەر بىر مەخلۇق ئۆلىدۇ!› مۇئتەسىم شۇنداق دېدى: ‹سېنى ئوبدان جازالايمىز!› ئىبنى ئەبۇ دۇئاد بىلەن بەشىر: ‹ئۇنى ئۆلتۈرگىن، ئۇنىڭدىن قۇتۇلايلى!› دېيىشتى. خەلىپە: ‹مەن ئاللاھقا ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرمەسلىككە ئەھدە قىلغان› دېۋىدى، ئىبنى ئەبۇ دۇئاد شۇنداق دېدى: ‹ئۇنداقتا ئۇنى قامچىلا!› خەلىپە:‹بولىدۇ›دەپ ئۇنى ئۇرۇشقا بۇيرىدى...»
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدىن ئۇستازلىرىمۇ تەلىم ئالغان بولۇپ، ئىمام ئەھمەد مەككە ۋە باغداتتا شافىئىيدىن، بەسرەدە ئابدۇراھمان مەھدىدىن، كۇفەدە ۋۇكەيئ ئىبنى جەرراھتىن، ۋاسىتتا يەزىد ئىبنى ھارۇندىن، سەنئادا ئابدۇراززاق ھەممامدىن تەلىم ئالغان ئىدى، مانا بۇ ئۇستازلار خۇددى ئەھمەد ئۇلاردىن تەلىم ئالغىنىدەك، ئۇلارمۇ ئەھمەدتىن بىلمىگەن نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن ئىدى. ئىمام ئەھمەدتتىن فىقھى ۋە ھەدىس ساھەسىدە يەنە ئىشەنچلىك ھاپىز، ئۆلىمالاردىن تۆۋەندىكىلەرمۇ تەلىم ئالغان: قۇتەيبە ئىبنى سەئىد، داۋۇد ئىبنى ئۆمەر، خەلف ئىبنى ھىشام. تەڭتۇشلىرىدىن تەلىم ئالغانلار: يەھيا ئىبنى مەئىن، ئەلى ئىبنى مەدىينى، ھۈسەيىن ئىبنى مەنسۇر، ئەبى قۇدامە قاتارلىقلار. ئالتە مەشھۇر ھەدىسشۇناسلاردىن تۆۋەندىكىلەر ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان: ئىمام بۇخارىي، ئىمام مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد.
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنى پۈتكۈل مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى بىردەك ئىسلام دۇنياسىنىڭ يولباشچىسى دەپ قارايدۇ. ھافىز مۇھەددىس ئەھمەد سەلمە ئۇ توغرىسىدا شۇنداق دېگەن:«ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ يولباشچىسى»(«ئىسلام تارىخى»؛ مۇسنەدنىڭ مۇقەددىمە قىسمى، 65-بەت). شۇنىڭدەك ئىبنى سەلمە ئۇنى ئىشەنچلىك ھەدىس ئۆلىماسى قاتارىدا قارايدۇ، ئۇنىڭ ھەدىس ساھەسىدىكى ئورنىنى سەھىھ مۇسلىم، سەھىھ بۇخارىلار بىلەن ئوخشاش، دەپ قارايدۇ. قۇتەيبە ئىبنى سەئىد دېگەن ھەدىسشۇناس، فىقھىشۇناس ئالىم ئۇنى «دىنىمىزنىڭ قوغدىغۇچىسى، بىدئەتلەرگە قارشى تۇرغۇچى، ئىمام شافىئىيدەك، ئەۋزائىيدەك سۈننەتلەرنى تىرىلدۈرگۈچى» دەپ ئاتىغان. قۇتەيبە يەنە شۇنداق دېگەن: «ئىمام ئەھمەدنىڭ ئۆلىمى-بىدئەتلەرنىڭ باشلانغىنى؛ ئىمام شافىئىينىڭ ئۆلۈمى-سۈننەتلەرنىڭ ماتىمى؛ ئىمام سەۋرىنىڭ ئۆلۈمى- تەقۋالىقنىڭ ئۆلۈمىدۇر!» ھەدىسشۇناس يەھيا ئىبنى مەئىن ئىمام ئەھمەدنى ئىمام دەپ قاراپ ئۇنىڭغا ئەگەشكەن. ئىمام ئەھمەد فەقىھلەرنىڭ تۈۋرۈكى، ھاپىزلارغا ھۆججەت، مۇھەددىسلەرنىڭ ئالدى، ھەممە ساھەدىكى يولباشچى ئىدى.
ئىمام ئەھمەد فىقھى ساھەسىدىكى مەشھۇر تۆت ئالىمنىڭ ئاخىرقىسى بولۇپ، فىقھىشۇناھلىق يولىدا ئۆزىگە خاس يول تۇتقان، گەرچە ئۇستازلىرى ئارىسىدا رەي ۋە قىياسنى ئاساس قىلىدىغانلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ ئىككىسىنى باتىل دەپ قارىغان. ئۇنى سەلەفلەرنىڭ ئىشى قاتارىدىن چىقىرىۋەتكەن. ئۇنىڭ فىقھى ساھەسىدىكى قاراشلىرى تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلىنىدۇ: «دىن دېگەن- ئاللاھنىڭ كىتابى، سۈننەتلەر، ئەسەرلەر،سەھىھ رىۋايەتلەردۇر. بۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى تەستىقلايدۇ. بۇلار ئاخىرىدا رەسۇلۇللاھ، ئۇنىڭ ساھابىلىرى، تابىئىنلار ۋە تەبىئى تابىئىنلارنىڭ قاراشلىرىغا بارىدۇ، ئۇلاردىن ئەگىشىش زۆرۈر بولغان ئالىملار بار. ئۇلارنىڭ سۈننىتىگە، ئەسەرلىرىگە چىڭ ئېسىلىشىمىز كېرەك. ئۇلار بىدئەت بىلەن تونۇلمىغان، يالغانچىلىقتا ئەيىپلەنمىگەن، قىياس ۋە رەي ئەھلى بولمىغان. دىندا قىياس قىلىش باتىلدۇر. رەي ۋە قىياس ئەھلى ئازدۇرغۇچى بىدئەتچىدۇر. پەقەت ئىلگىرىكى سەلەف ئۆلىمالاردىن قالغان ئەسەرلەرگە مۇۋاپىق بولغان قىياسلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا»(«تەبەقات ھەنابىلە»؛ 1\31). ھەنبەلىيە فىقھى ئېقىمىنىڭ ئەھكام چىقىرىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىلەرنى مەنبە قىلىدۇ: بىرىنچى ، ئاللاھنىڭ كىتابى؛ ئىككىنچى، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى؛ ئۈچىنچى، ساھابىلەرنىڭ پەتىۋاسى؛ تۆتىنچىسى، قىياس. يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەندەك ئىمام ئەھمەد قىياسنى باتىل دەپ قارىغان، ئۇنىڭغا كۆپ بېرىلمىگەن. پەقەت ئىلگىرىكى سەلەپ ئۆلىمالارنىڭ پىكرىگە ئۇيغۇن بولسا،بۇنىڭدىن مۇستەسنا قىلغان. ئىمام ئەھمەد يەنە قوشۇمچە ئۇسۇللارنى ئاساس قىلسىمۇ، لېكىن ئىجمائ ئۇسۇلىنى ئاساس بولۇشىغا قارىماي قوللانمىغان.
ھەنبەلىيە تارىخ كىتابلىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل يازغان كىتابلار: «مۇسنەد»- بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ كىتابى، « تەپسىر»، «ناسىخ ۋە مەنسۇخ»، «شۇئبەنىڭ ھەدىسى»، «ئاللاھنىڭ كىتابى توغرىسىدا: مۇقەددىمە ۋە خاتىمە»، «قۇرئاننىڭ جاۋابلىرى»، «مەناسىكۇل كەبىر»، «مەناسىكۇس سەغىير»... قاتارلىقلار، بۇ كىتابلارغا يەنە«مەسدەر» ناملىق كىتابمۇ قوشۇلىدۇ. «توپلاملار» ناملىق كىتابىمۇ بار («تەبەقات ھەنابىلە»؛ 1\183). ئەمما بىزگە يېتىپ كەلگەن ۋە زامانىمىزدا بېسىلغان ئۇنىڭ كىتابلىرى تۆۋەندىكىچە: «مۇسنەد»، «كىتابۇس سەلات»- بۇ بىر كىچىك كىتابچە، «كىتابۇس سۇننە»- بۇ بىر كىچىك رىسالە، «كىتابۇل ۋەرەئ»، «كىتابۇز زۇھد»... قاتارلىقلار. يەنە ئەبۇ داۋۇد سىجىستانى جەملىگەن «ئىمام ئەھمەد مەسىلىلەر توپلىمى»مۇ بار، بۇنى ئۇستاز رەشىد رىزا نەشىر قىلغان. ئۇنىڭ يەنە «جۇھەمىيلەرگە رەددىيە» ناملىق كىتابى بار.
مۇسنەد: بۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ مەڭگۈلۈك ئابىدىسى بولۇپ، ئەڭ مۇھىم كىتابى. بۇنى ئۇ ئۇزۇن يىللار تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يېزىپ چىققان. ئۇ ئوتتۇز نەچچە مىڭ ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزىلەر ئۇنىڭدىكى ھەدىس قىرىقمىڭغىمۇ يېتىپ قالىدۇ، دەيدۇ. بەزى شەرقشۇناسلارمۇ ئۇنى ئوتتۇز نەچچە مىڭدىن تۆۋەنرەك مۆلچەرلىگەن. بۇ كىتاب ئىسلام دۇنياسىدا، بولۇپمۇ ھەدىس ئالىملىرى ئارىسىدا ئالاھىدە مۆئتەبەر بولۇپ، كۆپ تەتقىق قىلىنغان. بەزى ئالىملار بۇ ھەدىس توپلىمى توغرىسىدا مەخسۇس تەتقىقات كىتابلىرىنى تۈزگەن . مەسىلەن، بىرىنچى، بۇ توغرىسىدا ھافىز ئەبى مۇسا مەدىينىنىڭ «خەسائىسۇل مۇسنەد» ناملىق كىتابى بار (بۇ ئادەم ھىجرىيە 581-يىلى ۋاپات بولغان)؛ ئىككىنچى، شەمسۇددىن ئىبنى جەزەرىنىڭ «مىسئەدۇل ئەھمەد» ناملىق كىتابى بار (ئۇ ھىجرىيە 833-يىلى ۋاپات بولغان)؛ ئۈچىنچى، ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىينىڭ «قەۋلۇل مۇسەددەد فىز زەببى ئەنىل مۇسنەد» ناملىق كىتابى بار ( بۇ ئادەم ھىجرىيە 852-يىلى ۋاپات بولغان )؛ تۆتىنچى، مۇھەممەد سىبغەتۇللا ھىندىينىڭ «زەيلۇل قەۋلىل مۇسەددەد» ناملىق كىتابى بار( بۇ ئادەم ھىجرىيە 1300-يىلى ۋاپات بولغان). كېيىنكى ئىككى كىتاب ھەيدەرئاباتتا بېسىلغان. شەيخۇل ئىسلام تەقىييۇددىن ئىبنى تەيمىييە (728-يىلى ھىجرىيە ۋاپات بولغان)، ئىككى شاگىرىتى ھافىز شەمسۇددىن ئىبنى قەييۇم جەۋزىيە (751-يىلى ۋاپات بولغان ) ، ئىمادۇددىن ئىبنى كەسىر (ھىجرىيە 774-يىلى ۋاپات بولغان) قاتارلىقلار ھەنبەلىيە فىقھى ئېقىمىدىكى مەشھۇر ئالىملاردۇر. ئۇلار ئىمام ئەھمەدتىن كېيىن ئىسلام ئۈچۈن نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقان شەخسلەردۇر.
ئىمام ئەھمەدنىڭ ھەلقىسى ئالىملار، مۇھەددىسلەر، فەقىھلەر يېتىشىپ چىققان ئىسلام دۇنياسىغا زور تۆھپە قوشقان مەدرەسەدۇر. فىقھى ساھەسىدە خۇددى ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە ۋە ئىمام شافىئىيلارنىڭكىدەك تەسىرى زور بولغان بۇلاق مەنبەسىدۇر. مانا بۇ بۇلاقنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ شاگىرىتلىرى ئۇنىڭدىن ھەدىس، تەپسىر، فىقھى، گرامماتىكا،شېئىرىيەت... قاتارلىق پەنلەرنى ئوقۇغان. رەسۇلۇللاھنىڭ ئىش-ئىزلىرى، ساھابىلەرنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىققان. ئۇلۇغ ئالىم ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ شاگىرىتلىرىنىڭ سانى جىق بولۇپلا قالماي، ئىسلام دۇنياسىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرىمۇ بەك زور بولغان. شۇڭا بۇ ساھەدە ئۇنى ئالاھىدە تىلغا ئالماي بولمايدۇ. ئۇلار:
بىرىنچى، ئەبدۇلمەلىك مەيمۇنىي: بۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ مەجلىسىدىكى تەسىرى چوڭ شاگىرىتى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئون يەتتە يىل ئەگەشكەن. ئۇ ھىجرىيە 200-يىلدىن ھىجرىيە 217-يىلىغىچە ئىمام ئەھمەدتتىن تەلىم ئالغان («تەھزىبۇت تەھزىب»؛ 6\400). ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبدۇلمەلىك ئىبنى ئەبدۇلھەمىد ئىبنى مەيمۇن ئىبنى مىھران جەزەرىي. ئۇ ھىجرىيە 181-يىلى تۇغۇلۇپ، ھىجرىيە 274-يىلى ۋاپات بولغان . بۇ ئادەمنىڭ ھەنبەلىيە ئېقىمىدىكى ئورنى، مالىكىيە ئېقىمىدىكى ئىمام سەخنۇننىڭكىگە ئوخشايدۇ، ئۇ نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى خاتىرىگە ئېلىپ، رەت –تەرتىپ بىلەن تۇرغۇزۇپ چىققان. بۇ ئادەم ئىمام ئەھمەدنىڭ شاگىرىتلىرىنىڭ يولباشچىسى دەپمۇ ئاتالغان. بۇ ئادەم ئىمام ئەھمەدنىڭ كىتابلىرىنى رەتلىگەن، جەملىگەن، مەسىلىلىرىنى يىغقان. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەنبەلىيە ئېقىمىنىڭ ساپ بۇلىقى ھېسابلىنىدۇ.
ئىككىنچى، ئەبۇ بەكرى مۇرۇزىي: بۇ كىشى ئىمام ئەھمەدنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك شاگىرىتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تولۇق ئىسمى ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەججاج. ئىمام ئەھمەد بۇ كىشى بىلەن كۆپ ئۈلپەتلىشەتتى، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى راھەت ھېس قىلاتتى. بۇ ئادەم ئۇستازىنىڭ خىزمىتىنى كۆپ قىلغان . ئۇ ئۇستازى ئۆلۈپ كەتكەندە يۇيغان، ئازابلىق كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەندە ئۇنىڭ يۈرىكى ئۇستازىنىڭ ئەلىمىدىن پارە-پارە بولۇپ كەتكەن. بۇ ئادەم ناتىقلاردىن ئىدى. ئۇ ئىلىمگە توشقان بولۇپ، ئىمام ئەھمەدنىڭ نۇرغۇنلىغان كىتابلىرىنى ساقلىغان. كىشىلەر ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىپ ئۇنى ماختىغاندا ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ: «بۇ مېنىڭ ئىلمىم ئەمەس، ئۇ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ ئىلمىدۇر!»(«باغدات تارىخى»؛ 4\424) دېگەن. بۇ ئادەم ھىجرىيە 277-يىلى باغداتتا ۋاپات بولۇپ، ئۇستازى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان.
ئۈچىنچى، مۇھەننەئ ئىبنى يەھيا: ئۇ ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەننەئ ئىبنى يەھيا بولۇپ، بۇ ئادەممۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ مۇھىم شاگىرىتلىرىدىن بىرى . ئۇ ئىمام ئەھمەدتتىن 43 يىلغا يېقىن تەلىم ئالغان. ئەبۇ بەكرى خەللال ئۇ توغرىسىدا شۇنداق دەيدۇ: مۇھەننەئ ئەبۇ ئابدۇللانىڭ – يەنى ئىمام ئەھمەدنىڭ چوڭ شاگىرىتى ھېسابلىنىدۇ. ئەبۇ ئابدۇللا ئۇنى بەك ھۆرمەتلەيتتى، ئۇ ئەبۇ ئابدۇللا بىلەن بىللە ئابدۇرراززاقنىڭ يېنىغا –يەنى سەنئاغا- بىللە بارغان. ئۇ ئۇستازى ئۆلۈپ كەتكۈچە تەلىم ئالغان. بۇ ئادەم ھىجرىيە 249-يىلى ۋاپات بولغان .
تۆتىنچى، ئەبۇ بەكرى ئەسرەم: بۇ ئادەم ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھانى ئەبۇ بەكرى ئەسرەم باغدادىي بولۇپ، ئىمام ئەھمەدنىڭ مۇھىم شاگىرىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ناھايىتى تەقۋالىقتا، توختاملىقتا، ئىلمىنىڭ مەنپەئەتلىك ئىكەنلىكىدە ئۇستازىغا بەك ئوخشايتتى. بۇ ئادەم ھافىزلارنىڭ ئۇستازى ئىدى. بۇ ئادەم ئۇستازى ئەھمەدتىن نۇرغۇن ھەدىسلەرنى خاتىرىلەپ، ئۆگەنگەن. ئۇ ھىجرىيە 261-يىلى ۋاپات بولغان.
بەشىنچى، ئىبراھىم ئىبنى ئىسھاق ھەربى: بۇ ئادەمنىڭ مەدەنىي ۋە ئىلمى ساپاسى كۈچلۈك بولۇپ، ھەم فەقىھ، ھەم ھافىز، ھەم مۇھەددىس، ھەم ئەدىب بولغان. ئۇ تەقۋالىقىدىن سىرىت لۇغەت-گرامماتىكىغا، نەھۋىگە ۋە تىلشۇناسلىققا ماھىر بولغان. ئۇ ئون ئىككىدىن ئارتۇق كىتاب تۈزگەن. باغداتنىڭ ھەربىييە دېگەن يۇرتىدىن بولغاچقا ھەربى دەپ ئاتالغان. بۇ ئادەمنىڭ ئەمىلى ۋە ئۆمرى ئۇزۇن بولغان. ئۇ 87 يىل ئۆمۈركۆرگەن.
ئالتىنچى، سالىھ ئىبنى ئەھمەد: بۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، ھىجرىيە 203-يىلى تۇغۇلۇپ، 265-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ دادىسىدىن نۇرغۇن تەلىملەرنى ئالغان. ئۇ دائىم دادىسىنىڭ مەجلىسىگە قاتنىشاتتى. ئىمام ئەھمەدنىڭ ھەلقىسى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى مىڭلىغان ئادەملەر قاتناشقان ھەلقە، يەنە بىرى خاس شاگىرىتلىرى ۋە يېقىنلىرى قاتنىشىدىغان ھەلقە ئىدى. سالىھ دادىسىنىڭ يېقىنى سۈپىتىدە بۇلارغا قاتنىشاتتى.
يەتتىنچى، ئابدۇللا ئىبنى ئەھمەد: بۇ ئوغۇلمۇ دادىسى ئىمام ئەھمەتتىن كۆپ تەلىم ئالغان. ئىمام ئەھمەد مۇشۇ ئوغلىنىڭ نامى بىلەن «ئەبۇ ئابدۇللا» دەپ ئاتىلاتتى. ئۇنىڭغا دادىسىنىڭ ئۇزۇن ناماز ئوقۇيدىغانلىقى، تەقۋالىقى، رەسۇلۇللاھقا چىڭ ئېسىلىشى سىڭگەن. ئۇ دادىسىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلغان. بۇنىڭ ئىلمى ئاكىسىغا قارىغاندا مولراق بولغان. ئىمام ئەھمەد كۆپ ھاللاردا ئوغلى ئابدۇللاھنىڭ ھەدىس ھىپزى قۇۋۋىتىگە مايىل ئىدى. ئو ئوغلى ھەققىدە شۇنداق دېگەن: «ئوغلۇم ئابدۇللا ھەدىس ئىلمىدىن مەلۇم نېسىۋىگە ئىگە، ئۇ مەنمۇ ئەسلىيەلمىگەن نەرسىلەرنى دەپ بېرەلەيدۇ»(«تەھزىبۇت تەھزىب»؛ 5\142). ئۇ يەنە زامانىسىنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن تەلىم ئالغان. خەتىب بەغدادىينىڭ ۋە ئىبنى ھەجەر ئەسقىلانىنىڭ زىكرى قىلىشىچە ئۇ دادىسىنىڭ «مۇسنەد»ناملىق كىتابىنى رەتلەپ چىقىپ، ئۇنىڭغا يەنە ئون مىڭغا يېقىن ھەدىسنى قوشقان.
سەككىزىنچى، ئەبۇ بەكرى خەللال: بۇ ئادەم ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھارۇن بولۇپ، ئەبۇ بەكرى خەللال دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ بۇ فىقھى ئېقىمىدىكى ئورنى ئىمام سەخنۇننىڭ مالىكىيە ئېقىمىدىكىگە ئورنىغا ئوخشايدۇ، ھەر ئىككىلىسى ئۆز مەزھىبىنىڭ ئىماملىرىنى كۆرۈشمىگەن، ھەر ئىككىلىسى بۇ مەزھەبلەرنىڭ فىقھى كۆز قاراشلىرىنى رەتلەپ، جەملەپ چىققان. بۇ ئادەم بۇ ئېقىمنىڭ ھەممە كۆز قاراشلىرىنى يىغىش جەريانىدا كۆپلىگەن رىيازەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن.
توققۇزىنچى، خەرقىي: ئەبۇلقاسىم ئۆمەر ئىبنى ھۈسەين خەرقىمۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ مۇھىم شاگىرىتى بولۇپ، ئۇنىڭ «مۇختەسەر » ناملىق كىتابى بۇ ساھەدە ھۆرمەتكە سازاۋەر. ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان كىتابى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، پەقەت مۇشۇ «مۇختەسەر» ناملىق كىتابىلا ساقلىنىپ قالغان. بۇ كىتاب ھەنبەلىيە ئىماملىرىنىڭ شەرھلىنى توپلىغان بولۇپ، بۇ شەرھلەر ئۈچيۈز نەچچىگە يېتىدۇ.

ھاياتىدا شۇنداق كۆپ ئىلمى ئەمگەكلەر بىلەن ياشىغان بۈيۈك فىقھىشۇناس، ھەدىسشۇناس ئالىم ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كېسەل بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ بۇ ۋاقىتتا قىلىدىغان بىردىنبىر ئىشى ناماز ئوقۇش بولىدۇ. ئۇ رەسۇلۇللاھنى سېغىنىدۇ. ئۇنىڭ يېنىدا رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈچ تال چېچى بولۇپ، ئۇنى قەدىرلەپ ساقلايدۇ. ئۇ ئوغۇللىرىغا شۈبھىدىن يىراق بولۇشقا نەسىھەت قىلىپ، ئالاھىدە ۋەسىيەت قالدۇرىدۇ. بۇ زات ھىجرىيە 241-يىلى رەبىيئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ ئون ئىككىنچى كۈنى جۈمە چاشگاھ ۋاقتىدا ۋاپات بولىدۇ. ئۇنى ئەبۇ بەكرى مۇرۇزى يۇيىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ جىنازا نامىزىغا ئونمىڭلاپ ئادەم قاتنىشىدۇ. ئۇ باغداتقا دەپنە قىلىنىدۇ. ئىسلام دۇنياسى بۇ زاتنىڭ ئۆلىمىگە ماتەم بىلدۈرىدۇ. ئەمدى بىز بۇ ماقالىنى بۇ ئۇلۇغ ئالىمنى ياد ئېتىش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ تۆۋەندىكى سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز: «ئىنسانلار ئىلىم-مەرىپەتكە خۇددى ئاش-سۇغا ئېھتىياجلىق بولغاندەك ئېھتىياجلىقتۇر!»


پايدىلانغان مەنبەلەر: ئەھمەد شىرباسى:«تۆت ئىمام» ناملىق كىتاب؛ دوكتور مۇستەفا شەكئە: «تۆت ئىمام» ناملىق كىتابلار.


ئاللاھنىڭ قۇلى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1442
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 805
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە805دانە
ئۆسۈش: 730 %
مۇنبەر پۇلى: 8884 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-08-29

ساقلىۋالاي كىيىن چۇقۇم لازىم قىلمەن .
دوستلىشىش
مەرىپەت
ئىنساننىڭ تۈپ ئاساسىي ھۇقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمە ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7488
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 126
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە126دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1260 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-20
ئاخىرقى: 2012-05-03
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-27 22:56

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
قايسى كۈنى بۇ ئىمامنىڭ زىنداندا يېتىش تارىخىنىڭ ئاۋازلىقىنى ئاڭلاپ
ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ تاشلىغانىدىم.ئەمدىلىكتە بۇ ئىمامنىڭ قىممەتلىك تارىخىنى بىزلەرگە سۇنغانلىقىڭىزدىن بەك خۇشال بولدۇم
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.ئاللاھدىن ھەممىمىزگە  مۇشۇ ئىمامامدەك تەۋرەنمەس مۇستەھكەم ئىمان تىلەيلى <<امين>>
ئاللا بىزنى پەقەت ئۆزىگە ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتى