ئەسسالام كەڭ ئالتۇن كۈمۈش كەسپىگە مەبلەغ سېلىلىۋاتقان ئابونىتلار:
شىركىتىمىز توردا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ئالتۇن، كۈمۈش نەخ مال سودىسىغا سودا ھىساۋاتى بىجىرىش، خېرىدار چاقىرىش جەريانىدا، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئابونىتلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە تەلىپىنى ئورۇنلاشقا تىرىشىپ كەلدۇق، بۇ جەرياندا ئەتراپىمىزدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەتتە بولغان بولساق، باشقا ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردىكى ئابونىتلارغا نىسپەتەن ئابونىتلارنىڭ ھىساۋات ئېچىش توختام ماتىرىياللىرىنى تەييارلاش، ئەۋەتىش، ھىساۋات نومۇرى بىلەن بانكا كارتىسىنى باغلاشتۇرۇش، پۇل كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىش مەشغۇلاتلىرىنى توردا يىراقتىن كونتىرول قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ۋاقتىدا، تۇلۇق تاماملىشىغا ياردەملىشىپ ئابونىتلارنىڭ ياخشى باھاسىغا، قوللىشىغا ئىرىشتۇق.
ئۆزىمىزنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيانقى تاشقى پېرىۋوت، ئاكسىيە ۋە ئالتۇن كۈمۈش ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش جەريانىدا توپلىغان تەجرىبىمىز ۋە ئانالىز قىلىش بىلىملىرىمىزگە تايىنىپ، بازار يۈلىنىشى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى مەخسۇس مەبلەغ سالغۇچىلار QQ توپىدا ئېلان قىلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلدۇق، باش شىركەتتىن ئەۋەتكەن ئانالىز ۋە تەھلىللەر ئۇچۇرلار ۋە ئۇقتۇرۇشلارنى ۋاقتىدا تەرجىمە قىلىپ QQ توپىدا ئومۇمى ئۇقتۇرۇش قىلدۇق، ئەجرىمىزگە يارىشا خېلى كۆپ سانلىق مەبلەغ سالغۇچىلار سودا باشلىغاندىن بۇيان پايدىغا يۈزلەندى، بىزنىڭ زىرىكمەي تىرىكمەي كومپىيۇتېردا مەشغۇلات قىلىشنى ئۈگىتىشىمىزدىن، سودا قىلىش بىلىملىرى ۋە تەجرىبىلىرىمىزنى تور دەرىسخانىمىزدا مۇنتىزىم دەرس قىلىپ تەربىيلەش ئېلىپ بېرىشلىرىمىزدىن نۇرغۇن ئابونىتلار رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى، چىن يۈرىكىدىن چىقىرىپ ئېيتىلغان رەھمەت، تەشەككۈرلىرىگە نائىل بولدۇق.
مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مۇشۇنداق تىلەكلىرى ۋە مەدەتلىرى ئارقىسىدا بىزمۇ ئابونىتلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەپ بىرىش يۇلىدا توختىماي ئىزدەندۇق. شۇنداقتىمۇ يەنە نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار گەرچە ئۆزى ئۇزۇن يىللىق ئالتۇن كۈمۈش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كىلىۋاتقان كەسىپ ئەھلى بولسىمۇ، كومپىيۇتېردا ئالتۇن، ئېلىپ سېتىشنى بىلسىمۇ، بىراق QQ توپىمىزغا قۇشۇلۇپ، باش شىركەتنىڭ ۋە شىركىتىمىزنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا كۆرەلمەي سودا جەريانىدا قىينىلىۋاتىدۇ، شۇڭا بىز كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئۇچقۇر خەت كەسپى ئارقىلىق بارلىق مەبلەغ سالغۇچى ئابونىتلارغا خەتەرنى ئەسكەرتىش، باش شىركەتنىڭ مۇھىم ئۇقتۇرۇشلىرى ۋە بازار تەھلىلى قاتارلىقلارنى يانفۇن قىسقا ئۇچۇرى قىلىپ ئەۋەتىپ، ئابونتلارغا يەنىمۇ قۇلايلىق يارىتىپ بىرىشنى ئويلاشتۇق. بارلىق ئابونىتلار ئۇقتۇرۇش قىلىنغان كۈندىن باشلاپ، ئاخىرقى خانىسى 1252002613999057875 بولغان نومۇردىن تۆۋەندىكىدەك قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.
我是KOKLAN(13999057875) 正在用中国移动飞信业务,想加你为好友。同意回复Y,不再接收回复B。马上下载飞信客户端与好友聊天还可免费给好友发短信
بۇ ئۇچۇر كەلگەن ئابونىتلار ئۇچۇر ئەۋەتكەن نومۇرىغا دىققەت قىلىپ، 1252002613999057875 مۇشۇ نومۇردىن كەلگەن ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن، يانفۇندىن يىڭى ئۇچۇر يېزىش تۈرىنى تاللاپ، ئۇچۇر يېزىش ھالىتىدە Y ھەرىپىنى يېزىپ، ئۇچۇر كەلگەن 1252002613999057875 نومۇرغا قارىتىپ ئەۋەتكەندىن كىيىن كۆكلەن قىسقا ئۇچۇر تەمىنلەش مۇلازىمەت كەسپىگە قۇشۇلغان بۇلىسىز، قايتۇرما ئۇچۇر ئەۋەتكەندە، ئۇچۇر كەلگەن 19 خانە نومۇرغا قارىتىپ ئەۋەتىش كىرەك، 11 خانىلىق يانفۇن نومۇرغىلا ئەۋەتىپ قويغاندا قىسقا ئۇچۇر مۇلازىمەت كەسپىگە قۇشۇلالمايسىز.
ئالتۇن تەھلىلىگە دائىر ئۇچۇرلار پايدىلىنىش ئۇچۇرى بۇلۇپ، سودا جەريانىدا پايدىلىنىشقىلا بۇلىدۇ. مۇتلەق سودا ئاساسى قىلىۋېلىپ كىلىپ چىققان ھەر قانداق ئاقىۋەتكە شىركىتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ.
ئالتۇن بازىرى خەتەرگە تولغان چۇقۇم ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆزىڭىز ئاخىرقى قارارنى چىقىرىشىڭىز كىرەك. كۆپ پايدىنى كۆزلەپ كۆپ مال ئېلىشمۇ ئوخشاشلا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
مەزكۇر ئۇچۇر كەسپى- شىركىتىمىز ئابونىتلىرىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ. ئالدامچىلاردىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىڭ، ھەر قېتىم ئۇچۇر كەلگەندە، ئۇچۇر كەلگەن نومۇرغا دىققەت قىلىڭ، شىركىتىمىزنىڭ ئۇچۇرى 1252013999057875 نومۇردىن كىلىدۇ. باشقا نومۇردىن كەلگەن ئۇچۇرلار بىردەك شىركىتىمىزنىڭ ئۇچۇرى ئەمەس، بەلكى ساختا ئۇچۇر ھىساپلىنىدۇ.
ئالدامچىلارنىڭ شىركىتىمىز نامىدا ساختا ئۇچۇر ئەۋەتىپ سىزنى زىيانغا ئۇچرىتىشتىن ساقلىنىڭ،
ئالتۇن كۈمۈش سودا ھىساۋاتى بىجىرگەن ئابونىتلار بۇ خىزمىتىمىزگە ماسلىشىپ تېزدىن ئۇچۇر تەمىنلەش مۇلازىمىتىمىزگە قۇشۇلىۋېلىشىڭلارنى سورايمىز.
بىزنىڭ مەخسىتىمىز: ھەربىر ئابونىتنىڭ ئاز مەبلەغ بىلەن زور ئىقتىسادى ئۈنۈم ياراتقانلىقىنى كۆرۈش.
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
كۆكلەن سودا مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى
بۇ يازما كۆكلەن ئىقتىساد تورىدىن ئېلىندى، تەپسىلى مەزمۇن كۆكلەن ئىقتساد تورىدا ، ئەسلى مەنبە ئادرىسى :
http://www.koklan.biz/1328.html