باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1077 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9739
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 99
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە99دانە
ئۆسۈش: 260 %
مۇنبەر پۇلى: 1120 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-24
ئاخىرقى: 2012-05-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-24 21:54

ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى
كىيىم – كېچەك ئالاھىدىلىكلىرى

ئۇيغۇر كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، شەكلى ھەرخىل ۋە رەڭگارەڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم – كېچەك ئالاھىدىلىكى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، ئۇلار تەبىئىي ئېھتىياج بىلەن ئېستېتىك ئېھتىياجنى بىرلەشتۈرۈپ كىيىنىش جەھەتتە روشەن مىللىي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈشكە باشلىغان دەۋرى ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەرگە تەئەللۇق. مۇندىن مىڭ يىللار بۇرۇنقى ئارخېئولوگىيىلىك تېپىندىلار ۋە ھەرخىل يازما ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ تۈرلىرىنى، تاش كىيىم، ئىچ كىيىم دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە؛ شەخسنىڭ پائالىيەت ئېھتىياجىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا، ئۆيئىچىلىك كىيىم، تالالىق كىيىم، ئەمگەك كىيىمى، كەسپىي كىيىم ۋە مۇراسىم كىيىملىرى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئومۇمەن، ماددىي تۇرمۇش شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا ھەرخىل ئېھتىياج تۈپەيلى پەرقلىق كىيىنىش ئادىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان بىر خىل ئەنئەنە بولۇپ داۋاملىشىپ كەلگەن.

قاراخانلار دەۋرىگە تەئەللۇق ئىككى بۈيۈك ئەسەر – «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم – كېچەكلىرى ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق مەلۇماتلار بار. مۇشۇ مەنبەگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قاراپ، تېرە كىيىم، يۇڭ كىيىم، يىپەك كىيىم ۋە پاختا رەخت كىيىم دەپ تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ.«تۈركى تىللار دىۋانى»دا «ئىچۈك» سۆزىنى ئىزاھلاپ «ئىچىك» دەپ ئاتالغان جۇۋا بولۇپ، ئۇنى بۇلغۇن، سۆسەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قىممەتلىك ھايۋان تېرىسىدىن تىكىلگەن «جۇۋا» دېيىلگەن. («تۈركىي تىللار دىۋانى» ئى توم، 93 – بەت). دەرۋەقە، جۇۋا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قىشلىق تاشقى كىيىمى بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرلىرى خىلمۇ خىل. ئاساسەن، كېپىنەك تون شەكىللىك بولۇپ، كۆپرەك قوي، بۇلغۇن، سۆسەر، تۈلكە، ئۆچكە، بۆرە قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن. ھۈنەر – سەنئەت ئەھۋالىغا قاراپ بەزى جۇۋىلار سىدام رەختلەر بىلەن قاپلانغان، بەزىلىرى رەخت بىلەن تاشلانماستىن، تېرىنىڭ يۇڭلۇق تەرىپىنى ئىچىگە ئالغان ياكى تېشىغا چىقىرىپ ئالاھىدە ھۈنەر بىلەن ئىشلەنگەن.

يەنە بىرى، «قارىس»دەپ ئاتالغان يۇڭ چەكمەن چاپان، بۇنى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا تۆگە ياكى قوي يۇڭىدا ئىشلەنگەن «كىيىم» دەپ ئىزاھلىغان. («تۈركىي تىللار دىۋانى» ئى توم، 453 – بەت). دەرۋەقە، شىنجاڭدىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيىلىك يادىكارلىقلار ئىچىدە يۇڭ توقۇلما كىيىملەر ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەڭ بۇرۇنقى يۇڭ توقۇلما كىيىملەرنىڭ شەكلىدىن قارىغاندا، بىر ئورتاقلىق مەۋجۇت. يەنى ھەممىسى بۆرەكچە ياقىلىق، ئالدى ئوچۇق تون شەكىللىك بولۇپ، ئالدى پەشكە رەڭلىك يۇڭ يىپتىن ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك (ھەرە چىشلىق) كەشتە ئىشلەنگەن. توننىڭ ئىككى كۆكرىكىگە ئۈچ دانىدىن ئۈچ بۇلۇڭ شەكىل كەشتىلەنگەن. بۇ خىل يۇڭ چەكمەنلەر ھەم چىداملىق، ھەم كۆركەم بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان تاغلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىدا كەڭ ئومۇملاشقان.

ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم –كېچەك ئەنئەنىسىدە، گۈللۈك يىپەك رەخت كىيىملەر چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەرخىل گۈللۈك ۋە نەقىشلىك يىپەك رەخت كىيىملەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئەتىۋارلايدۇ.بۇ ئەھۋالنى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «قىلىقلىناي دېسە قىزىل كىيەر، ياراي دېسە يېشىل كىيەر» (تۈركىي تىللار دىۋانى» ئى توم، 512 – بەت)دېگەن تەمسىل بىلەن سۈرەتلىگەن. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىك قارىشىدا نىسپىي ھالدا، قىزىل رەڭ – خۇشاللىق ۋە شادلىقنىڭ، ئاق رەڭ – ساپلىق ۋە قۇتلۇقنىڭ، سېرىق رەڭ – پەرىشانلىق ۋە غەمكىنلىكنىڭ، كۆك رەڭ – ياشلىق ۋە بەخت – سائادەتنىڭ، قارا رەڭ – قايغۇ – ئەلەم ۋە مۇسىبەتنىڭ سىمۋولى قىلىنغان. مۇشۇ قاراشلارغا ئاساسەن جىنسىي ئايرىمىلىققا، ياش قۇرامىغا، كەسپىي ئالاھىدىلىكىگە، ئورۇن – مەرتىۋىسىگە، پەسىل خاراكتېرىگە ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پەرقلىق كىيىنىش ئادەتلىرى شەكىللەنگەن.

ئەر – ئاياللارغا قارىتا ئىش تەقسىماتى جەھەتتىكى ئوخشاشماسلىق، گۈزەللىك تەلىپى ۋە پىسخولوگىيىلىك ھالىتى جەھەتتىكى ئوخشاشماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، قەدىمدىن تارتىپ ئەر ۋە ئايالنىڭ كىيىنىش ئادىتىمۇ روشەن پەرق بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن، ئادەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرى گۈللۈك رەختلەردىن ئۇزۇن كۆڭلەك ئۈستىگە تىك ياقىلىق جىلىتكە ياكى تاۋار جىلىتكە، ئىزمىلىك كەمزۇل چاپان قاتارلىق گۈللۈك كىيىملەرنى كىيىشكە ئادەتلەنگەن؛ ئەرلەر بولسا، گۈلسىز سىدام رەختلەردىن (كۆپرەك ئاق، قارا، قارا كۆك، كۈل رەڭ) تىزىنى بېسىپ تۇرىدىغان ئالدى ئوچۇق تونچە كۆڭلەك ياكى ئەستەرلىك تونچە چاپان، ئۇزۇن ئىشتان، كاشا (تۆگە يۇڭىدا توقۇلغان بەش – ئون سانتىمېتىر كەڭلىكتىكى بەلۋاغ) ياكى رەخت بىلەن بېلىنى باغلاپ، سول يېنىغا غىلاپلىق پىچاق ئاسىدۇ. بالىلار ۋە ياشلار كۆپرەك تىلە ياكى بۆرەك ياقىلىق خالتا كۆڭلەك ۋە كەمزۇل چاپان كىيىدۇ.كۆڭلەكنىڭ ياقىسى ۋە ئالدى پېشىگە مىللىي ئۇسلۇبتا رەڭلىك يىپ بىلەن كانۋا ئىشلىگەن كۆڭلەكلەرنى ياشلار تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.

كىيىنىش ئادىتى تارىخىيىۋىلىككە ئىگە بولۇپ، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كىيىم – كېچەكتىمۇ نىسپىي ھالدا ئۆزگىرىش ھاسىل بولىدۇ. جۈملىدىن، جۇغراپىيىلىك شارائىت ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى جەھەتتىكى پەرقلەر تۈپەيلىدىن، كىيىم – كېچەك جەھەتتىمۇ بەزى پەرقلەر پەيدا بولىدۇ.مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى كىيىنىش ئادىتى بىلەن ئۆتۈشتىكى كىيىنىش ئادىتى، شەھەردىكىلەر بىلەن يېزىدىكىلەرنىڭ كىيىنىش ئادىتى مەلۇم پەرقلەرگە ئىگە.

باش كىيىم

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى، جۇغراپىيىلىك شەرت –شارائىتى، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە گۈزەللىك قارىشى قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ئوخشاشماسلىقى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ كىيىنىش ئادىتىدە روشەن مىللىي پەرق كېلىپ چىقىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىنىش ئادىتىدە باش كىيىمىنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ.ئۇيغۇر ئەرلىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشمىغان باش كىيىملەرنى كىيىشكە، ئاياللىرى ئومۇمەن بېشىغا باغلىق سېلىشقا ياكى دوپپا كىيىشكە ئادەتلەنگەن. ئىشقىلىپ باش كىيىمسىز يۈرۈشنى ئۇيغۇرلار يامان كۆرىدۇ. بولۇپمۇ نەزىر– چىراغقا بارغاندا مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن چوقۇم باش كىيىم كىيىشى شەرت.خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىدا ئومۇمەن ئاممىۋى مۇراسىملارغا باش كىيىمسىز بېرىش بىر خىل ھۆرمەتسىزلىك ۋە ئەدەپسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.

رايون پەرقى، كەسپىي پەرق ۋە ياش قۇرام پەرقى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىملىرى ناھايىتى كۆپ خىللىشىپ كەتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن كىيگەن باش كىيىمىگە قاراپ شۇ كىشىنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكىنى، قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ھەمدە ياش قۇرامىنى بىلگىلى بولىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىمى شەكىل جەھەتتىن ئومۇمەن قىشلىق تېرە تۇماق، سىدام دوپپا ۋە گۈللۈك دوپپىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ. بۇ باش كىيىملەرنىڭ ھەرقايسى تۈرىدە يەرلىك رايون پەرقى روشەن گەۋدىلەنگەن.

تۇماق ئادەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قىشلىق باش كىيمى بولۇپ، ئاساسەن تېرىدىن ئىشلىنىدۇ. نۇسخا جەھەتتىن ئاق تۇماق، سالۋا تۇماق، سوغا تۇماق، كۇلا تۇماق، يېڭىسار تۇمىقى، كېرىيە تۇمىقى، ساغان تۇمىقى، ھەربىيچە تۇماق، سۆسەر تۇماق، قاما تۇماق قاتارلىق ئون نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ. ھەرقايسى خىلدىكى تۇماقنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولۇپ، نەپىس ۋە كۆركەم ئىشلەنگەن. بۇ تۇماقلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاشلانغان يۇمشاق تېرىدىن ئىشلىنىپ، ئېغىز گىرۋىكىگە سۈپەتلىك كۆپىدىن چوڭ – كىچىك زىغزىق تۇتۇلغان، بەزى تۇماقلارنىڭ ئۈستىگە قارا ياكى باشقا رەڭلىك رەختلەردىن بىر قەۋەت تاشلىق تۇتۇلۇپ ئەستىرىگە تېرە ئېلىنغان. ھەرخىل تۇماقلارنىڭ ئۆزىگە خاس قېلىپى بولۇپ، ئۇنىڭغا تۇماقچىلىقنى كەسىپ قىلغان ھۈنەرۋەنلەرنىڭ يۈكسەك ماھارىتى سىڭدۈرۈلگەن.ئۇيغۇر تۇماقلىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئادەتتە يىگىرمە سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.ئاياللارنىڭ تۇمىقى پەرقلىق بولۇپ، كۆپرەك ياشانغان ئاياللار ياكى بىرقەدەر مەرتىۋىلىك ئاياللار ھەرخىل مۇراسىملارغا قاتناشقاندا تۇماق كىيىدۇ.بۇ «قاما تۇماق» دېيىلىپ، ئۈستى قارا مەخمەل ياكى قارا دۇخاۋا بىلەن قاپلىنىدۇ. قاسقىنىغا بۆرەكچە شەكىلدە ئۈچ – تۆت سانتىمېتىر كەڭلىكتىكى ئەتىۋارلىق قامىدىن گىرۋەك ئورنىتىلىدۇ، ئىچىگە يۇمشاق ئەلتېرىدىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ.بۇ تۇماقنىڭ تەننەرخى خېلى يۇقىرى بولغاچقا، ھاللىق شەھەر ئاياللىرى ئىچىگە كۆپرەك ئومۇملاشقان.

«قۇلاقچا»مۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان قىشلىق باش كىيىملىرىدىن بىرى بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ھەمدە شەھەرلەردە كەڭرەك ئومۇملاشقان. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقى ئەنئەنىۋى تۇماقلىرى يەنىلا ئاساسلىق باش كىيىم ھېسابلىنىدۇ.

دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېستېتىك قارىشىدا ئەكس ئەتكەن تەبىئەت گۈزەللىكىنىڭ ئوبرازى سۈپىتىدە روشەن مىللىيلىككە ئىگە بولغان يازلىق باش كىيىم ھېسابلىنىدۇ.ئۇيغۇر دوپپىلىرى نۇسخىسىنىڭ كۆپ خىللىقلىقى، ھۈنەر دوپپىلىرى نۇسخىسىنىڭ كۆپ خىللىقلىقى، ھۈنەر – سەنئەت جەھەتتىكى نەپىسلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. قەشقەر شەھىرىنىڭ «دوپپا بازىرى» گوياكى تۈمەن مىڭ خىل رەڭدار گۈللەر بەس – بەستە ئېچىلغان گۈزەل باغچىغا ئوخشىشىدۇ. قەشقەر شەھىرىدە دوپپىچىلىق كەسپى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان.

ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ؛ بادام دوپپا، تاشكەنت دوپپا، گىلەم دوپپا، مەنپۇ دوپپا، ئىلمە گۈللۈك دوپپا، چىمەن دوپپا، تور باسقان دوپپا، مارجان دوپپا، سىدام دۇخاۋا دوپپا، شاپاق دوپپا قاتارلىق يۈز خىلدىن ئاشىدۇ.بۇ دوپپىلار نوقۇل باش كىيىملا بولۇپ قالماستىن، ئۇ يەنە بىر خىل گۈزەل سەنئەت بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇر دوپپىلىرى ئىچىدە ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقىنى بادام دوپپا بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ. بادام دوپپىنىڭ تۈرلىرىمۇ بىر قانچە خىل بولۇپ، ھەممىسىگە تۆت دانە بادام شەكىللىك يېرىم ئاي نۇسخىسى ۋە جىيەكنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن گۈمبەز شەكىللىك گۈل نەقىش قىلىپ جۇلالىق ئاق مەشۇت بىلەن تىكىلگەن. بۇ گوياكى ئاي ئەتراپىدا جىمىرلاپ تۇرغان سانسىز يۇلتۇزلارنى ئەسلىتىدۇ. گۈللۈك ۋە زەر باسقان دوپپىلار ئاياللارغا خاس بولۇپ، ئۇنىڭ نۇسخىلىرىمۇ كۆزنى چاقنىتىدۇ.

قىزىل ۋە يېشىل دۇخاۋىدىن تىكىلگەن سىدام دوپپىلار كۆپرەك شىمالىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىغا ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇ دوپپىلارنىڭ رەڭگى ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭ ھەققىدىكى ئەنئەنىۋى چۈشەنچىلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

تەلپەك

تەلپەك – ئۇيغۇرلارنىڭ خىلمۇ خىل باش كىيىملىرى ئىچىدە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان رايون خاراكتېرلىك بىر خىل قول ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇمى.
تەلپەك پەقەت كېرىيە ئاياللىرىغا خاس بىر خىل باش كىيىم بولۇپ، باشقا رايونلارغا ئاساسەن تارقالمىغان.

كېرىيە ناھىيىسى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقىگە، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالىغا، تەكلىماكان چوڭ قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، قەدىمكى «ئۇدۇن دۆلىتى»نىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسىي مەركىزى، قەدىمكى «يىپەك يولى»نىڭ جەنۇبتىكى مۇھىم تۈگۈنى.

كېرىيە ئۇيغۇرلىرى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەندىن سىرت، يەنە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆزگىچە كىيىنىش ئادەتلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە.بۇنىڭ ئىچىدە «كېرىيە ئاياللىرىنىڭ پەرەنجىسى ۋە تەلپىكى» ھەممىدىن تىپىك كۆرۈنۈشكە ئىگە.

كېرىيە ئاياللىرى ئاق ياغلىقنىڭ ئۈستىگە كىچىك تەلپەكتىن بىرنى قوندۇرۇپ كىيىۋالىدۇ. بۇنداق كىچىك تەلپەكنىڭ تىكىلىش ئۇسۇلى ئۆزگىچە بولۇپ، ئاستىنقى دىئامېتىرى ئون سانتىمېتىر، ئۈستۈنكى دىئامېتىرى ئۈچ – تۆت سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ. تەلپەكنىڭ قاسقىنى قارا يۇڭ يىپتىن توقۇلىدۇ. ئاستى گىرۋىكىگە بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا يۇڭ يىپتىن تەكشى قىلىپ كىرپىك تۇتۇلىدۇ. تەلپەكنىڭ ئىچىگە ئاشلانغان يۇمشاق تېرىدىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ، تەلپەكنىڭ تۆپىلىكى ئۇنىڭ مۇھىم قىسمى بولۇپ، ئادەتتە رەڭلىك خاڭدەن تاۋا ياكى زەر باسقان رەختتىن تىكىلىدۇ. بۇ تەلپەك ئۆزىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي، كۆپ خىل سەنئەت ۋە نەپىس ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ.بۇنداق تەلپەك يىڭنە ياكى يىڭنىمىخ ئارقىلىق ئاياللارنىڭ باش ياغلىقىغا قىيپاش ھالدا ئىلندۇرۇلۇپ قويغاچقا، خۇددى گۈل بەرگىدە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان غۇنچىدەك، ئاياللارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشىدۇ.بۇ كىچىك تەلپەكنىڭ كېرىيە ئاياللىرى ئارىسىدا قاچاندىن باشلاپ ئومۇملاشقانلىقى ۋە قانداق ئېھتىياج ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق يازما ماتېرىيال يوق. ئەمما كىچىك تەلپەكنىڭ ئاق ياغلىق ئۈستىگە قوندۇرۇلۇپ، ياغلىقنىڭ بىر ئۇچىدا كۆزدىن باشقا يۈزىنىڭ كۆپ قىسمىنى ياپىدىغانلىقى ئۇنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

كېرىيە ئاياللىرى ئەسلىدە بۇ كىچىك تەلپەكنى ئۆزىنىڭ «جۇۋان تويى» بولغان كۈندىن ئېتىبارەن كىيىشكە باشلايدۇ. تېخى ياتلىق بولمىغان قىزلار كىيمەيدۇ. شۇڭا تەلپەكنى «جۇۋانلىق دەۋرنىڭ ئۆزگىچە بىر خىل بەلگىسى» دېيىش مۇمكىن. تەلپەكنى كېرىيە ئاياللىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كىيىدۇ. بولۇپمۇ، ئۆلۈم –يېتىم، نەزىر – چىراغلاردا، توي –تۆكۈن، ھېيت – بايرام مۇراسىملىرىدا تەلپەكسىز ئاياللارنى ئۇچرىتىش تەس.ئادەتتە ماتەم مۇراسىملىرىدا كىيىلىدىغان تەلپەك بىلەن توي –تۆكۈن مۇراسىملىرىدا كىيىلىدىغان تەلپەك رەڭ جەھەتتىن پەرقلىق بولىدۇ. يەنى، ماتەم مۇراسىملىرىغا ماس تەلپەكنىڭ تۆپىلىكى قارا ياكى قارىغا مايىل خاڭدەندىن تىكىلسە؛ توي – تۆكۈنلەردە كىيىلىدىغان تەلپەكنىڭ تۆپىلى كۆك، يېشىل، قىزىل قاتارلىق ئوچۇق رەڭلىك خاڭدەنلەردىن تىكىلىدۇ.

كېرىيە ئەرلىرىنىڭ ئومۇملاشقان باش كىيىمىمۇ تەلپەك دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن ئەرلەر تەلپىكى ئاياللارنىڭ كىچىك تەلپىكىدىن پەرق قىلىدۇ.

ئەرلەر تەلپىكى تۇغۇلغىنىغا تېخى بىر قانچە كۈن بولمىغان قارا ياكى بوز قوزىنىڭ تېرىسى (كۆرپىسى)دىن تىكىلىدۇ. يەنى قوزىنىڭ يۇمران تېرىسى ئاشلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن قاسقانلىق ئېلىنىدۇ. ئىچىگە يېرىم قىرقىۋېتىلگەن ئاق ياكى بوز قوينىڭ تېرىسىدىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ.تەلپەكنىڭ ئاستى جىيىكىگە ئىككى سانتىمېتىر ئەتراپىدا تەكشى كىرپىك تۇتۇلىدۇ.تۆپە تەرىپىگە قارا چىبەرقۇتتىن تۆت تالالىق قىلىپ تۆپىلىك تۇتۇلىدۇ. قىشلىقى قېلىنراق (سالۋا تەلپەك دېيىلىدۇ)، يازلىقى نېپىزرەك (يازلىق تەلپەك دېيىلىدۇ) قىلىپ تىكىلىدۇ. كېرىيە ئەرلىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنداق تەلپەكنى كىيىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇلار قوي تېرىسىنىڭ قىشتا سوغۇق ئۆتكۈزمەيدىغان، يازدا ئىسسىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.

ئاياغ كىيىم

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاياغ كىيىمى روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئاساسەن قىشلىق ۋە يازلىق دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ خىلمۇ خىل ئاياغ كىيىملىرى ئىچىدە ئۆتۈك ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۆتۈك ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ «قەھرىمانلىق دەۋرى»دەپ ئاتالغان ئاتلىقلار مەدەنىيەت دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتى.شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا موزدۇزلۇق قەدىمكى ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر كەسىپلىرى ئىچىدە ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان. «موزدۇز» سۆزى ئىران تىللىرىدىن ئۆزلەشكەن بولۇپ، ئۇ موزا – ئۆتۈك، دۇز – تىكمەك دېگەن ئىككى سۆزدىن تەشكىل تاپقان، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈكچى دېيىلگەن.ئۇيغۇر تىلىدا، موزدۇزلۇق كەسپىگە ئائىت ئاتالغۇلارنىڭ سانى يۈزگە يېقىن ئىكەنلىكى مەلۇم.ئادەتتە، ئۇيغۇر قول ھۈنەر –سەنئىتى كۆپرەك شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن. ئەمما موزدۇزلۇق شەھەرلەردىن تاشقىرى، يېزا – قىشلاقلارغىچە كەڭ يېيىلغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىدا بۇنى ئىسسىق ۋە نەمدىن خالىي قۇرۇق تۇتۇشنى ساغلاملىقنىڭ مۇھىم ئامىلى دەپ ھېسابلايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئەر – ئاياللار دېگۈدەك ئۆيىدىن تالاغا چىقسىلا تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئۆتۈك ياكى مەسە – كالاچ، كېپىش كىيىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن.ئۇيغۇرلارنىڭ كالىچى ئۆتۈك ياكى مەسىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇلۇپ، كۆن (بۇلغار)ياكى خۇرۇمدىن مەخسۇس ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ناھايىتى ماسلاشقان. يەنى ئۇيغۇرلار ئادەتتە ئۆيىگە گىلەم، شىرداق ياكى كىگىز سېلىپ، ئۈستىگە مېھمان كۆرپىسى سېلىپ قويىدۇ.ئۆيگە كىرگەن ھەرقانداق بىر كىشىنى ھۆرمەت بىلەن كۆرپە ئۈستىگە باشلايدۇ. ئۇيغۇرلاردا مېھمانغا بولسا، ئاياغ كىيمىنى سېلىپ كۆرپە ئۈستىگە چىقىدىغان ئادەت بولمىسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ رولىنى ئەنە شۇ كالاچ (كېپىش) ئوينىغان. دېمەك، كالاچ (كېپىش)نى سېلىۋېتىپ، پاكىز ئۆتۈك ياكى مەسە بىلەن ئولتۇرىدۇ. نەتىجىدە، ئۆي ئىگىسىنىڭ كىگىز – كېچەكلىرى بۇلغانمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ خىل كالاچ ئۆتۈك ياكى مەسىنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ. ئادەتتە ياشلار مەسە – كالاچ كىيمەيدۇ. بۇنداق ئىسكىلاچ مەسىنى ياشانغان مويسىپىتلار قىش – ياز دېگۈدەك پۇتىدىن ئاجراتمايدۇ. ھەرقانداق ئۆتۈك ياكى مەسە كىيگەنلەرنىڭ ھەممىسى يۇمشاق ئاق ماتادا پۇتىغا پايتىما ئورايدۇ.بۇ خىل پايتىما پۇتنى نەملىكتىن ساقلاپ، پۇت تەرلەشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ياشلار ئادەتتە كالاچسىز ئۆتۈك كىيىدۇ. بۇ خىل ئۆتۈك نەپىس ۋە مەزمۇت ئىشلەنگەن بولۇپ، كۆپىنچە كالا خۇرۇمىدا تىكىلىدۇ. قونچى ئۇزۇن بولۇپ، تىزغا چىقىدۇ. رەڭگى قارا ياكى قىزىل بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ پاشنىسى ئېگىز (ئۈچ – تۆت سانتىمېتىر)، بەزىلىرىنىڭ ئارا پاشنا (بىر – ئىككى سانتىمېتىر) بولىدۇ. تۇمشۇقى بۆرەكچە ئارا پاشنىلىق ئۆتۈك خەلق تىلىدا ئورۇسچە ئۆتۈك دېيىلىدۇ. تۇمشۇقى يۇقىرىغا قاراپ تۇرىدىغان قوش تۇمشۇقلۇق ئۆتۈك كافكازچە ئۆتۈك دېيىلىدۇ.ئۇيغۇر موزدۇزلىرى ئۆتۈكنىڭ چەمىنى چاپلىغاندا، قېيىن مىخ قاقىدۇ ياكى موملانغان پىششىق يىپ بىلەن قوش بېخى قىلىپ تىكىدۇ، بەزى ئۆتۈكلەرنىڭ چەمى بىلەن پېتەكنىڭ ئارىسىغا غاچ – غاچ (غاچىلداق) قويىدۇ.

تاغلىق ۋە چارۋىچىلىك رايونلىرىدا ئۆتۈك ئورنىدا چورۇق ئاساسلىق ئاياغ كىيىم ھېسابلىنىدۇ. چورۇق ھەم يەڭگىل، ھەم چىداملىق بولۇپ، يول يۈرۈشكە ئەپلىك، بولۇپمۇ تاغلىق رايونلارنىڭ تەبىئىي شارائىتىغا ماسلاشقان. چورۇقنىڭ پاشنىسى بولمايدۇ، چەمى پىششىق ۋە قېلىن بولۇپ، ئات ياكى قوتاز، كالا تېرىلىرىدىن ياسىلىدۇ. قونچى ئەستەرسىز بولۇپ، ئۆزىدىن چىقارغان رەڭلىك بويتاسما بىلەن چىگىپ قويۇلىدۇ. چورۇق نۇسخىسىدا ناھايىتى نەپىس ئىشلەنگەن بوۋاق بالىلارنىڭ يەنە بىر خىل ئايىغى بولۇپ، ئۇ «پوپۇچ» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق پوپۇچ ناھايىتى يۇمشاق بولۇپ، ئەمدى ئايىغى چىققان بوۋاق بالىلارغا كىيدۈرۈلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يازلىق ئايىغى سەندەل كەش دېيىلىدۇ. سەندەل كەش نېپىز خۇرۇم ياكى شاۋرۇن تېرىدىن ئىشلەنگەچكە، ناھايىتى يەڭگىل بولۇپ، ھازىرقى زاماننىڭ بەزى سېتكىلىق ئاياغلىرىغا ئوخشىشىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەنئەنىۋى ئايغا كىيىملىرىنى قاراخانلار دەۋرىدە خاتىرىگە ئېلىنغان ئاياغ كىيىم نۇسخىلىرى بىلەن سېلىشتۇرساق، ئاساسەن ئوخشاشلىق بارلىقىنى ھېس قىلىمىز. ئالىم مەھمۇت قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە «ئوغۇق» سۆزىنى ئىزاھلاپ، «ئوغۇق – ئۆتۈك ياكى مەسىنىڭ ئۈستىدىن كىيىلىدىغان تېرە پايپاق، يەختەردەكتە» دەيدۇ (ئى توم، 91 – بەت). بۇ مەلۇمات بىزگە ئۆتۈك، مەسە ھەمدە يۇقىرىقى ئىككى خىل ئاساسلىق ئاياغ كىيمىنى ئاسراش ئۈچۈن ئىشلەنگەن تېرە پايپاق (ئەمەلىيەتتە كالاچ)دىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئاياغ كىيىمنىڭ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يەنە «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «بۆگۈش» دەپ ئاتىلىدىغان ئايالچە ئۆتۈك، «سامدا» دەپ ئاتىلىدىغان يازلىق سەندەل كەش، «تىزلىق»دەپ ئاتىلىدىغان ھايۋان تېرىسىدىن ئىشلەنگەن چورۇق تونۇشتۇرۇلغان.شۇنداقلا يەنە «تىزىلدۈرۈك – ئۆتۈكنىڭ تۇمشۇقىغا زىننەت ئۈچۈن تاقىلىدىغان تەڭگىلەر» (ئى توم، 686 – بەت) دېگەن ئىزاھات ئۇچرايدۇ. بۇ مەلۇمات بىزگە ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ، ئۇيغۇرلار ئاياغ كىيىمىگە نىسبەتەن يالغۇز پۇتنى مۇھاپىزەت قىلىش مەقسىتى بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئېستېتىك تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئۇيغۇر ئۆتۈكى بۈگۈنكى كۈندە يالغۇز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، يەنە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىغىمۇ كەڭ ئومۇملاشماقتا. ھەتتا سەنئەت كىيىمى سۈپىتىدە جاھان سەھنىلىرىدە نامايان بولماقتا.

پوتا باغلاش ۋە چۈمبەل تارتىش

ئۇيغۇر ئەرلىرى بېلىگە پوتا باغلاشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە ئۇنى ئەرلەرگە خاس مەردانىلىك ۋە چەبدەسلىكنىڭ نىشانى، دەپ بىلىدۇ. ئادەتتىكى چاغلاردا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ پوتىسى ھەرخىل رەڭدىكى يىپ ياكى يىپەك رەختلەردىن ئىشلىنىدۇ. ئۇزۇن – قىسقىلىقى بىردەك بولمايدۇ. تەخمىنەن ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىردىن كۆپرەك، كەڭلىكى ئەللىك سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ياش يىگىتلەر كۆپرەك قىزىل، يېشىل ياكى گۈللۈك، ياشانغانلار قارا رەڭلىك رەختلەردىن پوتا باغلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. پوتا باغلاش ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى تاشقى كىيىم ئالاھىدىلىكى ئاساسىدا پەيدا بولغان. بىزگە مەلۇمكى، ئەرلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمى ئاساسەن ئۇزۇن بولۇپ، تىزنى يېپىپ تۇرىدىغان ئالدى ئوچۇق تون شەكىللىك كۆڭلەك ياكى تون بولۇپ، ئۇنىڭغا تۈگمە ياكى ئىزما قادىمايدۇ.شۇڭا بۇ كىيىمىنى بەلدىن پوتا بىلەن باغلىۋېلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل تون ياكى تونچە كۆڭلەكنىڭ يانچۇقى بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، پوتا يەنە يانچۇق رولىنىمۇ ئوينايدۇ. ئۇيغۇر ئەرلىرى دائىم بېلىدىكى پوتىسىغا نان ياكى باشقا لازىمەتلىك نەرسىلەرنى تۈگۈۋالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، ئۇيغۇرلار بەلنى مۇھاپىزەت قىلىشقا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. بەلگە سوغۇق تېگىپ قېلىشتىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدۇ.پوتا باغلاش بەلنى ئاسراشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى بولۇپ، ئۇ بەلگە سوغۇق تېگىش ۋە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلايدۇ. قورساق سېلىپ كېلەڭسىز سەمرىپ كېتىشىنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يالغۇز ئۇزۇن كۆڭلەك ياكى تون كىيگەن كىشىلەرلا پوتا باغلاپ قالماستىن، كالتە چاپان ياكى خالتا كۆڭلەك كىيىدىغان ياشلارمۇ پوتا باغلايدۇ. ئومۇمەن، پوتا باغلاش ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادىتى ۋە ئېستېتىك تەلىپى بىلەن زىچ باغلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەشرەپلىرىدە مەخسۇس «پوتا ئويۇنى» ئوينىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يۈزىگە چۈمبەل تارتىش ياكى باش ياغلىقى بىلەن يۈزىنى ئوراش ئادىتى ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەسلىدە ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەرەبلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقالغان.

ئېتنىك جەھەتتىن قارىغاندا، يۈزىگە چۈمبەل تارتىش ياكى ياغلىق بىلەن ئورىۋېلىش ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ تەبىئىي شارائىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئەرەب يېرىم ئارىلى قۇم – بورانلىق قۇرغاق رايون بولۇپ، كۈن نۇرى كۈچلۈك، شۇڭا ئەرەب ئاياللىرى يۈز – كۆزىنى ئاسراش ۋە قۇم – بوراندىن ئۆزىنى ساقلاش مەقسىتىدە يۈزىنى رومال بىلەن ئورىۋېلىشقا ئادەتلەنگەن. كېيىنچە، ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرى سىڭىپ كەتكەن.ئىسلام دىنىدا «ئاياللار غەيرىي ئەر كىشىگە يۈزىنى كۆرسەتمەسلىك»، «ئاياللار يۈزىنى ئوچۇق تالا – تۈزگە چىقسا نامەھرەم بولىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش شەرىئەت پەتىۋالىرى بەلگىلەنگەن. ئۆتمۈشتە قازىكالانلار يۈزىنى ياپماي يۈرگەن ئايالنى ئۇچراتسا، تۇتۇۋېلىپ دەررە بىلەن ئۇرغان ياكى سازايى قىلغان. مۇشۇنداق دىنىي ۋاسىتىلەر بىلەن ئاياللارنى چۈمبەل تارتىشقا مەجبۇرلىغان.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى قويۇق ۋە چوڭقۇر بولغان رايونلار (ئاساسەن قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەر)دا چۈمبەل تارتىش بىر قەدەر كەڭرەك ئەۋج ئالغان. شەھەردىن چەترەك يېزا – قىشلاقلاردا يۈزىنى ئوراش ئومۇملاشمىغان. يۈزىگە چۈمبەل تارتىش ياكى رومال بىلەن ئورىۋېلىش ئاساسەن ئاياللار تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن باشلىنىدۇ.ئاز ساندىكى خۇراپات ئائىلىلەردە بويىچە يەتكەن (رەسىدە قىزلار) قىزلارنىمۇ يۈزىنى يېپىشقا مەجبۇرلىغان.

چۈمبەل قارا قىل يىپتا توقۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى قىرىق سانتىمېتىر، كەڭلىكى يىگىرمە بەش – ئوتتۇز سانتىمېتىر ئەتراپىدا تۆت چاسا بولۇپ، باش تەرىپىدە باشقا ئېلىپ قويىدىغان ئىلغۇچ يىپى بولىدۇ. ئۇنى كۆپرەك «ئاقىپجا» دەپ ئاتىلىدىغان بەدەننىڭ ھەممە يېرىنى ئوراپ تۇرىدىغان پەرىجە كىيىدىغان ياشقا چوڭراق مۆتىۋەر ئاياللار يۈزىگە بېكىتىدۇ.ئاقىپجىسى يوق ئاياللار يۈزىگە چۈمبەل تارتمايدۇ. چۈمبەل ئورنىغا ئاق داكا رومال ياكى تور رومالنى بېشىغا سېلىپ، شۇ رومالنىڭ بىر تەرىپى بىلەن يۈزىنى ياپىدۇ. چۈمبەل ياكى رومال ئومۇمەن نېپىز توقۇلغاچقا، كۆرۈنۈشكە تەسىر يەتكۈزۈلمەيدۇ.

ئازادلىقتىن كېيىن، ئەر – ئاياللارنىڭ ھوقۇقتا باراۋەرلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھازىر ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدىكى يۈزىگە چۈمبەل تارتىشتىن ئىبارەت بۇ خۇراپىي ئادەت تەدرىجىي يوقالدى ۋە يوقالماقتا.

ئەرلەر كىيىملىرى

ئۇيغۇر ئارىسىدا تېخى ئۆيلەنمىگەن يىگىتلەر ساقال – بۇرۇتىغا تىغ تەگكۈزمەيدۇ. بېلىگە قىزىل ياكى گۈللۈك پوتا باغلاپ، يېنىغا غىلاپلىق پىچاق ئاسىدۇ.

توي قىلغاندىن كېيىن بۇرۇتىنى ياسىتىپ «چاشقان بۇرۇت» قويىدۇ. ئەمما ساقال قويمايدۇ. ئۆتۈك كىيىدۇ.

خوتۇنىنى قويۇۋەتكەن بويتاق يىگىتلەر بېلىگە سېرىق پوتا باغلايدۇ. بۇ بويتاق ئىكەنلىكىنىڭ ئىشارىتى.

ئادەتتە بالىلىق بولغان ئەرلەر كىچىك «كەكە ساقال» (بودەك ساقالمۇ دېيىلىدۇ) قويۇۋالىدۇ. نەۋرىلىك بولغاندا بۇرۇتى بىلەن ساقىلىنى تۇتاشتۇرىدىغان «نۇقتىلىق ساقال» قويىدۇ ھەم داقال (ئاستىن كالپۇك تۈكى)نى قويۇۋېتىدۇ. بېشىغا بادام دوپپا ياكى باشقا خىلدىكى گۈللۈك دوپپا كىيىدۇ.

ياشانغان ئەرلەر چوڭ ساقال قويۇپ، گۈللۈك دوپپا كىيمەي قارا ياكى يېشىل سىدام دوپپا كىيىدۇ. تەقۋادارلىرى بولسا بېشىغا سەللە ئورايدۇ، ئۇزۇن تون چاپان كىيىدۇ.

ئومۇمەن قىرىق ياشتىن ئاشقان ئەرلەر ئۆزىگە لايىق ساقال قويمىسا ئامما ئارىسىدا سۆز – چۆچەككە قالىدۇ. «سۆز كۆركى – ماقال، ئەر كۆركى – ساقال» دېگەن تەمسىل مۇشۇ ھالەتكە قارىتىلغان.

يۇقىرىدىكى بەلگىلەرگە قاراپ ئەرلەرنىڭ ئۆلچىمى، تۇرمۇش ئەھۋالىغا باھا بەرگىلى بولىدۇ.

قەدىمكى سەنئەت كىيىم كېچەكلىرى

كىيىنىش ئادىتى ھاياتلىق ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇ، بەدەننى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئۆزىنى بېزەشتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ئېتنىك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

كىيىنىش ئادىتى يالغۇز تارىخى ۋارىسچانلىققا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا يەنە دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. قەدىمكى تارىخىي خاتىرىلەر ۋە ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى كىيىنىش ئادەتلىرى ھازىرقىدىن ناھايىتى زور پەرق قىلىدۇ. ئالايلۇق، سۈي – تاڭ دەۋرلىرىدە سەنئەت كىيىملىرى ھەرقايسى رايونلارنىڭ پەرقلىق بولۇپ، قەشقەر ئاياللىرى ئەشمە چاچ، يان ماڭلاي، چېكە ماڭلاي چاچ قويغان؛ بېشىغا ئالتۇن نەقىشلىك قىسقا گۈللۈك تاج، گۈللۈك جىغا قادىغان؛ قولىغا ئۈزۈك،بىلەزۈك سېلىپ، بوينىغا مارجان، زۇننار ئاسقان، گۈللۈك ئۇزۇن كۆڭلەك ئۈستىگە ئالدى پەش ياقىلىرىغا كالۋۇتۇن يىپ بىلەن نەقىش ئويۇلغان كەمزۇل – جىلىتكە كىيگەن، پۇتىغا گۈل پۇچقاقلىق تامبال ۋە قوش تۇمشۇقلۇق قىزىل ئۆتۈك كىيگەن. ئەرلەر بولسا تون، پەشمەت، يەكتەك، ئالدى پەشلىرى ۋە ياقا – يەڭلىرىگە گۈل نەقىشلەنگەن كۆڭلەك، گۈل پۇچقاقلىق تامبال، قىزىل ئۆتۈك، گۈللۈك دوپپا كىيگەن. ساقال – بۇرۇت قويغان، بەللىرىگە پوتا – بەلۋاغ ۋە نەقىشلىك كەمەر باغلىغان، يېنىغا خەنجەر ئاسقان.

كوچا ئاياللىرى ئېگىز تۈرمە چاچ، يان ماڭلاي، چاچ، چېكە ماڭلاي چاچ، گىجىم (بۈدۈر) چاچ ۋە ئەشمە چاچ قويۇپ، بېشىغا ئالتۇن جىرغا، گۈل قاداق، گۈللۈك تاج قادىغان، قوللىرىغا ئۈزۈك، بىلەزۈك سالغان، بېلىگە نەقىشلىك كەمەر ياكى پوتا باغلىغان، پۇتىغا قىزىل، قارا ئۆتۈك ياكى باسماق كىيگەن.ئۈستىگە نىمچە –كەمزۇل، جىلىتكە، گۈل پۇچقاق تامبال كىيىپ، ئۈستىگە تور يوپۇق تارتقان، ئەرلىرى گۈللۈك ئەرەنچە كۆڭلەك، دوپپا، گۈل پۇچقاقلىق تامبال ۋە رارا ئۆتۈك كىيگەن. ساقال – بۇرۇت قويغان، ئەر – ئايال سەنئەتچىلەر چېكىسىنى قەدىمكى ئۇيغۇر ئەنئەنىسى بويىچە قارا تاۋار ياغلىق بىلەن تېڭىۋالغان. بۇنداق كىيىنىش ئادىتى قاراخانلار دەۋرىگە كەلگەندە يەنە مەلۇم ئۆزگىرىشلەر ياسىغان. بۇ ھالنى بىز تارىخىي رومان «سۇتۇق بۇغراخان»دا تەسۋىرلەنگەن شاھزادىنىڭ تۆۋەندىكى تەسۋىرى سۈرىتىدىن كۆرەلەيمىز:«بېشىنىڭ چوققىسىغا تۈرمەكلىۋالغان يىرىك، قارا، ئۇزۇن چېچىنى باستۇرۇپ كالۋۇتۇن بىلەن كەشتە بېسىلغان تەيتۇللا بوغمىچا چىگكەن، ئۇچىسىغا يېشىل يىپەك تون كىيگەن. توننىڭ تۈز ياقىسىدىن ئېتىكىگىچە ئالتۇن رەڭ مەشۇتتىن كەشتە تىكىلگەن، خۇددى شۇنداق كەشتە كەڭ يېڭىدىمۇ جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. ئالتۇن توقىلىق كەڭلىكى تۆت ئىلىك كېلىدىغان يىپەك بەلۋېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئۈچ غېرىچ ئۇزۇنلۇقتا كۈمۈش قىنلىق، تۇچ ساپلىق خەنجەر ئېسىلغان. ئۇنىڭ سېپىغا سەدەپ قويۇلغان.جۈپ تىللىق قامچىسىنى ئاتقا ئۇرماي پات – پات سىلكىپ قويۇشى ۋە ئۇچلۇق تۇمشۇقىغا مىس قاپلانغان. تۇچتىن ئىشلەنگەن دىۋىتكۈچى بار ئۆتۈكلۈك ئايىغى ...» مانا بۇ تەسۋىرلەر قاراخانلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادىتىدىن خەۋەر بېرىدۇ.

«ئۇيغۇر ئۆرپ ئادەتلىرى» ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى

 

دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4797
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 971
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە971دانە
ئۆسۈش: 950 %
مۇنبەر پۇلى: 6116 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-05-10

تېما ھەقىقەتەن ئېسىل كەن،
    بۈگۈنكى كۈنىمىزدە كۆپ ساندىكى خەلقىمىز ئۇيغۇر كىيىم كىچەكلىرىنى كۆرسىتىشتە(ئەلۋەتتە سەھنىدە ئەمەس)سەنئەت كىيىملىرىمىزنى ئۆرنەك قىلىۋاتىدۇ،تۇرمۇشلۇق شاھانە كىيىملىرىمىزنىڭ تەرەقىياتى بەكمۇ ئاستىدەك ھەتتە بۇنىڭ ئورنىنى سەنئەت كىيىملىرىمىز ئىگىلەپ بولغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم،ھەتتا بىز مىللەتنىڭ ھىچبىر تەرپىنى چۈشەنمەيدىغان بىرلىرىنىڭ خەلقارالىق كۆرەكلەردە ۋەيا دوستلۇق پائالىيەتلىرىدە ئەسلا بىزگە ئەنسۇپ بولمىغان سەھنە كىيىملىرى بىلەن پەيدا بولشى كىشىنى تولۇمۇ ئۈمۈت سىزلەندۈردۇ،خەلقىمىزنىڭ ھەرتۈرلۈك مەدەنىيىتىمىزنى گەۋدىلەندۈردىغان سورۇنلاردا سەنئەت كىيىملىرىمىز بىلەن تۇرمۇشلۇق كىيىملىرىمىزنى ماس ھالدا ئايرىۋىلىشىنى،بەزى چوڭ سورۇنلارغا قارتا تىگىشلىك ئورگانلارنىڭ تەنقىدى پىكىر ۋەيا توغۇرا بولغان كىيىم-كىچەك مەدەنىيىتىمىزنى كۆرسىتىپ بىرشىنى سەمىمى ئىلتىماس قىلمەن.
دەرىجە: چەكلەنگەن

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 925
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە925دانە
ئۆسۈش: 490 %
مۇنبەر پۇلى: 1 سوم
تۆھپىسى: 83 كىشى
ياخشى باھا: 4789 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-03-26
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 14:01

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
دوستلىشىش
nazli0998
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4714
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1309
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1309دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 7346 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-05-09
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 22:53

رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
ھازىر  قەشقەردە  مۇشۇندا  يۇرۇيدۇ
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4797
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 971
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە971دانە
ئۆسۈش: 950 %
مۇنبەر پۇلى: 6116 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-05-10
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 23:34

2-قەۋەت (بىگان) نىڭ يازمىسىغا

قىرىندىشىم مەن بۇيەدە سىزنى ھەمىشە ئەنئەنىۋى كىيىم بىلەن يۈرۈڭ دىگىنىم يوق،دىمەكچى بولغىنىم ھازىرقى ۋاقىتتا بەزى بىر
خەلقارالىق سورۇن ۋە سەھنىلەردە،ياكى بايرام تەنتەنىلىرىدە ئۇيغۇرنىڭ دىيلىۋاتقان كىيىملەرگە بولغان ھەيرانلىقىم ۋەشۇ خىل كىيىملەرنى كىيىشنى كۆرسىتىپ بىرۋاتقان مەيلى ئۆز مىللەت ۋەيا  ئۆزگەمىللەت ئىچىدىكى بىرلىرىنىڭ دىققەت قىلشىنى ۋە بۇلارغا توغرا بولغان مىللى تۇرمۇشلۇق ۋە سەنئەت كىيىملىرى توغۇرسىدائۇچۇر بىرەلەيدىغان ئورگانلارنىڭ  كۆپەرك كۆڭۈل بۆلگۈزىشىنى ئۈمۈت قىلدىم خالاس.ئەتىراپىمىزدىكىلەرنىڭ مىللى كىيىملىرىمىزگە بولغان چۈشەنچىسى پەقەتلا سەنئەت كىيىملىرى(ھەتتا ئۆزىمىزدىمۇ شۇداق بولۇشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ)ھەتتا مۇشۇ ئەنئەت كىيىملىرىمىزنمۇ توغرا تەشۋىق قىلالمىدىقمۇ ئىشقىلىپ ئىپپەتسىز ھاياسىز كىيىم شەكىدە بىزگە ۋەكەللىك رەلنى ئوينىسا ئۆزكىگە بىزنىڭ كىيىملىرىمىزنى تونتۇش رولنى ئۆتەۋاتىدۇ.
دوستلىشىش
ئائە...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10471
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 70 %
مۇنبەر پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-24
ئاخىرقى: 2012-05-06
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-25 23:58

Re:2-قەۋەت (بىگان) نىڭ يازمىسىغا

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى eltabir9 نىڭ 2012-01-25 23:34 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 2-قەۋەت (بىگان) نىڭ يازمىسىغا :
قىرىندىشىم مەن بۇيەدە سىزنى ھەمىشە ئەنئەنىۋى كىيىم بىلەن يۈرۈڭ دىگىنىم يوق،دىمەكچى بولغىنىم ھازىرقى ۋاقىتتا بەزى بىر
خەلقارالىق سورۇن ۋە سەھنىلەردە،ياكى بايرام تەنتەنىلىرىدە ئۇيغۇرنىڭ دىيلىۋاتقان كىيىملەرگە بولغان ھەيرانلىقىم ۋەشۇ خىل كىيىملەرنى كىيىشنى كۆرسىتىپ بىرۋاتقان مەيلى ئۆز مىللەت ۋەيا  ئۆزگەمىللەت ئىچىدىكى بىرلىرىنىڭ دىققەت قىلشىنى ۋە بۇلارغا توغرا بولغان مىللى تۇرمۇشلۇق ۋە سەنئەت كىيىملىرى توغۇرسىدائۇچۇر بىرەلەيدىغان ئورگانلارنىڭ  كۆپەرك كۆڭۈل بۆلگۈزىشىنى ئۈمۈت قىلدىم خالاس.ئەتىراپىمىزدىكىلەرنىڭ مىللى كىيىملىرىمىزگە بولغان چۈشەنچىسى پەقەتلا سەنئەت كىيىملىرى(ھەتتا ئۆزىمىزدىمۇ شۇداق بولۇشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ)ھەتتا مۇشۇ ئەنئەت كىيىملىرىمىزنمۇ توغرا تەشۋىق قىلالمىدىقمۇ ئىشقىلىپ ئىپپەتسىز ھاياسىز كىيىم شەكىدە بىزگە ۋەكەللىك رەلنى ئوينىسا ئۆزكىگە بىزنىڭ كىيىملىرىمىزنى تونتۇش رولنى ئۆتەۋاتىدۇ.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

   تىمىڭىزغا رەھمەت!!!
      مەن يىڭى كىردىم .شۇنداق بولسىمۇ قارىشىمنى باياب قىلىپ باقاي:
مىنىڭچە تۇرمۇشتىن يىراقلىسا ئۇ پەقەت سەھنە بىلەن كىتاب ،ئۈن-سىن قاتارلىق ساقلانمىلاردىلا مەۋقۇدلىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ . دىمەكچىمەنكى كىيىنىش مەدەنىيىتى تۇرمۇش بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ.ئېغىز ئەدەبىياتى،رەسساملىىق دىگەندەك بىرقاتار مەدەنىيەت تۈرلىرىدەك كىتاب قىللىب ساقلاپ قۇيسىلا بولمايدۇ. بولمىسا ساقلانمىلار بىلەن مۇزىي تىزىپ قۇيۇشقا توغراكىلىدۇ.مۇزىي گەرچە تارىخى مەدەنىيەت شاھىدىي بويۇملىرىنىڭ جەمگاھى بولسىمۇ،لىكىن مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا مەدەنىيەتنىڭ "ئۆلگەن"قىسمىدىن ئىبارەت...
 
 مەدەنىيىتنى  تۇرمۇشتىن ئايرىپ ساقلايمىز دېسەك ،ئۇنى مۇزىيغا قغلىساق بولىدۇ .


ئازىراق سۆزلەپ باقتىم ،جامائەت قانداق قارايدىكىن...
دوستلىشىش
ئائە...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10471
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 70 %
مۇنبەر پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-24
ئاخىرقى: 2012-05-06
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-26 00:01

كەچۈرۈڭلار  يۇقىردىكى ئەسلى   4-قەۋەت  eltabir9 نىڭ يازمىسىغا يازغان ئىنكاس ئىدى...
دەرىجە: چەكلەنگەن

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 925
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە925دانە
ئۆسۈش: 490 %
مۇنبەر پۇلى: 1 سوم
تۆھپىسى: 83 كىشى
ياخشى باھا: 4789 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-03-26
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-26 00:44

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
دوستلىشىش
ئەسلىم0998
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9920
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 109
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە109دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1090 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-05
ئاخىرقى: 2012-05-03
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-26 12:09

ئاللا  رەھمەت قىلسۇن  ياخشى  ئىشتىن  بىرنى  قىپسىز  بۇرادەر
ھەممىسى تۇگەيدۇ پەقەت ياخشى ئەمەللىرىمىز قىلىپ قالىدۇ ''
ئاللا گۇناھلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلسۇن
دوستلىشىش
نەزەرسالسام
NaZar SaLSaM DuN Ya Ga HaMMa NarSa YaLGaN Dak TuYLuDu
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9669
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 184
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە184دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1635 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2012-02-17
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-27 17:24

ئاللا رەخمەت قىلسۇن قېرىندىشىم
نەزەر