يۈرىكىم قەيەردىسەن ؟........يۈرىكىم قەيەردىسەن؟
قەلبىمىزنىڭ قىتىپ كەتكەنلىكىدىن شىكايەت قىلىمىز، ۋە يۇمشاق قەلىبنى ئىزدەيمىزيۇ ئەمما كۆپىنچە تاپالمايمىز. ئىمام ھافىزبىن رەجەبنىڭ (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) سۆزلەپ بىرىشىچە بىر ئادەم بار بولۇپ ئۇ ئادەم ئۆز-ئۆزىگە يىغلايتتى ،
نىدا قىلاتتى......قەيەردە سەن يۈرىكىم ....يۈرىكىمنى كىم تىپىۋالدى ؟ دەيتتى.
بىر كۈنى ئۇ ئادەم بىر كوچىغا كىرىپ يىغلاۋاتقان كىچىك بالىنى كۆردى ، بالىنىڭ ئانىسى بالىنى ئۇرۇپ ، ھويلىدىن چىقىرىۋىتىپ ئىشىكنى تاقىۋالدى ، شۇ چاغدا بالا ئۇياققا –بۇياققا قاراشقا باشلىدى ، بالا نەگە بىرىپ نەدە تۇرۇشنىمۇ بىلمەيتتى ،
بالا ئاندىن ئىشىك تەرەپكە قايتتى ، بىشىنى دەرۋازىنىڭ بوسوغىسىغا قويۇپلا ئۇخلاپ قالدى ، بىرچاغدا ئويغىنىپ يەنە يىغلاشقا باشلىدى ۋە ئانا....!!!
سىز تاقىۋالغان ئىشىكنى كىممۇ ماڭا ئىچىپ بىرىدۇ؟
سىز مىنى قوغلىسىڭىز كىممۇ مىنى يىنىغا تارتىدۇ؟
سىز ماڭا ئۆچ بولسىڭىز كىم مىنى باقىدۇ؟ دەۋاتاتتى .
ئانىنىڭ بالىسىغا ئىچى ئاغرىپ ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن قاراپ بالىسىنىڭ كۆز ياشلىرى يۈزىنى يۇغان ، ئۇستى بىشى توپىغا مىلەنگەن ھالىتىنى كۆرۈپ ئىشىكنى ئىچىپلا بالىسىنى كۆتۈرۈپ قۇچىقىغا ئىلىۋالدى ، ۋە بالىسىنى سۆيۈپ تۇرۇپ،
ئەي كۆزۈمنىڭ نۇرى ، جىنىمنىڭ بىر پارچىسى...... ئۆزۈڭ مىنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلاپ قويدۇڭ.......
ساڭا بەرگەن جازايىم ھەقلىق بولىدى.....ئەگەر سەن مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلىغىنىڭدا بۇنداق ئەھۋاللار يۈز بەرمەيتتى..... دىدى . بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ تۇرغان ھىلىقى ئادەم : يۈرىكىمنى تىپىۋالدىم.....! يۈرىكىمنى تىپىۋالدىم....!-دەپ توۋلاپ كەتتى.
سىز ئۇ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى قانداق تىپىۋالغانلىقىنى بىلەلىدىڭىزمۇ...؟
ئۇ ئادەم ئىنتايىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆز رەببىنىڭ بوسۇغىسىغا بىشىنى قويغان (سەجدەقىلغان) ، ئۆز پەرۋەردىگارى تەرەپكە يۈزلەنگەن ھالەتتە تىپىۋالدى .
چۇنكى ئىنسان ئۆزى قورققان ھەر بىر نەرسىدىن قاچسىمۇ بىراق ئاللادىن قاچماستىن ، دائىم ئاللا تەرەپكىلا تەلپۈنىدۇ.
« ئى (مۇھەممەد!) ئىيتقىنكى،ئاللاھ تەرەپكە قىچىڭلار (يەنى ئاللا غا ئىلتىجا قىلىڭلار) ، مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاللا تەرىپىدىن كەلگەن (ئوچۇق) ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن». سۈرە زارىيات 50-ئايەت.
ئايتۈرك تەرجىمىسى
مەنبە :
http://www.alshamsi.net/islam/story/story486.html
[ بۇ يازمىنىay-turk 2012-01-25 20:39قايتا تەھرىرلىدى ]