غەيۋەتكە قولاق سېلىشنىڭ ھاراملىقى
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ :( ئىنسان قىيامەت كۈنى )قۇلاق، كۆز ،دىل ( يەنى سەزگۈ ئەزالىرى ) نىڭ قىلمىىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سۇئال سوراق قىلىنىدۇ .<1>
ئاللاھتائالا يەنە مۇنداق دىگەن : ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماسلىقنىشەيتان ساڭا ئۇنتۇلدۇرغان بولسا ، ئىسىڭگە كەلگەندىن كىيىن ، زالىم قەۋىم بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن .<2>
ئاللاھتائالا مۆئمىن بەندىلىرى ھەققىدە مۇنداق دىگەن ؛ ئۇلار بىھۇدە سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىدى ،( يەنى يۈز ئۆرىدى. ) <3>
كەئىب ئىبنى مالىكنىڭ تەۋبە قىلىش ۋەقەسىگە ئائىت ئۇزۇن ھەدىسنىڭ بىر قىسمىدا مۇنداق كەلگەن ؛ ئابدۇللاھ ئىبنى كەئىبئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبۇكقا بارغاندىن كىيىن دەم ئېلىش ئۈچۈن ئولتۇرغاندا ؛ كەئىب مالىكقا نىمە بولدى ؟دەپ سوراپتۇ .بەنى سەلەمە جەمەتىدىن بولغان بىر كىشى : ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى !كەئىبنى ئۆزىنىڭ تونىنى كىيىپ ، ئىككى يانغا بېقىشلىرى (ئۆزىدىن پەخىرلىنىپ )ئۇنى ئۇرۇشقا كەلگىلى قويمىغاندۇ ، دەپتۇ .مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ؛ بۇرادەر ،سەن يامان سۆز قىلدىڭ ، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى ، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ،بىز كەئىبتە ياخشىلىقتىن باشقىنى بىلمەيمىز دەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گەپ قىلماپتۇ .( بىرلىككە كەلگەن ھەدىس .)
ئىنسان غەيۋەتكە ماسلىشىپ ، ئۇنىڭغا قۇلاق سالغانلىقىغا قىيامە ت كۈنى ئاللاھ ئالدىدامەسئۇلىيەتكە تارتىلىدىغانلىقى .
غەيۋەتخورلارسورىنىدا ئولتۇرۇشنىڭ ھاراملىقى .
غەيۋەت ۋە ناچار سۆزلەرگە قولاق سالماسلىق مۆئمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىن ئىكەنلىكى .
كەئىب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋەقەسى ھەققىدە كەلگەن ھەدىس خۇددى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ < بىز پەقەت كەئىبنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىنىلا بىلىمىز > دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىش ، غەيۋەتنى توسۇش ۋە غەيۋەتخورنىڭ سۆزىنى يەرگە ئۇرۇپ ، قېرىندىشىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى زىكرى قىلىش ئارقىلىق ئۇنى مۇداپىيە قىلىشقا ئۈندەيدۇ .
ئەبۇدەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن : كىمكى ئۆز بۇرادىرىنىڭ ئابرويىنى قوغداپ قالسا ، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىنى دوزاختىن قوغداپ قالىدۇ .< تىرمىزىدىن >
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن : ھەرقانداق بىر ئادەم ئۆز قېرىندىشىغا قېرىندىشى يوق يەردە ياردەم بەرسە ، ئاللاھ ئۇ كىشىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياردەم بىرىدۇ .
تۇقارقى سۆزلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى چۈشۈنىلسە ئىدى ، بىھۇدە سۆز قىلغۇچىلارغىمۇ سۆز ،غەيۋەتخورلارغىمۇ غەيۋەت قىلىش مەيدانى قالمىغان بۇلاتتى .
ھەرقانداق بىر كىشى كۈنىمىزدىكى ئىنسانلارغا قارايدىغان بولسا ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكىلەرنى ھىس قىلىمىز .
مۇسۇلمان ھەققىدە ناچار سۆز قىلىۋاتقان غەيۋەتخورغا مۇڭلۇق قولاق سېلىش .
غەيۋىتى قىلىنغان كىشىنىڭ تېخىمۇ يامان خەۋىرىنى بىلىش ئۈچۈن غەيۋەتنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش .
شەيتانغا ھەمكارلىشىپ ،قېرىندىشىنىڭ يامان كۆرىدىغان گەپ سۆزلىرىنى ئاڭلاش .
غەيۋەتخورنىڭ سۆزىگە ماسلىشىپ ، قىلغان سۆزلىرىنى ماختاپ ،سورۇندا بولمىغان مۇسۇلمانغا داغ تەككۈزۈش .
مەنبە : ھەدىسلەر .
داۋامى بار .