چاشقاننىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 500 كىلومېتىرغا يېتىدۇ،لېكىن چاشقانلار بۇنداق تېز يۈگۈرۈشنى خالىمايدۇ.چۈنكى بەك تېز يۈگۈرگەندە ،چاشقانلارنىڭ مەھرۇم بولىدىغىنى ئېرىشكىنىدىن كۆپ بولۇپ كېتىشى مۈمكىن.
ئەگەر بىر چاشقاننىڭ يۈگۈرۈش سۈرئىتى سائەتىگە 500كىلومېتىر بولسا ،چوقۇم ھىچقانداق ھايۋان ئۇنى تۇتالمايدۇ-دە،ئۇلاردا ئوۋلىغۇچىلارغا تۇتۇلماسلىقتەك ئالاھىدىلىك شەكىللىنىدۇ.لېكىن بۇنداق تېز يۈگۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار ئۆزىدە زور مىقداردا ئېنېرگىيە تەييارلىشى كېرەك.ھالبۇكى ،بۇ ئېنېرگىيە ئەسلىدە ئەۋلاد قالدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى كېرەك ئىدى.
ئەگەر ئادەتتىكى چاشقان يىلدا 10 ئەۋلات قالدۇرالىسا ،تېز يۈگۈرەيدىغان چاشقان يىلدا ئاران ئىككى ئەۋلاد قالدۇرالايدۇ،ئومۇمەن،تېز سۈرئەتتە يۈگۈرىدىغان چاشقاننىڭ بالىلىرى ئادەتتىكى چاشقاننىڭكىدىن كۆپ بولمايدۇ.
شۇڭلاشقا،سۈرئەت پەقەت چاشقاننىڭ ھايات قېلىشىدىكى بىر تەرەپلا خالاس تېز يۈگۈرەيدىغان يىلپىزغا قارىغاندا ،ئاستا يۈگۈرەيدىغان چاشقاننىڭ ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇشى مۈمكىن.
