پانۇس ئېسىپ ئۆيۈڭگە چاغان كەلدى ئوينىۋال ،
ھاراق ئىچىپ كەيىپتە چاغان كەلدى ئوينىۋال .
ئېتىلداقلار ئېتىلسۇن قۇلاقلارنى يارغۇدەك ،
بالىلىرىڭ شاتلانسۇن چاغان كەلدى ئوينىۋال .
ناغرا سۇناي چالدۇرۇپ دۇكانلارنىڭ ئالدىدا ،
رەڭۋازلىقنى ماركا قىپ چاغان كەلدى ئوينىۋال .
باشلىقىڭنى مېھمان قىل تۈگۈر تىزىپ جوزىغا ،
خۇشامەتنى كۆرسىتىپ چاغان كەلدى ئوينىۋال .
ھەرخىل نىيەت ئارزۇغا يىتىشنىڭ بۇ يولى دەپ ،
كۈندە ساختا ھېجىيىپ چاغان كەلدى ئوينىۋال .
رېستۇراندىن ئورۇن ئال ئالدىنئالا زاكاس قىپ ،
رەڭلىك سورۇن قىزىتىپ چاغان كەلدى ئوينىۋال .
كېرىۋىلىپ دېباغا كېچىلىرى ساڭنادا ،
سەتەڭلارنى قۇچاقلاپ چاغان كەلدى ئوينىۋال .
يېتىپ ئاشار بىر ھەپتە بۇزۇقچىلىق قىلىشقا ،
ئېمانىڭنى ئۇنتۇپلا چاغان كەلدى ئوينىۋال .
تەخسىكەشلىك ئەزەلدىن بولغاندىكىن ئەنئەنەڭ ،
چاڭچىلىگە چىرقىراپ چاغان كەلدى ئوينىۋال .
چاغان دېگەن بىزنىڭمۇ بايرىمىمىز ئىدى دەپ ،
ئىت گۆشىدىن تۈگۈر يەپ چاغان كەلدى ئوينىۋال .
قىلنى پىلدەك كۆرسىتىپ كۆزنى بوياپ سەھنىدە ،
تېلىۋىزوردا غىلجىڭلاپ چاغان كەلدى ئوينىۋال .
ئەپلەپ سەپلەپ ياشاشقا كەلگەندىكىن دۇنياغا ،
ۋىجدانىڭنى سېتىپ يەپ چاغان كەلدى ئوينىۋال .
2012-1-21
مەنبە:ئىجادىيىتىم