باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2397 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەن ۋاقتى(ھ)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-07 14:28

ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەن ۋاقتى(ھ)

                                       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بىزنىڭ ئاتا-بۇۋىمىز نىڭ ئىسلامغا ئىتقاد قىلىدىغىنىنىلا بىلىمىز بىراق ئىسلام دىننىڭ شىنجاڭغا
 قاچان قانداق كىرگەنلىكىنى كۇپۇنچىمىز بىلمەيدىكەنمىز. شۇڭا مەن بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۇچۇن بۇ

بۇ تىمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.

ئىككى مىنۇتلا ۋاقتىڭلارنى ئاجرىتىپ تەپسىلى ئۇقۇپ بېقىشىڭلارنى ئۇمىت قىلىمەن.




مىلادىيە 9.ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭدا ئىككى خانلىق ياشايتتى. بىرى بۇددا دىنى ۋە مانى دىنىغا ئىتقاد قىلىدىغان قاراخانىيلار يەنە بىرى بولسا ئىسلام دىنغا ئىتقاد قىلىدىغان سامانىيلار سۇلالىسى ئىدى . بۇلارنىڭ ئارسىدىكى ھۈكۈمرانلارنىڭ مۇناسىۋىتى خېلى قۇيۇق ئىدى ئاردا خەت-چەك ئالاقە قۇرالى خېلىلا قۇيۇق ئىدى. ئاردىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن سامانىيلار سۇلالىسى ئۈزىنىڭ قوشنىسى بولغان قاراخانىيلار خانلىقىنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىپ ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى لېكىن ئىسلام دىننى ئۆچ كۈرىدىغان قاراخانىيلار سەردارى ئۇغۇلچاق بۇ ئەلچىلەرنى قۇپاللىق بىلەن رەت قىلۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن سامانىيلار ئۇلار بىلەن جىھاد قىلدى.

مىلادىيە 893.يىلى سامانىيلار قاراخانىيلارغا يەنە ئىسلام دىنغا دەۋەت قىلىپ ئەلچىلەرنى كىرگۈزدى نەتىجىسى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا قاتتىقلىق بىلەن رەت قىلىشقا ئۇچۇردى . سامانىيلار ئۇلارغا زور بىر تۈركۇم قۇشۇن بىلەن كىلىپ ئۇغۇلچاق بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇلار ئۇستىدىن غالىپ كەلدى ھەم ئۇغۇلچاقنىڭ خوتۇنىنى ۋە ئون بەشمىڭ ئەسكىرىنى  ئەسىر ئالدى ئۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئون مىڭىنى ئۆلتۇرۋەتتى . ھەم ئۇغۇلچاقنىڭ ئىككىنچى پايتەختى بولغان تالاس(ھازىرقى قازاقىستاننىڭ جابۇل شەھرى) نى بېسۋالدى. ئۇغۇلچاق پايتەختىنى قەشقەرگە يوتكەپ شۇ يەردە پاناھلاندى.  ئۇزۇن ئۆتمەي سامانىيلار سۇلالىسى ئىچىدە ئىچكى نىزاھ يۈز بىرىپ شاھزادە ناسىر ئىبنى مەنسۇر (تارىختىكى ئەبۇ ناسىر) مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ ئۆز يۇرتىدىن چىقىپ كىتىپ ئۇغۇلچاقتىن سىياسى پاناھلىق ئىزدەپ ئۇنىڭ دۆلىتىگە سودىگەر قىياپىتىدە باردى . قارا خانىيلار خاقانى ئۇغۇلچاق سامانىيلاردىن ئۆچ ئېلىش ۋە قولدىن كەتكەن شەھەرنى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن شاھزادە ناسىرنى ناھايتى ياخشى كۈتۋالدى. ۋە ئۇنىڭغا <ئىنىڭىز سىزگە رەھىمسىزلىك قىلغان بولسا مەن سىزگە دوستانە مۇئامىلىدە بۇلىمەن سىز قانداق ئىشىڭىز بولسا  مىنى ئىزدەڭ مەن سىز گە ھەمدەمدە بۇلىمەن > دىدى ۋە ئۇنى ئاتۇشقا ئەمەلدار قىلىپ قويدى. 

 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتۇشتا تىجارەت بىلەن شۇغۇللاندى .ئۇنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەر يىغىلدى . سودىگەرلەرنىڭ كۈپۇنچىسى بۇخارار ،سەمەرقەند،تاشكەنتلىكلەر ئىدى . ئۇ سودىگەرلەر ھەممىسى مۇسۇلمان بولغاچقا ئۇلارنىڭ تەسىرى خېلى زور بولدى . ھەم ئۇلار ئەبۇ ناسىر غا ناماز ئۇقۇيدىغانغا بىر مەسچىت سېلىش تەكلىپىنى بەردى . ئۇنىڭسىزمۇ ئەبۇ ناسىرنىڭ ئۇيىمۇ شۇ ئىدى . ئەبۇ ناسىر ئۇغۇلچاققا نۇرغۇنلىغان ئىسىل بۇيۇملارنى ، رەختلەرنى ، قۇم شىكەرلەرنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا ساداقىتىنى بىلدۇردى. ئۇ ئۇغۇلچاقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرشىپ بولغاندىن  كىيىن ئۇنىڭغا ناماز ئۇقۇيدىغانغا بىر كالا تىرسىنىڭ ئورنىچىلىك يەرئاجىرتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى . ئۇغۇلچاق ئەبۇ ناسىرغا <سىز قەيەرنى خالىسىڭىز شۇ يەر سىزنىڭ بولسۇن > دىدى . ئەبۇ ناسىر ئۇ بىر كالا تىرسىنى تېپىپ ئۇنى ئىنچىكە ئارغامچا قىلىپ تىلىپ ئاتۇشتىكى ئەڭ ياخشى بىر جاينى تېپىپ شۇ تىرە ئارغامچا بىلەن ئۇراپ كۈرۈپ شۇ يەرگە مەسچىت سېلىشقا باشلايدۇ.

ئۇغۇلچاق بۇ ئىشتا ئۇزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلسىمۇ ئەبۇ ناسىرنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە ھەيران بۇلۇپ ئۇنىڭغا گەپ قىلالمايدۇ. كىيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە ئۇغۇلچاق ۋە قاراخانىيلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان بىرئىش بۇلىدۇ. ئۇغۇلچاقنىڭ جىيەن ئوغلى سۇتۇق بۇغراخان ئەبۇ ناسىرنىڭ نەسىھىتى بىلەن ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بۇلىدۇ. ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئوردا ھاكىمىيتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ شۇنىڭ بىلەن قارا خانىيلار خانلىقى تۇنجى قېتىم مەملىكىتىمىزدە يەرلىك ئىسلام ھاكىمىيتى بۇلۇپ قالىدۇ.       
                              شاھزادە ئەبۇ ناسىر <كالا تىرسى> پىلانى بىلەن سالغان بۇ مەسچىت شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى مەسچىت ھىسابلىنىدۇ.

مانا يۇقارقىلار بولسا ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى كىرشى ھەم شىنجاڭدىكى تۇنجى مەسچىتنىڭ بىنا قىلنىشى ھېسابلىنىدۇ


ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەن ۋاختىمۇ دەل مۇشۇ 9.ئەسىرنىڭ ئاخرلىرىغا توغرا كىلىدۇ.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 887
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-07
ئاخىرقى: 2010-08-14
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-07 17:24

ئىسلامنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان <ئەبۇ ناسىر > توپىلاڭدىن تۇقاچ ئوغۇرلاپتىكەنغۇ ؟ ئىككى ئادەمنىڭ جىدەلگە سەپ قۇيۇپ ، دىن تارقىتىشنى خۇدامۇ راۋا كۆرمەيدۇ !.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 887
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-07
ئاخىرقى: 2010-08-14
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-07 21:33

مەن ئاسانلىقچە چۈشەنمىگەن تېمامغا ئىنكاس يازمايمەن، كەچۈرۈڭ قېرىندىشىم.