سىزغۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى مەسجىد نى تىلغا ئاپسىز لىكىن ئۇ تۇنجى مەسجىد ازىر بارلىغىنى ياكى يۇقلىغىنى ؟بار بولسا قەيەردە قايسى مەسجىد ئىكەنلىگىنى ،يوق بولسا قاچان قانداق ۋاقىتتا نىمە سەۋەب بىلەن يۇقالغانلىغىنى پەقەت ئەسكەرتمەپسىز ؟؟خاپا بولماي بۇنى يەنە بىر ئەسكەرتىپ تۇلۇقلاپ چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭىز ؟يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تۇلىغى بىلەن چۇشىنىۋالساق دىمەكچىمەن .
ئەبۇ نەسىر سامانى توغرىسىدا مەن يەنە مۇنداق بىر رىۋايەتنى ئۇقىغان ،ئۇنى سىز دىگەندەك ئۇغولچاق ئاتۇشقا ئەمەلدار قىلىپ تەيىنلىمىگەن لىكىن ئۇنىڭغا سىياسىي پاناھلىق بەرگەن چۇنكى ئۇ بىر مۇسۇلمان بۇلۇپ ،پۇتكۇل ئۇيغۇر خانلىقلىرىنىڭ يەنى ماچىن بۇددىسلىرى،ئىدىققۇت بوددىسلىرى،ھەم بۇيۇك قارىخانىيلار بوددىسلىرىنىڭ بىردەك دۇشمىنى ھىساپلانغان ئىسلام دىينىغا ئىتىقاد قىلىدىغان بىر دۇلەتنىڭ پۇخراسى << شاھزادىسى>> ئىدى .
ئەمدى سۇتۇق نىڭ ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقان جايى ھازىرقى ئاتۇشنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان ئۇزى ھاۋالىق ھەم مەنزىرىسى ناھايىتى يېقىشلىق بولغان تەنگە تاغ << ئاتۇش چوڭ جىلغىسى>> دا تاسادىپەن ئۇچىرىشىپ قالغان ،ئۇ چاغدا سۇتۇق تىكىن دۇسلىرى بىلەن ئوۋ ئوۋلاش << ھەربىي مەشق>> ئۈچۈن چىققان ۋاقىت بولوپ ئۇلار ئۇ جىلغىنىڭ ئىچىگە كىرسە بىر نەچچە ئادەمنىڭ يۇكۇنۇپ ئولتۇرۇپ بىر ئىشلارنى قىلىۋاتقان <<ناماز ئۇقىۋاتقان >> ھالىتىنى كۇرۇپ ئۇلارغا قىزىقارلىق تۇيۇلۇپ ئلارنى تاماشا قىلىپ تۇرىشىدۇ ........................................... كىيىن ئۇبۇ نەسىر << سامانىي>>نىڭ كۇپ تەرەپلىك ئەجىر سىڭدۇرىشى بىلەن ئۇلار بۇيۇك ئىسلامغا كىرىدۇ ..........
دىمەكچىمەنكى ئۇلار ناماز ئۇقىغان مەسجىد ھازىرمۇ بار ئۇ مەسجىدنىڭ ئىسمى قىرىق مەسجىد دەپ ئاتىلىدۇ ،چۇنكى تۇنجى ئىيمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولوپ ناماز ئۇقىغانلار قىرىق كىشى بولوپ ،بۇ مەسجىدنىڭ نامى شۇلانىڭ ئادەم سانى بىلەن ئاتالغانكەن ،بىز ھازىرمۇ شۇ يەرگە چىقىپ ئانچە مۇنچە زىيارەت قىلىپ تۇرىمىز ،.لىكىن ئۇ مەسجىدنىڭ ئىگىلىگەن كۇلىمى ، ھازىر بەك كىچىك ،سىزنىڭ تىمىڭىزدىكى مەسجىد بىلەن ئىككىسى يەر مەيدان جەھەتتىن خېلىلا پەرىقلىق ،ھەم ئۇ بەك خىلۋەت يەر بولغاچقا ئۇ يەرنى مىنىڭچە ئوغولچاقتىن سۇراش ھاجەتسىز دەپ قارايمەن .ئەگەر شۇ يەر تۇنجى مەسجىد بولسا مىنىڭچە چۇقۇم ئۇنىڭ نامى <<قىرىق مەسجىد >> بولماي بەلكىم شىنجاڭدىكى تۇنجى مەسجىد دەپ ئىنىق ئىزاھلىنىشى مۇمكىن ئىدى .