رەسىم:

ئەسكەرتىش: مەزكۈر تېمىنى ياخشى تېمىلارنى دائىم قەرەللىك ھالدا ساقلىۋېلىش ئادىتىم بويىچە كومپىيۇتېرىمغا ساقلىۋالغانتىم. كۆرمىگەنلەرنى كۆرسۈن، بىلمىگەنلەرنى بىلسۇن، خەۋەر تاپمىغانلارنى خەۋەر تاپسۇن، قەشقەردىكى مۇشۇنداق "چوشقا مۇدىر"لارنىڭ ئەپتى- پەشىرسى ئېچىپ تاشلانسۇن دىگەن ئۈمۈتتە ساقلىۋالغىنىمنى مۇنبەرداشلارغا قايتا سۇنماقچىمەن. ( مۈمكىن بولسا سىزمۇ مېنىڭ ئادىتىم بويىچە مەزكۈر تېمىنى ساقلىۋېلىۋېلىشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن)
بىر يىلغىچە سېسىمىغان كالا گۆشى
قەشقەر شەھەرلىك 26-ئوتتۇرا مەكتەپ 1960-يىلى قۇرۇلغان بىر مەكتەپ بولۇپ،50 يىللىق شانلىق مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتتى. بۇ جەرياندا ئۆز قوينىدا نۇرغۇن ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى بۇ مەكتەپ قۇرۇلغانلىقنىڭ 50 يىللىق تويى داغدۇغلۇق ئۆتكۈزۈلدى.ئوتتۇز نەچچە چارەك گۈرۈچ سېلىپ يەتتە مىڭ يۈئەنگە كالا ئېلىپ سويۇپ،يۇرىتقا چاي تارتىلىپ،ئاش بىرىلدى.مۇشۇ قېتىملىق پائالىيەتتە سويغان كالىنىڭ گۆشىدىن 30 كىلوگىرام گۆش ۋە بىر كالنىڭ پۈتۈن سۆڭئىكى ئېشىپ قالغان ئىدى.ئەتسى مەكتەپتىكى بىر قىسىم مەرىپەت سۆيەر ئوقۇتقۇچلار ‹‹گۈرۈچ، ياغ، سەۋزىنى ئۆز يېنىدىن ھەقسىز ئېلىپ بىرەيلى،ھېلىقى ئاشقان گۆش بىلەن تەنھەركەت يىغىنىدا بارلىق ئوقۇغۇچلارغا تاماق ئىتىپ بىرەيلى،تۈنۈگۈن بالىلارغا ھېچقانداق تاماق تەگمىدى›› دىسە مەكتەپ مۇدىرلىرى ئۇنىماي تۇرۋالدى. مۇشۇ ۋاقىتقىچە بىر يىل ئىككى ئاي ئۆتتى، لىكىن بۇ كالىنىڭ گۆشى ۋە سۆڭكى سېسىمىدى.بۇنى مەكتەپ مۇدىرلىرى يالماۋۇز چاينىماي يۇتقاندەك يۈتىۋەتتى. مەكتەپ تويىغا مەيداندىكى خەنزۇ قېرىنداشلار بىر سوپەك خۇڭشۇ ئەپچىقىپتىكەن بۇ خۇڭشۇمۇ ئىز دىرەكسىز يوقالدى.
مەكتەپ سەبىي بالىلارنى بىلىم بۇلاقلىرىنىڭ شەربەتلىرىدىن قانغۇچە بېرىپ ئۇلارنى ۋەتەن،خەلق ۋە مىللەت ئۈچۈن ياراملىق ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان بۆشۈكتىن ئىبارەت.بۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن پەقەت كەسپى سەۋىيىسى ئالاھىدە يۇقىرى،مەلۇم دەرىجىدىكى كەسپى ئەخلاققا ئىگە، كىشىلەرلا چىقالايدۇ، مائارىپنى چۈشەنمىگەن،ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمىگەن مەيلى دۆلەت بولسۇن،مەيلى بىرەر مىللەت ۋە ياكى بىرەر ئادەم بولسۇن،ئۇنىڭ كەلگۈسى ئاچچىق مەغلۇبىيەتتىنلا ئىبارەت.
مەن تۆۋەندە بۇ مەكتەپتە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى مىسال قىلىش ئارقىلىق مائارىپ سېستىمىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىماقچى،تۆۋەندە دېمەكچى بولغان گەپلىرىمنىڭ ھەممىسىراست.قەتئىي يالغان گەپ قوشمايمەن.
بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ مەكتەپنى بىر قىسىم ساپاسىز،بىلىمسىز،مەسئۇلىيەتسىز،ئەقىلسىز مەكتەپ مۇدىرلىرى بىچارە ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى.
1.مەكتەپتە مەكتەپ زۈمىگەرلىكى باش كۆتىردى.
ھازىرقى مەكتەپ مۇدىرى تەخىتكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي ،بۇ مەكتەپتىكى بىر ئوقۇتقۇچى،يەنى ھازىرقى مالىيە مۇدىرى ئۆزىنى ھازىرقى مەكتەپ مۇدىرنىڭ قوينىغا ئاتتى.شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئىچ قويۇن تاش قويۇن بولۇپ،ھەر خىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ شۇ چاغدا ياخشى ئىشلەۋاتقان مالىيە مۇدىرىنى ئاغدۇرۇپ، ئۆزى مالىيە مۇدىرى بولىۋالدى.ئاندىن ئۆزىنىڭ يەنى بىر تۇققىنىنى مۇئاۋېن ئىلمىي مۇدىر قىلىپ ئۆستۈردى.يەنە كىلىپ ئۇنى كەسپىي مائارىپقا مەسئۇل قىلدى.بۇ مۇئاۋېن ئىلمىي مۇدىرنىڭ لەقىمى ۋۇسۇڭ بولۇپ. ئۇ ئۆسۈش ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاستە تاللىمايدىغان پەس چاكىنا بىرنىمە ئىدى، ھاراق سورۇنىدا،تولا ھىڭگىيىپ، ۋۇسۇڭنى دوراپ،مەكتەپ مۇدىرلنىڭ كۆڭلىنى ئالىمەن دەپ قىلمىغىنى قالمىغان ئىدى.مانا شۇنداق قىلىپ ئىككى ھوقۇق قولىغا چۈشكەندىن كىيىن ،ئۇلار مەكتەپتە ھەقىقى زۇمگەرلىكنى باشلىدى.ئۇ يەنە ئۆز مەلىسىدىن بولغان بىر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنى بولغالتىر قىلىپ،يەنە بىر مەلىلىك ئوقۇتقۇچىنى ئامبارچى قىلىپ ئۆستۈرۋالدى. مالىيە مۇدىرى بۇ مەكتەپتىكى بىر پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىنى ئۇرۇپ، كۆزىگە قولىنى تىقۋەتتى.يەنە نەچچە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئۇرۇشتى.ھەم ئۇلارنى قورقۇتتى.ۋۇسۇڭ ھەممە يەردە چېپىپ يۈرۈپ بىرنىمە دىگەنلىكى كىشىنى نوچى بولساڭ چىقمامسەن دەپ چاپان سالىدىغان بولدى.شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىكى ئوننەچچە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئۇرشۇپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچلارغا ‹قاندىغىڭ بىرنىمە دىسەڭ يەيدىغىنىڭ مۇش› دەپ ئۆزىنى كۆرسەتكىلى تۇردى.ئۇنىڭ بۇ مەكتەپتىكى سىڭلىسىمۇ ،مەكتەپتىكى ئاياللار بىلەن ئۇرشۇپ ئۇلارنى پاتۇرمىغىلى تۇردى.تارىخ ئوقۇتۇش گورپىسىنىڭ باشلىقى بىلەن ئۇرۇشتى،شەھەردىن چىقىدىغان بىر ياش قىز بىلەن ئۇچرىغانلىكى يەردە ئۇرۇشۇپ ئۇنىڭغا ئارام بەرمەي،بۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولۇپ چىققانغا تويغۇزۋەتتى.شۇنداق قىلىپ بۇلار مەكتەپتە ھەقىقى بىر زۇمىگەر بولۇپ ئوتتىرغا چىقتى. 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى بىر ئىش بۇنىڭغا پولاتتەك پاكىت بولالايدۇ.بۇ كۈنى ئەتىگەنلىك يوقلىمىدىن كىيىن،ئوقۇتقۇچلارنىڭ ھەممىسى ئىشخانىسىغا كىرىپ كىتەي، دەپ تۇرشىغا،ۋۇسۇڭ ئىشخانىسىدىن يۈگرىپ چىقىپ،ئېتىلىپ بارغانچە ئەمدىلا ئوقۇتقۇچى بولۇپ بۇ مەكتەپكە چىققان م ئىسىملىك بالىنىڭ ئالدىغا كەلدى.‹‹سەن نىمىشقا ئاخشامقى ئورۇنلاشتۇرغان ئىشنى قىىلپ بولمىدىڭ؟››دىدى ئۇنى يىۋەتكۈدەك ئەلپازدا.ئۇ بالا تىترەپ تۇرۇپ ،ئاخشام خېلى ۋاقىتقىچە ئىشلىگەنلىكى ،لىكىن تۈگىتەلمىگەنلىكىنى ئېيىتتى،ئۇ ئەۋزەيلەپ ھەدەپ مەكتەپ مۇدىرنىڭ قېشىغا ئەپچىقىمەن دەپ،ئۇنىڭ بويۇنلىرى ،ئىڭئەكلىرنىڭ ئەتراپىدا قوللىرنى ئويناتقىلى تۇردى.بۇ ناھەقچىلىككە چىداپ تۇرالمىغان تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى،م ئا ‹‹سەن نىمىش قىلۋاتىسەن؟بۇ بالىغا نىمانچىلا قىلسەن؟كىچىچە ئىشلەپتىغۇ؟››دىدى.ۋۇسۇڭ دەرھال تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى،م ئا نىڭ ئالدىغا يۈگرىپ كىلىپ،‹سەن نىمە دەيسەن ؟گىپىڭ بارمىتى ؟ئۇ مىنىڭ ئوقۇغۇچۇم،مەن ئۇنىڭغا دەرىس بەرگەن ،قانداق قىلسام ئۆزەمنىڭ ئىشى›دەپ ئۇنىڭغا ئوشۇقلۇق قىلغىلى تۇردى. م ئا قورقۇپ قالدىمۇ ،كۈلۈپ تۇرۇپ،‹ھەرقانداق گەپ بولسا چىرايلىق دىمەمسەن، ئۇ ھازىر ئوقۇتقۇچى، بىز بىلەن ئوخشاش›دىدى.لىكىن،ۋۇسۇڭ پەيلىدىن يانمىغان ئىدى.ئۇ ھە دەپ ئۆزىنىڭ گېپىنى يورغىلاتقىلى تۇردى.بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمىغان تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئې ئې ‹‹سەن ئۇنى ئوقۇتقان بولساڭ ھۆكىمەت ساڭا مائاش بەرگەن بولغىيتى،نىمانداق ئوشۇقلۇق قىلسەن ››دىدى،ۋۇسۇڭ دەرھال بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالدىغا يۈگرەپ كىلىپ،‹‹سەن نىمە دەيتىڭ ؟››دەپ ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسلىپ‹نوچى بولساڭ ماڭە بىردىن ئېتىشايلى›دەپ ئۇنىڭ كۆڭلىكىنى يىرتىۋەتتى.باشقىلار ئۇلارنى ئاجرىتىۋالدى. بۇلارنىڭ مەكتەپتىكى بۇنداق زوراۋانلىقىدىن،ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇغان بولسىمىۇ، مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچلار قورقۇپ غىڭ- پىڭ قىلالمايدىغان بولدى.
مالىيە مۇدىرى مەكتەپ ئالدىدىكى 15مو كىلدىغان ئانارلىق باغنى ھۆدىگە ئالغان ئىدى.بۇ باغ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوننەچچە يىللىق پەرۋىش قىلىشى بىلەن باغ بولغاندا، بۇ يىل باشقا بىرسىگە ھۆددىگە بىرۋەتتى. ھۆددىگە ئالغانلار نەچچە مىڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى 10نەچچە يىل ئەجرى قىلىپ،يىتىشتۈرگەن ئانارلىق باغنى،بىر كىچىدە ئەجرىنى نۆل قىلىپ،تۈزلەپ ،ئانارنى قومۇرۇپ تاشلاپ،تۈپ تۈز ئاق يەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.ئۇلار باغنى كۆچەت يىتىشتۇرۈش بازىسى قىلۋالدى. بۇ جىنايەتنى كىم ئۈستىگە ئالدۇ.؟
2.مەكتەپنى پۇل تېپىش سورۇنىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.
(1)مالىيە مۇدىرى مەكتەپ ئاشخانىسىنى باشقۇردۇ.نەچچە يۈز بالا مەكتەپ ئاشخانىسىدىن تاماق يەيدۇ.تاماقنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ناچار.پۇراپ قالغان گۆشنى ئىشلىتىدۇ.قىشتا سەيدە بەسەي بىلەن ياڭيۇدىن باشقا نەرسە يوق.بۇنىڭغا ئوقۇتقۇچىنىڭ ھېچقايسىسى گەپ قىلالمايدۇ.گەپ قىلسا مەكتەپ مۇدىرى ئاڭلىمايدۇ.چۈنكى مەكتەپ مۇدىرى مالىيە مۇدىرى بىلەن شىرىك.ئويلاپ باقايلى،ھازىر مال باھاسى ئۆرلەپ كەتتى،دەپ ھەممە نەرسىنىڭ باھاسىنى ئۆستىرۋالدى.ھازىر قەشقەر شەھرىدە ئادەتتىكى ئاشخانىدا بىر تەخسە لەخمەن 6يۈئەن،مەكتەپ ئاشخانىسىدىكى لەغمەن بىلەن ئاشخانىنىڭ تامىقىنى بىر يەرگە قويسا ،بىرسى تاماق بولسا،بىرسىنى ئىشەككە ئېتىپ بىردىغان ھەلەپ دىسىمۇ،ھەلەپنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يىتىدۇ.
ھەتتا بەزى سىنىپ مۇدىرلىرى يىل بويى ئوقۇغۇچلارنىڭ تاماق بېلىتىنى بەرمەي،كۈنىگە بىردىن گىردە ئېلىپ بەردى.بۇ سىنىپ مۇدىرلىرى ماۋسۇم ئاخىردا ئېشىپ قالغان نەچچە مىڭ يۈئەن بىلەتنى مالىيە مۇدىرغا يېرىم باھادا سېتىپ،تەڭ پايدا ئېلىشىپ سەبى بالىلارنىڭ ھەققىنى يىيىشتى.
مالىيە مۇدىرى 100نەچچە مىڭ يۇئەن مەبلەغ سېلىپ،مەكتەپ ئىچىدكى ئاشخانىغا كەشچىلىك زاۋۇتى قۇرۋالدى.بۇ زاۋۇت كىچەر كۈندۈز توختىماي ماڭدۇ.توك پۇلىنى مەكتەپ تۆلەيدۇ.يۇقىردىن كەلگەنلەرگە ئوقۇغۇچلارغا ئۈگۈتۈش ئۈچۈن سالدۇق دەپ كۆز بويامچىلىق قىلدۇ.ئوقۇغۇچلارغا كەشتىچىلىكنى زاۋۇتتا ئۆگىتەمدۇ ياكى،قولدا ئۆگىتەمدۇ.؟بىچارە دىھقان پەرزەنىتلىرى 100نەچچە مىڭ يۈئەنگە زاۋۇت سېتۋالالامدۇ.بۇ كۆز بويامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
(2)كەسپى مائارىپتىكى ھەر بىر بالىغا ھەر ئوقۇش ماۋسۇمىدا 750يۈئەندىن پۇل بىردۇ.ھەر يىلى نۇرغۇن ئوقۇغۇچلار ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن مەكتەپتىن چىكىنىدۇ.بۇلار بۇ چىكىنگەن بالىلارنىڭ پۇلىنى ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا بەرمەي،تېخى توي قىلىپ كەتكەن ئوقۇغۇچلارنىڭ ئاتا - ئانىللىرنىڭ ئالدىغا كىرىپ،ئىلگىرى ئالغان پۇلنى قايىتتۇرسەن دەپ،ئۇلارنى قورقۇتۇپ،ئۇلارنىڭ پۇلىنى بەرمەي خەجلىۋالدۇ(2010-يىلى،11بالىنىڭ،2009-يىلى 17بالىنىڭ پۇلىنى خەجلىۋالدى.بۇنىڭغا ئە ت بىلەن ئا ت گۇۋا)..
(3) مەكتەپتىكى پۇيىن قىلىشقا مەسئۇل خادىم 2008يىلى ئىككى ئاساسەننى ئۆتكۈزۋالدىغان چاغدا،ئەتراپتىكى مەكتەپلەرنىڭ،ھەم خوشنا يېزا بولغان ئاۋات يېزىللىردىكى مەكتەپلەرنىڭ نۇرغۇن ماتىريالىرنى پۇيىن قىلىپ ،پۇل تاپقان،بۇنىڭغا مەكتەپ مۇدىرى يىشىل چىراغ يېقىپ بەرگەن.
(4)ئىككى يىل ئىلگىرى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپ سېتىۋالىمىز دەپ تولۇق ئوتتىردىكى 500دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىردىن 12يۈئەندىن پۇل يىقان ئىدى.بۇ پۇلنى مۈشۈك بالىسىنى يىگەندەك يىۋالدى.ھازىر ئۇ بالىلار ئالىقاچان ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولدى.ئۇ پۇل نەگە كەتتى.ئەمدى ئۇ پۇلنى قايىتتۇرمەن دىسە كىمگە قايىتتۇردۇ.
(5)بۇ يىل يېزىلىق ھۆكىمەت ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچلاردىن ھال سورغىلى 6000يۈئەن پۇل ئەككىرگەن. بۇ چاغدا بىر قىسىم ئوقۇتقۇچلار بۇ پۇلنى ئوقۇغۇچلارنىڭ ياتاق پۇلىغا تۆلەيلى دىسە، ئۇنىماي،مەكتەپتىكى ئەمەلدارلارنى ۋە بىر قسىم كۆتۈرمىچى ئوقۇتقۇچلارنى ساياھەتكە ئەپچىقىپ،ئوقۇغۇچلارنڭ ھەققىنى چوڭ يەپ،چوڭ ئىچىپ تۈگىتىۋەتتى.بۇنىڭغا مەكتەپتىكى پۇتۇن ئوقۇتقۇچى گۇۋا.ھەتتا بەزىلىرىمىز بىز ئوقۇغۇچلارنىڭ ھەققىنى يىمەيمىز دەپ چىققىلى ئۇنىمىدۇق..........
(6)بۇ مەكتەپنىڭ ئىلمىي بۆلىمىدە فىزىكىدا ئوقۇپ دەرس ئۆتەلمەي ماتىماتىكىغا چىقۋالغان ،خەلىقنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغان،لەنىتى بىر مەلئۇن بار،ئۇ ھەر يىلى مەكتەپ مۇدىرىغا ئوتتۇز قىرىق مىڭ يۈئەن تۇتۇپ بىردۇ.(پۇخرالاردىنلا تۇتىدۇ).
3.مەكتەپتە كۆتىرمىكەشلىك،پوداقچىلىك ئەۋىج ئەپ كەتتى.ھاراقكەش،كۆتىرچىلەرنى ئەتراپىغا يىغۋالدى.
بۇ مەكتەپتىكى بىر خانىم قىزىنىڭ تويىدا ئۈچ مەكتەپ مۇدىرىغا بىردىن پوپايكا قويغانلىقى ئۈچۈن،بۇ خانىمغا دەرىس بەرمەي،ياكى دەرىسنى ناھايىتى ئاز ئورۇنلاشتۇردى.ھەتتا كۆڭلى خالىسا مەكتەپكە چىقىدۇ.خالىمىسا چىقمايدۇ.ئۇنىڭ بىلەن تەڭ خىزمەت ئىستاژىغا ئىگە ،ئېغىر كىسەلگە گىرىپتار بولغان (بىرسى مىڭسىگە قان چۈشۈپ ساقايغان،يەنە بىرسى يۈرىكىگە كۆرۈك سېلىشقا تىگىشلىك )پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەر بىرسىگە 11سائەت،6سائەتتىن دەرىس بىرىپ قىينىدى.ئۇلار كۆپ قېتىم ئەھۋال ئېيىتسىمۇ،گېپىگە تىڭشىمىدى.ھەتتا بىر سىنىپنىڭ 76نەچچە سائەت خەنزۇ تىلى دەرسىنى بىر ماۋسۇمدا ئۆتمىسىمۇ،بۇنىڭغا چاپان يېپىپ يوق قىلۋەتتى.بۇنى سۈرۈشتىردىغان ئادەم چىقمىدى.
يەنە بىر خانىمنىڭ ئېرى مەكتەپ مۇدىرىنى داۋاملىق مىھمان قىلغاچقا،بۇ خانىمنى ئۆستۈرۈپ ئەخلاقى تەربىيە بۆلىمىگە ئەپچىقىپ قويدى.بۇ خانىم ئەخلاقى تەربىيە بۆلىمىدە ھېچ ئىش قىلمايدۇ.بىكار ئولتۇرۇپ،تورغا چىقىپ كومپىيۇتۇردا ئويۇن ئوينايدۇ.بۇ دا 3-ئوتتىردىن چىققان يەنە بىر نىمۇ ئەخلاقى تەربىيە بۆلىمنىڭ مۇئاۋېن مۇدىر قىلىپ ئۆستۈردى.(بۇ مۇ مالىيە مۇدىرنىڭ تۇققىنى )
ئۆز يۇرىتلىقلىرنى يېنىغا تارتىپ،خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش گورپىسنىڭ مەسئۇلىلىقىنى يېقىندا ئۆز يۇرىتلىقىنىڭ خوتۇنىغا ئېلىپ بەردى.
مەلۇم ئوقۇتۇش گورپىسنىڭ مەسئۇلىنى ئىلمىي مۇدىرلىققا ئۆستۈرمەن دەپ،نەچچە يىلاردىن بۇيان توختىماي پۇل خەجلىتىپ،نومۇسسىزلىق قىلۋاتىدۇ..
4. ساپاسىز، مەسئۇلىيەتسىز، ئەقىلسىزلەرنى ئۆستۈرۈپ ئىشلەتتى.شۇنىڭ بىلەن ئۆزى بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.
بۇ مەكتەپتىكى ئەخلاقى تەربىيە مۇدىرى ئىنتايىن ئەخلاقسىز نىمە بولۇپ،
بۇ بەدبەخ خىمىيە ئوقۇتۇش گورپىسنىڭ مەسئۇلى، پىزىكا ئوقۇتۇش گورپىسنىڭ مەسئۇلى،پارچە نان،نان قايناق،ۋە ماتىماتىدىكى بىرنەچچە ئوقۇتقۇچى بولۇپ،جەمى يەتتە سەككىز ئادەم بەش يىلدىن ئاشتى،ھەر كۈنى تەجىربىخانا ،ئىشخانىلارغا مۈكۈپ يۈرۈپ،قەرت ئوينايدۇ.بۇنى بىلىپ تۇرۇپ قىلچىمۇ،توسمايدۇ.كارى بولمايدۇ.
5.يالغان ئۇچۇر بىلەن يۇقىرنى ئالداۋاتىدۇ.
مەكتەپنىڭ داۋامى بىر مەزگىل 95%دىن يۇقرى بولغان بولسىمۇ،لىكىن بىر مۇئاۋېن مۇدىر يۆتكىلىپ كەتكەندىن كىيىن،داۋامى ناھايىتى تۆۋەنلەپ كەتتى.ئۆتكەن ھەپتە شەھەر باشلىقى بىلەن ئىدارىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى چىقىپ سىنىپلارغا كىرىپ سان ئالسا،بەزى سىنىپلارنىڭ داۋامى 40%گىمۇ يەتمىگەن.مەكتەپتە ئوچۇق ئاشكارا ئىككى كۈندىلىك دىجۈرنى دەپتىرى بولۇپ،بىرسىنى راست ئىشلەيدۇ،.يەنە بىر دەپتەر ساختا يالغان ئىشلىنىدۇ.بۇ دەپتەرنى مەخسۇس يۇقىردىن كەلگەنلەرنى ئالداش ئۈچۈش ئىشلىتىدۇ.تېخى بۇ دەپتەرنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى قورىقماي ئوقۇتقۇچلارغا ئىشلىتىدۇ. ھەتتا بەزى سىنىپلارنىڭ داۋامى 60%دىن ئاشمايدۇ.لىكىن داۋاملىق يۇقىرغا خاتا ئۇچۇر يوللايدۇ.ئىككى يىل ئىلگىرى مەكتەپتە بىر قېتېىملىق شەھەر بويىچە ئېلىنغان ئىمتىھاندا،مەكتەپ مۇدىرى ئىمتىھاننىڭ جاۋابىنى ئەكىرىپ بىرىشنى ئوقۇتقۇچلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نومۇس قىلماي جاۋابىنى ئوقۇغۇچلارغا ئەككىرىپ بىرىپ ،شەھەر بويىچە بىرىنجى بولدى.
6.مەكتەپتە 800مىڭ يۈئەن مەبلەغ سېلىپ، قۇرۇپ بەرگەن تەجىربىخانا بولۇپ، بۇ تەجىربىخانى ئىشلەتمەي، پىزىكا ئوقۇتۇش گورپىسىنىڭ باشلىقى ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ قويۇپ،قىشى ياز قارت ئوينايدىغان قارىتخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.يۇقىردىن تەكشۈرۈش كەپتى،16-ئوتتۇرا ئىشلىگە تەجىربە سانلىق مەلۇماتلارنى قاچىلاپ ،تەجىربە ئىشلىگەن ساختا مەيدان شەكىللەندۈرۈپ،يۇقىرنى ئالدىدى.
6.ئۇنۋاننى ساتىدۇ.
ھەر يىلى ئۇنۋان باھالاش بولغاندا،مەكتەپ مۇدىرى،ئۇنۋانغا نومۇر قويۇش ئۆلچىمىنى بىر قېتىم ئۆزگەرتىدۇ.كىم پۇل خەجلىگەن بولسا،يېقىنى بولسا،شۇ ئالالىغۇدەك قىلىپ نومۇر قويۇش ئۆلچىمىنى بىر قېتىم ئۆزگەرتىدۇ.
7.تۈزۈم ھەممە ئادەمگە ئوخشاش ئەمەس.
مەكتەپتىكى مەلۇم ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەر ماۋسۇمدا نەچچە ئون سائەت دەرسى قېپقالىدۇ.ھەتتا ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا بىرەر قېتىم سىياسى ئۆگۈنۈش،يىغىن،بايراق چىقرىشقا قاتناشمايدۇ. ئۇنىڭدىن بىرەر پۇڭ پۇل تۇتۇلمايدۇ. مالىيە مۇدىرى دەرىس ئۆتمەيدۇ.ئۇ توختىماي ئاشخانا بىلەن مەكتەپ ئارىسىدا يۈرىيدۇ. ئەتىيازدا كۆچەتچىلىك قىلدۇ.كۈزدە ئۈزۈمچىلىك قىلدۇ.يازدا يەر ئېلىپ يەر ساتىدۇ. كۈن - كۈنلەپ مەكتەپتىن يوقىلىپ كىتىدۇ. ئۇنىڭدىن بىر پۇڭ تۇتۇلمايدۇ.
مەكتەپتە بىر ئوقۇتقۇچى ئاغرىپ قېلىپ،ئۈرۈمچىگە ياكى باشقا يەرگە داۋالانغىلى بارسا،ھەر بىر ئوقۇتقۇچى مەلۇم مىقداردا پۇل چىقرىپ يوللۇق تۇتىدىغان ئىش بارتى.نۇرغۇن ئوقۇتقۇچلار داۋالانغىلى بارسا ،ئۇنىڭغا يوللۇق تۇتماي،مالىيە مۇدىرنىڭ ئىنىسنىڭ بالىسىغا ھەممە ئوقۇتقۇچىدىن 20يۇئەندىن پۇل يىغىپ يوللۇق تۇتتى.(مالىيە مۇدىرنىڭ ئىنىسى بۇ مەكتەپتە ئىشلىمەيدۇ،بەلىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارەت قىلدۇ.)
مەكتەپتىكى ئىككى ئاساسەن ئا 1 كۆرسەتكۈچكە ئىگە خادىم،پىزىكا ئوقۇتۇش گورپىسنىڭ مەسئۇلى،يەنە بىر بودەك لەقەملىك مۇئەللىم مەكتەپ مۇدىرنىڭ يېقىنلىرى بولغاچقا،ھەر كۈنى بالىللىرنى ئەتتىگەندە يېرىم سائەت ،كەچتە يېرىم سائەت يەسلىگە ئاپپىرىپ ئەككىلىدۇ.بۇلار ھېچقانداق خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلغان بولۇپ ھىساپلانمايدۇ،پۇل تۇتۇلمايدۇ.ئەمما باشقىىلار بولسا ،ئۇلاردىن سەۋەپسىز مەكتەپتىن ئايرىلدىڭ دەپ پۇل تۇتىلىدۇ.
بۇ يىل 4-ئايدىكى 3كۈنلىك ئارام ئېلىشقا قويۇپ بەرگەندە، بىر ئىلمىي مۇدىر ۋە مالىيە مۇدىر يەنە 3كۈن قوشۇپ ئارام ئالدى ،بۇنىڭغا ھېچكىم گەپ قىلمىدى.
بۇ مەكتەپتىكى ئىككى ئوقۇتقۇچى داۋاملىق مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ھاراق ئىچكەچكە،ئۇلار ئەتىسى مەس بولۇپ،چىقالمىسا،ئۇلارنى يىغىنغا كىرىپ كەتتى دەپ،دەرسىنى ئورۇنلاشتۇردۇ،ياكى ئۇلارنىڭ مەس ھالەتتە دەرىسكە كىرىشىگە يول قويىدۇ.ياكى دەرىس تاشلىسىمۇ گەپ قىلمايدۇ.
8.مەكتەپنىڭ ماشىنىسىغا ھەر يىلى ئوتتۇز مىڭ يۈئەندىن ئارتۇق ماي پۇلى كىتىدۇ.ئۇنى شەخسى ماشىنا ئورنىدا ئىشلىتىدۇ.بىر قېتىممۇ ئوقۇغۇچلار سۆھبىىتىگە ياكى مەكتەپ ئۈچۈن ئىشلىتىپ باققان يېرى يوق.ماشىنا شەنبە يەكشەنبە كۈنىمۇ ئارام ئالماي مۇدىر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇ.(نىمىشقا شەنبە يەكشەنبە كۈنى مەكتەپ ماشىنىسى مەكتەپتە تۇرمايدۇ،ھەر كۈنى كەچتە مەكتەپتە تۇرمايدۇ؟)،مەكتەپتىكى نۇرغۇن ئوقۇتقۇچلار ئۆزى ماشىنا ئېلىپ شۇنىڭدا مەكتەپكە چىقۋاتىدۇ.نىمىشقا مەكتەپ مۇدىرى ئۆزى ماشىنا ئېلىپ ،ياكى كىرا قىلىپ،مەكتەپكە چىقىپ،ئاندىن خىزمەت ۋاختىدا مەكتەپ ماشىنىسىنى ئىشلەتمەيدۇ.ھەممە ئوقۇتقۇچى ئىشتىن چۈشىدۇ لىكىن مەكتەپ ماشىنى ئىشتىن چۈشمەيدۇ.
8.بۇ يىل يېڭدىن مەكتەپكە چىققان ئوقۇغۇچلارغا پورما سېتىۋالدىغان چاغدا،مەكتەپ مۇدىرى بەنزە يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلمايلا ئۆزى پورما سېتىۋالدى.
9. بۇ مەكتەپتىكى مۇدىرلار ئوچۇق ئاشكارا تېخى بىزنى مائارىپ ئىدارىسى چىقارغان،بىز ھەرقانچە ئىش قىلىپ كەتسەكمۇ،مائارىپ ئىدارىسىگە ئەرىز قىلىپ،كىرسەڭمۇ سورىمايدۇ.قېنى قايسى ئەرزىڭنى سوردى؟نوچى بولساڭ ئەرز قىلىپ باقمامسەن. دەپ سەت چالۋاقايدۇ.
پارتىيمىز ئادىل ،ھەققانىي پارتىيە،شۇڭا بۇ مەكتەپتىكى پارازىتلارنى ۋاختىدا بۇرۇنراق تازلاپ ،خەلىقنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزىشىنى ئۈمۈت قىلمىز!!!!
مۇشۇ تېما ئاستىدىكى ئەركىم ئاتلىق تورداشنىڭ ئىنكاسى:
كەلپىنلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ زرى!!!
بۈگۈن ئاتا-ئاناملار بىلەن ھال ئەھۋال سوراشقاچ تېلېفۇن قىلغان ئىدىم، ئاتامنىڭ سەل ئاچچقى كەلگەندەك، كەيپىياتى نورمال ئەمەستەك بىلىندى، نىمە بولغاندۇ دەپ ئىچكىرلەپ سورىسام، يەنە شۇ بۇرۇت ماجىراسى ئىكەن ئەمەسمۇ؟
مەكتەپلەرنى يىغىپ باشقۇرۇش بويىچە يېزالاردىكى تۇلۇق ئوتتۇرىنى ناھىيە بازىرىغا يىغىپ ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاتام ۋە ئاپاممۇ ناھىيە بازىرىغا چىقىپ ئىشلىدى، بۇرۇن يېزا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقاندىمۇ پات-پات مائارىپ ئورگانلىرىدىن ئاتامنىڭ بۇرۇتىغا ئىنكاس كىلىپ تۇراتتى. ئەمدى بۇ قېتىم چىڭغا چىققان ئوخشايدۇ، مائارىپ خىزمىتى ئۈچۈن 30 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئاتامغا ئەمدىلا كېلىپ مەكتەپكە شۇجى بولغان بىرسىنىڭ «بۇرۇتۇڭنى چۈشۈرۋېتىسەن» دېيىشى مېنى غەزەپلەندۈردى. تېخى ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، ئەگەر بولمىسا خىزمەتنى تەڭشەپ چەت ياقىدىكى مەكتەپكە يۆتكىۋېتىدىكەن. بۇ گەپنى دېگەن كىشى بولسا مەكتەپنىڭ پارتكوم شۇجىسى ۋاڭ ئىكەن، بۇ گەپنى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى يىغىپ دىگەن.
ئ ۇنىڭ دىيىشىچە، بۇ مائارىپ ئىدارىسىنىڭ دۇنىڭۋېن دىگەن شۇجىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ئىكەن.ئ ۇنىڭدىن باشقا يىل ئاخىرىدا بېرىدىغان مۇكاپات پۇلىنى 4100 يۈئەننى بەرمىگەن، مۇشۇ ئايلىق بېرىدىغان پۇل ئىكەنتۇق، بۇنىڭدىن كېيىن بەلكىم خىزمەتتە لاياقەتسىز دەپ بېكىتىلىىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ ئىشلار كەلپىن ناھىيسى ناھىيلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە يۈز بەرگەن، يۈز بەرگەن ۋاقىت 2012-1-16 كۈنى. دېمەك بولغان ئىشلار مۇشۇ ،ياغلىق توغرىلىق گەپلەرنى يازمىدىم.
مەنچە بۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزى جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريتىنىڭ ئاساسى قانۇن روھىغا خىلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرنىڭ روھىغا خىلاپ، مىللىي تېرىتورىيلىك رايونلارغا يۈرگۈزۋاتقان قانۇنغا خىلاپ، تىنىچلىق، ئىتتىپاقلىق،باراۋەرلىك تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك باياشات، پاراۋان سوتسيالىستىك جەمىيتىمىزنىڭ روھىغا خىلاپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت قوبۇل قىلغان ئورتاق قىممەت قاراشلىرىغا خىلاپ.
ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ؟
بۇلارنىڭ دېگەنلىرى توغرىمۇ؟ۆتوغرا بولسا قانۇنى ئاساسى نىمە؟
خاتا بولسا يەرلىك ھۈكۈمەت تۈزىتەمدۇ- يوق؟
پۇقرالار ھوقۇقىنى تەكىتلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇنچىلىك گەپلەرنى قىلشىمىز مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.
مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ، مۇخبىرلارنىڭ كەلپىن ناھىيسىدىكى بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇشىنى، ھېچ بولمىغاندا تېخمۇ كونكىرىت بولغان ئەمەلىي ئەھۋالنى خەلقىمىزگە چۈشەندۈرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
ئەگەر بۇ نورمال ئىش، نورمال قانۇنىي تەرتىپ بىلەن بولغان ئىش بولسا، ھۆرمەتلىك ئادۋوكاتلار بىر چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار، دەلىل ئىسپاتى بىلەن! مەنبەسى:
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=6506