باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 766 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بۆرەك سېتىپ توي قىلىش (ھىكايە)
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1210
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1210دانە
ئۆسۈش: 570 %
مۇنبەر پۇلى: 12893 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-05-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-19 17:56

بۆرەك سېتىپ توي قىلىش (ھىكايە)

بۆرەك سىتىپ توي قىلىش(ھىكايە)




ئالىي مەكتەپنى يىڭى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ۋاقتلىرىم ئىدى، بۇ ۋاقىتلارنى بوش ئۆتكۈزگۈم كەلمەي ئازراق بىر ئىش قىلىپ ئۆيدىكىلەرنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش مەقسىتىدە ئىش ئىزدەپ سىرىتقا چىقتىم، لىكىن كاللامغا مەندەك بىر كىتاپ خۇمار ئادەم  بۇ شەھەردە نىمىمۇ ئىش قىلالا، دىگەن خىيال كەلدى ،مەن باشقا سودىگەرلەردەك ماللارنى ئاۋازىمنى قويۋىتىپ  تولىيالمايمەن،چۈنكى مەن بىر زىيالى.  قانداق قىلىش كىرەك؟ دىگەن سۇئال بىشىمنىڭ ئۇستىدە ئۇيان-بۇيانغا ئۇچاتتى ،كاللامغا دەررۇ بىر ئامال كەلدى، بۇ ئامالىمدىن ئۆزۈممۇ مەمنۇن ئىدىم ۋە گىزىت سېتىش دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىقتىساد گىزىتىدىن بىرنى ئالدىم، بىراق كەسپىمگە چۈشىدىغان بىرمۇ بوش ئورون يوق ئىدى، شۇ ئاچچىغىمدا يىقىن ئەتراپتىكى بىر تورخانىغا كىرىدىم، مۇھەببەتنىڭ باشلىنىش نوقتىسى دەل مۇشۇ تورخانا بولدى. تورغا چىقىپ بىرىنجى بۇلۇپ قىلىدىغان ئىشىم دەرھال چ چ ئېچىش ئىدى، چ چ رىمدا سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىمدىن بىر نەچچىسى بار ئىدى، ئۇلارغا خەت يازدىم، ئارىدىن پەقەت ياسىنلا خەت قايتۇردى، ئۇنىڭدىن گەپ سوراشقا باشلىدىم:
مەن:ھە ئاداش قانداقراق ئەھۋالىڭ، نىمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش؟
ياسىن: ياخشى ئاداش ئۆزىڭنىڭچۇ؟شىركەتتە ئالدىرش ئىشلەۋاتىمەن!
مەن:نىمە شىركەت؟نىمە شىركەت ئاداش؟
ياسىن:سەن بىلمەيسەنغۇ دەيمەن، يىقىندا ئۈرۈمچىدىكى بىر شىركەتتە خىزمەت تاپتىم، ياتاق، تاماق كۆتىردىكەن، ئايلىق مۇئاشىم نەچچە مىڭ يۇەندىن ئاشىدۇ
.............
مەن:؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
نىمە دىيشىمنى پەقەتلا بىلەلمىدىم، بىشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتكەندەك بۇلۇپ قالدىم. سىنىپىمىزدىكى ناچار دىگەن ئادەم ھەر ئايدا نەچچە مىڭ يۈەندىن مۇئاشقا ئىشلەۋاتسا مەن نىمىشقا شۇنداق قىلالمايمەن ؟دىگەن خىيال كاللامغا كەلدى. دەرھال ئۇچۇر تورىنى ئاچىتىم، ئۇچۇر تورىدا بىر نەچچە شىركەتكە خىزمەتچى خادىم قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى كۆرۇپ دەرھاللا تەپسىلىي ئوقوشقا كىرىشتىم، بىراق ئۇلار دىگىنىگە مەن چۇشمەيدىكەنمەن، مەن دىگەنگە ئۇلار ماس كەلمەيدىكەن، يەنە رايىم ياندى شۇ ئولتۇرشۇمدا بىر نەچچە سائەت ئولتۇرۇپتىمەن ئەمدى ئورنىمدىن تۇراي دەپ تۇرسام يىنىمغا بىر قىزچاق كەلدى. دەسلەپتە بۇ قىزغا دىققەت قىلماپتىمەن، چۈنكى مەن بۇ ۋاقىتلىرىمدا قىزلارغا ئانچە بەك ۋاي دىمەيتتىم، ھەممە خىيالىم شۇ ئۆينىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشلا ئىدى، ئۇ قىز يىنىمدىكى كومپىيوتىردا ئولتۇردى ۋە مىنىڭ كومپىيوتىرىمغا بىر ھازا قاراپ تۇردى، بۇ قىزنىڭ قاراپ تۇرغانلىقىنى ھىس قىلغان بولساممۇ، لىكىن ئۇ قىز تەرەپكە قاراشقا جۇرئەت قىلالمىدىم. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ قىز: ياخشىمۇسىز بۇ كومپىيوتىردا ئادەم بارمۇ؟ دەپ بوش ئاۋازدا سورىدى. مەن ئاستا ئۇ قىز تەرەپكە قارىدىم، ئۆمرىمدە بىر ناتونوش قىز بىلەن يىقىن ئارلىقتا كۆزىگە مۇشۇنداق تىكىلگەن ۋاقتىم بولسا كىرەك، بۇ قىزنىڭ كۆزلىرى بۇلاقتەك، يۇزلىرى يۇمىلاق، كۆزلىرىدىن كۇلۇپ تۇرىدىغان قىز ئىدى، يوق دىدىم بوش ئاۋازدا جاۋابەن. ئۇ قىز گەپ سۆزسىز ئولتۇردى، نىمىشقىدۇر بۇ قىزغا شۇنداق گەپ قىلغۇم كەلدىيۇ، لىكىن نىمە دىيشىمنى، گەپنى قەيەردىن باشلىشىمنى بىلەلمىدىم . ئاخىرى گەپ سۆزسىز تورخانىدىن چىقىپ كەتتىم، ئۆيگە پىيادە قايتقاچ شۇ قىزچاقنى ئويلاپ ماڭدىم، تۇيۇقسىز بىر دەرۋازىغا بىزنىڭ كەسىپتىن بىر شىركەتكە بىر نەپەر ئوغول بىر نەپەر قىز قۇبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى كۆرۈپ قەۋەتلا خۇشال بولدۇم ۋە دەرھال يانچۇقىمدىن قەلەم قەغەزنى ئىلىپ شىركەت ئادرىسى ۋە ئالاقىلشش تىلفون نۇمۇرىنى يىزىۋالدىم، تىزىملىتىش ئىمتىھان ۋاقىتلىرى ئەتە سەھەردە باشلىندىكەن، شۇڭا شۇ ئىشلارنى پىلانلاپ ئۆي تەرەپكە قاراپ خىيالىمدا ئۆيگە قايتىپ ياخشى دەم ئىلىپ ئەتە روھلوق ئورنىمدىن تۇرۇشنى، ئشلىرىمنىڭ ئالغا بىسىشىنى تىلەپ ئۆي تەرەپكە يول ئالدىم.
ئۆيگە قايتىپ كىلىپلا كارۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلاپ ياتتىم، سەھەردە ئورنىمدىن تۇردۇم. شۇنداق روھلوق كەيپىيات بىلەن ئىمتىھان نوقتىسىغا قاراپ يول ئالدىم، خىيالىمدا تور خانىدىكى ھىلىقى قىز بار ئىدى، نىمىشقا بۇنداق بۇلۇپ قالغانلىقىمنى ئۆزۇممۇ بىلمەيتتىم، ئىمتىھان مەيدانىغا كىردىم، نىمىشقىدۇر ئازراق جىددىيلىشىۋاتاتتىم، لىكىن ئۆزۇمنى زورىغا بسىپ تۇراتتىم، سورالغان سۇئاللاغا بەرگەن جاۋابىمدىن ئۆزۈم رازى ئىدىم، ئىمتىھان مەيدانىدىن چىقتىم . خىيالىم قاياقلاردىدۇر ئۇچۇپ يۇرەتتى، ئۆيگە قايتىپ قەدىناس كارۋىتىمدا يىتىپ خىيال سۈرۈشكە باشلىدىم، ئىمتىھان ئاياغلىشىپ ئىككى كۈندىن كىيىن ھېلىقى شىركەتتىن ئۆيگە تىلفون كەلدى، ئۇلار مىنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكىمنى ئۇقتۇررۇش ئۈچۈن تىلفون قىلغان ئىكەن، ئۆزۈمچە ئاجايىپ خۇشال بولغان ئىدىم، شۇنداق قىلىپ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئىشقا چۈشىدىغان بولدۇم. ھەپتىنىڭ بىشى شىركەت خادىملىرىغا ئوخشاش كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ مەغرۇر ھالدا ئىشقا ماڭدىم. قۇلۇمدا ئۆزۇمنىڭ قىسقىچە تارىىخىم بار ئىدى، شىركەت بىناسىدىن كىرىپ ئۇدۇللا دىرىكتور ئىشخانسىىغا قاراپ ماڭدىم، كاردوردا ئۆزۈمچە دىرىكتورنىڭ چىرايىنى كۆز ئالدىمغا ئەكىلىپ باقاتتىم،  بىراق قانداق ئويلىسام ئويلاپ بولالمايتتىم، قۇلۇمنى ئىگىز كۆتۈرۈپ دىرىكتور ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىنى بوشقىنە چەكتىم، چۈنكى بۇ بىر ئەدەپ-ئەخلاق ئىدى، - كىرىڭ ! دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىشىكنى ئىچىپ كىردىم،دىرىكتورىمىز 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەر كىشى ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشقاندىن كىيىن ئۆزۈمنى تونوشتۇرۇپ ئۆتتۈم، ئۇنىڭ مۇئامىلىسى شۇنداق سوغوق ئىدى، شۇنداق بولسىمۇ ئۆزۇمنى بىسىۋىلىپ ئولتۇرۇدۇم. تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا بىر تىلفون كەلدى،ئۇ تىلفوننى ئىلىپلا: ھە جىنىم قانداق؟ئاخشام پەيزى بولدى ھە! دىگەندەك تۇزسىز گەپلەرنى قىلىشقا باشلىدى، مۇشۇ نەچچە مىنۇت ئىچىدە بىزنىڭ دىرىكتورنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىگە ھۆكۇم قىلىپ بولغانىدىم. يەنە ئىشىك چىكىلدى، دىرىكتور قولىدىكى تىلفوننى باشقىلار كۆرىسە بولمايدۇ دىگەندەك مەھكەم تۇتىۋالغان ئىدى، ئىشىك ئاستا ئىچىلدى، كۆزۈم ئىشىك تەرەپكە مەركەزلەشتى، ئىشىكتىن مەن تورخانىدا ئۇچراتقان ھىلىقى قىزچاق كىرىپ كەلدى، ئۇنى كۆرۈپ نېمىشقىدۇر يۈرۈكۈم ئەنسىز سوقوپ كەتتى، ئۇنى كۆرگەن ھىلىقى دىرىكتور قولىدىكى تىلفوننى خوش دىمەستىنلا قۇيۇپ سەت ھىجىيىپ بىرەر ئىش بارمىتى دەپ سورىدى. ئۇ قولىدىكى ئۆزىنىڭ تەرجىمالىنى دىرىكتورغا سۇندى،ۋە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى، ئۇنىڭ ئىسمى گۈلقىز ئىدى، راس ئۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق گۇل ئىدى، بىز بىر ئشىخانىغا بۆلۈندۇق، ئاي ئۆتتى، يىل ئۆتتى، گۈلقىز بىلەن دەل بىر يىل بولغاندا گەپ قىلىشتۇق. بىز شۇ گەپ قىلىشقانچە مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ كەتتۇق، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى.  بىر كۈنى گۇلقىز دىرىكتور ئىشخانىسغا كىرىپ كەتتى، مەنمۇ ئۇنىڭغا زەڭ سالماپتىمەن. يەنە بىر خىزمەتدىشىمدىن ئاڭلىشىمچە ھىلىقى بىزنىڭ دىرىكتورىمىز گۈلقىزغا بەتقىلىق چاقچاق قىلغانلىقىنى بىلدىم، چىشلىرىم غۇچۇرلاپ كۆزلىرىمگە قان قۇيۇلغاندەك بولدى. گەپنىڭ ئاخىرى چىقىپ بولغۇچە دىرىكتورنىڭ ئىشىكىنى تىپىپلا كىردىم ۋە زەردە بىلەن:

ھېي، سىنىمۇ ئوغول بالا دىگىنى بولامدۇ ؟ ۋاي لاتا، دەپلا ئالدى-كەينىمگە قارىماي چىقىپ كەتتىم. پۈتكۈل شىركەت جىمىپ كەتكەن ئىدى، مەن گۈلقىزنىڭ قولىدىن تۇتقان ھالدا شىركەتتىن چىقىپ كەتتۇق. دەل شۇ كۇنى مەن گۈلقىزغا توي قىلىش تەكلىپىنى بەردىم، ئۇ شۇ ۋاقىتتىلا كۆزۈمگە تىكىلىپ قارىدى، يۈرەكلىرىم جىغغىدە بولدى، ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپ: مەن ئاپام بىلەن دىيشىپ باقاي، دەپلا ئۆيىگە قايتىپ كەتتى، ئارىدىن بىر ھەپتە ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. گۈلقىزدىن خەۋەر يوق ئىدى، شۇ ئىشلار بۇلوپ ئىككىنچى ھەپتىسى گۈلقىز ئۆيۈمگە تىلفۇن قىلىدى، ئۇ تىلفۇن قىلغان بولسىمۇ گەپ قىلمىدى، ۋە پەس ئاۋازدا ئاپام 50000مىڭ يۈەن تويلوق ئالىمەن دەيدۇ، قانداق قىلارمىز؟ دىدى، بىشىم زىڭڭىدە قىلدى، ئەللىك مىڭ قانداقمۇ دەرمەن ئۆيدىكىلەرگە، دىگەن خىياللار مېنى قىيناشقا باشلىدى، مەن ئامالسىز مەنمۇ ئۆيدىكىلەر بىلەن دىيشىپ باقاي، دەپلا تىلفوننى قويۋەتتىم. شۇ ئاچچىغىمدا تورخانىغا كىرىدىم. يەنە شۇ ئۇچۇر تورىدا پۇل تاپقىدەك بىرەر ياخشى ئامالنىڭ بار-يوقلىقىنى بىلىش مەقسىتىدە ئۇچۇر تورىغا كىردىم. تۇيۇقسىز كۆزۈم جىددى قان لازىم، دىگەن ئۇچۇرغا چۇشتى، دەرھال خىيالىمغا (قان سېتىش)دىگەن ئىككى خەتلا كەلدى. قان ساتسام ئالارمۇ، مىنىڭ قىنىم توغرا كىلەرمۇ، دىگەنلەرنى ئويلاپ كەتتىم، مەيلى قانداقلا بولسۇن ئۇچۇر يوللىغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ بىقىش نىيتىگە كەلدىم، قارشى تەرەپكە تىلفون قىلدىم، بىراق ئىرىشكەن جاۋابىم مىنىڭ خىيالىمغا يىقىنمۇ كەلمەيتتى. ئۇلارمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى كۆپ پۇل بىرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئامال قانچە يەنە باشقا ئامال تىپىش نىيتىگە كەلدىم. قىسقا ۋاقىتتا قەيەردىن مۇنچىۋالا پۇل تاپارمەن دىگەنلەر كاللامنى تىخىمۇ قالايمىقانلاشتۇردى. يەنە نېمە ئامال تورنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم. تۇيۇقسىز چ چ رىمغا قىسقا ئۇچۇر كەلدى. بۇ توپتىن كەلگەن قىسقا ئۇچۇر ئىدى. مانا مەن ئىزدەۋاتقان يول، بىر تورداش بۆرەك ئالماشتۇرماقچى بولغان ئىكەن، بۆرىكىنى سېتىش خىيالى بارلار بولسا ئالاقىلششنى ئىيتىپتۇ، كىيىنكى ئىشلارنى ئويلاشمىدىم، دەرھاللا ئالاقىلاشتىم.  ئۇ كىشى بىلەن كۆرۇشمەكچى بولدۇم. مەن ئەتىسى بىر قۇر كىيىم بىلەنلا چىقىپ ھىلىقى بۆرەك ئالماقچى بولغان كىشى بىلەن كۆرۈشكىلى باردىم.ئۇ كىشى مىنى دوختۇرخانىغا ئىلىپ بىرىپ ئىككىمىزنىڭ بۆرىكىنىڭ ماس كېلىش نىسبىتى %80 بولىدىغانلىقىنى ئىنىقلىدى. شۇنداق قىلىپ بىر بۆرىكىمنى 80 مىڭغا دىيىشتىم. ئىچىمدە بىر تۇرۇپ ئەندىشە قىلدىم، بىر تۇرۇپ بۇ ئىشىمدىن مەمنۇن بولدۇم. شۇنداق قىلىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپراتىسيسى قىلماقچى بولدى. ئوپىراتسىيە كۈنى پۈتكۈل خىيالىم گۈلقىزدا ئىدى، ئوپراتسىيە تۇگىدى. مېنى ئوپراتسىيە قىلغان دوختۇر مېنىڭ تىنىمنىڭ ناھايىتى ئاجىزلىقىنى، قۇۋەتلىك غىزالىنىشقا دىققەت قىلمىسام بولمايدىغانلىقىنى ئىيتتى، شۇنداق قىلىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ 80مىڭ يۈەن خەلىق پۇلىنى قۇلۇمغا ئالدىم. لىكىن تىنىم بۇرۇنقىدەك ساغلام ئەمەستەك تۇيۇلدى. شۇنداق بولسىمۇ باشقىلارغا چاندۇرمىدىم. ئارىدىن ئون بەش كۈنلەر ئۆتكەنىدىن كىيىن گۈلقىز بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇنىڭغا توي قىلىشقا يەتكۈدەك پۇل تاپقانلىقىمنى ئىيتتىم، ئۇمۇ شۇنداق خۇشال بولدى. شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز ۋە ئىككى ئۆيدىكىلەرنىڭ دىيششى ئارقىلىق توينىمۇ قىلىۋالدۇق، لىكىن مىنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا تىل قىسىنچىلىقىم بار ئىدى، بىز توي قىلىپ بىر ئايدىن كىيىن مەن ئۇنىڭغا بۆرەك ساتقان ۋاقىتلىرىمنى ئىيتىپ بەردىم، ئۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپلا پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى. ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن يىغلىغانلىقى بىلگەن ئىدىم، بۆرىكى يوق ئەركىشىنى قانداقمۇ ئەركىشى دىگىلى بولسۇن، ئۇ شۇ كۈندى باشلاپ غەمكىن بۇلۇپ قالدى، ماڭا دەيدىغان گەپلىرىمۇ بۇرۇنقى شوخلىقلىرىمۇ شۇنىڭ بىلەنلا ئاياغلاشقان ئىدى. مەن خىزمەت ئىزدىمەكچى بولدۇم، ئۇيان ئىزدەپ بۇيان ئىزدەپ ئايلىقى مىڭ يۈەن بىرىدىغان ئاممىۋى ھاجەتخانا ئىشىكىگە قارايدىغان خىزمەت تاپتىم. چۈنكى مېنىڭ بۇ ئەھۋالىمدا باشقا خىزمەتنى قىلالىشىم ناتايىن ئىدى. ئۆزۈمگە بەزى ۋاقىتلاردا شۇنداق ئاچچىغىم كىلەتتى. بىر تولوق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەن تۇرۇپ ئاممىۋى ھاجەتخانىغا بىلەت سىتىش خىزمىتى قىلىۋاتقىنىمغا ئىچىندىم، لىكىن نىمە ئامال بۇ كۈنلەر  بىر بىرىدىن مەنىسىز ئۆتۈشكە باشلىدى،
كۈنلەر كۈنلەرنى ئايلار ئايلارنى قوغلىشىپ  ئۆتۈۋاتقان ئىدى. يىقىندىن بىرى تىنىم تىخىمۇ ئاجىزلاپ كەتتى. بىر كۈنى گۇلقىز ماڭا ئىچ ئاغرىتقان تەلەپپۇزدا: نىمە بولدىڭىز مىجەزىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ نىمە
؟ دىدى.  بىراق مەن چىرايىمغا زورلاپ كۈلكە يۈگۈرتۈپ: ياقەي، ناھايىتى ياخشى دىدىم. بىراق يىقىندىن بېرى راسلا مىجەزىم يوق ئىدى. مەلۇم بىر كۈنى ھاجەتخانىدىكى بىر كۈنلۈك خىزمىتىم ئاياغلاشتى ۋە ئۆيگە قايتماقچى بولدۇم. تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يىغىپ كەتتى، بۇ يامغۇر خۇددى ماڭا ئىچ ئاغىرتىۋاتقاندەك خۇددى مېنىڭلا باش كۆزۈمگە چۈشىۋاتقاندەك تۇيۇلدى، مەن بۇرۇندىن يامغۇر ھاۋاسىغا شۇنداق ئامراق ئىدىم، كىچىك ۋاقىتلىرىمدا يامغۇر ياغدى دىسە چوڭ يولدا نەچچە ئون مىنۇت يامغۇرغا چىلىنىپ تۇرىۋالاتتىم، لېكىن بۈگۈن بۇ يامغۇر بەك قاتتىق ياغدى، ئاستا مىڭىپ ئۆيۈمگە كىردىم، ئۆيگە كىرىپلا ھىلىقى بۇرۇنقى كارىۋىتىمغا ئۆزۈمنى تاشلاپلا ياتتىم، شۇ يىتىشىمنىڭ ئۆزۈمنىڭ بىر ئۆمۈر يىتىپ قالىدىغانلىقىمنى خىيالىمغىمۇ كەلتۇرمىگەن ئىكەنمەن، ئەتىسى ئورنىمدىن تۇرىدىغان ۋاقىتتا پەقەتلا تۇرالمىدىم، گۈلقىز ئەتىگەندىلا ئىشقا كەتكەن ئىدى، پۇت قوللۇرۇم ئۆزۈمنىڭ ئەمەستەكلا جان دەيدىغان نەرسە يوق نىمە بولغىنىمنى پەقەتلا بىلەلمىدىم، ئاخىرى ئامالسىز ئاپام بىچارىگە تىلفون قىلدىم، ئۇلار ناھايىتى تىز سۇرئەتتە كەلدى. ئاپامنىڭ يەنە شۇ بىچارە چىرايىغا قاراپ بىرنەرسە دىگۈم كەلمىدى، تۇيۇقسىز باشلىرىم ۋىڭڭىدە قايدى، ئىسىمنى بىلمەي يىقىلىپ كەتتىم، كۆزۈمنى ئاچسام دوختۇرخانىدا يىتىپتىمەن، ئاپام ئالدىنى تام تەرەپكە قىلىپ يىغلاۋاتقان ئىكەن، دادام قولىنى چىشلىگىنىچە دوختۇرخانا ياتىقىدىن سىرىتقا قاراپ تۇرۇپتۇ، گۈلقىز بىشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا كارۋىتىمنى بىشىدا ئولتۇرۇپتۇ، كۆزۈمنى ئىچىشىمغا ھەممەيلەن يىنىمغا كەلدى، بىراق ئۇلار ماڭا گەپمۇ قىلمىدى، يەنە شۇ ئاپام بىچارە ‹‹بالام قانداقراق تۇرىسەن؟››دەپلا ئۈن سىلىپ يىغلاپ كەتتى، دادام قىزارغان كۆزلىرىنى باشقا تەرەپكە بۇراپ يىغلىماڭلار ئانىسى بوغولوق بولدى ئەمدى بولغاندا نىمىگە يىغلايسىلەر؟دىدى، بۇ گەپلەردىن بىر بۆرىكىمنىڭ يوقلىقىنى ئۇلارمۇ بىلىپ قاپتۇدە دەپ ئويلىدىم،ۋە گۈلقىزغا قارىدىم ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزارغان بىر كۇندىلا ئۇ ئوروقلاپ كەتكەندەك كۆرىنەتتى، نىمە  بولدۇڭلار ھەممىڭلار يىغلاپ كىتىپسىلەرغۇ  نىمەبولدى؟بۇ سۇئالىمغا ھىچكىم جاۋاپ بەرمىدى بىر ۋاقىتلاردا دوختۇر كىردى،مەن ئالدىرشلا دوختۇر مەن  نىمە كىسەلكەنمەن؟دەپ سورىدۇم دوختۇر ‹‹ئىنىم سىزدىن يوشوروشنىڭ ئورنى يوق مىڭىڭىزدە ئۆسمە باركەن،بۇ ئۆسمىنى ۋاختىدا ئىلىۋەتمىسەك ھاياتىڭىزغا خەۋپى بار،لىكىن بۇنىڭغا 400مىڭ يۇەن كىتىدۇ››باشقا گەپكىمۇ ئانچە ئاھ ئۇرۇپ كەتمىدىم لىكىن ئاۋۇ پۇلنىڭ ھىساباتىنى ئاڭلاپ بىشىم يەنە ئاغرىشقا باشلىدى،بىچچارە دادام،ئاپامدا نەدە ئۇنچىلىك پۇل كاللامغاكەلمىگەن خىياللار كىلىشكە باشلىدى،دوختۇرخانىدا بىر ھەپتە يىتىشىمغىمۇ نەچچە مىڭ يۇەن كىتىپتۇ ،بۇ جايدىن تىزراق چىكىتەي دىگەن خىياللار بىلەن گۇلقىزغا كۆڭلۇمدىكى سۆزلەرنى ئىيتتىم،
مەن ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ
‹‹جىنىم سىنى ياخشى كۆرىمەن !بۇنىڭغا ياراتقۇچى ئىگىمىز گۇۋاھ لىكىن ئۆزۇمنىڭ قانداق بولوپ كىتىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا باشتىن چۇشەندۇردۇم،ۋە ئاجرىشىپ كىتىشنى ئوتتورغا قويدۇم ››ئۇ مىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى مەندىن قانداق ئىش بولسا ئايرىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىيتتى ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئۇنداق خوش بولغان بولساممۇ،بىراق ئۇنىڭدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلاتتىم،ئۆزۇمنىڭ ئۆلۇمگە كۇندىن كۇنگە يىقىنلىشىۋاتقانلىقىمنى ھىس قىلغاندەك بولدۇم،بىشىمدىكى ئۆسمە ماڭا بولغان بىر بىسىم بولوپ قالغان ئىدى،قانداق  قىلىشىم كىرەك بىر بۆرەك يوك تىخمۇ زەئىپلىشىپ كەتكەن ئىدىم،بۇ ئىشلارنى ئۆيدىكىلەر تىخى بىلمەيتتى،قانداق قىلىشىم كىرەك قانداق قىلسام كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان زىخمۇ كۆيمەيدىغان ئامال تاپالايمەن دىگەنلەرنى قايتا قايتا ئويلاشتىم لىكىن ياخشىراق ئامال تاپاملىمدىم ئاخىرى خىيالىمدا بىر پارچە خەت يىزىپ ئۆيۇمدىكىلەرگە كۆڭلۇمدىكى سۆزلەرنى قىلماقچى بولدۇم ،ۋە بالنىستتا يىتىپ تۇرۇپ بىرتال قەلەم بىر ۋاراق قەغەزنى قولومغا ئالدىم ،قەلەمنى تۇتۇپ تۇرغان بولساممۇ نىمە يىزىشىمنى بىلەلمىدىم،شۇنداق بولسىمۇ بىر نەرسىلەر جىجاپ يۇرۇپ بىر ۋاراقنى توشقوزوپ ياستۇقۇمغا باستۇرۇپ قويدۇم،نىمىشقۇدۇر كۆڭلۇم سىرىتنى تارتىپ تۇراتتى،سىرىتقا چىقىش ئۇچۇن بالنىستىن سىرىتقا قاراپ ماڭدىم تۇيۇقسىز بەدەنلىرىم بۇرۇنقىدىن يەڭگىللەپ قالغاندەك قىلاتتى،كىسەللىرىممۇ ساقىيىپ كەتكەندەك قىلاتتى،كۆڭلۇم باشقىچىلا خۇشال ئىدى،سىرىتنىڭ ھاۋاسى شۇنداق ياخشى مەيىن شامال ئىللىق قۇياش نۇرى سىخى نۇرىنى پۇتكۇل كائىناتقا چىچىۋاتقان ھەممە ئادەملەر نىمىلەرگىدۇر خۇشالدەك كۆرىنەتتى،ئۆمرۇمدە بۇنداق ئازادىلىك ھىس قىلمىغان ئىكەنمەن،سىرىت تەرەپكە قاراپ يول ئالدىم،تۇيۇقسىز قارتتتتتتتتتتتت  قىلغان ئاۋازنىلا ئاڭلىدىم.
شۇنداق قىلىپ ئالىم قاتناش ھادىسسىگە يولوقتى ۋە ئۇنىڭ ھەممە نەرسە كەم ھاياتى ئاياغلاشتى،ئۇنىڭ ئەگرى توقاي قىسقا ھاياتى شۇنداق ئاياغلاشتى،ئۇ ھادىسىگە يولوققان ۋاقىتتا ئۇنىڭ جەسىدىىنى قورشىۋالغانلار شۇنىڭغا ھەيرانكى ئۇنىڭ چىرايىدا كۇلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتىتى.
ئۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭ ھادىسى بولوپ بىر يىلغىچە ئۇنىڭغا قارلىق تۇتتى،بىر يىلدىن كىيىن ئالىمنىڭ ئايالى ئەشۇ مەھەلىدىكى يەنە بىر كىشى بىلەن توي قىلدى ئۇ كىشى گۇلقىزنى ئالغىندىن ماختىنىپ ئۇچىنجى قىتىم ئالغان ئايالىممۇ قىز چىقتى،دەپ داۋراڭ سالاتتى،لىكىن گۇلقىز قەلىپ قىزلىقىنى ئالىمغا بەرگەن ئىدى،گەرچە ئۇنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى قىزلىقى بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ۋىجدانى قىزلىقى ئالىمنىڭ قولىدا ئىدى.
گۇلقىز ئالىمنىڭ ۋاپاتى بولوپ ئۇچ يىلدىن كىيىن بىر ئوغول تۇغدى،ئوغلى دەل ئالىمنىڭ ئۆلىمى كۇنى گۇلقىزنىڭ ئوغلى تۇغۇلدى،گۇلقىز بۇ ئوغلىغا ئالىم دەپ ئىسىم قويدى.
ئىلاۋە:مەزكۇر ئەسەرنىڭ يىزىلىش مەقسىدى ھازىرقى دەرىجىدىن تاشقىرى تويلوق تەلەپ قىلىش شۇ ۋەجىدىن ھازىرقى ياشلارنىڭ پۇل ئۇچۇن ھەر ئاماللارنى قىلىشى سۆزلەنگەن،بۇنىڭغا كىم سەۋەپچى  ئەلۋەتتە ئاز ساندىكى كىشىلەرنى زىيادە ئابروي پەرەسلىكى ،شۆھرەت پەرەسلىكى  سەۋەپچى خالاس.
مەزكۇر ئەسەر ئىجادىي ئەسەر بولوپ ئەسەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقوقى ئاغىنىلەر تورىغا مەنسۇپ، بۇ ئەسەر ئەسەردىكى كىشىلەرنىڭ قوشىلىشى بىلەن يىزىلدى.
مەنبەسى:http://ahenelar.com


 
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
MUJAHIT
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9335
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 148
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە148دانە
ئۆسۈش: 590 %
مۇنبەر پۇلى: 1652 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-21
ئاخىرقى: 2012-03-16

ھەممىز  ئاللانىڭ  دەرگاھىغا  قايىتقۇچلارمىز ...
دەرىجە: چەكلەنگەن

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 925
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە925دانە
ئۆسۈش: 490 %
مۇنبەر پۇلى: 1 سوم
تۆھپىسى: 85 كىشى
ياخشى باھا: 4789 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-03-26
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-19 19:39

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
ئاللاھ دىللارغا غىل-پال كەشكەن خىيالنىمۇ بىلىپ ت ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1760
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1147
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1147دانە
ئۆسۈش: 1340 %
مۇنبەر پۇلى: 13274 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-03-19
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-19 20:00

نىمە دەيدىغاندۇ ما باللا
ئەتە ئۈلۈم!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1609
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1609دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 16867 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-05-10
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-19 20:45

ئەسسالامۇ  -  ئەلەيكۇم   بۇ تېما مىنى بەكمۇ چۇڭقۇر خىياللارغا ئەسىر قىلدى    .   ئەمەلىي  تۇرمۇشىمىزدىمۇ   تويلۇق مەسىلىسىدە بەزى  ئاتا - ئانىلار بەكمۇ ئاشۇرىۋىتىدۇ ، شۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن كۆز -ياشلىق قىسمەتلەر يۈز بىرىۋاتدۇ .
اللا
دوستلىشىش
nazli0998
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4714
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1309
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1309دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 7346 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-05-09
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-21 01:22

ئۇلۇغ ئاللاھ  ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلغاي !
ئابدۇرەھمان
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6476
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 101
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە101دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1041 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-12
ئاخىرقى: 2012-05-11
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-21 14:50

ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەيسەن.
بىز ھەرقاچان نازارەت ئاستىدا.مىنى ھېچكىم كۆرمىدى دىگەن گەپنى قىلغۇچى بولماڭ.