
دۇنيا بوكسئورىنىڭ پىشىۋاسىغا ئايلانغان، مۇھەممەت ئەلى كلاي 70 ياشقا توشقانلىقىنى ئالاھىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ تەبرىكلىدى.
كونا دۇنيا بوكس چىمپىيونى 70 ياشقا كىرگەن كۈنى ھەۋەسكارلىرى بىلەن بىرلىكتە تەبرىكلىدى. ئامېرىكىنىڭ كىنتاكىي ئىشتاتىغا قاراشلىق لۇ ئېسۋىلېئە شەھىرىدە ماھىر تەنھەركەتچىنىڭ نامىغا ئاتاپ سېلىنغان مەركەزدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە ئەلىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى،دوستلىرى ۋە ھەۋەسكارلىرى قاتناشتى.
مۇھەممەت ئەلى 12 ياش چېغىدىلا بوكسىيور بىلەن تۇنۇشقان ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن.
1964-يىلى ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن چېغىدا دۇنيا چىمپيونى بولغان ،ئۆمرىدە جەمى 3 قېتىم بۇ ئۇنۋانغا ئېرىشكەن.
بوكسىيورلۇق قىلىۋاتقان مەزگىللىرىدە ئولىمپىك ، ۋە دۇنيا چىمپىيونلۇقلىرىغا ئېرىشكەن مۇھەممەت ئەلى ،36 ياشقا كىرىگۈچى ئېلىشىش مەيدانىدا بوران مىسالى ئۆزىنى نامايان قىلغان.ھاياتىدا قاتناشقان 61 مۇسابىقىنىڭ 56 دە غەلىبە قىلغان.
تەنھەركەتتىن باشقا ئېسىل ئەخلاقى بىلەنمۇ -شۆھرەت قازانغان.
دىنىنى ئۆزگەرتىپ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىشى ئالاھىدە غۇل-غۇلا پەيدا قىلغان.
<<ۋېيتناملىقلار ماڭا ھىچقانداق يامانلىق قىلمىدى ،مەن ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلمايمەن>> دىگەن سۆزى ئۇنى ئېلىشىش مەيدانلىرىدىن يىراقلاشتۇردى.
ئەينى چاغدا ئامېرىكا بوكس فېدېراتسىيەسى دۇنيا بوكس چىمپىيونلوقى ئۇنۋانى ۋە ئىجازەتنامىسىنى مۇھەممەت ئەلىدىن قايتۇرىۋالدى.ھۆكىمەت تەرىپىدىن ۋەتەن خائېنى دەپ ئېلان قىلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.
ئۇ مەزگىللەردە قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن مۇھەممەت ئەلى ،يەنىلا تەنتەربىيە دۇنياسىدىن ئالاقىسىنى ئۈزىۋەتمىدىۋە دۇنيا بوكس تارىخىغا ئىسمىنى ئالتۇن ھەرىپلەر بىلەن يازدۇردى.
كۆپلىگەن جايلاردا ياخشى نىيەت ئەلچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئۇنتۇلماس بوكسىيور ،80-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇيان پاركىنسون كېسىلىگە قارشى كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە.....
كەڭ ساي تورىدىكى بارلىق مۇھەممەت ئەلىنىڭ ھەۋەسكارلىرى ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئامان بولۇشىنى تىلەيدۇ...
تۆۋەندىكى قىسقا فىلىم ئونىڭ بوكس مەيدانىدىكى جەسۇر قىياپىتى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلغان.