باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 5599 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: چۇڭ بايقاش،جىددىي تەشەببۇس
www.yanghin.com欢迎您!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10360
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-16
ئاخىرقى: 2012-02-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-17 00:30

چۇڭ بايقاش،جىددىي تەشەببۇس


2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم تور بىكەتلەر ئەنگىليە ئالىمى روگىر.پىنروس، ئەرمەنىيە ئالىمى ۋاچ.گوزادىئانلارنىڭ ئامېرىكا فىزىكىچىلار تور بىكىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئالەمنىڭ دەۋرىلىگىنى ئىسپاتلايدىغان» ئىسپاتقا ئىرىشكەنلىگىنى بەس-بەستە تارقاتتى.
بۇ بايقاشنىڭ تور دۇنياسىدا جىددى ئىنكاس قوزغىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئالەمشۇناسلىقتىكى نوپۇزلۇق كۆزقاراش «ئالەمنىڭ چوڭ پارتىلاش مودېلى» دىكى «ئالەم نۆل نوقتىدىن باشلانغان، ئاخىرى يوقىلىدۇ» دېگەن نوقتىنەزەرگە جەڭ ئېلان قىلغانلىقىدا. ئەگەر بۇ بايقاش ئورتاق ئىتىراپ قىلىنىپ، ئالەمنىڭ دەۋرىلىگى مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە، ھازىرقى زامان ئالەمشۇناسلىقى، فىزىكىسى ۋە پەلسەپەسىگە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كېلىشى مۇمكىن.
بىزنىڭ يۇقۇرقى ئۇچۇرغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىزغا ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى قاسىم سىدىقنىڭ ئۇزۈن يىللاردىن بىرى نەزەرىيىۋى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىققا ئالاقىدار تېما -«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» ئۈستىدە ئىزدىنىپ تۆۋەندىكىچە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىگى سەۋەب بولدى:
1.    ئالەم دەۋرى بولىدۇ، ئالەمنىڭ باشلىنىش ئاخىرلىشىش نوقتىسى بولمايدۇ، ساقلىنىش قانۇنلىرى دەۋرى ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيتىگە نىسبەتەن ئورۇنلۇق.
2.    مۇتلەق تىنىچ بولغان نىيوتۇنچە ماكان –يوقلۇق مەۋجۈت.
3.   «ئوبېكتىپ زامان»ئەسلا مەۋجۈت ئەمەس، زامان تىزلىكنى تەسۋىرلەشتە زۆرۈر بولغان سوبېكتپ قۇرال.
4.    ئالەمدىكى بارلىق ماسسا-ئىنېرگىيە مۇتلەق تۇراقلىق ھەجىمگە ئىگە.
5.    ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسىي خاراكتېرى ئەگرى بولىدۇ، بۇ خىل ئەگرىلىك دەۋرى ئالەمنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
6.    يورۇقلۇق تىزلىگىدىن يۇقىرى بولغان تىزلىك مەۋجۈت.
7.    ئېينىشتېيىننىڭ زامان-ماكان ئىدىيىسى بىر تەرەپلىمىلىككە ۋە چەكلىمىلىككە ئىگە.

«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»نىڭ 1990-يىلدىن تارتىپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىغان يۇقۇرقى پەرەز –نەتىجىلىرىنىڭ ئىچىدە يۇقۇرقىلاردىن باشقا يەنە ئاز بولمىغان يەكۈنلىرى ۋە نەتىجىلىرى بولۇپ، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق فىزىكا ئالىملىرى، مۇتەخەسىسلەرنىڭ يېڭى تەتقىقات،تەجىرىبە –كۈزۈتۈش نەتىجىلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئىرىشىدۇ دەپ قاراشقا بولىدىغانلىرى تۆۋەندىكىچە:
1-فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئالەم دەۋرىلىككە ئىگە دېگەن پەرىزى ئەنگىليە ئالىمى روگىر.پىنروز (R.Penrose)، ۋە ئەرمەنيە ئالىمى ۋاچ.گۇسادىيان (V.G.Gurzadyan)لارنىڭ تەتقىقات ۋە كۇزۇتۇش نەتىجىلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ.
2-  «نىيۇتۇنچە ماكان مەۋجۇت» دېگەن كۆز قارىشى كۋانىت نەزەرىيىسى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ. چۇنكى، نىيۇتۇنچە ماكان بولمىسا كۋانتلىقنى تەسسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
3-  «ئوبېكتىپ زامان مەۋجۇت ئەمەس، زامان سوبىكتىپ قورال دېگەن پەرىزى» كالفورنىيە ئونىۋىرسىتىتىنىڭ فىرافسورى كىراك.كالىندىر(CraigCallender)نىڭ «زامان پەقەت تۇيغۇمۇ؟» ناملىق ماقالىسىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن كۆز قاراشلار ۋە ۋاچ. گۇسادىيانلارنىڭ يۇقۇرقى تەتقىقات نەتىجىسى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ. ئالەمنىڭ دەۋرېلىگىنى تەشەببۇس قىلغان يۇقۇرقى چەتئەللىك ئىككى نەپەر ئالىمنىڭ تەشەببۇسلىرى پۇت تېرەپ تۇرالىسا،ياكى نىيۇتۇنىنڭ مۇتلەق زامان ئىدىيىسىنى قايتا ئىلىپ كېرىشكە ياكى زامان سوبىكتېپ قورال دېگەن ئىدىيىنى قوبۇل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
4-  شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ يورۇقلۇق تېزلىگىدىن يۇقىرى تېزلىك مەۋجۇتلىگى ھەققىدىكى پەرىزى كوۋانت نەزەريىسى،ئامېرىكا،گىرمانىيە ۋە شىۋىتساريە جەنىۋە ئونىۋىرسىتىتى ئالىملىرىنىڭ يورۇقلۇق تېزلىكىگە ئالاقىدارتەجىرىبە نەتىجىلرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ.
5-«ئېنىشتېيىن زامان –ماكان ئىدىيىسىدە بىرتەرەپلىمىلىك ۋە چەكلىمىلىك مەۋجۇت» دېگەن پەرىزى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى سىتۋىن ۋىنبىرىگ (Stevn.Weinberg)،ئامېرىكا ۋىرمونىت ئونىۋرىسىتىتىنىڭ فىرافسۇرى  ھانىس يوھانيان(Hansc.ohanian)لارنىڭ«ئېنىشتېيىننىڭ خاتالىغى»ناملىق ئەسەرلىرىدە ئىلگىرى سورۇلگەن ئىدىيىلەر ۋە سىتانفۇرت ئونىۋىرسىتىتىنىڭ دەم ئىلىشقا چىققان تەتقىقاتچىسى، روسىيە ئالەم قاتناش ئاكادىيمىسىنىڭ ئاكادىيمىكى خۇادى(HuaDi 华棣)نىڭ ئېنىشتېيىن نىسبىلىك نەزەريىسى ئۈستىدە ئىلىپ بارغان بىريۈرۈش  تەتقىقات نەتىجىلىرى شۇنداقلا كوۋانت نەزەرىيىسى ۋە ئەرمىنيە، ئەنگىليىلىك يۇقۇرقى ئىككى نەپەر ئالىمنىڭ تەتقىقات نەتىجىلرى تەرىپدىن قوللاشقا ئىرىشىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، 1990-يىلىدىن باشلاپ، «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قىسىم نوقتىنەزەر ۋە پەرەزلەر نۆۋەتتە خەلقئارادىكى تەتقىقات كۈزۈتۈش نەتىجىلىرى بىلەن ئاساسەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىگىنى بايقىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ۋاستىلەردىن جوڭگۇ فىزىكا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،چوڭچىڭ ئونۋېرسىتېتىنىڭ پىرافىسۇرى، دوكتۇر يىتەكچىسى لى فاڭيۇ ئەپەندىنىڭ بۇنەزەرىيىگە بولغان ئىجابى باھاسىدىن شۇنداقلا ئۇنىڭ دوكتۇر، ماگىستېر ئاسپىرانتلارنى بۇ تەتقىقات دالالەت قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. شۇڭا بىز «مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش»ئىستراتىگىيىسىنى چىقىش قىلىپ «فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىىسى»تەتقىقاتىنى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز.

«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»گە ئالاقىدار ئۇچۇرلار 1990-يىلدىن تارتىپ ھەرخىل ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنىپ، بىر قىسىم ئىلىم ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسىسلەر بۇ نەزەرىيىنىڭ بەزى كۆز قاراشلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ قىممەتلىك پىكىر –تەكلىپلەرنى بەرگەن. بىز بۇنەزەرىيىگە ئەستايىدىل، تارىخى مەسئۇليەت تۇيغۈسى بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك دەپ قارايمىز.
گەرچە بۇ نەزەرىيىنىڭ پەلسەپە-لوگىكىلىق رامكىسى قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمەلى دەلىللەش، تەجىرىبە ۋە كۈزۈتۈش نەتىجىلىرى كەمچىل، تەتقىقاتقا قاتناشقۇچىلار يېتەرلىك ئەمەس. بىز قاسىم سىدىق باشچىلىغىدىكى ناھايتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خىلمۇ-خىل قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كىچىك كارخانىلار، شەخىسلەرنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىشى ۋە ھېسداشلىق قىلىشى ئاستىدا زور تىرىشچانلىق بىلەن تەتقىقات ئىلىپ بىرىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق.
بىز «شەكىل نەزەرىيىسى»نىڭ ئالدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى پەرەزلىرى خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكى يېڭى بايقاش، يېڭى نەتىجىلەر بىلەن پىرنسىپ جەھەتتە بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۆۋەندىكىچە تەكلىپ بىرىمىز:
1.    مۇناسىۋەتلىك كەسىپ، مەمۇرىي ئورۇنلار بىر قىتىم «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى ئويۇشتۇرۇپ، قاسىم سىدىقنىڭ ۋە ئىلىم ساھەسىنىڭ پىكىرلىرى ئاڭلاپ بىقىلسا.
2.    بىز بۇنەزەرىيىنىڭ چىتىلىش دائىرىسىنىڭ ناھايتى كەڭ بىر نەزەرىيە قۇرۇلۇشى ئىكەنلىگىنى بايقىدۇق، تەتقىقات سالمىغىنى كۈچەيتىپ، تەتقىقات سۈرئىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئالاقىدار ئورۇنلار، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملار، سىياسەتلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن مەخسۇس «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» ئىلمى تەتقىقات ئاپاراتى تەسىس قىلىپ، مۇنتىزىم تەتقىقات شارائىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئويلۇشۇپ كۆرسە.
3.    مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ۋاستىلىرى، نەشىرىيات ئورۇنلىرى «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيسى»نىڭ يەرلىك پەننى مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىلمىي مۇنازىرىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئەھمىيىتىنى تونۇپ، «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»ماقالىلىرى ئۈچۈن كەڭرى سەھنە ھازىرلاپ بەرسە. تارىخ ئىلىم-پەن تەرەققىياتى ئىلمىي مۇنازىرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
4.    ھەرقايسى ساھە،كەسىپ ئىگىلىرى بولۇپمۇ فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىق ساھەسىدە مەخسۇس تەربىيلەنگەن مۇتەخەسىسلەر «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»گە بولغان قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى ۋە زۆرۈرى ياردەملىرىنى ئايىمىسا.
پۇرسەت ۋە رىقابەتكە تولغان بۈگۈنكى كۈندە «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»ئەستايدىل
ۋە جىددى مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك تېما دەپ قاراپ، بۇ تەشەببۇسنامىگە ئىمزايىمىزنى قويدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:  
ئەخمەت ئابلىز
شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئونۋېرسىتېتى پىرافىسۇرى، دوكتۇر.

پولات ئەخمەت
شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى پىرافىسۇرى.

ئەركىن. ئا
شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى پىرافىسۇرى.

ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرىشىت
شىنجاڭ ئونۋېرىسىتېتى، دوكتۇر.

خالمۇرات ئازات
شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى، لىكتور

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى

ئىزاھ: ئەسلى نوسخا ئارخىپتا.

بۇيازمىنى مەنبەنى ئەسكەرىتكەن ھالدا ھەر قانداق تورغا چاپلاشقا بولىدۇ
مەنبە:
كۆكلەي دېسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بۇلايمۇ؟يېلتىزمۇ؟
دوستلىشىش
خوشامەت
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10341
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 94
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە94دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 960 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-15
ئاخىرقى: 2012-06-24

رەھمەت
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3248
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 98
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە98دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 585 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-27
ئاخىرقى: 2012-09-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-17 11:30

بۇ ھەمكارلىق ئادەمنى خېلى سويۇندۇرىدىكەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10372
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-17
ئاخىرقى: 2012-01-20
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-17 16:16

ئۇيغۇر ئالىملىرىمىزنى قوللاپ قۇيايلى
ھەربىرجان ئۈلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1191
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1111
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1111دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 12324 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2012-09-06
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-17 17:02

مۇشۇ كۇنلەردە فىزىكىلىق  يېڭى -يېڭى كوز قاراشلار ئوتۇرغا قۇيىلۋاتىدۇ ،تېخى بىر نەچچە كۇن بۇرۇن بىر مۇلاھىزە ماقالىسىنى كورۇپ خېلى كوڭلۇم يۇرۇ پ قالغان ئىدى ...
كەچۇرۇڭلار ئۇرۇشمايمەن!!!!
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1007
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1007دانە
ئۆسۈش: 3370 %
مۇنبەر پۇلى: 12552 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-09-07
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-17 17:06

ئالەمنىڭ سىرىلىرى چەكسىزدۇررررررررررررررررررر ... ...  
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2122
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2122دانە
ئۆسۈش: 1040 %
مۇنبەر پۇلى: 22364 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-09-02
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-17 17:20

جانابى ئاللاھ ھەممىگە قادىر ،،
دوستلىشىش
قارگۇلى
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8196
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 629
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە629دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 6704 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-18
ئاخىرقى: 2012-09-01
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-17 17:50

بۇلارنىڭ دېمەكچى بولغىنى زادى نىمىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  ئالەم دەۋرى بولىدۇ، ئالەمنىڭ باشلىنىش ئاخىرلىشىش نوقتىسى بولمايدۇ، .....بۇنى تازا ئويلىسام ئاللانىڭ قانۇنىيىتىگە ئانچە ئۇيغۇن ئەمەسمۇ نىمە؟؟؟؟؟؟؟؟؟        سەگەك بولايلى مۇسۇلمانلار!!!!!!!!!!!!
ئۇنۇتمايلىكى :  <<بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ...........بىز بولساق مىھماندۇرمىز!!!!!>>
دوستلىشىش
ئەپەندىم111
نەۋرۇز
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9557
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-11
ئاخىرقى: 2012-05-28
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-17 23:10

ئەپەندىم111
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1411
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1411دانە
ئۆسۈش: 1220 %
مۇنبەر پۇلى: 15488 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-08-28
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-18 01:19

ئاخىرلىشىش نۇقتىسى بولمامدا ؟ ئۇ دىگەن قىيامەت قايىم بولمايدۇ دىگەن گەپقۇ
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ