قاسىم سىدىق ئاكا مەن 10 يىل ئىلگىرى مەمىتىمىن ھوشۇرنىڭ سىز توغرۇلۇق يازغان ئوچرىكىنى ئوقۇپ (ئۇ چاغدا بۇ نەزەرىيڭىز <بوشلۇق نەزەريىسى> دىيلەتتى)، سىزگە ئاللاھتىن غەيرەت شىجائەتلەر تىلىگەن ئىدىم، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ جەھەتتىكى نەتىجىلىرىڭىز تېخىمۇ كۆپيىپ، جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت نەزىرىنى تارتقۇدەك دەرىجىگە يىتىپتۇ، ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئاپىرىن.
سىزگە بىر تەكلىۋىم: مۇنۇ كەڭساي دىگەن جاي «قىلدىن كەتسە قىرىقتىن كىتىدىغان». «قولى گۈل دوپپچىلار» بىلەن تولغان جاي، شۇڭا شەكىل نەزەرىيسى توغرىسىدىكى بايانلىرىڭىزنى كۆپ ئادەم چۈشىنەلەيدىغان، ئاممىباپ تىل بىلەن يوللىغان بولسىڭىز، خاتا چۈشىنىشلەر بولمىغان بولاتتى، شۇندىلا بىز سىزنى خاتىرجەم ماختىيالايمىز ياكى تىللىيالايمىز (قوللايمىز ياكى رەددىيە بىرىمىز)، بۇ جەرياندا سىز پايدىلانغۇدەك كۆرسەتمىلەرمۇ چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.