باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2623 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: ئۆي چېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى (فېليەتون)
ئەلبەھرە تورى   www.elbehre.com
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6925
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 108
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە108دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 2539 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-06
ئاخىرقى: 2012-03-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-17 00:26

ئۆي چېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى (فېليەتون)

ئۆي چېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى
(فېليەتون)

--«خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى»غا تەقلىد


جياڭشىنىڭ يىخۇاڭ دېگەن يېرىدە ئۆي چېقىش تۈپەيلىدىن ئۆزىنى كۆيدۈرىۋېلىش ۋەقەسىدە ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغان ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسى ۋە ھاكىمنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىققانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر 2-دېكابىردىن باشلاپ تارقالغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى سابىق شۇجىنىڭ ئىشقا چۈشكەنلىك خەۋىرىنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن، قانداق مەنسەپكە ئولتۇرغانلىقىنى ئېيتمىغان. بۇندىن بۇرۇن شۇجى ۋە ھاكىمنىڭ دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. 2010-يىلى 10-سېنتەبىر ، جياڭشىنىڭ يىخۇاڭ ناھىيىسىدە ئۆي چېقىش سەۋەبىدىن ئۆزىنى كۆيدۈرىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ ئادەم ئېغىر زەخمىلىنىپ، بىر ئادەم قازا قىلغان. («جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى»نىڭ 3-دېكابىر خەۋىرى)
بىزنىڭ بەزى پارتىيە ئەزالىرىمىز ۋە ئەمەلدارلىرىمىز قالتىس ئادەملەردۇر. بۇ قوشۇندىكى بەزى ئادەملەر ھەقىقەتەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلار ئەمەستۇر، ئۈزۈل-كېسىل خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلار ئەمەستۇر. ئۇلار ئۆي چېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلاردۇر، GDPئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلار ھەتتا سىياسىي دەسمايە ۋە خۇسۇسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلاردۇر. جايلاردىكى ئۆي چېقىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان ئۆي چاققۇچى ئەمەلدارلار بىزنىڭ قوشۇنىمىزدىكى تايانچلىرىمىزدۇر.
ساختىپەزلىكنىڭ سورىقى بولىدۇ، ئەمەلدارلىقنىڭ خېيىم-خەتىرى بولىدۇ. چاتاق چىققاندا، مەنسىپىدىن ئېلىۋەتكەن بولۇپ، رەسمىيەتچىلىك قىلماي بولمايدۇ. مەنسىپىدىن قېلىشنىڭ ئەھمىيىتى ئوخشاش بولمايدۇ. ئاۋام-پۇقرا ئۈچۈن گەپ قىلىپ، يۇقۇرىنى ۋە يولداشلىرىنى خاپا قىلىپ قويۇپ مەنسەپتىن قالسا، ھاڭگىرىت پېيىدىنمۇ قەدىرسىز بولىدۇ. ئۆي چېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ھۆكۈمەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، پارتىيە ئۈچۈن گەپ قىلىپ چاتاق چىقىپ مەنسىپىدىن قالسا، تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك بولىدۇ. ئۆي چاققۇچى ئەمەلدارلار ئومۇملىقنى كۆزلەپ، مۇھىم قائىدىلەرنى بىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن قان كېچىپ كۈرەش قىلىپ، چاتاقچى، قاداق ئائىلىلەر بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلدى. كۈرەش ۋە خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ۋاقتىنچە ئېلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، شامال ئۆتۈپ كەتكەن ھامان ئۇلار قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئۆرنەكلىرىمۇ يوق ئەمەس. سەنلۇ ئەمەلدارلىرى قايتا باش كۆتۈرمىدىمۇ؟ پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋە كان پارتلاش ۋەقەسىدىكى ئەمەلدارلارمۇ قايتا باش كۆتۈرمىدىمۇ؟ ئۆي چاققۇچى ئەمەلدارلار جۇڭگودىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلغۇچىلاردۇر، جۇڭگو ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنۈلۈشىگە ۋەكىللىك قىلغۇچىلاردۇر. جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلق چاكارلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشى ئەمەلدارلارنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ئىشتۇر.
بىز ئۆي چېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلارمىز. شۇڭا بىزدە كەمچىلىك بولىدىكەن، ھەتتا ئۆي چېقىشتا ئادەم ئۆلىدىغان ئىش چىققان تەقدىردىمۇ، باشقىلارنىڭ تەنقىت قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىشىگە ئۇنىمايمىز. قانداق كىشى ئىكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، كىم كۆرسىتىپ بېرىمەن دېسىمۇ بولمايدۇ. سېنىڭ ئېيتقىنىڭ توغرا بولسىمۇ، بىز تۈزەتمەيمىز. سەن ئېيتقان چارە خەلققە پايدىلىق بولسىمۇ، بىز سېنىڭ ئېيتقىنىڭچە ئىش قىلمايمىز.
بىز بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، خەلقنىڭ گەپ-سۆزىدىن قورقمىساقلا، بىزنىڭ بۇ قوشۇنىمىز چوقۇم گۈللەپ - ياشنايدۇ. يەر-زىمىندىن كېلىدىغان كىرىمگە كاپالەتلىك قىلالىساقلا، بىر قىسىم بۇزۇقلارنى ئالدىن بېيىتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.
بىز ھەر يەر - ھەر يەردىن كېلىپ، «ئۆي چېقىش بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايدۇ» دېگەن قەتئىي ئېتىقاد ئۈچۈن توپلاندۇق. بىز يەنە زور كۆپچىلىك خەلققا ۋەكىللىك قىلىپ مۇشۇ يولدا ماڭىمىز. بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ كۆپ جايلار ۋە ئەمەلدارلىرىمىز ئۆي چېقىش ۋە يەر سېتىش بىلەن بەختلىك تۇرمۇشقا ئىگە بولدى. بۇ تېخى يېتەرلىك ئەمەس، تېخىمۇ كۆپرەك بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا پۈتكۈل قوشۇننىڭ بەختىنى تاپالايمىز.
يولداشلىرىمىز قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىدا ئۇتۇقلارنى كۆرۈشى كېرەك، يورۇقلۇقنى كۆرۈشى كېرەك، غەيرىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
بىز ھەر بىر يولداشقا غەمخورلۇق قىلىشىمىز لازىم، بىر - بىرىمىزگە غەمخورلۇق قىلىشىمىز، بىر - بىرىمىزگە كۆيۈنۈشىمىز، بىر - بىرىمىزگە ياردەم بېرىشىمىز، ئۆي چېقىش ئۇلۇغ ئىشىنى ئاخىرىغىچە قىلىشىمىز لازىم.
بۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ قوشۇنىمىزدا مەيلى كىم بولسۇن ئۆي چېقىش سەۋەبىدىن مەنسەپتىن قالغان بولسا، مەيلى رەسمىي بولسۇن ياكى ۋاقتلىق بولسۇن، ئۇ ئۆي چېقىشقا ئاز - تولا پايدىلىق ئىش قىلغانلا بولسا، بىز ئۇنى قايتا باش كۆتۈرگۈزىشىمىز، تەبىرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشىمىز لازىم. بۇ بىر تۈزۈم بولۇپ قالسۇن. مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن غايىمىزنى بىلدۈرۈپ، پۈتۈن ئۆي چېقىش قوشۇنىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.


مەنبە: خەلق تورى
ئاپتورى: چياۋ جىفېڭ
تەرجىمىدە: ئابلاجان تۇردى

ئۇيغۇرچە مەنبە: http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=457
خەنزۇچە مەنبە: http://opinion.people.com.cn/h/2011/1204/c159301-1219188345.html
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+3(general) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • ئەلبەھرە تورى
    www.elbehre.com
    دوستلىشىش
    خوشامەت
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10341
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 82
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە82دانە
    ئۆسۈش: 30 %
    مۇنبەر پۇلى: 820 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2012-01-15
    ئاخىرقى: 2012-05-06

    قىزىقارلىق فىليەتونكەن بۇ ؟جۇڭگونىڭ ئەمىلىيتىگە تولىمۇ ماس كەپتۇ
    دوستلىشىش
    خوشامەت
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10341
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 82
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە82دانە
    ئۆسۈش: 30 %
    مۇنبەر پۇلى: 820 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2012-01-15
    ئاخىرقى: 2012-05-06
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-17 15:01

    شۇنداق  ھازىر ئۈي چىقىش مودا!!!!!!!!!!!!!!!!
    دوستلىشىش
    nazli0998
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4714
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1309
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1309دانە
    ئۆسۈش: 140 %
    مۇنبەر پۇلى: 7346 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-12
    ئاخىرقى: 2012-05-09
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-18 02:42

    ئۆيلەرنى  چىقىۋىرىپ  قىشنىڭ  باھاسى  ئۆسۈپ  كەتتى .
    ئەگەر ساڭا تېچلىق كېرەك بولسا، ئۇرۇشقا تەييارلى& ..
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1202
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 185
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە185دانە
    ئۆسۈش: 230 %
    مۇنبەر پۇلى: 2045 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-26
    ئاخىرقى: 2012-03-03
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-18 14:11

       پاھ!  تەرجىمان ئابلاجان تۇردىغا، يوولىغۇچى نوشىرىۋانغا كۆپ تەشەككەۇر، ناھايىتى ياخشى تېمىكەن بۇ،
    دىلشىكار
    a
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2631
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 979
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە979دانە
    ئۆسۈش: 1790 %
    مۇنبەر پۇلى: 6826 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-04
    ئاخىرقى: 2012-05-09
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-18 19:58

    ئاپتۇر راس گەپنى قىپتۇ  ئاپتۇرلار يازايدىسە بۇنداق ئىشلار ساماندەك تېپىلىدۇ. بىزنىڭ بۇيەرلەردىغۇ تاغدەك دۆۋۈلىشىپ كىتىگلىك  ئەمما......... مۇشۇنداق ئاپتۇرلارنىڭ تىمىلىرنى نەدە بولسا  تېپىپ تەرجىمە قىلىپ ئەكىلىشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمىز
    AYATLIK,BIR KURAX
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 2
    ئومۇمىي يازما: 2740
    ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2740دانە
    ئۆسۈش: 5110 %
    مۇنبەر پۇلى: 19136 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-11-27
    ئاخىرقى: 2012-04-01
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-18 21:49

    شەھەر تەرەقىياتىغا ئەلۋەتتە بۇزۇپ چىقىش ،كوچۇرۇش بۇلىدۇ ،،لىكىن بۇ جەرياندا خەلىق ئاممسىنىڭ ھۇقۇق -مەنپىئەتىگە دەخلى تەرۇز قىلىشقا بۇلمايدۇ ،،ئايىرىم كىشىلەر بار قۇرلوشقا كەلگەن يەر زىمىنىغا  ئەمىلىيەتكە ماس كەلمىگەن ھالداا  ئاسمان -پەلەك باھانى قۇيىۋىلىپ ئۇششۇقلوق قىلدىغان،،،،!!!!!!!!
    دوستلىشىش
    ئەلقۇت38
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9720
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 10
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 100 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-11-23
    ئاخىرقى: 2012-05-08
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-18 21:51

    بىزنىڭ مەھەللىگە تازا ماس كەپتىغۇ!!!~~~~~~~~~~~~
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1609
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1609دانە
    ئۆسۈش: 180 %
    مۇنبەر پۇلى: 16867 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-22
    ئاخىرقى: 2012-05-10
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-20 22:01

    ئەسسالامۇ  -  ئەلەيكۇم ،   ئەھمىيەتلىك  تېمىڭىز  ئۈچۈن تەشەككۈر  !
    شۇ تەرەققىيات ئىھتىياجى ئۈچۈن  تالاي  تەۋەرۈك ئۆيلەر چېقىلدى ھەم چېقىلماقتا ،.............
    اللا
    دوستلىشىش
    قەلىپتاش
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10445
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 21
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە21دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 5 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2012-01-23
    ئاخىرقى: 2012-01-23
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-23 00:21

    قولىڭىشغا دەت  كەلمىسۇن
    سالام دوسلا