ئىراق دۆلىتىنىڭ قۇرىلىشى جەريانىدا ئەنگىلىيىلىك بىر ئايال ناھايتى مۇھېم رول ئوينىغان ،ئۇ ئىراق تارىخىدا مۇھېم ئورۇندا تۇرىدۇ ،ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تالانتى ،ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ۋە باتۇرلىقىغا تايىنىپ ئىراقتا مۇختارىيات يىڭى سەھېپىسى ئېچىلغانغا قەدەرئىراق خەلىقىنىڭ ئۆزىگە -ئۆزى خوجا بولۇش ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرغان ،ئۇ دەل ئىراق <<خانىشى>> دەپ نام ئالغان گېرترۇد بېل دۇر .
ئۆتكۇر پىكىرلىك ئاجايىپ ئايال
گېرترۇد بېل 1868- يىلى ئىنگىلىيىلىك چوڭ بىر تۆمۇرچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ،داڭدار جەمەتتىن ئىدى.
1886- يىلى ،ئۇ ئوكىسفورت ئۇنۋېرستىتىغا كىرىپ ،مەزكۇر ئونۋېرستىد تارىخىدىكى تۇنجى 1- دەرىجىلىك ئىلمى ئۇنۋانغا ئېرىشكەن ئايالغا ئايلىنىپ ،ئۆزىنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىغا ئاساس سالغان.
بېل ئېكىسپېدىتسىيىگە ھېرىسمەن ئىدى،1897- يىلى ۋە 1902 يىلى ئىككى قىتىم دۇنيانى كېزىپ ساياھەت قىلغان ، ياۋروپادىكى ئەڭ ئىگىز تاغ ئالىپ تېغىدىن ھالقىپ ئۆتكەن ؛ئۇ تىل ئۇگىنىشكە ۋە ئەرەپ مەدەنىيىتىگە ھېرىسمەن بولۇپ ،مۇقەددەس شەھەر ئېروسالىمدا ئەرەپ تىلى ئۇگەنگەن ،ئەرەپلەرنىڭ ئارخولوگىيىلىك خارابىلىرىنى تەتقىق قىلغان ،شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرىق رايونىنىڭ قەدىمكى زامان خارابىلىرىگە ئائىت 7000 پارچىدىن ئارتۇق قىممەتلىك ، مۇھېم سۇرئەتلەرنى قالدۇرغان ، ھازىر بۇ خارابىلەر ئاساسەن يوقىلىپ كەتكەن . ئۇ مېسوپوتامىيە تۇزلەڭلىكىنىڭ يەر شەكلىگە پىشىق بولۇپ ،ئەرقايسى شەھارلەرنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ شۇ رايونىڭ ئەھۋالىنى چۇشىنىشىنىڭ ئاساسى قىلغان ؛ ئۇ يەنە پارىس تىلىغىمۇ پىشىق
بولۇپ ،قەبىلە مەدەنىيىتى ھەققىدە تەتقىققات ئىلىپ بارغان ۋە شئېرلارنى تەرجىمە قىلغان ، بۇ ھال ئۇنى ئەرەپلەرگە يىقىنلاشتۇرغان ھەم بۇ زېمىنغا بولغان مۇھەببىتىنى قوزغىغان بېلغا ئوخشاش ئەدەبىيات،فوتوگىراف ،خەرەتە ،ئارخىلوگىيە ،تىلدىن خەۋەردار ئايال ئەلۋەتتە ئۆز دەۋرىكەم بولسا بولمايدىغان سەرخىلار سانىلاتتى .
ئەنسىز زاماندا كارامىتىنى كۆرسىتىش
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ، مىسوپوتامىيە تۇزلەڭلىكى ئەنگىلىيىنىڭ <<مانداتلىق >>ھۆكىمانلىق رايونى >> غا ئايلىنىپ قالغان ،
ئەنگىلىيە ھۆكىمىتى مەزكۇر رايونىڭ ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۇل بۆلگەن ،ئەلۋەتتە،بېل ئۆزىنىڭ شۇ رايونى تولۇق چۇشىنىشىگە ئاساسەن ،ئەنگىكىيە دائىرلىرىنى نۇرغۇن توغىرا ۋە مەخپى دوكىلاتلار بىلەن تەمىنلىگەن ،ئالايلۇق ،ھەرقايسى قەلئەلەردە تۇرۇشلۇق تۇركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سانى ،گىرمانىيىنىڭ قۇملۇق تۆمۇر يولىنى ياساش ئەھۋالى قاتارلىقلار.بۇ ئاخپاراتلار ئۇنى ۋېستىمىنىستىردىكى ھوقوق مەركىزىگە كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان ھەم ئەرەبلەرنىڭ مۇختارايات ئىشلىرىنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىغا ئۇمۇد ئىلىپ كەلگەن ئۇ تولىمۇ ناتىق بولۇپ ،يەرلىك ئەرمەنلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچىراش ئەھۋالى ،ئاكابا قولتىقىنىڭ نىفىت چىقىرىش پورتى بولۇش سۇپىتى بىلەن مۇھېملىقىنى تەكىتلىگەندە ،ئەنگىلىيە پادىشاھى ۋە ۋەزىرلىرىمۇ ئەستايىدىل ئاڭلىغان .
1- دۇنيا ئۇرىشى مەزگىلىدە ،ئەنگىلىيە مەزكۇر رايونىڭ ۋەزىيىتىدىن ،ناۋادا تۇركىيە گىرمانىيە تەرەپتە تۇرسا ،ئۇنداقتا ئەرەپلەر قانداق پوزىتسىيىدە بولار دىگەندىن بەكمۇ ئەندىشە قىلاتتى . بىل شۇ رايونىڭ ئەمىلىيىتىنى ۋە ئەيبى ۋاقىتىكى ۋەزىيىتىنى ئونۋىرسال تەھلىل قىلىپ ،شۇ ۋاقىتىكى ئەنگىلىيىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى ئېدىۋارت گىرايغا ئەتىراپلىق ۋە قايىل قىلىش كۇچىگە ئىگە دوكىلات سۇنۇپ ،ئۆزىنىڭ مۇرەكەپ سىياسى ۋەزىيىتىنى ئومومىيۇزلۇك ئىگىلەش ئىقتىدارى ۋە كۆزگە كۆرىنگەن سىياسى تاللانتىنى نامايەن قىلغان .
ئەرەبلەرنىڭ مۇختارىيات ئىشلىرى ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش
ئەرەبىستانىڭ شىمالى قىسمىنىڭ خەرەتىسىنى سىزالايدىغان بىردىنبىر كىشى بولغان بىل پولكوۋنىك سالايىتى بىلەن ئەنگىلىيە ئارمىيىسىگە قاتناشقان . ئۇ ئەرەبلەرگە مۇختارىيات بېرىش ،غەرىپنىڭ ياردىمى بىلەن مۇختارىياتقا ئىگە ئەرەپ دۆلىتى قۇرۇش
ئويىنى ئوتۇرغا قويغان ،بۇ ئەرەپلەرنىڭ ئەڭ چوڭ كۇرەش نىشانى ئىدى .ۋەھالەنكى بۇ ئويىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن ، بىل ئالدى بىلەن ئەنگىلىيىىڭ بىرقانچە گېنىرالىنى قايىل قىلىشى كېرەك ئىدى .ئېيتىشلارغا قارغاندا ،بۇ گېنىرالار ئۆزىنىڭ ئوي- پىكىرىنى ئيلىشىشقا ئۇلگۇرمەيلا ،بېلنىڭ پىكىرىگە مائىل بولغان ،ئۇ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە ئەرەپلەرنىڭ مۇستەقىل بولىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى چۇشىنىشلىك ئۇرۇش تىلى بىلەن سۆزلىگەن ،گېنىرالار ئۇنىڭ سۆزىدىن ھاڭ-تاڭ قالغان ھەم تەدىرىجى ئۇنىڭ سۆزىگەبېرىلىپ كەتكەن .
1- دۇنيا ئۇرىشى مېسپوتامىيە تۇزلەڭلىكىگە زور تالاپەت ئىلىپ كەلگەن ،ئەنگىلىيىلىكلەر ئېراققا كىرگەندە ئۇلاردە بۇ رايوننى قايتا قۇرۇشقا يىتەرلىك مەبلەغ ۋە ئادەم كۇچى يوق ئىدى ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل قاراش ئوتۇرغا چىققان . بىرى ،چېرچىلنى ئۆزئىچىگە ئالغان بىر قىسىم كۆپ قىسىم يۇقىرق دەرىجىلىك ئەمەلدارلاربۇ تۇزلەڭلىكنى قايتا قۇرۇشنى خالىمىغان ،
ئىراقنى ئاچارچىلىق ۋە ھۆكىمەتسىز قالدۇرۇشنى تەشەبۇس قىلغان ؛يەنە بىرى بېلنى ئۆز ئىچىگە ئەلغان بىر قىسىم كىشىلەر ئەنگىلىيە ھۆكىمىتىنىڭ بۇيەردىكى خەلىققە ياردەملىشىپ ھۆكىمەت قۇرۇش ،ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ئۇلارغا كەلتۇرگەنئزابىنى يەڭگىلىتىش مەسۇلىيىتى بار دەپ قارغان .ئاخىرىدا ئەنگىلىيە ھۆكىمىتى قايتا قۇرۇشقا ياردەملىشىشنى قارار قىلغان ،بۇ جەرياندا بېل ھالقىلىق رول ئوينىغان ،قايتا قۇرۇش جەريانىدا ئەرجايسى ساھەلەردىكى لەر ئۇنىڭغا ،يول،قانال،كۆرۇك،تۆمۇريولارنى قايتا ياسىغان دوختۇرخانا قۇرۇپ،كىشىلەرگە ۋاكسىنا ئۇرۇپ ،كىسەلەرنى تەكغۇرۇپ خەلىقنىڭ تۇمۇشىنى ياخشىلىغان .
ئىراق دۆلىتى قۇرۇش
ئىرىقى تەركىپ مۇرەكەپ ، مىللى زىدىيەت ئۇزۇلمەي يۇز بېرىۋاتقان رايوندابىرلىكە كەلتۇرۇش ئىنتايىن تەس ئىدى . بېل بىر تەرەپتى ھەرقايدى قەبىلە ئاقساقالىرىنى بىرلىكە كەلگەن ھۆكىمەت قۇرۇشقا قايىل قىلسايەنە بىر تەرەپتىن ئىرقى ،دىنى مەسىلىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۇل بۆلگەن ۋە غەيرى دىندارلار ئوتۇرسىدىكى مەنپەت مۇناسىۋەتنى تەڭشىگەن .
1921-يىلى ،چېرچىل قاھېرە يىغىنىنى چاقىرىپ ،ئوتۇرا شەرىقنىڭ كەلگۇسىنى مۇلاھېزە قىلغان ،بېل مەكۇر يىغىنغا قاتناغقان بىردىن بىر ئايال بولۇپلا قالماستىن،ئۇنىڭ پىكىرى تولۇق قوبىل قىلىنغان، .ۇنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن ،يىغىندا مۇسۇل،باغداد،بەسىرە قاتالىق 3 رايون ئاساسىدا بىرلىكە كەلگەن ئەرەب دۆلىتى---ئىراقنى قۇرىشنى قارار قىلغان ،شۇنىڭ بىلەن بىللە ،ئۇ ئىراقنىڭ پادىشاھى
1921- يىلى 8- ئايدافايسال رەسمى ھالدا تەخىتكە چىقىپ ئىراىقنىڭ تۇنىجى پادىشاھى ،ئەنگىلىيىنىڭ مانداتلىقىنىڭ ئورىنىنى ئىراقنىڭ مۇستەقىلىقى ئىگىلىگەن 500قەبىلە ئاقساقىلى پادىشاھققا سادىق بولۇش ھەققىدە قەسەم بەرگەن، پادىشاھ مۇراسىمدا ھاياجان بىلەن :<<مۇشۇ دەقىقىدىن باشلاپمەن قەبىلىلەر ئوتۇرسىدىكى زىدىيەتكە مەسئۇل بولىمەن . بىز ۋەتەنپەرۋەر سالاھىتى بىلەن سۆزلەۋاتقىنىمىزدامۇسۇلمانلار.خىرىستىيانلار،يەھۇدىيلار،ۋە كۇردىلەردىن ئىبارەت بۇ سۆزلەر ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ .بىزنىڭ ئىراقتىن ئىبارەت بىر لا دۆلىتىمىز بار >> دىگەن .
ئازاپ ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتۇش
داۋالغۇشقا تولغان ئاشۇ يىلاردا ،نۇرغۇن ئىسىق سوغۇقلارنى بىشىدىن ئۆتكۇزگەن بېل ھايات مۇساپىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىدە
ئوخشاشلا غېرىپلىق تەغدىرىدىن قۇتىلالمىدى ،ئەنگىلىيە ئەمدى ئۇنىڭغا ئىھتىياجلىق بولمىغانلىقتىن ياشانغاندا كېسەلچان بېل 1927-يىلى 7-12 كۇنى ئۇيقۇ دورىسى يەپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى ،ئۇ ئۆزى ئۆمۇر بويى كۇرەش قىلغان باغداد شەھېرىگە دەپنە قىلىنغان .
ئىراقلىقلار مەڭگۇ بۇ چەتئەلىك ئايالنى ھۆرمەتلەيدۇ ،ئۇنىڭ بۇ زىمىنىڭ تىنىچلىقى ۋە ئەمىنلىكى ئۇچۇن كۆرسەتكەن ئىزدىنىشلىرىگە تەشەككۈر ئېيتىدۇ.شۇڭا ئۇنى مەڭگۇ ئۇنى ئەنگىلىيىلىك ئىراق <<خانىشى >>دەپ ئاتايدۇ .
مەردانجان تەرجىمىسى
مەنببە : تەرمىلەر ژورىنىلى
[ بۇ يازمىنىdiyarim 2012-01-16 15:32قايتا تەھرىرلىدى ]