ئىيتقىنە گۈلۈم سىنى ياخشى كۆرگىنىم يالغانمىدۇ؟سەن ئۈچۈن يازغان شىئېرلىرىم،سەن ئۈچۈن توقۇغان ناخشا-قوشاقلىرىم يالغانمىدۇ؟ سىنى مەڭگۈ سۆيىمەن،سەندىن باشقا بىر قىزنى بۇ ئۆمرۈمدە سۆيەلمەيمەن دىگەنلىرىم يالغانمىدۇ؟ تۈن نىسپىدە،سەن تاتلىق ئۇخلاپ ياتقانسەن بەلكىم،ئەمما مىنىڭ تۈننى كۈنگە ئۇلاپ سۈرگەن شىرىن خىياللىرىم يالغانمىدۇ؟ ئىيتە ماڭا بىر ئىيتە .كۆڭلۈڭدىكى يىشىلمىگەن تۈگۈننى ،دەرت-ئەلەملىرىڭنى ئىيتە .
ئايدىڭ كەچلەردە،تولۇن ئاي سەيلىسى قىلغاچ،كەلگۈسىمىز توغۇرلۇق شىرىن خىياللارغا چۈكۈپ،ئۇزاقتىن-ئۇزاققا مىڭىشلىرىمىزنى ئۇنۇتتۇڭمۇ؟ ھەر بىر ئۇچۇرۇڭنىڭ ئاخىرىغا ‹‹جانىم سىزنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىمەن،سىزنى بىر ئۆمۈر كۈتۈشكە رازىمەن ،سىزدىن باشقا ھىچبىرىنى سۆيمەيمەن››دەپ يازغان خەتلىرىڭنى ئۇنۇتتۇڭمۇ؟ كۆڭلۈم يىرىم بولۇپ،يىنىڭغا بارغانلىرىمدا‹‹ كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ جىنىم،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ. مەن يىنىڭىزدا بار،ئىككەيلەن بىرگە بولساق قانداقمۇ كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلىپ ئولتۇرغىڭىز كىلىدۇ›› دەپ تاتلىق ئەركىلەپ،كۆڭلۈمنى خۇش قىلغانلىرىڭنى ئۇنۇتتۇڭمۇ.
بۇ خىتىمنى ئوقۇۋىتىپ بەلكىم مىنى مازاق قىلىپ كۈلىۋاتقانسەن. بوپتۇ جىنىم سەن بولساڭمۇ بەختلىك بول،سەن بولساڭمۇ مۇرادىڭغا يىتىپ ،خۇشال ياشىغىن،ساڭا مەڭگۈلۈك بەخت تىلەيمەن.يەنە بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قالمىغىنكى سىنى مەڭگۈ كۈتىمەن،مەڭگۈ سۆيىمەن،سىنى دۇنيادىكى ھىچقانداق بىر قىزغا تەڭ قىلمايمەن،ھىچكىم سىنىڭ قەلبىمدىكى ئورنۇڭغا چىقالمايدۇ.بۇ ئورۇن مەڭگۈ ۋە مەڭگۈ پەقەت ساڭىلا مەنسۇپتۇر جىنىم.
تەكلىپ_پىكىرلەر قانچە كۆپ بولسا كۆڭلۈم شۇنچە خوش بولىدۇ .رەھمەت
مەنبە: ئۆز قەلىمىم.