باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2411 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: سىزدىمۇ ئويلىنىش بولسۇن!!!(ئەنجۈرە)
ئۆلۈم ھايات جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چىكىت!!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2066
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 226
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە226دانە
ئۆسۈش: 390 %
مۇنبەر پۇلى: 2761 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-18
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-09 20:16

سىزدىمۇ ئويلىنىش بولسۇن!!!(ئەنجۈرە)



    ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
    قانداق ئەھۋالىڭلار مۇنبەر ئەھلى؟! بەلكىم ھەممىمىز ئۆز ھەلەكچىلىكىمىزدە كۈنلىرىمىزنى تۈرلۈك يوللار بىلەن ئالدىراشچىلىقتا ئۆتكۈزۈپ كىتىۋاتقاندۇق؟! مانا مۇنبەردىشىڭلار ئەنجۈرە ئۆزىگە ئوخشاش ئوقۇغۇچىلار توپىدىكى مۇساپىر قېرىنداشلار ئاللىقاچان تەتىل قىلىپ ئۆيلىرىدە ئانىسىنىڭ ئېتىپ بەرگەن تامىقىنى يەپ،ئائىلىنىڭ ئىللىق مىھرىدىن ھوزۇرلىنىۋاتقان ئۇشبۇ پەيتلىرىدە تېخىچە كىتاپنى قۇچاقلاپ ئىمتىھان ئۈچۈن پالاقشىپ يۈرۋاتىدۇ. مەن مۇساپىر ئارقىدا قالدىم دىگىنىم بىلەن مەندىنمۇ كىيىن قېلىپ ئائىلىسىگە قايتمايۋاتقان ۋە قايتالمايۋاتقان مۇساپىر قېرىنداشلارمۇ كۆپ، شۈكرى قىلاي..............كۆز ئالدىمدىكى بۇ دۇنيانىڭ ئىمتىھانلىرىدىنلا ئەمەس ئاۋۇۇۇۇۇۇ مەڭگۈلۈك دۇنيانىڭ ئىمتىھانىدىنمۇ ياخشى ئۆتۈپ كىتىشىم ئۈچۈن مەن دۇئاغا تويمايدىغان مۇنبەردىشىڭلارغا جىقراق دۇئا قىلىپ قوياسىلەر جۇما قېرىنداشلىرىم. ئاللا شۇ ماڭا قىلغان دۇئالىرىڭلارنى ئۆزۈڭلارغىمۇ ئىجابەت قىلىپ بەرسۇن ئامىن.
    ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك: بايىدىن بېرى كىتاپتىكى ئىمىر-چىمىر خەنچە خەتلەردىن باش كۆتۈرەلمىگەچكىمۇ كۆزۈم ۋە بېشىم سەل ئاغرىپ يەنە مۇشۇ مەۋھۇم دۇنيا ئارقىلىق كاللامنى ئارام ئالدۇرۇش مەقسىتىدە توردا باشقا تورداشلار تۈزۈك چىڭداپ بولالايۋاتقان جايلارنى چىڭداي دەپ مۈدۈرۈپ يۈرگىنىمدە بىر تامغا سوقۇلۇپ يۇقىردىكى فىلىم ئۇچراپ قالدى. فىلىمدا ئوقۇلغان ناخشىنى بىر يىل ئاۋۋالغۇ دەيمەن بېيجىڭ ئۈنۋىرسىتى پىسخكا كەسپىدە دوكتۇرلۇقنى تاماملىغاندىن كىيىن ئىچكىرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەخسۇس دەۋەتچلىك بىلەن سەييارى ئايلىنىپ يۈرۈيدىغان،ئۆزگە تىلدىكى قېرىندىشىمىزنىڭ لىكسىيەسىگە قاتنىشىش پۇرسىتى كىلىپ شۇ سورۇندا ئاڭلىغان ئىدىم. شۇ ۋاقىتتىكى مەنزىرە ھىلىھەم كۆز ئالدىمدا.
    ئەينى ۋاقىتتا مەن پىسخولۇگ دوكتۇر قېرىندىشىمىزنىڭ لىكسىيەسى بار ئىكەن دىسە بەلكىم شۇنداق زىيالى سۈپەت كىيىنگەن بىر قېرىندىشىمىز سۆزلەيدىغاندۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، نەدىكىنى دەيسىلەر؟! بەكمۇ ئاددى-ساددا خۇددى ھازىرلا يۈگرەپ كىرگەندەك ئىشتىنىڭ بىر پۇچىقى تۈرۋالغان كىشى مۇنبەرگە چىقسا مەن ئۇ كىشى قانچلىك بىرنىمە سۆزلە؟ ئۇ راستىنلا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغانمىدۇ دەپ ئويلاپ ئولتۇرۇپ ئۆزۈممۇ بىلىپ-بىلمەي لىكسىيىسىگە پۈتۈن دىققىتىم بىلەن كىرىپ كىتىپتىمەن. ئۇ بىر مەزگىل شىنجاڭغا نىسبەتەن تولىمۇ يىراق خەينەن ئارىلىدا مۇسۇلمانلار شۇ قەدەر ئاز مۇھىتتا مەلۇم بىر تىلىۋىزىيە ئىستانسىدا پىسخىكىدىن مەسلىھەت بىرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى شۇ جەرياندا شۇ تىلۋىزىيە ئىستانسىدىكى بەش خەنزۇ خىزمەتچىنىڭ دىنغا كىرگەنلىكىنى، يەنە بىر ئائىلە كىشىللىرىنىڭ ئائىلە بويىچە بىراقلا دىنغا كىرىپ ئۇلارنىڭ تاكى ھازىرغىچە شۇنداق ياخشى ئىزدىنىش ئىچىدە مېڭىۋاتقانلىقىنى يەنە تېخى خېلى كۆپ پىسخكىسىنىڭ توسالغۇغا ئۇچراپ ئۆلىۋالغانلارنى ۋە باشقا بىز ئويلاپ باقمىغان ئەھۋاللارنى كۆرگەنلىكىنى ھەم بىر قىسىم كىشلەرگە روھى جەھەتتىن كۈچىنىڭ يىتىشىچە ئوزۇق بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتۈپ بىز مۇسۇلمانلارنىڭ تولىمۇ قىممەتلىك بايلىقىمىز بارلىقىنى يەنى مۇشۇ ئىماندىن ئىبارەت بۇ تېپىلغۇسىز بايلىق بىزلەرنى تۈرلۈك ئىشلاردىن توسۇپ قالىدىغانلىقىنى ھەم بىزدە روھى ئوزۇقنىڭمۇ موللىقىنى قۇرئاندىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ۋە تولىمۇ جانلىق، ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. زالدا  مۇسۇلمان ۋە دىنسىزلاردىن بولۇپ 100 نەچچىدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار ئىدى.ئۇنىڭ ئۆزگىچە سۆزلەش ئىقتىدارى سەۋەپلىكمۇ زال ئىچى شۇ قەدەر  تىپتىنىچ ئىدى. ئارلىقتا بىر قىسىم شۇنداق تەسىرلىك ئەمەلىي مىساللارنى سۆزلىگىنىدە ئەتراپىمدىكىلەرگە قوشۇلۇپ مىنىڭمۇ كۆزۈمدىن ياش ئېقىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم. پىسخولوگنىڭ ئادەمنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشنى ئاسانلا سىزىۋالىدىغان تەرىپى بولغاچقىمۇ  سۆزلەۋىتىپ ئارلىقتا مۇشۇ ناخشىنى تىلفۇنىدا يۇقىرى ئاۋازدا قۇيۇپ ئۆزىمۇ تەڭ ئوقۇپ بىزلەرگە تېخىمۇ بەك تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇندىن كىيىن ئۇ بۇ ناخشىنىمۇ دەل شۇ تىلۋىزىيە ئىستانسىدىكى دىنغا كىرگەن قېرىنداشلارنىڭ بىرلىشىپ ئىيتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.ئىشقىلىپ شۇ لىكسىيە مەن ئاڭلىغان لىكسىيەلەر ئىچىدە ماڭا بەك تەسىر قىلغان ھەم شۇنداق جانلىق ئېلىپ بېرىلىپ نۇرغۇن لىكسىيە ئاڭلغۇچىلارنىڭ ئويلىنىشىغا تۈرتكە بولغان بىر قېتىملىك لىكسىيە بولۇپ قالغانىدى.
   ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ باشقا قۇرۇق گەپلەرنى سۆزلەپ ھاردۇقۇمنى چىقىرىشنى مەقسەت قىلغىنىم يوق، يۇقىردىكى فىلىمدىكى ناخشا مەزمۇنىنى بەلكىم كۆپىنچە قېرىنداشلار چۈشىنەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن. شۇ ناخشا مەزمۇنىدىن ھەم شۇنداقلا يۇقىرقى گەپ-سۆزلىرىمدىن مىنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىمنى خۇلاسىلەپمۇ بولغانسىلەر؟! شۇنداق، بىز ئويلىنىشىمىز كىرەك، بىز ئويلىنىشقا، تەپەككۇر قىلىشقا، ئىزدىنىشكە مۇھتاجمىز. مانا بىز تۇغۇلىشىمىزدىن دىن ئىسلامنى دىنىم، ئاللاھنى رەببىم، پەيخەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامنى يول باشچىمىز دەپ كىلىۋاتقان مۇسۇلمان توپىدىن. لىكىن بىز بەكمۇ بىخۇد ھالەتتە، ئەتراپىمىزدا تۇغۇلىشىدىن دىنسىز ياكى باتىل دىنلارنى دىنىم دەپ يۈرۋاتقانلار ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشۈنۈپ تۈركۈم-تۈركۈملەپ دىنغا كىرۋاتقان خەۋەرلەرنى مانا مۇشۇنداق ئۇچۇر دەۋرىدە دائىملا ئاڭلاپ تۇرۋاتىمىز ھەتتا ئۆز كۆزىمىز بىلەن شۇلارنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقىنىمۇ كۆرگەنلىرىمىز بار. لىكىن بىزنىڭ قەلبىمىزگە شۇ ۋاقىتلىقلا تەسىر قىلىپ قويدى ۋە ياكى ئۇزاققا قالماي ئۇنتۇلۇپ كەتتۇق. دىنىمىز، دىننىي قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئاۋۇ ئىشتىنىڭ پۇچىقىنى تۈرۋالغان دىھقان سۈپەت زىيالى قېرىندىشىمىزچىلىك بولىسمۇ سەپەر قىلالمىدۇق. ئاشۇ قېرىندىشىمىز شۇ بىلىمى بىلەن بەلكىم نۇرغۇن ياخشى خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ ئائىلىدىسكىلەر بىلەن تاپقان پۇلىنىڭ راھىتىنى سۈرۈپ يۈرەلىشى مۇمكىن ئىدى. بىراق ئۇ ئۇنداق قىلماپتۇ، ئاددى-ساددا يۈرۈشنى، ئۆگەنگىنى بويىچە مەيلى دىنداش قېرىنداشلىرى بولامدۇ ياكى بولمامدۇ  ئىنسانىيەتتىكى كىشلەر توپى ئۈچۈن خىزمەت قىلۋاتاتتى. بەلكىم ئۇ ھىلىھەم قايسى بىر پىسخكىسىدىن، روھى-كەيپىياتىدىن چاتاق چىقىپ بىنادىن ئۆزىنى تاشلىۋىلىشنى ئويلاۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدا ئاغزىدا نەملىك قالمىغۇچە سۆزلەپ روھى ئوزۇق بىرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئەمما بىزنىڭ ئارىمىزدىكى بىر قىسىم كىشلەرچۇ؟ دۇنيا، بايلىق ئۈچۈن پالاقشىپ ھالال-ھارامنى ئارلاشتۇرۇپ ھەمىدەم-ھەسىرەپ ئۆلە تىرىلىشىگە قارىماي <دۇنيا، دۇنيا......>دەپ سوقۇپ تۇرۋاتقان يۈركىنى سىلاپ قويغىنىچە بىغەم يۈرۋاتىدۇ. (ئۇلۇغ ئاللاھ دۇنياغا بىرىلىپ كىتىشتىن يىراق قىلسۇن)
مەنمۇ ئويلىناي، سىزمۇ ئويلىنىڭ..........ھەممىمىز ئويلىنايلى قېرىنداشلىرىم!!!
شۇنداق،كىشلىك ھايات ئۆزىڭىزنىڭ يىغا ئاۋازى بىلەن باشلىنىدۇ. باشقىلارنىڭ يىغا ئاۋازى بىلەن ئاياقلىشىدۇ. ئالدىراپ-تىنەپ بۇ دۇنياغا كىلىپ يەنە ئالدىراپ تىنەپ ئۇ دۇنياغا كىتىمىز.بۇ ئارلىقتىكى مەزگىل دەل مۇشۇ ھاياتلىق.مۇشۇ ھاياتلىقنىڭ ئەھمىيىتى پەقەت ياراتقۇچىنىڭ بىردىنبىر ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇر،بۇ ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتالايدۇ.مانا بۇ كىشلىك ھايات قىممىتىنىڭ ھەقىقىتى!!!
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1577
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1577دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 16443 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-04-29

ئاللاھ خالىسا ئىمتاھاننى ياخشى بىرىشقا تىرشىمەن.
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن ،قىرىنداشلىرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.
دەرىجە: چەكلەنگەن

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 925
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە925دانە
ئۆسۈش: 490 %
مۇنبەر پۇلى: 1 سوم
تۆھپىسى: 83 كىشى
ياخشى باھا: 4789 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-03-26
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-09 21:02

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1607
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1607دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 16847 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-05-09
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-09 23:51

ۋەئەلەيكۇم -  ئەسسالام ،  ئەزىز ھەمشىرەم ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز  ، اللاھ سىزگە دۇنيا  ۋە ئاخىرەتتە كۆپ ياخشىلىقلار ئاتا قىلغاي ، امىن !                                                                                          دۇنيا مەئىشەتلىرى ئۈچۈن  پالاقشىپ،  نەپسىنىڭ قۇلى بۇلۇپ غەپلەتتە يۈرىۋەرمەي ، ئاخىرەت كۈنىنى ، رەببىمىزنىڭ  ئىمتىھانىنى ئىسىمىزدە تۇتۇپ ، شۇ مەڭگۈلۈك ئىمتىھان ئۈچۈن تەييارلىق  قىلايلى !
اللا
تەتۈر ئېقىن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1740
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 56
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە56دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 560 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-05-06
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-10 01:27

سزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم، ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق بەرسۇن ، ئامىن!
ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كەلسە، غەزەپلىنىشنىمۇ بىل قولۇڭدىن كەتسە!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8228
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 39
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە39دانە
ئۆسۈش: 280 %
مۇنبەر پۇلى: 490 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-20
ئاخىرقى: 2012-04-28
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-10 10:29

رەسىم:
ئاللاھ ئشلىرىڭىزغائاسايىشلىق بەرگەي!...............................
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 969
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 101
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە101دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1070 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-14
ئاخىرقى: 2012-05-08
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-10 12:46

ئاللاھ ھەممىزگە نۇسرە ئاتا قىلغاي......
vvfv
دوستلىشىش
نۇرچىن
ئاللاھ كۇپايە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8284
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 58
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە58دانە
ئۆسۈش: 40 %
مۇنبەر پۇلى: 590 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-24
ئاخىرقى: 2012-05-09
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-11 00:56

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
اللاھ سىزگە دۇنيا  ۋە ئاخىرەتتە كۆپ ياخشىلىقلار ئاتا قىلغاي ، امىن !                                                                                      
    دۇنيا مەئىشەتلىرى ئۈچۈن  پالاقشىپ،  نەپسىنىڭ قۇلى بۇلۇپ غەپلەتتە يۈرىۋەرمەي ، ئاخىرەت كۈنىنى ، رەببىمىزنىڭ  ئىمتىھانىنى ئىسىمىزدە تۇتۇپ ، شۇ مەڭگۈلۈك ئىمتىھان ئۈچۈن تەييارلىق  قىلايلى !
http://pak-islam.blogbus.com/
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5861
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 123
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە123دانە
ئۆسۈش: 2130 %
مۇنبەر پۇلى: 2830 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2012-04-19
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-11 12:28

دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2470
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2470دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30381 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-11 16:55

ئىمتاھان، ئىمتاھان، ئىمتاھان، ...  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ